يەي دېسە پۇقرا بېغىدىن پادىشاھ بىر ئالمىنى،
يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلار دەرىخىنى غالچىسى.
كۆرسە سۇلتان بەش تۇخۇمغا زورلۇق ئەيلەشنى راۋا،
مىڭ تۇخۇنى زىخقا تارتقاي لەشكىرىدىن قانچىسى.
مەلۇم بىر يېزىدا بىر تۇل موماي ئۆيدىكى توك سائىتىنى يۆتكەپ بىرىش ھەققىدە توك باشقۇرۇش خادىمىغا ھال ئېيتسا ،ئۇ تىكەندەك يالغۇز تۇل مومايغا بىر دانە يەرلىك مىكيان تەيارلاپ قۇيۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بىرىپتۇ. كونا چەينىكىگە بىر تال تۇخۇم سېلىپ پىشۇرۇپ يىيىشكە قورسىقى ئاغىرىپ ،قاقتەك قورۇلۇپ ياشاۋاتقان تۇل مومايدىن نىسىۋە تەمە قىلغان قارا يۇز مەخلۇققا نەپرىتىم تېشىپ تۇرغاندا، يول كۆرسۇتۇپ قويغانغىمۇ پۇل تەلەپ قىلىدىغان قىزىل كۆزلەر جەمىيەتتە پەيدا بولدى.
مانا بۇ قۇرلار ئوسمان زاھىرنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە بېسىلغان .<<تۇل موماي ۋە چىرىك ئۇنسۇر >>دىگەن ئەسىرى .بۇ ئەسەر مەندە ناىايتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.گەرچە ھازىر دولىتىمىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۋاتقان بولسىمۇ ، بۇ خىل ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت. ھەتتا سوۋغا بەرمىسە ھىچقانداق ئىشنى پۇتۇرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتتى.كىچىكى ھىلىقى توك باشقۇرغۇچىدەك كىچىك نەرسىلەرنى تەمە قىلسا چوڭى چوڭ تەمە قىلدۇ.ھاتتا <<باغۋەن،شام........>>قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشكەن ئۇقۇتقۇچىلىرمىزمۇ غۇبارسىز بالىلارنىڭ ئۇقۇتقۇچڭلار بايرىمدا ئەكەلگەن سوۋغىلىردىن خوشال بولماقتا،ئەجىبا ئۇلار سوۋغات ئالالمىغان بەزى ئۇقۇغۇچىلىرنىڭ يۇشۇرۇن ياش تۇكىدىغانلىغىنى بىلمىسە كىرەك.پارا مانا مۇشۇنداق كىچىك سوۋغاتىن باشلىندۇ .
چىڭ سۇلالىسى ۋەزىرى خې شىن ۇلۇم جازاسى ئىجرا قىلىندىغان پەيتتە <<مەن خېشىننى ئۆلتۇرگەن بىلەن بەربىر پارخورلۇق تۇگۇمەيدۇ،مىنىڭ سايەم قالىدۇ>>دەيدۇ بۇ توغرا ئېيتىلغان سۆز .بەزىلەر خېشىنىڭ ئاخىرقى نەتىنجىسنى كۆرسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ،مال دۇنياسغا ھەۋەس قىلىدۇ.شۇنداق ياشاپ باقىسى كىلىدۇ ،نەتىنجىدە چىرىكلىشدۇ.ھازىر ئاۋامنىڭ قۇرسىقى توق ، كىيىمى پۇتۇن بۇلۇپ ئاتالمىش ھاللىق سەۋيەگە يەتكەن بولسىمۇ ،ئىش بىجىرىش سەۋيىسۇگە يىتەلمەيۋاتىدۇ.بىجىرىلىشكە تىگىشلىك بولغان ئىشنىمۇ ئەتە كىلىڭ ئۆەۇن كىلىڭ دەپ كەينىگە سۆرەپ ھەل قىلىپ بەرمەيۋاتقان ئىشلارنى قەدەمدە
ئۇچۇراتقىلى بۇلۇدۇ .ئىش بېجىرىشكە كەلگەن پۇقرالار دىن نىمىشقا ئەتە كىلىدىغانلىغىنى بىلگەنلەر بولسا ،ئىشى ئاسان ناۋادا ،ئىش بىجىرىلىش تەرتىۋىنى بىلمەيدىغان ياكى بىلسىمۇ،ئىقتىسادىنى قۇرسىقىنى توقلاش ئۇچىسىنى يالىڭاچ قويماي ،ھالىق سەۋيەگە يىتىشكە سەرىپ قىلىۋەتكەلەر بولسا .ئىشىنى ئاقتۇرالمايلا قالماستىن بەلكى قۇرساق كۇپۇگى تارتىۋېلىپ يۇرمەكتە.پارخورلار شەكلى ئۆزگەرگەن قەلەندەردەك باشقىلاردىن تەمە قىلىپلا يۇرۇيدۇ.شۇ ئۇزگە بىرىلگەن نارسىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىدىغاندۇ دەيمەن.شۇ موماينىڭ تۇخۇسىنى يىگەن توك باشقۇرغۇچى موماينىڭ ئىچى ئېچىشىپ تۇرۇپ بەرگەن تۇخۇسىنى يەپ ، گېلىغا سۆڭەك تۇرۇپ ئۇلۇپ قالسا كڭم مەسۇل بۇلۇدۇ ؟ ئۇ توك باشقۇرغۇچى ئۇزگە شۇ ھۇقۇقنى بەرگەنلەرگە قانداقمۇ يۇز كىلەلەيدۇ؟
ئوسمان زاھىر مىنىڭ سىزنىڭ ھەم نۇرغۇنلىغان ئاۋامنىڭ كۆڭلىدە دىيەلمەيۋاتقان سوزلىرمىزنى دەپتۇ.مەن ئۇ ئەسەردىكى مەلۇم بىر ئابزاسنىلا ئۇزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمغا بىرلەشتۇرۇپ، مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم ياقتۇرۇپ ئۇقۇماقچى بولغانلار شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ 2011-يىلىق 1-سانىغا بېسىلغان <<تۇل موماي ۋە چىرىك ئۇنسۇر >>دېگەن تېمىنى كۇرۇڭ