بىرتال تاماكا
ئۈگەندۇق قاچاندىن باشلاپ چىكىشنى،
ھەۋەستە قىزىقىپ بىرتال تاماكا .
شورىساق ھەرنەپەس ئۆزگىچە ھۇزۇر،
خۇمارنى باسىدۇ بىرتال تاماكا .
ئۆزگىچە چىكىملىك پۇلىمۇ ئەرزان،
تۈگىسە يانچۇقتا بىرتال تاماكا.
بەزىدە تىلەيمىز، ئىگىلىپمۇ ھەم،
بەڭگىنى تىپىپ بىرتال تاماكا .
يانچۇقتا پۇل يوق ۋاقىتلاردىمۇ،
ئىزلەيمىزچىكىشچۈن بىرتال تاماكا،
تاپالماي قالساق ئۆزگىلەردىنمۇ،
چاپىمىز سىنى دەپ بىرتال تاماكا،
ئەتىگەن سەھەردىن يۇلتۇز كۈلگىچە،
ھەمراھدۇر خۇمارغا بىرتال تاماكا.
قورساقتىن ۋازكىچىپ موچەننى تىجەپ،
جۇغلايمىز ئىلىشچۈن بىرتال تاماكا.
ئويلىسام ئاپەتنى دوست تۇتۇپ كەپتۇق،
خۇشامەت ئىشكىچۈن بىرتال تاماكا.
سۇنۇشۇپ بەزىدە قىلىپ نوچىلىق،
ماختىشىپ ئۆزئارا بىرتال تاماكا .
خىيالىم چۆكىدۇ بارچە قاينامغا ،.....
ئەرلەردىن باشلانغان بىرتال تاماكا.
زامان ئۆزگىرىپ سىڭىپ كەتمەكتە ،
ئاياللار ۋەسلىگە بىرتال تاماكا .
چوڭلار چەكسىغۇ ئامال يوق دىدىم،
بالىلار چەكمەكتە بىرتال تاماكا.
ئاتا-ئانىلار قىلمامدۇ نەسىھەت،
باللىرىم چەكمەڭلار بىرتال تاماكا.
ئۆزۈمچە ئويلايمەن دائىما شۇنداق،
ياسىمىسا زاۋۇتلار بىرتال تاماكا .
ساتماستى ماگىزىندا،دۇكانلاردىمۇ،
مال ساتقۇچى،دۇكانداربىرتال تاماكا.
ئويلايلى ،ھىساپلاپ كۆرەيلى مانا ،
چىكەرمىز قانچىلىك بىرتال تاماكا.
تارتايلى،زەھەردىن ئىچىش-چىكىشتىن،
يوقالسۇن تۇرمۇشتىن ھاراق- تاماكا .
مەنبە؛ ئۆز ئىجادىيىتىم.