ئاساسىي تېما : پەلسەپەلىك ئاتالغۇلارغا ئىزاھاتئاۋاتلىقى:108ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 10

پۈتۈك سانى: 805
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 826 نوقتا
پۇل : 8260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:554(سائەت)

 پەلسەپەلىك ئاتالغۇلارغا ئىزاھات

مەن بۇ يەردە ئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىممىننىڭ ‹‹قاتلاملىق ئېستېتىكا›› دېگەن كىتاۋىنى ئوقۇغاندىن كېيىن . كىتاپتا بېرىلگەن بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتىنى يىغىپ ئەكەلدىم.

ئابىستىراكىزىم-كونكېرېت ئوبىيېكتسىز سەنئەت ئىجادىيەت ئۇسۇلى.رىئاللىقتىن چەتنەشكەن،نوقۇل ئوبېكتىپ خاھىشنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىجادىيەت ئېقىمى .

ئاگىنۇستىتسىزىم-پەلسەپەدە ئىنسان دۇنيانى بىلەلمەيدۇ ،ھادىسلىرىنى بىلىپ ماھىيەتلىرىنى بىلەلمەيدۇ دەيدىغان پىكىر ئېقىمى .

ئانتوروپولوگىيە-ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمى ،ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئىپتىدائى تۈر مەدەنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ .

ئامۇرالىزىم-ئەخلاق پەزىلەتنى ۋە ئەخلاقىي ئاڭنى رەت قىلىدىغان پىكىر ۋە ئىجادىيەت ئېقىمى .

ئاكۇستىكا-فىزىكىنىڭ ئاۋاز ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسىمى، ئاۋاز فىزىكىسى .

ئانىمىزىم -ئىپتىدائى ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ تەڭسىزلىك ئېتىقادى،ئىپتىدائى ئىنسان ھەر بىر نەرسە ۋە ھادىسىنى باشقۇرىدىغان مۇئەككەل بولىدۇ ، دەپ قارالغان .

ئانىتىنومىيە-كانىت ئوتتۇرغا قويغان بىر-بىرىگە قارشى ئىككى يەكۈننى بىر گەۋدە قىلغان ھۆكۈم.

ئاترىبوت-پەلسەپەدە بىرەر شەيئىنى ۋە ھادىسىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدىغان كاتىگۇرىيە .

ئاتېئىزىم-پەلسەپەدە ئىلاھسىزلىقنى دەۋەت قىلىدىغان پىكىر ئېقىمى .

ئارخائىرىم-تىل مەدەنىيەتكە كونا،قەدىمقى لۇغەت ۋە ئۇسلۇپقا قارىتىلغان ئىبارە .

ئافىردىتا-قەدىمقى گېرىك ئەپسانىلىرىدىكى گۈزەللىك ۋە مۇھەببەت تەڭرىسى.

ئافۇرىزىم-ئەقلىيە سۆز، ھىكمەتلىك سۆز.

بىئائۇتىزم-نۇقۇل گۈزەللىك قارىشىنى بەدئى ئىجادىيەت ۋە بەدئى زوقنىڭ بىردنبىر پىرىنسىپى دەيدىغان پىكىر ئېقىمى.

بىراخما- قەدىمقى ئارى(ئارىئان) ۋە ھىندىستان دىنى-بىراخمانىزىندىكى ئىلاھ نامى

ۋولىيونتارىزىم-ئىرادىنىڭ سوبېكتىپ قەيسەرلىگىنى مۇتلەقلەشتۈرىدىغان پىكىر ئېقىمى‹‹ئىرادىچىلىك››

گىبىرنىتىكا-كونتىرول نەزىريەسى.

گىنوسېئولوگىيە-بىلىش نەزىريەسى.

گۈزەلچىلىك-بىئائوتىزىمگە قارالسۇن.

ئېنفورماتسىيە-ئۇچۇر.

ئېتنولوگىيە-مىللەتشۇناسلىق.

ئېتنوگىرافىيە-مىللەتلەر، قەبىلىلەر تەتقىقاتى.

ئېتنونىم-مىللەت نامى.

ئېتنوگېنىز-مىللەتنىڭ نەسىل- قان سېستىمىسى.

ئېرارخىيە-فىئوداللىق(ياكى دىنى) تەبىقە دەرىجىلىك تۈزۈمى.

ئېكىسپېرسىئۇنالىزىم- سەنئەتنى نۇقۇل سەنئەتكار سوبېكتىنىڭ ئىپادىلىشى دەيدىغان ‹ئىپادىچىلىك›› پىكىر ئېقىمى .

ئىرراتتسىئۇنالىزىم-ئەقىلنىڭ بىلىشى،ئىجادىيەت ۋەزوقلىنىشتىكى رولىنى ئىنكار قىلىدىغان پىكىر ئېقىمى .

ئېنېستىنكت-ھايۋانى تەبىئەتكە خاس تۇغما ئىقتىدار، ئۇ ئىنساننىڭ ھايۋانى تەبىئىتىدىمۇ مەۋجۇت.

ئىللۇزىيە-خىيال، خىيالى ئويلاش.

ئىككى ئۆلچەملىك-ئۇزۇنلۇق ۋە ئەندىن ئبارەت تەكشى مەيدان بوشلۇق پىلانمسېترىك كەڭلىك.

زارائاستىرىزىم- ئاتەشپەرەسلىك دىنى .

زىرىۋانىزىم-قەدىمقى مىسۇاوتامىيىدىكى يۇلتۇزغا چۇقۇنۇش ئېتىقادى .

كاتىگورىيە- پەلسەپىۋى بىلىشتىكى چۈشەنچە بىرلىگى، بىلىشنىڭ مەنتىقىيلىق ئۇقۇم شەكلى .

مانى- مانىزىم دىنى ئىختىراچىسى ،ئۇستا رەسسام، نەققاش ۋە يېزىق ئىجاتچىسى بولغان .

مانىزىم- مانى ياراتقان دىنى ئېتىقاد .

مانىرىزىم- رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىقتا ئۇچرايدىغان بىزەكچىلىك،ھەشەمەتچىلىك ئۇسلۇبى .

مىتودولوگىيە- پەلسەپىۋى دۇنيا قاراشنىڭ بىر قىسمى،بىلىش نەزىريەسى قىممىتىدىكى ئۇسۇل نەزىريەسى .

ماترىئارخات- ئانا ئۇرۇغى تۈزۈمى .

مەقسەتدارلىق نەزىريەسى-يارىلىش مەلۇم(مەسىلەن ياراتقۇچى) مەقسەتدارلىققا لايىق ھادىسە ،دەيدىغان پەلسەپىۋى قاراش .

ناتۇرالىزىم- بەدئى ئىجادىيەتتە نوقۇل تۇرمۇش ھادىسلىرىنى ئەكىس ئېتىش بىلەن چەكلەنگەن ئىجادىيەت خاھىشى .

ناتۇرال پانتېئىزىم-پانتېئىزىمنىڭ تەڭرىنى تەبىئەت بويىچە ئىزاھلايدىغان شەكلى ،ئەبۇ نەسىر فارابى، ئىبىن سىنا ناتۇرال پانتېئىزىمنىڭ كۆرۈنگەن ۋەكىلى .

نېگىلىزىم- مەدەنىيەت ،خۇسۇسىيەت مىللى مەدىنىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان قاراش .

ئونتولوگىيە-پەلسەپەدەمەدىنىيەتنى،ئەسلى زاتىنى، ئەسلىدىكىنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە .

ئۇنتىلىتارىزىم- ىۇسۇسىغا مەنپەتدارلىق قارشى .

ئۈچ ئۆلچەملىك- ئىگىزلىك ، كەڭلىك ، ئۇزۇنلۇقتىن ئىبارەت بوشلۇق،كوبىكلىق ماكان .

پاتېئىزىم-پەلسەپە تارىخىدىكى بىرخىل بىلىش شەكلى –تەڭرى بىلەن تەبىئەتنى بىرگەۋدە قىلىپ ئىزاھلايدىغان سېستىما .

پاترىئارخات- ئاتا ئۇرۇقى تۈزۈمى .

پرومىتى-قەدىمقى گېرىك ئەپسانىلىرىدىكى زىۋىسقا ئىسيان كۆتۈرگەن ئىنسان قەھرىمانى.

پىساكۇ- ھازىرقى زامان فىرانسۇز رەسسامى .

پوتېنسىئال- يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان ئىقتىدار كۈچ .

فوتورىزىم- سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى كەلگۈسىشۇناسلىق قاراشلىرىغا تايانغان بىر خىل ئېقىم .

فېنومونولوگىيە-روشەن ھادىسىلەر ئىلمى.

راتسىئونالىزىم- ئەقىلچىلىك،راتسىئۇنالىزىم ئىككى مەنىدە ئىپادىلىنىدۇ . بىرى ئومۇمەن ئىنسان ئەقلى ئىقتىدارىنى قەدىرلەپ، نادانلىققا قارشى تۇرۇش. يەنە بىرى، بىلىش نەزىريىسىدە ئەقلىمۇھاكىمىنىڭ رولىنى ئاشۇرۇش،ھىسسى بىلىش رولىنى كېمەيتىش .

رېنىسسانىس- ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى .

سوفىستىكا- مۇنازىرىدىكى ھىيلىگەرلىك،پەلسەپىۋى مۇھاكىمىدىكى ئاداشتۇرغۇچى ئۇسۇل .

سىنوسىئونالىزىم- پەلسەپەدە تۇيغۇ ئەزالىرىنىڭ بىلىشتىكى رولىنى مۇتلەقلەشتۈرىدىغان قاراش .

سىنكىرتىك- مەدەنىيەتتىكى ئارلاشما ھادىسە.

سىسۋىلىزاتسىيە-ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشقا قارىتىلغان مەنىۋى مەدىنىيىتى .

سۇبيېكىت-ئىنسان- ئىنساننىڭ بىلىش جەريانى،ئىنساننىڭ ئىنكاس جەريانى .

سۈررىيالىزىم- رىيالىزىمدىن ھالقىغان دەپ ئاتىلىدىغان ئىجادىيەت ئېقىمى .

سوبىستانسىيە- ئەسلى زات(جەۋھەر). شەيئىنىڭ مۇستەقىل ئۆزلىگى، ئۆزىگە يۈلەنگەن مەۋجۇتلىغى .

تىرئادا- گېگىل پەلسەپەسىدە مۇتلەق روھنىڭ تىزىس-ئانتى، تىزىس-سېتىزدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات قارىشى .

دائىم ئۇچرايدىغان بەزىدە ئاڭلاپ نىمىلىگىنى چۈشۈنۈپ بولالمايدىغان يوقارقىدەك ئاتالغۇلار ھەققىدە كۆپلىرىمىز ئانچە تولۇق ئىزاھاتىنى بىلىپ كەتمەيمىز ، مەن شۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىزاھاتلارنى يىغىپ قويۇشنى ئويلاپ ھەممىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۆتكەپ قويدۇم ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس .

مەنبە:ئىزدىيارى بلوگىم
Posted: 2011-03-16 19:42 | [پۈتۈكچى]


تاتلىق گۈلۈم مەن سىز بىلەن بىللە!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 130
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 130 نوقتا
پۇل : 1300 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:86(سائەت)

 

پەلسەپىنى سىنىپى كۈرەشنىڭ قۇرالى قىلغانلارنى نىمە دەيمىز؟
پىساكو دىگىنىنى ئىسپانىيىلىك رەسسام دەپ يۈرۈپتىمەن...  

ھەقىقىي بىر ھەربىينىڭ ئاتا-ئانىسى،خوتۇن-بالىلىرى بولمايدۇ!

Posted: 2011-03-16 21:57 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1511
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1513 نوقتا
پۇل : 15130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2039(سائەت)

 

    ئاز بىر قىسىملىرىنى بىلىدىكەنمەن . ناتۇرالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى زولا دېگەندەك ....ئاڭلىمىغانلىرىممۇ كۆپ ئىكەن ، بەلكىم ئۇچرىغان بولسىمۇ ، مۇرەككەپلىكىدىن يادىمدىن چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك . 

پاسخا ئارىلىغا بارغۇم بار .

Posted: 2011-03-16 22:26 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1657
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1657 نوقتا
پۇل : 16570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:752(سائەت)

 

ئەتتىرگۈل خانىشقا بىر بايراق مۇكاپات،
لېكىن بۇ مۇنبەردە پەلىسەپەنىڭ نىمىلىگىنى چۈشىنىدىغانلار ئاز،بەزبىر ئۇيغۇرلار پەلىسەپەنى خۇداسىزلىققا باشلايدىغان ئازدۇرغۇچى،دەپ چۈشىنىدۇ،مۇشۇنىڭ ئۆزى پەلىسىپەگە بولغان بىرتەرەپلىمە قاراش،بۇناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋال.
بەزىلەر پەلىسىپەنى بىلمىگەچكە قىلغان گەپلىرى بىرى بىرىگە زىت،ئۇقۇم،ھۆكۈم،خۇلاسە دىگەنلەرنىڭ نىمىلىگىنى بىلىش زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىمايدۇ،شۇڭا ئادەم ئۇلارنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى بىلىپ بولالمايدۇ.ئۇلار «چاپان» دىسە باشقىلار «ئىشتان»دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئورۇنسىز دەتالاش قوزغىلىپ كېتىدۇ.
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى مۇشۇ بىرقانچىڭلارلا يوللايسىلەر.
Posted: 2011-03-17 13:36 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation