ئاساسىي تېما : قەشقەر كىشىلىرىنىڭ '' ئۆتكۈر ''  گەپلىرىئاۋاتلىقى:214ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2742
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2768 نوقتا
پۇل : 27680 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1095(سائەت)

 قەشقەر كىشىلىرىنىڭ '' ئۆتكۈر ''  گەپلىرى

قەشقەر  كىشىلىرىنىڭ  "ئۆتكۈر"  گەپلىرى. *    بىر ئۆسمۈر سىياسەت دەرىسدىن چىقىپلا ئۇبۇرنىغا كىرۋىلىپ تازا موخوركا شوراپ ئولتۇرۇپتۇ . دەل شۇ چاغدا مۇئەللىمى كىرىپ قېلىپ يېرىلغۇدەك بولۇپ ۋارقىراپتۇ :
    - ھېي شۇم ، كىچىككىنە تۇرۇپ نېمە تاماكا ساڭا ؟ ...
    بالا قورقۇش تۈگۈل قاتتىق ئۇھسىنغان ھالدا مۇئەللىمىگە قاراپ دەپتۇ :
  - ئەپەندىم ، شۇ جوڭگۇ ھازىرغىچە بىرلىككە كېلەلمىگەچ كۆڭلۈم بەك يېرىم !  


--------------------------------------------------------     بىر قېتىم ئاتۇشتا مۇنداق بىر ئىش بوپتۇ : جانابىي ئىسمائىل ئەھمەد رەئىس ئاتۇشقا كەلگەندە داڭلىق ئۆلىما رۇستەم قارىھاجىم ئۇنىڭغا بېغىنى كۆرسىتىپتۇ ، رەئىس :
    - قارىھاجىم ، بۇ يىل ئەنجۈر بەك كۆپ تۇغۇپتۇ - ھە ؟؟؟ - دەپتۇ .
رۇستەم قارىھاجىم مۇنداق دەپتۇ :
   - ئەمدى- ھە ، باشلىق ئالىيلىرى ، ئەنجۈرگە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويمىغاندىن كېيىن ، كۆپ تۇغدى !!! ( پىلانلىق تۇغۇت ئىسمائىل ئەھمەد دەۋرىدە يولغا قويۇلۇپتىكەن . )   
-------------------------------------------------------

    مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە قەشقەر شەھرى ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا بىر زالىم سېكرىتار ( كەنت شۇجىسى ) ئۆتكەن ئىكەن . دائىم دېھقانلارنى قاخشىتىدىكەن . مەلۇم بىر كۈنى كەنت كىشىلىرىگە سياسەت تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن دېھقانلارنى چاقىرغىلى ئۆيمۇ - ئۆي كەپتۇ ، ۋە يىغىنغا بارمىسا قاتتىق جازا قوللىنىدىغانلىقىنى دەپتۇ . شۇ ئارىدا بىر ئايال دېھقان دەپتۇ :
- ۋاي سېكرىتار ، سىلى كۈندە بۇنداق ئىتتەك قاۋاپ ، قۇلىقىمىزنى ئاغرىتقىچە ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەسىلىرىمۇ بوپتىكەن ...    
-------------------------------------------------------

    بىر ئادەم يېڭى بازادا چويلا ئاماقچى بوپ بىر دۇكانغا كىرىپ چويلىنىڭ پۇلىنى سورىسا ئون كوي بەسىلە دەپتۇ ، ئۇ ئادەم ياندىكى دۇكاننى كۆرەپ باقاي دەپ ماڭسا :
    - غوجوم ! ئىلىۋەسە ! ئۇ يەدە چۆپىنى قوشاپ ساتمايدا ا!!  
-------------------------------------------------------

    ياز پەسلىدىمۇ ، دۇككىنىدىن قىشلىق كىيىملەرنى ئايرىمايدىغان بىر تىجارەتچى بالا بولىدىغان ، بىر كۈنى دۇككىنىنىڭ يېنىدا ئولتۇرسا ئىككى قىزچاق خۇرۇم پەلتۇلارغا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتىۋاتسا ، ھېلىقى بالا يېنىغا بېرىپ : - مۇشۇ قىزچاقلارغا بىردىن ئىككى خۇرۇم ساتىمەنغۇ مانا دىسە ، ھېلىقى قىزچاق : - ۋىيەي ھازىر دىگەن ياز تۇرسا خۇرۇم ئالامدا دىدى ، ھېلىقى بالا دەرھاللا جاۋاپ بېرىپ : ماڭ قايسسا خېنىم ، ئا چۈمۈلىمۇ باغو  قىشنىڭ غېمىنى يازدا يەپ ئۇۋىسىغا تاماق توپلايدىكەن ، ئىشەنمىسلىرى مەنمۇ قىشنىڭ غېمىنى يەپ ئۆيگە 2 توننا كۆمە چۈشۈرۈپ قويدوم  ،،، دەپتى ھېلىقى قىزلا نىمە دىيىشىنى بىلمەي چۈشۈپ كىتىشتى .   
-------------------------------------------------------

    رەيھان ئابلىز رول ئالغان "ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى " دىگەن كىنو ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كىرەك . فىلىم رىژىسورى شىرزات ياقۇپ قەشقەر بۇلاق بىشى كوچىسىنى فىلىم ئىلىش ئورنى قىلىپ بىكىتىپتۇ ، تۇنجى كۈنى بۇلاق بىشى كوچىسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى ئىتىپ رىژىسسورنىڭ قۇماندانلىقىغا بويسۇنۇپ دىگەندەك شۇنداق ياخشى ماسلىشىپتۇ ، بىر كۈن ئۆتۈپتۇ ، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ ، ئۇلارمۇ تىجارەت قىلمىسا بولمايدۇ دە ، ئۈچىنجى كۈنى بىر ئادەمنىڭ شۇنداق ئاچچىغى كەپتۇ دە شىرزات ياقۇپقا :
    - ماڭا قايلاشسا ، نىمە ئىش قىلىشۋاتىلا ؟
    - كىنو ئىشلەۋەتقان .
    - نىمە كىنوكەن ئۇ ؟
    - ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دىگەن كىنو .
    - ئانىسى ما كوچىدا تۇغۇلۇپتىكەنما ؟
------------------------------------------------------

    ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان بىرەيلەن يىڭى بازاردا كىتىپ بارسا بىر باققال ۋاقىراپ تۇرۇپ قوغۇن تىلىپ سىتىۋاتقان ، قوغۇننىڭ يىڭى چىققان ۋاقتى بولغاچقىمۇ ئۇ كىشىنىڭ يىگۈسى كەپ كىتىپتۇ .
     بىژ كوي بىژ كوي بىژ كوي 
    يىقىن بىرىپ دەپتۇ : - بىر تىلىم پىچىۋىتە .
    باققال قوغۇننى پىچىۋىتىپ دەپتۇ : - ما ئاكىمىز باشقا يەدىن كەلگەن ئوخشىمامدا
   - ھە ، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم .
   قوغۇننى يەپ بولۇپ بىژ كوي تەڭلەپتىكەن ، باققال دەپتۇ : - بىژ تىلىمى ئىككى كوي .
   - بايا بىر كوي دەۋاتمامتىڭ .
  - سىلىگە ئىككى كويلۇق پىچىپ بەدىم .
  - نەدە ، ئوخشاش پىچتىڭغۇ .
  - ئىككى كويلۇق پىچتىم دەيمەن ، سىلنىڭ مۇشۇ سۆلەتلىرىگە بىژ كويلۇق پىچقىلى بولامدا .
بەمەي دىسە تىخى ، ئامالسىز ئىككى كوي بىرىپ كىتىپ قاپتۇ .
------------------------------------------------------

  ياتاقدىشىم بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ قوغۇن سىتىۋاتقان باققالنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ قوغۇن يىگۈم كەپ قالدى . بىر توپ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئورىۋاپتىكەن قىستىلىپ يۈرۈپ سورۇدۇم : - ئاكا قانداق ساتتۇق قوغۇننى .
    - تاللىۋىلىڭلا ، بىرسى ئىككى كوي ئۇكام .
    - بىزمۇ مۇشۇ باھادا ئالامدۇق .
    - ھە بولدى ، ئىككىنى ئۈچ كويغا ئەكىتىڭلا .
ئىككىنى تاللاپ پۇلىنىمۇ بىرىپ بولۇپ باشقىلارنىڭ تىتىپ بىقىشى ئۈچۈن پاچىلاپ قويغان قوغۇنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
    - ھەي ئاكا ، ئېنىڭدىن بىژ تىلىم پىچىۋەتسە ، تىتىپ باقاي ، تەمى قانداقراق .
    - قوغۇندا سو يوق جۇما ئۇكام ، مەكتىپىڭلىغا ئىچىرىپ خاتىرجەم يەڭلا .
    - شۇنداق بوسىمۇ ، پىچسا بىژ تىلىم
شۇندا يىسەم پەقەت تەمى يوق ، ۋاشاڭغا قالغان قوغۇنكەندە بۇ ...
    - ھەي ئاكا ھوي ، نىماداق تەمى يوق قوغۇن بۇ .
    - ئۇكاموي ، ناۋاتتا چاي دەملەپ ئىچىپ چىققان ئوخشىماملا .   
-----------------------------------------------------

    بىزنىڭ قورادا دىلشاد دېگەن ئادەم بولىدىغان ، قەشقەردە قايتا تەربىيە ئالغان ، شۇ ئادەم بىركۈنى ئۆز ئۆيىگە تېلىفون قىلىپ قەستەن قەشقەر شېۋىسىدە سۆزلەيدىكەن :
     - ۋەي ، تېژلىقما ؟ دىلشاد بامۇيا ؟
      - ئايالى تېلىفوننى ئېلىپ ، ئۆز ئېرىنى تونۇيالماي قالىدىكەن :
      - ياق دىلشاد يوق ، سىز كىم بولىسىز ؟
       - مەن ئاغىنىسى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ ئۆزىڭىز چىم بولىسىز ؟
       -مەن ئايالى بولىمەن.
      - ھە ... شۇنداما ؟ قايسى ئايالى ؟ 
        - ۋۇ بېشىڭنى يەيدىغان ! قانچە ئايالى بار ئىدى ؟!     
------------------------------------------------------

   بىر كۈنى تاغام قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا ئارىلاپ كېتىۋېتىپ بىر تۇماق دۇكىنىغا كىرىپتۇ - دە ،  تۇماق سېتىۋالماقچى بولۇپ ،  قوزۇقتىكى بىر تۇماقنى ئېلىپ كىيىپ بېقىپ ئەينەككە قاراپ دۇكاندارغا دەپتۇ :
    - ئۇستام ، ماۋۇ تۇماق ياراشتىما ؟
    شۇنىڭ بىلەن تۇماقچى تاغامغا قاراپ كېتىپ ...
    - ھاجىييييييييييم ، ماڭا قايلىسىلا ... ئاۋۇ قوزۇققا ياراشقان تۇماق سىلىگە ياراشماسما ؟
دەپتۇدەك .،.   

------------------------------------------------------

 ما ئىككى ئادەم قەشقەردە بىر دوغچى دۇكىنىغا كىرىپ بىر كويلۇق دوغ ئېلىپ ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ . دۇكاندىكى لۇشاڭ بەك قىزىپ كەتكەنمۇ قانداق ئىككىيلەن بىر كويلۇق دوغنى ئۇيان - بۇيان قىلىپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ . كىنو تۈگىشىگە ماڭايلى دەپ تۇرۇشىغا دوغچى دەپتۇ :
     - غوجام ... يەنە بىردەم ئولتاماملا ... ئاخىرىدا << تۈگىدى >> دەپ خېتى چىقىتى ئەمەسما ؟!   
------------------------------------------------------

    بىر ئادەم قەشقەردىكى بىر دۇكانغا پول سېتىۋالماقچى بولۇپ كىرىپتۇ ۋە بىر پولنى كۆرۈپ سوراپتۇ :
    - ئۇستام ، ما پولغا چاي ، سۇ دېگەندەك نەرسىلەر تۆكۈلۈپ كەتسە قېيىپ قالمايدىغاندۇ ؟
 دۇكاندار :
    - خاتىرجەم بولسىلا دەيمەن ، قېيىپ قالمايدۇ ... ھەراست سورىۋالاي ، سىلى ما پولنى كۆلگە سالاملا ئۆيگىمۇ ؟   

------------------------------------------------------

    ئۇيغۇر تۇرۇپ پىچاق ئاسمىسام قانداق بولىدۇ دەپ ۋىجدانىم ئۆركەشلەپ ، پىچاق ئېلىش ئۈچۈن پىچاق ساتىدىغان دۇككانغا كىردىم .
    - كۆسە ئۇكام ، كۆسە ...
    بىرنى تاللاپ بولغاندىن كىين سورىدۇم . ما پىچاق نەچچە پۇل ؟
    - xx كوي.
    - غىلىپى باردۇ - ھە .
    - بوممامدىغان ، مانا كۆسە .
   شۇنداق قىلىپ بىرمۇنچە غىلاپلار ئارىسىدىن تاللاپ يۈرۈپ مۇۋاپىق كېلىدىغاندىن بىرنى تاللىدىم . پىچاقنى غىلاپقا سېلىپ ، باھاسىنى سۆزلىشىپ ئېلىپ ماڭىدىغاندا سورىدى :
- غىلاپنىمۇ ئالامتىلى ؟ غىلاپقا 5 كوي بەسىلە ...
    - بايا " غىلىپى بار " دەۋاتقانتىلىرغۇ ؟ ئايرىم پۇل تۆلەيمەنما ؟ ( غېلىپىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ ، دىيىشكەن باھا غىلاپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئويلغان كالۋادە مەن ... )
    - نېمە دەيدىغاندۇ ما ئۇكام ، ئى شاڭچاڭغا چىرىپ كەش ئالسىلىرىمۇ پايپاقنى قوشۇپ بەمەيدۇ سىلىگە .
    شۇ چاغدا "بوممامدىغان" دېگەن گەپنى دېگەندىكى بىر خىل بوپكەتكەن چىرايى ئېسىمگە كەلدى  . 
----------------------------------------------------

    مىنىڭ بىژ خوشنام بولىدىغان بىژ كۈنى بازار چۆگىلەۋېتىپ ،  بىژ بېلىقچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ : - بېلىقنى قانداق ساتتىلا ؟- دەپ سوراپتىكەن ، ئوتتۇراپ قوپاپ ساتتىم ، دەپتىكەن ، خوشنام تۇرۇپ كىتىپ : - نەچچە پۇلدىن ساتتىلا ؟ دەپ سوراپتىكەن ،  5 كوي ساتتىم دەپتۇ ،  2 كويدىن بەمەملا دىسە ، بېلىقچى تۇرۇپ كىتىپ : - ماڭا قايلىسا 2 كويلىرغا كۆلدىن تۇتۇپ يېسىلە جۇما دىگىدەك .   

------------------------------------------------------

    قەشقەرگە بارغىنىمدا ساچالغا ئوخشاش كۆز قاراش بىلەن پىچاق بازىرىنى ئارىلاپ قاپتىمەن . ئېسىۋېلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئەپچىل پىچاقتىن بىرنى تاللاپ باھاسىنى سورىۋېدىم ، قويغان باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەتتى . بۇ ئادەم مېنىڭ باشقا يۇرتلۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالغان گەپ ، دەپ ئويلاپ پىچاقنى ئورنىغا قويۇپ كەينىمگە يانسام " ئالمايدىغان نېمىسىگە ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ ، قاملاشمىغان نېمىكەن بۇ " دەپ خاپا بولۇپلا كەتتى . ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولۇپ دۇكان ئارلاشتىن قورقۇپ ئۇدۇل چىقىپ كەتكەنىدىم.    
-----------------------------------------------------

   بىر كۇنى كوچا ئاپتۇبۇزىغا بىر دوستۇم بىلەن چىقسام بىرسى دوستۇمنىڭ دولىسغا بىر قولىنى قويىۋالدى ، بىر ئۇزۇنغىچە قويىۋەتمىدىدە دوستۇم سەل ئاچچىقلىغاندەك قىلىپ : - ما دولام بەك تىلىپ كەتتى ، ئەمدى قوللىرىنى ما دولامغا قويىۋالسىلا ؟- دىمەسمۇ  .  
-----------------------------------------------------

    بىر قەشقەرلىك ئۇرۇمچىگە كىلىپ بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپتۇ .
     تاماق سەل-پەل تۇزلۇق بولۇپ قالغان چىغى ھىلىقى قەشقەرلىق :
    -ئۇستۇۇۇۇۇم - ئاشخانلىرىدا تۇز بامۇ يا ؟
    خوجايىن : - تاماق تۇزسىز بولۇپ قالغان چىغى- دەپ ئويلاپ تۇز بار بار دەپتۇ .
    قەشقەرلىق : - مەن تىخى تۇزنىڭ ھەممىنى مىنىڭ ئىشىمغا سىلىۋەتكەنمىكىن دەپتىمەن دىگۇدەك .   

------------------------------------------------------

    بىر كۇنى بىر ئادەم قەشقەرنىڭ تازا ئاۋات بازىرىغا كىرىپ ئايلىنىپتۇ ، دۇكان ئارىلاپ كېتىۋېتىپ چىرايلىق ئاياققا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ .
     - خوجايىن ئاياق نەچچە پۇل ؟ دەپ سوراپتۇ.
     - 150 سومغا بېرىۋېتەي ئالسىلا غوجام دەپتۇ .
    - 50 سومغا بېرەملا ؟
 خوجايىن يېنىدىكى مال كۆرۈپ تۇرغان ئادەمگە : -ۋاي غوجام ، ما ئادەمگە دەپ قويسىلا ، ئۆزىنىڭ ئايىقىنى كىيىپ يولىغا مېڭىۋەرسۇن !-دەپتۇ   

 ------------------------------------------------------

   بىز تەييارلىق ئوقۇۋاتقاندا ئۆزى تاماكا ئالماي ئانچە- مۇنچە باشقىلاردىن سوراپ چېكىپ قويىدىغان بىر بالا بولىدىغان . بىركۈنى ئۇ بىزنىڭ ياتاققا تاماكا سوراپ نەچچە قېتىم كىردى ، شۇنىڭ بىلەن قەشقەرلىك ياتاقدىشىمىز يېنىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ قېپى بىلەنلا ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ : - ماڭا قايلاڭلا ئاداش ، سىلىگىمۇ دۇكان ئايرىپ بېرىدىغان چاغ بولدى ئەمدى- دېگەنتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ كەسپىي بەڭگىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ كەتكەن .   

------------------------------------------------------

   مېنىڭ بەك سەپرا مىجەز ، گەپكە كەگەندە ھېچكىمنى ئاياپ قويمايدىغان بىر تاغام بار. ئايالى تۇغۇپتىكەن، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خوشنىسى سورىدى : -ئايالىڭ نېمە تۇغدى؟ ...
    - نېمە تۇغاتتى ، ئادەم شۇ ...

------------------------------------------------------


    بىزنىڭ مەھەللىدە ياشقا چوڭ بىرسى خامان سورىغاچ ئىرىقتا << تەييار >> ئىقىۋاتقان سۇنى توساپلا ئىتىزغا باشلاپ قويۇپ قولىغا ئارىنى ئىلىپ خامان سورىغىلى تۇرۇپتىكەن . ئۆز نۆۋېتىنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالغىننى كۆرگەن ھىلىقى تاغام كىلىپلا ئىچىقنى ئۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئىتىزىغا باشلاپتۇ ، ھىلىقى ئادەم قوپۇپ : - قارى غوجووووم ، نېمە بولاۋاتىمىز، مەن نېمىش قىلىدىغان ئادەمكەنمە ، دەپتىكەن ، تاغام قوپاپ :   -قوللىرىدىكى ئارا بىلەن سامان سورىماي كالا سويغىلى بولامتىكى ... ساقمۇ يا ، ما تومۇز ئىسسىقتا باشلىرىغا ئىسسىق ئۆتەپ كەتمىگەندۇ ، ئۆزلىرىنىڭ نېمىش قىلىۋاتقىننى بىلمەي مەندىن سورايدىغان ئەدەم ، قاندا بولاپ 4 بالىنىڭ دادىسى بولاپ قاغانلا... دەپتىكەن ، 
   بۇ گەپ جىنىدىن ئۆتەپ كەتكەن ھىلىقى ئادەم : - مەن ئەمدى ئىككىنجى كىچىك باللاغا بۇنداق گەپ قىلمايمەن- دەپ ، يىغلاپ كەتكەنمىش ...   

------------------------------------------------------

    بىژ كۇنى ئاغىنىلىرىم بىلەن بىژ ئاشخانىغا چىرىپ تاماق يىدۇق ، تاماقنى يەپ بولۇپ ، پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قاپتىمىز ، كۇتكۇچى قىز كىلىپ قاچا - قۇچىلارنى يىغىشتۇرپ ئىلىپ كەتتى ، بىژ چاغدا ھىلىقى كۇتكۇچى قىز كىلىپ :
    -نىمە تاماق يەيسىلە؟- دىمەسما .
   ( گەپ سۆزقىلالماي چىقىپ كەتتۇق )   

------------------------------------------------------

    بىر قىتىم بىرەيلەن ئاكامغا : - قارىم گىپىمگە ئىشەنسە ، بىلىلا مەن يالغان گەپ قىلمايمەن - دىۋىدى ، ئاكام قوپۇپ :   - ۋاي مەن سىلىنى بىلىمەن ، سىلە يالغان گەپ تاپالمىغاندا راس گەپ قىلىلا دىگەنتى .

------------------------------------------------------

   بىژ كۈنى ياقا ژۇتتىن كەگەن بىژسى قاسقان بازىرىنى ئارلاپ قاپتۇ . بىژ دۇككانغا چىرىپ قاسقاننىڭ باھاسىنى سوراپتۇ : - ئۇستام ما قاسقاننى قاندا ساتىلا ؟
    - ئەزان ئۇكام 50 كوي .
     ياققا يۇرتىن كەلگەن بۇ ئادەم ئۇستاتلىق قىلىپ ئەزانراق ئالماقچى بولۇپ دەپتۇ :
   - ۋاي ئۇستام ئاۋۇ يەردە 40 كوي دەيدۇغۇ ؟  سىلىنىڭ نىمانداق قىممەت ، ئەزانراق بەمەملا ؟
   - ماڭ قايلىسىلا ئۇكام ، ئالدىلىرىغا ئۇدۇل مېڭىپ ئوڭغا بۇرۇلسىلى چا اااا مانتىسى بىلەن قوشۇپ بىكارغا بېرىدۇ !   

------------------------------------------------------

  بىرسى ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ ، مىس چەينەك ئۇيىۋاتقان بىر بالىغا :
    - ئۇكەم ، مەن بىر ئۇيۇپ باقايمۇ ؟-دەپتىكەن ، ھېلىقى بالا شۇئانلا :
    - چاتاق يىرى ئۆچەگىلى بولمايدۇ ئەمەسما -دەپ ھىجىيىپ تۇرغىدەك . شۇنىڭ بىلەن
    - ئەمىسە ماڭا ساتە راۋرۇس چەينىكىڭدىن بىرنى ، مۇشۇ گىپىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بىرنى ئالاي ، ئەزان بەر جۇما -دىسە ، ھېلىقى بالا :
 -كەم بولا، ئەزان دىگەن مەچىتتە - دىگىدەك . 
------------------------------------------------------


    بىر كۈنى ئىككى ئامرىكىلىق قەشقەر ھېيىكاھ جامەسى ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرىشىغا تاڭجاڭ بىر چەينەك چاي ئەكىلىپ قۇيۇپتۇ ، ھېلىقى ئىككىسى تەڭلا سەنكىيۇ ۋېرۇيماچ ( رەھمەت )دەپتىكەن ، ھىلىقى تاڭجاڭ دەرھاللا تاماق بۇيرىغان ئوخشايدۇ دەپ - ھېيييييييي ماۋۇ ئىككى مىھمانغا سەي قۇژماي يېرىم ئاش - دەپتۇ .   

-------------------------------------------------------

  بى ئاغىنىمىز باتى دايىم ئۆزى تاماكا ئالماي خەقتىن سوراپ چىكىدىغان ، بىژ كۈنى يانا بى ئاغىنىمىزدىن تاماكا سورىغانتى ، ھېلىقى ئاغىنىمىز :   ماڭ قايلاڭلا ئەدەش سىلىگە دۇكانچى تاماكا ساتمامدىكەن...
 


Posted: 2008-04-09 19:34 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 11
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 11 نوقتا
پۇل : 110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

   
Posted: 2008-04-09 22:03 | 1 -قەۋەت


ئوھۇشتە..
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 7

پۈتۈك سانى: 727
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 741 نوقتا
پۇل : 7410 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2084(سائەت)

 

مېنىڭمۇ بىرقەشقەرلىق دوستۇم بولىدىغان. ئۆزى يۇمۇرلۇق بالا. بىرقىتىم قەشقەردىن كىلىپ بىر نەچچە كۈن مېنىڭ ئۆيۈمدە قونۇپ قالدى.بىر كۈنى مەن ئاستىنقى قەۋەتتە چاي دەملەپ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىدىم. ئۇ ئۈستىنكى قەۋەتتە كومپىيوتۇر ئويناپ ئولتۇرغان، نەچچە چاقىرىپ چاي ئىچىشنى ئېيىتقان بولساممۇ<< مانا ھازىر>> دىگەندىن باشقا جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم. بىر چاغدا ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا تېلىۋىزور ئىچىگە كىرىپ كىتىپتىمەن. ئۇ قاچانلاردا پەسكە چۈشۈپ يېنىمدا ئولتۇرغىنى يادىمدا يوق. ئىسىمگە كېلىپ قارىسام مەن بىلەن تەڭ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۆزىرىسىنى ئېيىتتىم:
- خاپا بولماڭلا ئاداش،پەسكە چۈشكىنىڭلىنى كۆرمەپتىمەن. چاي قۇيماي ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن.
-سىلى ئىچكەندىن كېيىن ئوخشاشقۇ-دىمەسمۇ. بۇگەپكە يا كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالغانتىم.
ھازىر ئويلىسام كۈلىمەن.
   

ئۈمىد ئۇزۇن ئۆمۈردىن!

Posted: 2008-04-10 00:12 | 2 -قەۋەت


ئېتىقاد - مىللەتنىڭ جېنى .
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 632
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 632 نوقتا
پۇل : 6320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:378(سائەت)

 

  مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ باھانىسىدا ................. ئۆيلىرىڭىزنىڭ قەۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدۇق . 

  ئاپلا ، بۈگۈن يەنە سۆزلەپ قالغىنىمنى  بىلدۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم - دە ھە ؟ !~~

توۋا دەيمەن ، دادام بىلەن بالام ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا ؟!~~~~

Posted: 2008-04-10 02:17 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2 نوقتا
پۇل : 20 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

قەشقەرلىقنىڭ گېپى بولسىلا پۇتۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئاڭلايمەن-دە،  بەك  قىزىق گەپ قىلىدۇ ئۇلار.
ھېلىقى بىر گېپى بارغۇ:
بىر ئاشخانىنىڭ مۇلازىمەتچىسى سەي ئادالاپ ئولتۇرۇپتىكەن، مەشتىن بىر تال چوغ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ،خوجايىن:ھەي،خېنىم ئى چوغنى ئېلىۋېتىڭلار،يانا باكا مېھماننىڭ پۇتى كۆيمىسۇن،_دىسە ، ھېلىقى مۇلازىمەتچى خىيالىدا يوق سەي ئادالاپ،بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي:دەسسىمىسە كۆيمەيدۇ. دىگۈدەك
Posted: 2009-02-24 23:43 | 4 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> يۇمۇر، تېپىشماق ۋە ئويۇنلار

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation