ئاساسىي تېما : گۆركار ( مۇبارەك )ئاۋاتلىقى:40ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 27
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 27 نوقتا
پۇل : 270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 گۆركار ( مۇبارەك )

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك nazar تەرىپىدىن يۇمۇر، تېپىشماق ۋە ئويۇنلاردىن يۆتكەلدى.(2011-03-16)
                                                                     گۆركار

                                                     ( ئاپتورى : مەمتىمىن ھوشۇر )

   قۇناخۇن گۆركار گۆرنى كولاپ بولۇپ ، ئىچ گۆرگە كىرىپ ، پۇتىنى ئۇزۇن سوزۇپ يېتىپ باقتى . ئۇ مۇشۇنداق ئەستايىدىل ئادەم ئېدى . ھەر قېتىم يىڭى بىر گۆرنى كولاپ پۈتتۈرگەندە ، ئىچ گۆرگە كىرىپ پۇتىنى ئۇزۇن سوزۇپ يېتىپ باقاتتى . قوناخۇن ئۆزىمۇ ئېگىز ، بەستلىك ئادەم ئېدى . ئۇ پاتقان ئىچ گۆرگە ھەر قانداق مىيىتنى ئازادە قويغىلى بولاتتى .
   قۇناخۇن ياشىنىپ قالغاچقىمۇ ، بۇ بىر-ئىككى يىلدىن بېرى گۆر كولايدىغان ئىشمۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كىلىدىغان بوپقالغانىدى . ئۇنىڭ گۆركارلىق قىلىپ يۈرگىنىگە ئۇزۇن يىللار بوپقالدى . مۇشۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە ۋاپات بولغان قېرى-ياش ، ئەر-ئايال بولۇپ قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ يەرلىكىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن كولاپ دەپىنلىدى . يېقىندىن بېرى ئۇ << ئاز قالدى ، بىر كۈنى مېنىڭمۇ يەرلىكىمنى بىرسى كولاپ ، مىيىتىمنى بۇ يەرگە قويىدۇ >> دەپ ئويلايدىغان بوپقالغانىدى . . . قۇناخۇنغا ماۋۇ يىڭى گۆرنى كولىغۇچە خېلى ھاردۇق يەتتىمۇ ، ئىچ گۆردە سوزۇلۇپ يېتىۋىدى ، پۇت-قوللىرى ئارام ئېلىپ خوشياققاندەك بولدى .
   << بىر ھېساپتا تىرىكچىلىكنىڭ غېمى ، جاھاننىڭ غوۋغاسىدىن خالىي مۇشۇ يەرمۇ تىنچكەن ، - دەپ ئويلىدى قۇناخۇن نەم توپا پۇراپ تۇرغان ، سالقىن ئىچ گۆردە يېتىپ ، - بىردە راست ، بىردە يالغان سۆزلەپ ياشايدىكەنمىز ، ياشايدىكەنمىز ، ئاخىر كېلىدىغان يېرىمىز مۇشۇكەنغۇ ؟ ... مانا ماۋۇ رەجەپئاخۇن < رەجەپ باي > بولۇپ جاھانغا پاتماي قېلىۋىدى ، ئاللانىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئۇمۇ چارىسىز كۆزىنى يۇمدى . ھېلى جامائەت يۇيۇپ تاراپ ئۇنى مۇشۇ يەرگە ئېپكېلىدۇ . ئۇنىڭغا قارىغاندا مېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىم قانچىلىك ئىشتى ؟ يەتتە كەتمەن توپا چۈشكەندىن باشلاپ ، مۇنكىر-نەكىرلەر كىرىپ سۇئال-سوراقنى باشلايدۇ ، دەيدۇ . باشلىسا باشلىمامدۇ ، قورققۇدەك نىمە گۇناھىم با ر . < كىمسەن ؟ > دېسە ، < گۆركار قۇناخۇن بولىمەن > دەيمەن ... >>
   شۇنداق خىياللار بىلەن قۇناخۇن كۆزىنىڭ ئۇيقۇغا كېتىپ قالغىنىنى سەزمىدى . بىر چاغدا غەلىتە كىيىنگەن ، قولىغا كالتەك-توقماق تۇتقان مۇنكىر-نەكىرلەر زەنجىر ، كىشەن ، يەنە قانداقتۇر ئەسۋابلىرىنى شاراقشىتقىنىچە ئىچ گۆرگە كىرىپ كەلدى . << لائىلاھە ئىللاللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا ! - دەپ ئىمان ئېيتتى قۇناخۇن ، - مەن چۈش كۆرۈۋاتىمەنمۇ ، قانداق ؟ . . . >>
   - خوش ، قۇناخۇن دىگەن سەن بولامسەن ؟ - دېدى سوراققا كىرگەنلەرنىڭ بىرى .
   - شۇنداق ، يانتاق مەھەللىدىكى گۆركار قۇناخۇن بولىمەن .
   - خوش ، قېنى ، قىلغان گۇناھلىرىڭنى ئېيت !
   مېنى ئالدىراپلا سوراق قىلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن ؟ - دېدى قۇناخۇن ،- مەن تېخى ئۆلمىگەن تۇرسام . . . ئۆلىدىغان ئىش بولسا ، ئەلۋەتتە ئاۋۋال بىر-ئىككى كۈن ئۆيدە ئورۇن تۇتۇپ ياتقان بولسام ، بالىلىرىمنى ئەتراپىمغا يىغىپ چىرايلىق خوشلىشىپ ، رازىلىقىمنى بەرگەن بولسام بولمايتتىمۇ ؟
   - ئۆلمىگەن بولساڭ ، بۇ ئىچ گۆردە نىمە لاپچىيىپ ياتىسەن ؟
   - دەۋاتىمەنغۇ ، ئۆزۈم بىر ئەرزىمەس كەمبەغەل بولساممۇ ، يانتاق مەھەللىدىكى گۆركار قۇناخۇن ، دىسە مېنى بۇ ئەتراپتا تونىمايدىغان ئادەم يوق . گۆر دىگەن كولاپ يەنە تىندۇرىۋىتىدىغان نەرسە بولسىمۇ ، يەنە ئىش دېگەننى ئۆزىنىڭ قائىدىسىگە توغرىلاپ قىلمىغان بىلەن بولمايدۇ . ھەر قېتىم گۆرنى كولاپ بولۇپ ، بولدىمۇ-بولمىدىمۇ ، دەپ مۇشۇنداق ئىچىگە كىرىپ يېتىپ باقىمەن . ماۋۇ رەجەپ  باي دىگەن بىلەن ئانچە خوشۇممۇ يوق . خوشۇم يوق دەپ ئىشنى قولۇمنىڭ ئۇچىدا قىلسام بولمايدۇ-دە ، ھاردۇق يېتىپ قالدىمۇ ، ئىچ گۆرنى كۆرۈپ باقىمەن ، دەپ كىرىپ ، كۆزۈم ئۇيقىغا كېتىپ قاپتۇ .
   - ئۇ تەرەپلىرى بىلەن كارىمىز يوق . يۇقىرىدىن بىزگە : << بىر ئۆلۈك يەرلىكىگە قويۇلدى ، بېرىپ سوراق قىلىڭلار ! >> دەپ پەرمان كەلدى . پەرماننى ئىجراقىلمىساق بولمايدۇ . قىلغان گۇناھلىرىڭنى بىلەمسەن ؟
   - ئەمدى ، بەندىچىلىكتە كىم گۇناھتىن خالىي بولالايدۇ ؟ بەزى سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزسەم ئۆتكۈزگەندىمەن .
   - تىلىڭنى چاينىماي ئېنىق گەپ قىل !- دېدى يەنە بىر سوراقچى ،- پۇلى بارلارنىڭ گۆرىنى كەڭ ، پۇلى يوقلارنىڭكىنى تار كولىغىنىڭچۇ ؟ ياخشى يەرلەرگە : << بۇ يەردە قەبرە بار >> دېگەننى باھانە قىلىپ ، يالغاندىن توپا دۆۋىلەپ قويۇپ ، پۇلنى جىق بەرگەن غوجاملارغا ئۆرە باھادا ساتقىنىڭچۇ ؟ مۇساپىرلارنىڭ تۆت-بەشىنى ئۈستى-ئۈستىلەپ بىر گەرگىلا كۆمىۋەتكىنىڭچۇ ؟ ... ئۆزۈڭچە قىلغان ئەتكەنلىرىمنىڭ پەقەت سورىقى بولمايدۇ ، دەپ قالغانمىدىڭ ؟
   - يا ئاللا ، نىمە دەۋاتىدىغانسىلەر ؟ شەھەرنىڭ گۆركارلىرىنى شۇنداق قىلىقلارنى قىلىدىكەن ، دەپ ئاڭلىۋىدىم ، بىزنىڭ بۇ يەردە يەر كەڭرى تۇرۇپتىغۇ ...
   قۇناخۇن باياتىن بېرى چۈش كۆرۈۋاتاتتى . بارا-بارا چۈشىدىكى نەرسىلەرمۇ غۇۋالىشىپ ، لايدەك ئېزىلىپ شۇنداق قاتتىق ئۇخلاپ كەتتىكى ، جامائەتنىڭ تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ تۇپراق بېشىغا يېتىپ چىققىنىنى ، گۆرنىڭ ئۈستىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ، يىغا ئاۋازلىرىنىڭمۇ ھېچقايسىسىنى تۇيمىدى .
   ئۆلگۈچى رەجەپ باي ئېدى . رەجەپ باينى مۇشۇ يۇرتنىڭ زومىگىرى دىسىمۇ بولاتتى . ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ، يۇرت سورىغان ، ئەترەتنىڭ يەر-مۈلۈكلىرىنى شەخسلەرگە تەخسىم قىلىپ بەرگەندە ، ھوقوقىغا تايىنىپ يەرنىڭ ئوبدىنىنى ، ئات-ئۇلاغ ، سايمانلارنىڭ سەرخىللىرىنى ئۇرۇق-تۇققان ، بالا چاقىلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ ، تېزلا كۆتۈرۈلۈپ << رەجەپ دادۈيجاڭ >> دىن << رەجەپ باي >> غا ئايلانغانىدى . ھازىر ئۇنىڭ توك تۈگمەن ، ماي تارتىش ، چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ، شەھەردە ئاچقان دۇكانلىرى بار ئېدى . يۈز مولاپ يەر تېرىيتتى . يۇقىرىدىن بېيىغان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئۇدۇل ئۇنىڭ ئۆيىگە چۈشەتتى . << ھالال >> ئەمگىكى بىلەن بېيىغانلارنىڭ ئۈلگىسىمۇ يەنە شۇ رەجەپ باي ئېدى . شۇڭا ، بۇ ئەتراپتا ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتىنىڭ دېگىنى دېگەن ، قىلغىنى قىلغانىدى . ياراتقان ئىگەمنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا رەجەپ بايمۇ چارىسىز ، مانا بۈگۈن تاۋۇتقا چۈشۈپ گۆرنىڭ ئاغزىغا كىلىپ تۇراتتى .
   جامائەت كولىنىپ تەييار بولغان گۆرنىڭ قېشىغا كېلىپ ، تاۋۇتنى يەرگە قويۇشتى . ئىمام بىلەن يۇرت ئاقساقاللىرى نېرىغا سېلىنغان كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرۇشتى . جامائەتنىڭ بىر قىسمى گۆرنىڭ بېشىغا دۈررىدە ئولىشىپ تۆۋەنگە قاراشتى . گۆر چىرايلىق كولانغانىدى .
   - پاھ ، ماۋۇ يەرنىڭ توپىسى قالتىس ئوبدان چىقىپتۇ-دە !- دېدى بىرەيلەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ خوشامەت تەلەپپۇزىدا . چۈنكى رەجەپ باي ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن ، ئۇنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى گۆرنىڭ ئەتراپىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشاتتى .
   - رەھمەتلىك رەجەپ باي ئۆزىمۇ نىيىتى خالىس ، ئوبدان ئادەم ئەمەسمۇ ! . . . قېنى بۇ گۆركار ؟- دىدى يەنە بىرەيلەن .
   - ھاي قۇناخۇن !
   - قۇناخۇن ! . . .
   بىر نەچچەيلەن ۋارقىراپ ، تەرەپ-تەرەپكە يۈگۈرۈپ گۆركارنى ئىزدىگىلى تۇردى .  قۇناخۇننىڭ ھېچ يەردە قارىسى كۆرۈنمەيتتى .
   - ئۆيگە كېتىپ قالغانمۇ نىمە بۇ ئادەم ؟!
   - ئەستا ، ئالدىرىغاندا ماۋۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىشىنى !- دەپ قاتتىق تېرىكتى رەجەپ باينىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ دادىسىغا قۇيۇپ قۇيقاندەك ئوخشايدىغان ، دوغىلاق ، كۆتمەك بۇرۇت ، چېقىر كۆز ئادەم ئېدى .
- قېنى مەزىناخۇنۇم ، ئۆزلىرى چۈشمەمدىلا ، يەنە ياشراق بىرەيلەن ياردەملەشسۇن . كۈن ئىسسىق ، جامائەت ساقلاپ قالدى ، ئۆزىمىزلا قويىۋىتەيلى ، بۇ قانچىلىك ئىشتى ؟- دىدى مويسىپىتلاردىن بىرى .
   تاياقتەك ئورۇق مەزىناخۇنۇم پەرىجىسىنى يېشىپ ، سەللىسىنى ئېلىپ ، يېنىدا تۇرغان ياش بالىغا تۇتقۇزۇپ قويدى . << بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ! >> دەپ ئورەككە سىيرىلىپ چۈشتى . ئارقىدىن مۇشۇنداق دەپنە ئىشلىرىغا ئانچە-مۇنچە ھە-پە دىيىشىپ يۈرىدىغان بىرەيلەن مەزىناخۇنۇمنىڭ يىنىغىلا سەكرىدى . جامائەت :
   - ھوي-ھوي ، ئۇنداق ئەمەس  ، مۇنداق .
   - باش ماۋۇ تەرەپتە ! . . . - دەپ چۇرقىرىشىپ ،ئاق كىگىزگە ئورالغان مىيىتنى لەھەتكە سۇنۇپ بېرىشتى .
   - ئەستا ، ماۋۇ قۇناڭكامنىڭ قىلغان ئىشىنى قارىمامدىغان ،- دەپ پىچىرلىدى مەزىناخۇنۇمغا ياردەملىشىۋاتقان كىشى .
   - ھە ، نىمە بولدى ؟- دىدى مەزىناخۇنۇم .
   - قۇناڭكام كونا گۆرنىلا ئاچقان ئوخشىمامدۇ ؟ . . . ئىچ گۆردە يەنە بىر جەسەت تۇرىدۇ .
   - قۇناخۇن قېرىپ قالدى . توپىسى يۇمشاقراق ، كولاشقا ئۇڭاي ، دەپ كونا گۆرنى ئاچسىمۇ ئاچقاندۇ ،- دىدى مۇنداق ئىشلارنى قىق كۆرگەن مەزىناخۇنۇم ،- ئەمدى باشقا گۆر كولايمىز ، دىسەك ، ئۈلگۈرەلمەيمىز . شاۋ-شوۋ قىلماي ، كونا جەسەتنى نېرىراق ئىتتىرىپ قويۇپ قويىۋەر . بۇ يەردە سېنىڭ-مېنىڭ دەيدىغان گەپ يوق . ئىچى خېلى كەڭ كۆرۈنىدىغۇ ! . . .
   شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار ئۇخلاۋاتقان قۇناخۇننى نېرىراق ئىتتىرىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ يېنىغا رەجەپ باينىڭ مىيىتىنى قويۇپ ، ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قايتىپ چىقتى . يۇقىرىدا كەتمەن-گۈرجەكلىرىنى تۇتۇپ تەييار بولۇپ تۇرغان ياش بالىلار تەرەپ-تەرەپتىن توپا تاشلاپ ، ھەش-پەش دىگۈچە تاش گۆرنىمۇ تىندۇرۇپ ، ئۈستىگە توپا دۆۋىلەپ ، بەلگە ئۈچۈن بىر نەچچە كىسەكنىمۇ تاشلاپ قويۇشتى .
   - بولدى ، رەھمەت ، ۋاقىتلىق شۇ بويىچە تۇرۇپ تۇرسۇن !- دىدى رەجەپ باينىڭ چوڭ ئوغلى ،- ئاتامنىڭ يەتتە نەزىرىسىنى ئۆتكۈزۈپ ، قىرىق نەزىرىسىگىچە بۇ يەرگە ھەيۋەتلىك بىر گۈمبەز قوپۇرىمىز .
   - ھە ، شۇنداق بولماي ،- دىيىشتى بىر نەچچەيلەن ،- رەجەپ باي كىچىك ئادەممۇ ؟ يۇرتنىڭ ئاتىسى-دە !
   كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغان مويسىپىتلاردىن بىرى چىرايلىق قىرائەت قىلدى . جامائەت دۇئاغا تەڭ قول كۆتۈرۈپ ، ئۆلگۈچىگە ئىمان تىلەپ قايتىشتى .
   بايا ، تاش گۆرگە يەتتە كەتمەن توپا چۈشكەندىلا ئىچ گۆرگە مۇنكىر-نەكىرلەر كىرىپ بولغانىدى . ئۇلار قاتارلىشىپ ياتقان ئىككى مىيىتنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشتى .
   - بۇ يەردە ئىككى مىيىت ياتىدىغۇ ؟- دىدى ياشتا كىچىكرەك بىرى ،- تېخى بىرىنى كىپەنلەپتۇ ، بىرىنى كىپەنلىمەيلا كۆمۈۋىتىپتۇ !
   - قېنى ، قېنى ،- دەپ ئېڭىشىپ قارىدى ياشتا چوڭراقى ،- ھە ، ھەيران قالغۇدەك ئىش يوق . بىر زامانلاردا ، ۋاپادار خوتۇنلار ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىماي ، ئېرى بىلەن بىللە گۆرگە تىرىكلا كىرىۋالىدىغان ئىشلارمۇ بولغان . شۇنداقراق بىر گەپمىكىن بۇ يا ؟
   - قارىمامسەن ، ھەر ئىككىلىسى ساقال-بۇرۇتى بار ئەر كىشى تۇرمامدۇ ؟
   - سەن تېخى بۇ ئىشقا يىڭىدىن تەيىنلەندىڭ ،- دىدى ياشتا چوڭ سوراقچى ،- مانا ، مېنىڭ بۇ ۋەزىپىنى بەجا كەلتۈرىۋاتقىنىمغا نەچچە يۈز يىل بولدى . بىر چاغلاردا ، پادىشاھلار ياكى كاتتا بايلار ئۆلسە ، ئۇ دۇنياغا بارغاندا بىللە خىزمىتىنى قىلىدۇ ، دەپ يۈزلەپ چاكارلىرىنىمۇ قوشۇپ تىرىكلا كۆمۈۋىتىدىغان قائىدىلەر بولىدىغان . ھەي . . . ي ، ئۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقىنى بىر دىمە .
   - شۇنداقمۇ ئىشلار بولغانمۇ ؟
   - پاھ ، بۇ ئادەم دىگىنىڭ ئازراقلا مەنسەپ ، پۇل-دۇنياغا ئېرىشىۋالسىلا شۇنچىلىك يوغىناپ كېتىدۇكى ، تېخى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن خۇدالىق دەۋاسى قىلغانلارمۇ چىققان .
   - يائاللا ، نىمە دەيدىغانسەن ؟
   - شۇنداق . ئاقىۋەت بىر كۈنى بۇ يەرگە كەلگەندە ، ھەر قاندىقىنىڭ قىلمىشىدىن بىرمۇ-بىر ھېساب بېرىدىغىنى ھېچقايسىسىنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ .
   - ئادەملەر ياشاۋاتقان ئاشۇ دۇنيا قانداقراق يەردۇ ؟ بىر چىقىپ كۆرۈپ باققۇم بار ئېدى .
   - ياشلىق قىلما ، ئۇ ئارزۇ قىلىدىغان يەر ئەمەس . بىر-بىرىنى ئالداۋاتقان ، بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىۋاتقان ، بىر-بىرىنى بوزەك قىلىۋاتقان ، كۆرەلمەسلىك ، زومىگەرلىك ، ئاچ كۆزلۈك . . . ئەيتاۋۇر ئۇ يەردە يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ .
   - ئاچ كۆزلۈك دىگەن نىمە ئۇ ؟
   ياراتقان ئىگەم ئادەملەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا نەپسى دىگەن بىر نىمىنى قوشۇپ بەرگەن . ئەنە شۇ نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ، ئۇلار ھەممە ئەسكىلىكنى قىلىشىدۇ . ھەممىنى ئۆزۈملا يىسەم ، دىيىسىدۇ . ئاچ كۆزلۈك دىگەن شۇ . . .
   - ماۋۇ ياتقان ئىككىسىنىڭ كىپەنلىگىنى خوجايىنى ، كىيىم-كېچىكى بىلەنلا ياتقىنى ئۇنىڭ چاكىرى ئوخشىمامدۇ ؟
   - كىپەن بىلەن ياتقىنى بىر يۇرتنىڭ زومىگىرى . ئۇنىڭ قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلغىنىنى ھېلى سوراق قىلغاندا ئاڭلايسەن . ئۇنىڭغا قارىغاندا ، مونۇ چاكىرى تۈزۈك كۆرۈنەمدۇ ، نىمە ؟
   - بۈگۈن بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى سوراق قىلىمىز ؟ سوراق قىلىنىدىغان ئادەم بىر ئېدىغۇ ؟
   - شۇنى دەيمەن . توختا ، بىز ئاۋال چىقىپ يوليورۇق سوراپ باقايلى .
مۇنكى -نەكىرلەر دۈكۈرلىشىپ چىقىپ كېتىشى بىلەنلا رەجەپ باي لاپ قىلىپ كۆزىنى ئاچتى . بايا ئۇ سوراقچىلار زەنجىر-كىشەنلىرىنى شاراقشىتىپ كىرگەن چاغدىلا ئېسىگە كېلىپ ، ئۇلارنىڭ ھەممە گېپىنى ئاڭلاپ ياتقانىدى . << ھەي . . . ي ، ئىش چاتاق !- دەپ ئويلىدى رەجەپ باي ،- بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆز قارىشى ماڭا تازا ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ . ماۋۇ بالىلىرىم دىگەن ۋاپاسىزلارنىڭ مېنى قىپيالىڭاچ قىلىپ ، ئەسكى ماتاغا يگەپلا كۆمۈپ قويۇشقىنىنى قارىمامدىغان ، شۇ تاپتا تېخى ئۇلار مېنىمۇ ئۇنتۇپ ، بەلكىم تېخى ئۆلۈپ كەتكىنىمگىمۇ خۇش  بولۇشۇپ ، مەندىن قالغان دۇنيالارنى بۆلۈشەلمەي بىر-بىرىنىڭ كانىيىنى سىقىشىۋاتقاندۇ ! . . . ھېچ بولمىغاندا بىر ئون-يىگىرمە مىڭ كوي پۇل بىلەن قوشۇپ كۆمگەن بولسا ، ماۋۇ سوراقچىلارغا ئازراق شۇڭغۇتۇپ باقمايتتىممۇ . . . >>
   رەجەپ باي ئىككى قولى بىلەن يەرنى تىرەجەپ قوپۇپ ئولتۇردى . يېنىدا ياتقان ئادەمگە قاراپ :<< ئەجەپ بىزنىڭ مەھەللىدىكى گۆركار قۇناخۇنغا ئوخشايدىكىنا بۇ ! >> دەپ ھەيران بولدى .
   - قۇناخۇنمۇ سەن ؟!- دەپ نوقۇدى ئۇ يېنىدىكى ئادەمنى .
   - قۇناخۇن ئويغىنىپ ، يىنىدىكى كىپەنگە ئورىلىپ ئولتۇرغان ئادەمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى .
   - شۇنداق ، ئۆزلىرى رەجەپ باي بولامدىلا ؟
   - سەن قاچان ئۆلۈپ كەتكەنتىڭ ؟
   - تازا ئېسىمدە يوق .ئ سىلىنىڭ گۆرلىرىنى كولاپ بولۇپ ، قانداقراق بولدى ؟ دەپ ئىچ گۆرگە كىرىپ سوزۇلۇپ يېتىپ باققىنىم ئېسىمدە . ئۆزۈممۇ ھېرىپ كېتىپتىكەنمەن ، يېتىپ شۇنچىلىك راھەتلەندىم . سىلى بىلىلا ، مومىيىم ئۆلۈپ كەتكىنىگە تۆت-بەش يىل بوپقالدى . شۇنىڭدىن بېرى يالغۇزلۇقتا ئۆلۈمنىلا ئويلايدىغان بوپقالغانىدىم . ئىككى قىزىمنىڭ ئۇششاق بالىلىرى بار ، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن . بەزىدە ئاش-تاماق سېغىنىپ قالسام ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارىمەن . << شۇ كۈيئوغۇللارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنمەيلا >> دەپ يەنە قايتىپ كىلىمەن . بىر قورسىقىمنى ، دەپ كىم ئۆلسە شۇنىڭ گۆرىنى كولاپ ، شۇمۇ كۈنمۇ ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە تىرىكچىلىكنىڭ غېمىدىن خالاس بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنمۇ ياخشىكەن ، دەپ ئويلاپ ، يېتىپلا خۇداغا ئەرزىم يېتىپ ، ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايمەن .
   - قاچان ؟
   - قاچان ئۆلۈپ كەتكىنىم تازا ئېسىمدە يوق . شۇ سىلىنىڭ گۆرلىرىنى كولاپ بولۇپلا  . . .  
   - مېنىڭ گۆرۈم قايسى ؟
   - مۇشۇ گۆر سىلىنىڭ بولمامدۇ . قارىسىلا ، نىمىدگەن ئازادە كولاپتىمەن . نىيەتلىرى خالىس بولغاچقا توپىسىمۇ يۇمشاق ، ئوبدان چىقتى . ئىككىمىز كەڭ-كۇشادە يېتىپ ، يەنە بىر مۇنچە يەر ئېشىپ قاپتۇ .
   - ئەمىسە سېنىڭ گۆرۈڭ قېنى ؟
   -  مېنىڭ گۆرۈم . . . راست ، مېنىڭ گۆرۈم قېنى ؟ . . . جامائەت مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىمنى تېخى بىلگۈدەك بولمىدى-دە ! خەۋەر تاپقان بولسا ، مېنىڭ گۆرۈممۇ تەييار بولاتتى .  
   - چىقە ، ئۆزۈڭنىڭ گۆرىگە چىقىپ يات !- دەپ ۋارقىرىدى رەجەپ باي ، ئاچچىقىدىن ئۇنىڭ گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتكەنىدى .
   - رەجەپ باي ،- دىدى قۇناخۇن يىلىنىش ئاھاڭىدا ،- بۇ دىگەن باشقا بىر دۇنيا ، سېنىڭ-مېنىڭ دىيىشىدىغان يەر ئەمەس . ئاۋۇ نەچچە مو يېرىمنى سىلى ئۆزلىرىنىڭ يەرلىرىگە قېتىۋالغاندىمۇ مەن گەپ قىلمىغانغۇ ؟ . . . ئىككىمىز بۇ يەردە گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭدىشىپ ياتساق ، سىلىگىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟
   - نىمە دەۋاتىسەن !؟ مەن سەندەك يالاڭتۆش بىلەن بىر گۆردە ياتامتىم ! . . .
   رەجەپ باي ئىچىدە :<< ھېلى ھېلىقى سوراقچىلار يېنىپ كېلىپ سوراقنى باشلىغىلى تۇرسا ، قىلغان- ئەتكەنلىرىم چۇۋۇلۇپ چىقىپ ، ماۋۇ قۇناخۇن دىگەن قوڭالتاقنىڭ ئالدىدا يۈزۈم تۆكۈلۈپ كىتەرمۇ ؟ >> دىگەنلەرنى ئويلاۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گۆر رەجەپ باينىڭ پۇلى بىلەن كولانغان تۇرسا ، ئىنساپ قىلسا ، بالا چاقىلىرى ئەتە-ئۆگۈن ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە ئېگىز گۈمبەزمۇ قوپۇرۇشار . بۇ قۇناخۇن دىگەن بىر تىيىن خەجلىمەي ، غىپپىدە بۇ گۆرگە كىرىپ يېتىۋالسا ، پايدا ئۇنىڭغىلا بولمامدۇ ؟ رەجەپ باي ئۆمرىدە مۇنداق زىيانغا دەسسەپ باققان ئەمەس .
   - چىق دىدىم ، چىق !- دەپ قوغلىدى ئۇ قۇناخۇننى .
   قۇناخۇن ئەتراپىنى سىپاشتۇرىۋىدى ، ھېلىمۇ ئىچ گۆرنى كولايدىغاندا ئىشلىتىدىغان كالتە ساپلىق گۈرجىكى يېنىدا تۇرۇپتۇ . گۈرجەك بىلەن رەجەپ باينىڭ بېشىغا بىرنى سالايمۇ دىدى ، يەنە ئۆزىگە ھاي بەردى . قۇناخۇن بەستى يوغان بولغان بىلەن ، ئۆمرىدە بىرسى بىلەن سەن-پەن دىيىشمىگەن ياۋاش ئادەم ئېدى . دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ، گۈرجەك بىلەن توپىلارنى ئۇياق-بۇياققا تارتىپ بىر نىمىلەرنى قىلىپ ، مىڭ مۇشەققەتتە ئۆمىلەپ گۆردىن چىقىۋالدى . نامازدىگەر ۋاقتى بوپقالغان بولۇپ ، تېخى قوياش كۆكتە پارلاپ تۇراتتى . قۇناخۇن قاراڭغۇ گۆردىن چېقىپ ، كۆزىنى ئاچالماي بىردەم يېتىپ قالدى . قەيەرلەردىندۇر كاككۇكنىڭ << كاككۇك-كاككۇك >> قىلىپ سايرىغان غېرىپ ئاۋازى كىلەتتى . . . قۇناخۇن بىر ئازدىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ، قەبرىنىڭ بۇزۇلغان ، ئولتۇرۇشقان يەرلىرىنىڭ توپىسىنى تۈزەپ ، چاپان-چارىلىرىنى قېقىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . 
قۇناخۇن قەبرىستانلىقتىن چىقىپ بىر ئېرىقنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى . مۇزدەك سۇدا يۈزىنى يۇيۇپ ، چاپىنىنىڭ پېشىغا ئېرتت-دە ، ئېرىقتىن سەكرەپ ئۆتۈپ چوڭ يولغا چىقتى . << توۋا ، توۋا رەجەپ باي دىگننىڭ دەستىدە ئارامخۇدا ئۆلۈۋالغىلىمۇ بولمىدى ! . . . >> دىگەن خىياللار بىلەن كېتىپ باراتتى ، ئالدىغا بىر نەچچەيلەن ئۇچرىدى .
   - قۇناخۇن ، بايا نەگە يوقاپ كەتتىڭلار ؟- دىدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ،- جامائەت سىلىنى ئىزدەپ . . .
   - قاچان ؟
   - بايا ، رەجەپ باينى يەرلىكىدە قويىدىغان چاغدا .
   - رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ ؟- دىدى قۇناخۇن .
   - نىمە !؟- دەپ تېڭىرقاپ قېلىشتى ھېلىقىلار .
   رەجەپ باي ئۆلگەن بىلەن ئۇنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى تېخى بار-دە ! بۇ يۇرت زومىگىرىنى بىر ئادەمنىڭ پېتىنىپ بىرىنچى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا تىللىشى ئېدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپ مەھەللىدىكى ئەڭ ياۋاش قۇناخۇننىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتاتتى .
   - رەجەپ بىلەن ئاداۋىتىڭلار بار ئوخشىمامدۇ ؟ . . . شۇڭا ، بايام گۆرنى كولاپ قويۇپلا قېچىپتىكەنسىلەردە ! . . .
   قۇناخۇن << ھە >> دەپ قويۇپلا يولىغا مېڭىۋەردى .

                     *                *                   *

    قۇناخۇن ئۆيىگە كەلگەندە ، ئۇيقۇسىدىن تولۇق ئويغىنىپ ئېسىغا كەلگەندەك بولدى . چاي قاينىتىپ ئىچىشمۇ خوشياقماي ، بېشىغا بىر سامان تەكىينى قويۇپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىدە يېتىپلا يەنە خىيالغا كەتتى . << دىمەككى ، مەن رەجەپ باينىڭ گۆرىنى كولاپ بولۇپلا شۇ يەردە ھېرىپ ، ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كېتىپتىمەن-دە ؟ . . . مەن تېخى ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايمەن ، دەپ قاپتىمەن . ئۇنداقتا ، رەجەپ باينىڭ كىپەننى يېپىنىپ ئولتۇرۇپ گەپ قىلغىنى ، رەجەپ باي بىلەن پاراڭلىشىپ كەتكەنلىرىم ، باينىڭ مېنى قوغلاپ چىقارغانلىرى قانداق ئىش بوپكەتتى ؟ . . توۋا ، ئۇ دۇنياغا بىر بېرىپ قايتىپ كەلدىممۇ ، قانداق ! >>
   بۇ ئىش مۇشۇ يەردە توختاپ قالسىمۇ بولاتتى . لىكىنزە ، پۇلى ، ھوقۇقى بار غوجاملارغا تەخسىكەشلىك قىلىپ ، كۆزىگە ياخشى كۆرۈنۈشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس . قۇناخۇننىڭ قەبرىستانلىقتىن قايتىپ كېلىۋىتىپ ، ئالدىغا ئۇچرىغانلارغا :<< رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ ! >> دەپ سالغان بىر ئېغىز گېپىنى كىمدۇر بىرى رەجەپ باينىڭ چوڭ ئوغلىغا ئېقىتماي-تېمىتماي يەتكۈزۈپ باردى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەجەپ باينىڭ ئوغلى ئولتۇرالماي قالدى . << بايا بۇ قېرىنىڭ دادامنىڭ يەرلىكىنى كولاپ قويۇپلا يوقاپ كەتكىنىدە بىر گەپ باركەن-دە !؟ . . .قېنى ، دادام ئۇ ئوغرىغا نىمە يامانلىق قىلغانكى ، بېرىپ بىر سوراپ باقاي >> دەپ ئاچچىقىدا گۈرسۈلدەپ دەسسىگىنىچە قۇناخۇننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى .
 - قۇناخۇن ، ھاي قۇناخۇن !
   رەجەپ باينىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ بوي-تۇرقى ، ئاۋازلىرىغىچە دادىسىغىلا ئوخشاپ كىتەتتى . بىر زامانلاردا رەجەپ باي << رەجەپ دادۈيجاڭ >> بولۇپ تۇرغان چاغلاردا ئۇ مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەيداندا تۇرۇۋىلىپ ، ئاشۇنداق ئەلپازدا ۋارقىراپ ، ئەزالارنى ئىت-ئېشەكنى ھەيدىگەندەك ھەيدەپ ئىشقا ئاچىقىدىغان . شۇ تاپتىمۇ قۇناخۇننىڭ قۇلىقىغا رەجەپ باي دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋارقىراۋاتقاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى .
   << يائاللا !- دەپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدى قۇناخۇن ،- رەجەپ باينىڭ ئاۋازىغۇ بۇ ! . . . رەجەپ بايمۇ گۆردىن قايتىپ چىقتىمۇ ، قانداق ؟ . . . قايتىپ چىققان بولسا ئۆيىگە بارماي ، مېنىڭ دەرۋازام ئالدىدا نىمە ۋارقىرايدىغاندۇ ؟ . . . بوپتۇ ، گۆردە بىللە ياتساقمۇ ياتايلى ، دەپ چاقىرغىلى كەلدىمۇ يا ؟ يا ھېلىقى سوراقچىلار :<يېنىڭدىكى ئادەم قېنى ؟ نىمە دەپ ئۇنى قوغلاپ چىقىرىۋىتىسەن ؟ ماڭ بېرىپ ئۇنى تېپىپ كەل !> دەپ ئەۋەتتىمۇ ؟ . . . ئەمدى ھەرگىزمۇ رەجەپ باي بىلەن بىر گۆردە ياتماسمەن . . . >>
   - ھوي ىۇناخۇن !
   قۇناخۇن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا چېقىپ ، رەجەپ باينىڭ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان چوڭ ئوغلىنى كۆردى .
   - خوش ئۇكام ، خىزمەت بارمىدى ؟ '
   - قۇلىقىڭ پاڭما ۋاي سېنىڭ !؟
   - كۆزۈم ئازراق ئۇيقىغا كېتىپ قاپتىكەن . ئۆيگە كىرسىلە .
   - ئۆيۈڭگە كىرمەيمەن . مىيەگە چىقە ، سورايدىغان گەپ بارتى .
   قۇناخۇن دەرۋازا ئالدىغا چىقتى .
   - دادام بىلەن نىمە ئاداۋىتىڭ بارتى ؟
   - ھېچ .
   - دادامنى يەرلىكىدە قويىدىغان چېغىدا يەرلىكنى كولاپ قويۇپلا قېچىپ كېتىپسەن . يەنە جامائەت بىر نىمىلەرنى قىلىپ دەپنە قىلدۇق . گۆر كولىغان پۇلۇمنى بەرمەيدۇ ، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ يا ؟
   - يوقسۇ ، مەن ھەر قايسىلىرىدىن ھەق تەلەپ قىلاتتىممۇ . . .
   - يولدا ئۇچرىغانلا ئادەمگە << رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ ! >> دەپ يۈرۈپسەن . دادامنى يەرلىكىدە قويۇپ بىر كۈنمۇ بولماي نىمە ئاھانەت بۇ ؟ . . . ئۆزۈڭچە : رەجەپ باي ئۆلدى ، ئەمدى بۇ يۇرتنى سورايدىغان ئادەم قالمىدى ، دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟
   - يوقسۇ ، دادىلىرىنىڭ ئورنىدا ھەر قايسىلىرى مۇشۇ يۇرتنىڭ ئاتىسى .
   - ئەمىسە ، رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ ، دىگىنىڭ نىمە گەپ ئۇ ؟
   - كىمگە شۇنداق دەپتىمەن ؟ ھېچ ئېسىمدە يوقا !
   - ىۇپسەنلىك قىلما ئوغرى . بۇ گەپنى سەن بىر ئەمەس ، بىر قانچە ئادەمنىڭ ئالدىدا دەپسەن . ئېيتە ، دادام ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان !؟
   قۇناخۇن شۇ گەپنى ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن دەپ سالغانلىقىنى ئوبدانراق چۈشەندۈرۈپ قويمىسا ، ئۆزىگە بۇ يۇرتتا كۈن يوقلىقىنى چۈشەندى .
   - ماڭا قارىسىلا ، ئۇكام ،- دىدى ئۇ،- بۇ ئىشنى سىلى خاتا چۈشىنىپ قالمىسىلا . بۇ يۇرتتا بىز ھەر قايسىلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلماي كىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىمىز . يەرلىكنى كولاپ بولۇپ ، ئىچ گۆر قانداقراق كولانغاندۇ ، كۆرۈپ باقاي دەپ ئىچىگە كىردىم . دادىلىرىدەك كاتتا ئادەمنىڭ يەرلىكىنى قولنىڭ ئۇچىدىلا كولاپ قويغان بىلەن بولامتى ؟ . . . ئىچ گۆرگە كىرىپ ، ئۆزۈم سوزۇلۇپ يېتىپ كۆرۈپ باقتىم . توۋا ، نىمە غەپلەت باستىكىن بىلمىدىم ، سوزۇلۇپ يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن . جامائەتنىڭ قەبرىستانلىققا يېتىپ چىققىنىنى ، دادىلىرىنى يېنىمغا قويۇپ ، يەرلىكىنى كۆمۈپ كېتىپ قالغىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن . بىر چاغدا بىرسى مېنى نوقۇيدۇ ، كۆزۈمنى ئاچسام دادىلىرى ئاپئاق كىپەننى يېپىنىپ يېنىمدا ئولتۇرۇپتۇ . . .
   - ئاكاھوي ، سەن نەنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسەن ؟
   - دەۋاتىمەنغۇ ، ئىچ گۆرنى كۆرۈپ باقاي دەپ كىرىپ ، سوزۇلۇپ يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن . جامائەت دادىلىرىنى مېنىڭ يېنىمغىلا قويۇپ ، كۆمۈۋېتىپ كېتىپ قاپتۇ . . . گېپىمنى بۆلمىسىلە ، مەن قېرى ئادەم ھېلىلا قىلىۋاتقان گېپىمدىن ئېزىپ كېتىمەن . . . ئەجەپ بۇ تالادىلا تۇرۇپ قالدۇقا ؟ ھويلىغا كىرسىلە ، ھويلىدا پاراڭلىشايلى . بۇ گەپلەرنىڭ سىلىگە پايدىلىق تەرەپلىرى ئاخىرىدا چىقىدۇ .
   قۇناخۇن رەجەپ باينىڭ ئوغلىنى ھويلىغا باشلاپ كىرىپ ، ئوتۇن كەسلەيدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىنى پۈۋلەپ ، چاپىنىنىڭ يىڭى بىلەن سۈرتىۋىتىپ :
   - مانا ، مانا ، مەيەرگە كەلسىلە ئۇكام ،- دەپ كۆتەكنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى . شۇ تاپتا رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ ؟ دەپ سالغان گېپىنى قانداق يوپۇتۇشنى بىلمەي خىيالىغا كەلگەننى سۆزلەۋاتاتتى ،- نىمە دەۋاتاتتىم ؟ . . . ھە ، كۆزۈمنى ئاچسام ، دادىلىرى يېنىمدا ئاپئاق كىپەننى يېپىنىپ ئولتۇرۇپتۇ .
   - قۇناخۇنمۇ سەن ؟- دىدى .
   - شۇنداق !- دىدىم .
   - سەن بۇ يەردە نىمىگە ياتىسەن ؟- دىدى .
   - ئۆلگەن ئوخشايمەن ،- دىدىم .
   خۇددى بىر يۇرتتىن يىراق بىر يۇرتقا بېرىپ قالغان ئادەملەر ئۇچرىشىپ قالسا ، بىر-بىرنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ كەتكەندەك ، دادىلىرى ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ كەتتۇق . بىر چاغدا تاشگۆر تاراق-تۇرۇق قىلىپ قالدى . دادىلىرى ئىككىمىز چاندۇرماي يېتىۋالدۇق . ئىچ گۆرگە بىر نەرسىلىرىنى شاراقشىتىپ مۇنكىر-نەكىرلەر كىرىپ كەلدى . پەمىمچە ئۇلار ئىككىدەك قىلاتتى . . .  
   رەجەپ باينىڭ ئوغلى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېڭىرقاپلا قالدى . يالغان گەپمىكىن دىسە ، قۇناخۇننىڭ چىرايى شۇنچىلىك مۇلايىم ، قىلغان سۆزىگە كىشىنىڭ گۇمان قىلغۇسى كەلمەيتتى .
   - شۇنداق قىلىپ ئىچ گۆرگە مۇنكىر-نەكىرلەر دۈكۈرلىشىپ كىرىپ كەلدى ،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلىۋاتاتتى قۇناخۇن ،- دادىلىرىنى سوراق قىلىش باشلاندى . ھەممىنى ئاڭلاپ ياتىمەن ، كۆزۈمنى ئاچالمايمەن . ئۇلارنىڭ ئاۋازى ھېلىمۇ قۇلىقىمدىلا تۇرۇپتۇ .
   - خوش ، نىمە ئادەم سەن ؟- دەپ سورىدى سوراقچىلارنىڭ بىرى دادىلىرىدىن .
   - رەجەپ باي بولىمەن ، ئەلھەمدۇلىللا موسۇلمانمەن !- دەپ دادىلىرى ناھايىتى تەمكىن جاۋاپ بەردى . ئىچ گۆرنىڭ ئىچى جاراڭلاپ كەتتى . << كاتتا ئادەم دىگەننىڭ ئاۋازى ھەر قانداق يەردە ياڭراق چىقىدىكەن-ھە ! >> دەپ قالدىم .
   - ھە ، قېنى ، قىلغان گۇناھلىرىڭنى سۆزلە !- دىدى سوراقچىلار .
   ئۇكام ، ئۇ يەردە ھەرگىز يالغان گەپ قىلغىلى بولمايدۇ-دە . دادىلىرى قىلغان-ئەتكەن گۇناھلىق ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلىگىلى تۇردى . ئۆز ۋاقتىدا كوللىكتىپنىڭ خامىنىدىن ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن نەچچە توننا بۇغداي ، نەچچە توننا قوناق ، ئاپەتتە ئۆلدى ، دەپ ھېساپقا كىرگۈزۈپ سويۇپ يەۋەتكەن نەچچە تۇياق مال . . . بالا-چاقىسىنى سۇ پۇلى ، يەر پۇلى ، توك پۇلى ، يىغىدىغان ئىشلارغا قويۇپ ، خەقنى قانداق قاقتى-سوقتى قىلغانلىرى. . . ھارام بىلەن ھالالنى ئايرىماي مال-دۇنيا يىغىپ قانداق باي بولغانلىقى ، كىملەرگە قانچە پارە بەرگەنلىكى . . . ئەيتاۋۇر ، جېمى ئىش چۇۋۇلۇپ چىققىلى تۇردى . . . 
قۇناخۇننىڭ سۆزلەۋاتقىنى رەجەپ باينىڭ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەسكىلىكلىرىنىڭ بىر قىسمىلا ئېدى . لىكىن ، ھازىرغىچە ھېچكىم ئېغىز ئېچىپ بۇ ئىشلار توغرىسىدا بىر نىمە دىيەلمىگەچكە ، رەجەپ باي ئائىلىسىدىكىلەر << دىھقان دىگەن شۇنداق گول خەق ، قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ >> دەپ ئويلىشاتتى . رەجەپ باينىڭ ئوغلى بۇ گەپلەرنى قۇناخۇننىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ كۆزلىرى پارقىراپلا قالدى .
   - نىمانداق ئۇزۇن گەپ بۇ ؟- دىدى ئۇ تاقات قىلالماي ،- گەپنى تولا يورغىلاتماي ، مەن سورىغان سۆزگىلا جاۋاب بېرە . زادى سېنىڭ دادام بىلەن نىمە ئاداۋىتىڭ بارتى ؟
   قۇناخۇن ئۆزىنىڭ نىمە بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلەلمەي ، توختىماي سۆزلەۋەردى .
   - يەنە دادىلىرى ئۇكام ، نىكاھلىق-نىكاھسىز خوتۇنلىرى ، ئۇلاردىن تۇغۇلغان ھالال-ھارام بالىلىرى ، مال-مۈلكىنىڭ مىراس ھەققى دىگەندەك ئىشلار توغرىسىدىمۇ كۆپ سۆزلەپ كەتتى .
   - ھە ، مىراس توغرىسىدا نىمە دىدى ؟
   - شۇ گەپلەرنى مەنمۇ تازا ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم . ھېلىقى خوتۇنلار توغرىسىدىكى گەپلەرگە كەلگەندىلا دادىلىرىنىڭ بايىقى جاراڭلاپ تۇرىدىغان ئاۋازى پەسلەپ ، دىمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى . سوراقچىلارنىڭ بىرى ھەدەپ سوراق سوراۋاتىدۇ ، شىرت-شىرت قىلغان ئاۋازمۇ بار ، ھەقىچان يەنە بىرى بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنى خەتلەپ تۇرىۋاتسا كېرەك . كۆزۈمنى يوغانراق ئېچىپ ، سوراقچىلارنىڭ رەڭگى رۇخسارىنى بىر كۆرۈۋالاي دەيمەن ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىرسى قاپىقىمغا تاش ئېسىپ قويغاندەك زادىلا كۆزۈمنى ئاچالمايمەن . . . ئەمدى ئۇكام ، سىلى دىگەن بالا . ئۇ يەردە بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىگە دەپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ ، كۆرگەنلا ئادەمگە سۆزلىگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ . بۇ گۇناھلىق ئالەمدە گۇناھسىز كىم بار ؟ قۇچاقتىكى بوۋاقمۇ بەزىدە ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى چىشلەپ سالىدۇ . . . گۆردىن قايتىپ چىقىپ ، يولدا :<< خۇدايىم توۋا ، رەجەپ بايدەك ھۆرمەتلىك ئادەم شۇنچىۋالا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلغان بولسا - ھە !؟ . . . >> دىگەن خىياللار بىلەن كېتىۋاتاتتىم . ھېلىقىلار ئۇچراپ رەجەپ باي توغرىسىدا بىر نىمىلەر دىگەندەك قىلىپ قالدى . مەنمۇ ئويلىماي پوسوققىدە :<< رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ !>> دەپ ساپتىمەن . مانا بولغان گەپ شۇ . مېنىڭ دادىلىرى بىلەن نىمە ئاداۋىتىم بولاتتى ؟ رەجەپ باينىڭ ياخشىلىقلىرىنى بىز ئاز كۆرگەنمۇ ؟ مانا ، دادىلىرى رەھمەتلىك :<< قۇناخۇن ، سەن كەمبەغەل ئادەم ، دەسمى كەتمەيدىغان مۇشۇ گۆر كولايدىغان ئىشنى قىل ، ئاۋۇ ئازراق يېرىڭنى بىز تېرىغاچ تۇرايلى >> دەپ مۇشۇ گۆر كولايدىغان ئىشقىمۇ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، مېنى تېرىقچىلىقنىڭ مۇشەققىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئەمەسمۇ . بومىسا يەر ، سۇ ھەققى تۆلەيمەن ، ئوغۇت ئالىمەن ، غەللە تۆكىمەن ، دەپ نەلەردە پالاقلاپ يۈرەردىم . . .
   رەجەپ باينىڭ ئوغلى قۇناخۇننىڭ گەپلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى ياكى تاپا-تەنىلىكىنى ئاجرىتالمايلا قالدى .
   - ىۇناخۇن ،- دىدى ئۇ ،- باياتىن بېرى دەۋاتقان گەپلىرىڭنىڭ قانچىلىكى راست ، قانچىلىكى يالغان ؟ سېنى بىز دادام بىلەن بىللە كۆمۈۋەتكەن بولساق ، سەن قانداق قىلىپ تىرىك قايتىپ چىقالىدىڭ ؟
   -ھوي راست ، سىلىگە ئۆزۈمنىڭ قانداق قايتىپ چىققانلىقىمنى دەپ بېرىمەن ، دەپ ئۇنتۇپتىمەن . ھېلىقى سوراقچىلارنىڭ دادىلىرىنى سوراق قىلىۋىتىپ ماڭا كۆزى چۈشۈپ قالسا بولىدۇ .
   - ھوي بۇ يەردە بىر ئادەم ياتىدىغۇ ؟- دىدى بىرسى .
   - نىمە ئادەم سەن ؟!- دەپ ۋارقىراپ كەتتى يەنە بىرى . ئەلپازى شۇنداق يامان . قوتققىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىمدىن مۇزدەك تەر چىقىپ كەتتى . غەيرىتىمگە كېلىپ :
   - يانتاق مەھەللىدىكى گۆركار قۇناخۇن بولىمەن ، دىنىم ئىسلام ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىمەن ،- دىدىم . ئاۋازىم دادىلىرىنىڭكىدەك جاراڭلىق چىقمىدى ، شۇنداق بولسىمۇ سوراقچىلار سەل قايىل بوپقالدى .
   سوراقچىلارنىڭ بىرى قولتۇقىدىكى يوغان كىتاپنى قولىغا ئېلىپ ئاچتى . مەن خەت تونىمايدىغان ئادەم ، ئۇنىڭ قانداق كىتاپلىقىنى نەدىن بىلەي . ئەتىمالىم ، بۇ دۇنيادا تىرىك ياشاۋاتقان ھەممىمىزنىڭ نامۇئەمىلى شۇ كىتاپقا پۈتۈكلۈك بولسا كېرەك . ھېلىقى سوراقچى كىتاپنى ۋاراقلاپ قاراپ :
   - ياق ، بۈگۈن سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ ئىچىدە مۇنداق ئادەمنىڭ تىزىمى يوقكەن ،- دىدى . يەنە بىرى ماڭا قاراپ :
   - قۇناخۇن ، سەن بۇ يەرگە ئۇقۇشماي كىرىپ قاپسەن . سېنىڭ تېخى بىر نەچچەيلەننىڭ گۆرىنى كولايدىغان ئىشىڭ بارىكەن ، چىقىپ كەت !- دەپ بۇيرۇق قىلدى .
   - يا مەدەت !- دەپ ئورنۇمدىن قوزغالدىم ، دادىلىرى :
   - قۇناخۇن ، چىقىپ كىتەمسەن ؟- دىدى .
   - سىلى بىلەن بۇ يەردە گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭدىشىپ بىللە ياتقۇم بار ئېدى ، ئامال يوق ،- دىدىم . كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . ئاخىرىدا دادىلىرى :
   - چىقىپ كەتسەڭ ، بالىلىرىمغا ئېيتىپ قويغىن . بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ ، قەبرەمنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز قاتۇرىمەن ، دەپ ئاۋارە بولۇشمىسۇن . شۇنىڭغا خەجلىگەن پۇلنى يېتىم-يېسىرلارغا بەرسۇن . خەقتىن ئالغان مال-دۇنيا ، يەر-مۈلۈك بولسا ئېگىسىگە قايتۇرۇۋەتسۇن ، دىگەن گەپلەرنى قىلدى .
   ھېلىمۇ ياخشى ، گۆر كولايدىغان گۈرجىكىم يېنىمدىكەن. توپىلارنى تاتىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ ، بىر نىمىلەرنى قىلىپ چىقىۋالدىم . . . ئىشەنسىلە-ئىشەنمىسىلە ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىرى ، مانا ئۇكام ، بولۇنغان گەپ شۇ .
   << بۇ قېرى ئالجىپتىمۇ نىمە ؟ >> دەپ ئويلىدى رەجەپ باينىڭ ئوغلى ئورنىدىن تۇرۇپ ، شىمىنىڭ ئارقىسىنى قېقىپ ، كۈن ئولتۇرۇپ ، ئەتراپقا كەچكى گۇگۇم ئۆز قانىتىنى يايماقتا ئېدى .
   قۇناخۇن ،- دىدى ئۇ ،- باياتىن بېرى قىلغان گەپلىرىڭنى كۆرگەنلا يەردە بىلجىرلاۋەرمە - ھە !
   - ھەددىممۇ ،- دىدى قۇناخۇن ،- مانا ئۆزلىرى كېلىپ : << دادامنى نىمىشقا رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ ، دىدىڭ ؟ >> دەپ سوراپتىلا ، شۇ گەپنى نىمىشقا دەپ سالغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ، دەپ شۇنچىۋالا جىق ۋالاقلاپ كەتتىم . بولمىسا ، بۇ گەپلەرنى باشقا يات ئادەمنىڭ ئالدىدا دېگىلى بولامدۇ ، دىسىلە .
   رەجەپ باينىڭ ئوغلى ئۈنچىقماي دەرۋازىغا قاراپ ماڭدى .
                                    
                                                   *                                           *                                              *

    قۇناخۇننىڭ << رەجەپ بايمۇ ئادەممۇ ! >> دىگەن گېپىنى رەجەپ باينىڭ چوڭ ئوغلىغا يەتكۈزۈپ بارغان چېقىمچىلار : رەجەپ باينىڭ ئوغلى ھېچ بولمىغاندا قۇناخۇننى كۆتىەە تېپىپ بۇ مەھەللىدىن قوغلايدۇ ، دەپ ئويلىۋىدى ، ئىشنىڭ نەتىجىسى ئۇلار كۈتكەندەك بولۇپ چىقمىدى . قۇناخۇن يەنە تاماق يىگۈسى كەلسە قىزلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تامىقىنى يەپ ، ياستۇقىنى قىرلاپ خاتىرجەم ئۇخلاپ يۈرەتتى . قۇناخۇننىڭ گۆردىن تىرىك قايتىپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىسى بولسا ، قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىپ خېلى يىراقلارغىچە يەتتى . بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى مەھەللىنىڭ ھۆرمەتلىك مەزىنى ئۆزى ئىسپات قىلغانىدى .
   - مانا شۇ ۋاقىتتا ،- سۆزىنى باشلايتتى مەزىناخۇنۇم ،- رەجەپ باينى يەرلىكىگە قويايلى ، دەپ ئىچ گۆرگە قارىساق ، ئۇ يەردە بىر ئادەم يېتىپتۇ . << ئاپلا ، قۇناخۇن ئىشنىڭ ئوڭايراقىنى قىلاي ، دەپ ، كونا گۆردىن بىرنى ئېچىپتىكەن-دە ، بوپتۇ ، جەسەتنى نېرىراق ئىتتىرىپ قويۇپ ، رەجەپ باينى قويىۋىرەيلى ، ھەممىسى خۇدانىڭ زىمىنىغۇ >> دەپتىمىز . بايا ، ئۇنىڭ ئىچىدە قۇناخۇن ئۇخلاپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ . توۋا دەيدىغان ئىش . بۇ ئادەمنىڭ ئۇيەردىن تىرىك قايتىپ چىققىنى بىر كارامەت بوپتۇ . . .
   مەزىناخۇنۇم ئاللانىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ھەر قانداق مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىدىن شۈبھىلەنمەيتتى . قۇناخۇننىڭ گۆردىن تىرىك قايتىپ چىققانلىقىنى يەنە كىشىلەر ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەر خىل تۈستە بېيىتىپ بىر-بىرىگە يەتكۈزىشەتتى .
   - شۇنداق قىلىپ ، تاش گۆرگە يەتتە كەتمەن توپا چۈشكەن بىلەن تەڭ ئىچ گۆرگە مۇنكىر-نەكىرلەرمۇ كىرىپ تەخ بولۇپ تۇرۇپتۇ ،- دەپ ھېكايە قىلاتتى بىرەيلەن ،- قارىسا ئىچ گۆردە ئىككى ئادەم ياتقان . رەجەپ باينىڭ كۆزى يۇمۇق ، ئىڭىكى چېتىقلىق تۇرغۇدەك ، قۇناخۇن بولسا كۆزىنى ئۇينىڭ كۆزىدەك يوغان ئېچىپ پارقىراپ ياتقۇدەك . << سەن نىمە ئادەم ؟ >> دەپ سوراپتىكەن ، قۇناخۇن ھودۇق-پودۇق قىلىپ قاپتۇ . << پاھ ، ماۋۇ كاززاپنى قاراڭلار . ئۆزۈڭچە ئۆلۈكلەر قاتارىغا كىرىۋىلىپ كۆزىمىزنى بويىماقچىمىدىڭ ؟ . . . ساڭا نۆۋەت كېلىدىغانغا خېلى بار ، چىقە ! >> دەپ ياقىسىدىن تۇتۇپ بىر ئېتىپتىكەن ، قۇناخۇن ئۆزىنى قەبرە بېشىدا كۆرۈپتۇ . قارىسا كىيىملىرىگە توپىمۇ يۇقماپتۇدەك . . .
   - ياق ، ئەسلى بۇ مۇنداق گەپكەن ،- دەپ سۆز باشلايتتى يەنە بىرەيلەن ،- سوراقچىلار كىرىپ : << تۇر ئورنۇڭدىن ! >> دەپ بىر ۋارقىراپتىكەن ، قۇناڭكام بىلەن رەجەپ باي تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشىپتۇ . << قايسىڭنىڭ ئىسمى رەجەپ ؟ >> دەپ سوراپتىكەن ، رەجەپ باي ::<< رەجەپ دىگەن مانا مەن بولىمەن >> دەپتۇ . << ئەمىسە ، سەن نىمە ئادەم ؟ >> دەپ بىزنىڭ  قۇناڭكامغا قاراپتىكەن ، قۇناڭكام : << مەن يانتاق مەھەللىدىكى گۆركار قۇناخۇن بولىمەن . قانداق قىلىپ بۇ رەجەپ باي بىلەن بۇ يەردە بىللە يېتىپ قالغىنىم پەقەتلا ئېسىمدە يوق . شۇنىڭغا قارىغاندا ، مەنمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشىمامدىم >> دەپتۇ .
<< ئۆلگەن بولساڭ كېپىنىڭ قېنى ؟ >> دەپ سوراپتىكەن ، قۇناڭكام ينىدىكى كېپەنگە ئورىنىپ تۇرغان رەجەپ بايغا قاراپ : << ھوي رەجەپ باي ، راست مېنىڭ كىپىنىم قېنى ؟ ئەترەتتە كېپەن تارقاتقاندا ، مېنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ قانداق ؟ ئۆز ۋاقتىدا ، ئەزالارغا نورما ئاشلىق تارقاتقاندىمۇ كەم بېرىپ ، قاقتى-سوقتى قىلىدىغان ئىشلار بولىدىغان . ئەمدى ئادەم بېشىغا بىردىنلا توغرا كېلىدىغان بۇ كېپەننىمۇ مۇشۇنداق كانتىلىساڭلا قانداق بولىدۇ رەجەپباي ؟ . . . ماۋۇ كېپەننى بولسىمۇ تەڭ يېپىنايلى >> دەپ ھەدەپ رەجەپ باينىڭ كېپىنىنى تارتقىلى تۇرۇپتۇ . رەجەپ باينىڭ تازا ئاچچىقى كەپتۇ . مەھەللىدە بولغان بولسا ، قۇناڭكامنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتەر ئىكەن . گۆردە - سوراقچىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تەستە تۇتىۋىلىپ : << قۇناخۇن ، كېپەن دىگەننى ئۆلگەندە ياپىدىغان نىمە ، سىلىنىڭ قاچان ، قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىڭلىنى مەن بىلمىسەم . مەن ئۆلگەندە سىلە مېنىڭ يەرلىكىمنى كولىغان تۇرساڭلا ، مەن سىلىنىڭ كېپىنىڭلىنىڭ ئىشىنى نىمە بىلەي ؟ >> دەپتۇ . قۇناڭكام : << ئۇنداق بولسا ، مەن كەمبەغەل ئادەم ، بالىلىرىم كېپەنلىمەيلا كۆمۈۋەتكەن ئوخشىمامدۇ >> دەپتۇ . سوراقچىلار : << ماڭ ، چىقىپ كېپىنىڭنى كىيىپ كىر ! >> دەپ گەجگىسىدىن تۇتۇپ پىرقىرىتىپ بىر ئېتىپتىكەن ، قۇناڭكام ھويلىسىغىلا چۈشۈپتۇ . قارىسا گۆر كولايدىغان گۈرجىكىمۇ قولىدا تۇرغۇدەك . . .
   ياشراق يىگىتلەر بۇ گەپكە خىيالىغا كەلگەن مەزمۇنلارنى قوشۇپ چاقچاققا ئايلاندۇراتتى :
   - قۇناڭكامنى جامائەتنىڭ ئۇقۇشماي رەجەپ باي بىلەن بىللە كۆمۈۋەتكىنى راست گەپ ئىكەن ،- دەپ گەپ باشلايتتى ئۇلار ،- سوراقچىلار كىرىپ شۇنداق قارىسا ، قاتارلىشىپ ئىككى ئادەم ياتقان . نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتە قىلمايلا سوراقنى باشلىۋىتىپتۇ . باشتا رەجەپ باينى سوراق قىلغانىكەن ، كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان شۇنداق جىق ئەسكىلىكلىرى چۇۋۇلۇپ چىقىپ كېتىپتىمىش . << قوپ ئورنۇڭدىن !>> دەپ رەجەپ باينى توپتوغرا دوزاخىلا ئېلىپ مېڭىپتۇ . قۇناڭكام رەجەپ باينىڭ قورققىنىدىن دىر-دىر تىترەپ ، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان دوزاخ تەرەپكە پۇتىنى سۆرەپ ، نائىلاج قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ يېتىپتۇدەك . سوراقچىلار قايتىپ كېلىپ قۇناڭكامنى سوراق قىلىشنى باشلاپتۇ . بۇ بېچارە كەمبەغەلدە نىمە گۇناھ بار دەيسىلەر ؟ خۇدانىڭ بىر مۆمىنى-دە ، ئۇ . شۇنداق بولسىمۇ ئىنچىكىلەپ سۈرۈشتۈرۈپتىكەن ، بەزىدە زوغا ۋاقتىدا ئويغىنالماي ئوتتۇز كۈن روزىنى ساق تۇتالمىغانلىرى ، نامازنى ۋاقتىدا ئۆتىيەلمەي قازا قىلغانلىرى پاش بوپتۇ . << مەيلىلا ، تىرىكچىلىكنىڭ غېمىدە ، بەزىدە شۇنداق بولسىمۇ بولغاندۇ >> دەپ ئۇنىڭ مۇنداق ئۇششاق-چۈششەك گۇناھلىرىنى كەچۈرىۋىتىپ ، قۇناڭكامنى جەننەتكە ئېلىپ مېڭىپتۇ . قۇناڭكام شۇنداق قارىسا ، ئالدىدا ياپيېشىل بىر باغۇ بوستانلىق تۇرغۇدەك ، باغنىڭ ئىچىدە نېپىز يىپەك كىيىملىرىدىن ئاپئاق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان ھۆر-پەرىلەر ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنمىش . قۇناڭكام : << يائاللا ! مەن قېرىپ قالغان ئادەم تۇرسام ، مۇنچىلا كۆپ خوتۇننىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىمەن ! >> دەپ ئالدى كەينىگە قارىماي قېچىپ يېنىپ چىقىپتۇدەك .
   مەھەللىدە ئىچى پۇشقان ئادەملەر مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ھەيران بولۇپ كۈلۈشۈپ ، ئازراق بولسىمۇ راھەتلىنىپ قېلىشاتتى .
   بىر كۈنى ، قۇناخۇن رەجەپ باينىڭ ئوغلى بىلەن يولدا يۈزمۇ-يۈز  گېزىكىپ قالدى .
   - ھەي ئالجىغان قېرى ، توختىغىنە !- دەپ ۋارقىرىدى رەجەپ باينىڭ چوڭ ئوغلى .
   قۇناخۇن توختاپ ، رەجەپ باينىڭ ئوغلىغا زەردە بىلەن قارىدى . << ئالجىغان قېرى >> دىگەن بۇ گەپ كىشى يوق دالدىراق يەردە دىيىلگەن بولسىمۇ ، قۇناخۇن يەنە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بولدى قىلاتتىمىكىن ، كۈپكۈندۈزدە ، جامائەت ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان چوڭ يولدا قىلىنغان بۇ ئاھانەت قۇناخۇنغا قاتتىق ھار كەلدى . قۇناخۇن ھەر قانچە ياۋاش ، كەمبەغەل بولسىمۇ ، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئادەملىك غورۇرى بار-دە !
   - ئۇكام ، سەل ئاغزىللىرىغا بايقاپ گەپ قىلسىلا بولامدىكىن ،- دىدى قۇناخۇن .
   - ۋاھ ، ماۋۇ قېرىنىڭ يوغانچىلىقىنى كۆرۈڭ ! خەقنىڭ ئاغزىدا تارقىلىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەر سەن ئالجىغان قېرىنىڭ ئاغزىدىن چىقمىسا ، نەدىن چىىقىدۇ ؟ ئۆتكەندە ماڭا : << دادىلىرى توغرىسىدا باشقا ھېچ يەردە قالايمىقان گەپ قىلمايمەن >> دەپ ۋەدە قىلمىغانمىدىڭ ؟

- مەن دادىلىرى توغرۇلۇق ھېچ يەردە ئوشۇق-تۆشۈك گەپ قىلمىدىم . ئەمدى كۆپ دىگەننىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالغىلى بولمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى دەپ يۈرگىنىدىنمۇ خەۋىرىم يوق . . . مېنى << ئالجىغان قېرى >> دەپ قالدىلا . ئالجىغان بولسام ، ئالجىغىنىمنى بىر كۆرسىتىپ قويىمەن .
   - ھە ، قانداق قىلارسەن ؟!
   - قانداق قىلاتتىم ، ئالجىغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ھەممە گەپ گەپ چىقىدۇ . رەجەپ باينىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان چاغلىرىدا چىرايلىق ، ياش چوكانلارنىڭ ئېرىنى ھاشارغا ماڭغۇزىۋىتىپ قىلغان ئەسكىلىكلىرىدىن تارتىپ ، قېرىغاندا شەھەردە مەخپى ئۆيلەنگەنلىرىگىچە ، قوينۇم ئوغرى-قونچۇم ئوغرى قىلىپ ، كۆپچىلىكنىڭكىنى بۇلاپ-تالاپ يىغقان مال-دۇنيالىرىدىن تارتىپ ، << يەر-سۇ پۇلى تۆلىمىدىڭ >> دەپ قانچە بىچارىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋىلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىغىچە ، بالا-چاقا ، ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئەسكىلىكلىرىنىمۇ قوشۇپ ، كۆزۈمنى يۇمۇۋىلىپ ھەممە يەردە بىر سۆزلىگىلى تۇرىمەن . بۇ دۇنيادا بۇنداق ناھەقچىلىكلەرنى سورايدىغان بىرەر يەرمۇ چىقىپ قالار ؟ . . . چىقمىسا ، بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن . يامىنى كەلسە ئۆلۈمكەنغۇ ! ئۆلۈپ ، ئاشۇ خاتىرجەم يەرگە بېرىپ يېتىۋىلىشنى ئۆزۈممۇ خالاپ قالدىم . . .
   رەجەپ باينىڭ ئوغلى قۇناخۇننىڭ پەيلىدىن چۆچۈپ قالدى .
   - سەن ، سەن ، زادى نىمە دىمەكچى ؟ بىزدىن تەلەپ قىلىپ ئالىدىغان بىر نىمەڭ بارمىدى ؟- دىدى ئۇ .
   - ھېچنىمىلىرىنىڭ كېرىكى يوق !- دىدى قۇناخۇن ،- مۇشۇ ياشقا كېلىپ مەن بۇ يۇرتتا ئىككى زومىگەرنى كۆردۈم . بىرى ، مۇشۇ يۇرتنىڭ ئەسلىدىكى يەر ئىگىسى موللاق تاز ، خەققە قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغانىدى ، يىڭى ھۆلۈمەت كېلىپ جاجىسىنى بەرگەن ؛ يەنە بىرى ، سىلىنىڭ دادىلىرى ، يىڭى ھۆكۈمەت ئۆزى يېتىشتۈرگەن . بۇ جاھان پىرقىراپ كونا ئىزىغا  چۈشۈپ قېلىۋاتامدۇ ، ھېچ بىلەلمىدىم . . . مەن سىلىگە ئېيتىپ قوياي ، بۇ ئالەمدە سورىقى يوق ئىش يوق جۇما . . . ياخشىسى ، ماۋۇ << ئالجىغان قېرى >> دىگەن گەپنى يىغىشتۇرىۋالسىلا . مەن سىلىدىن ياشتا خېلى چوڭ . بىر-بىرىمىزنى ئىززەتلەپ ئۆتكىنىمىز تۈزۈك . قالغىنىنى ئۆزلىرى بىلسىلە .
   قۇناخۇن دەيدىغاننى دەپ قورسىقىنى بوشىتىۋىلىپ ، يىنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ مېڭىپ كەتتى .

                                                *                                       *                                                *

    ئەتىسى قۇناخۇن ناماز پىشىننى ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتكە قاراپ كېتىۋاتاتتى . مەسچىتنىڭ يىنىدىكى يولدىن بىر ئىش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان رەاجەپ باينىڭ چوڭ ئوغلى ئۇنىڭغا ئېگىلىپ سالام قىلدى:
   - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قۇناڭكا !
   - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !- دىدى قۇناخۇن .
   - رەجەپ باينىڭ ئوغلى قۇناخۇنغا يېقىن كېلىپ پىچىرلىدى :
   - بىزنىڭ يەرگە قېتىلىپ قالغان يەرلىرىنى ئەتىيازدىن باشلاپ ئۆزلىرى تېرىسىلا .
   - ھىممەتلىرىگە رەھمەت ، ئۇكام .
   مەسچىت سەيناسىدا تۇرغان بىر نەچچەيلەن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى . بۇ - رەجەپ باي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئاددى بىر دىھقانغا ئېگىلىپ سالام قىلىشى ئېدى .
   - قۇناخۇن ، رەجەپ باينىڭ ئوغلى سىلىگە ئەجەپ ئېگىلىپ سالام قىلىپ كەتتا ؟!- دىدى مەسچىت سەيناسىدا تۇرغانلارنىڭ بىرى ،- قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ پىچىرلاۋاتاتتى ، نىمە دىدى ؟
   - ئاخشام رەھمەتلىك دادام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ . ئۇ دۇنيادىمۇ سۇئال-سوراق بەك قاتتىق بولۇۋىتىپتۇ-دەك ، دىدى ،- دىدى ، قۇناخۇن .
   قۇناخۇننىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ تۇرغانلار كۈلۈشۈپ كەتتى . مەسچىت ياغاچلىرىدا كەپتەرلەر كۆڭۈللۈك بۇغۇلدىشاتتى . . .

       تامام . 
          
   مەنبە : مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ << ئوت كەتكەن دەريا >> دىگەن ھېكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان .  

  




Posted: 2011-03-16 20:42 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation