ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
تورداشلار ! ياخشىمۇ سىلەر ؟ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ؛ ھەق باراسىدا سىلەر بىلەن پىكىرلىشىش ئۈچۈن يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تۇلىمۇ خۇرسەن مەن .
ئەمدى تورداشلارنىڭ سەمىگە: جانابى ئاللاھ نىڭ قۇرئان كەرىمدىكى (يەنى نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇش توغۇرسىدىكى )بايانلىرنى سۇنماقچىمەن .ھەي تورداشلار !ئالدى بىلەن شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قۇيايكى ھەرقانداق بىر سۆزنىڭ ئۇنىڭ سەھىيلىكىنى ئايرىماي تۇرۇپ (يەنى ھەقىيقەتلىكىگە )باھا بىرەلمەي تۇرۇپ ئۇ كىتاپتىن ئالغان ، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ، پەيغەمبىرىمىزنىمۇ دىگەن دەپلا قۇيۇش كار قىلمايدۇ . دىمەك بىز ھەرقانداق بىر سۆزنىڭ ھەقىيقەتلىكىنى ئايرىشتا شۇڭا ئاۋال قۇرئان كەرىمگە ئىلتىجا قىلغىنىمىز ياخشى .چۈنكى ئاللاھ ! قۇرئان كەرىمنى بىزنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ توغۇرا يولدا بولسۇن دەپ ، ئىسلام شەرىيئەتلىرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ، ھەقىيقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلغان . شۇڭلاشقا شۇ ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرىمۇ ھەرقانداق ئىشقا ھۈكۈم چىقىرىشتا ئاللاھ نىڭ ۋەھىيسى بۇيۇنچە ھۈكۈم قىلىدۇ . دىمەك مۇشۇ نامازنى قانداق ۋاخىتتا؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ؟ قەسىر قىلىش توغۇرلۇقمۇ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مەنىسنى ئىنىق چۈشۈنىشلىك قىلىپ مۇنداق دىگەن:
يەنى [سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزەڭلارغا زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)]4-101-ئايەت.
دىمەك بۇ توغۇرلۇق قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ يۇقارقىدەك ھەق سۆزلىرى بار . (يەنى سەپەرگە چىققان ۋاختىمىزدا ) بۇ ئۇنىڭ ۋاختىنىڭ قانچىلىك بۇلۇشىنى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ ، كىش يۇرتىدا مۇساپىر بولغانلارغا قارتىلغان . ئەمما ئاللاھنىڭ مۇنداق دىگەن تەۋسىيەسى بار. (يەنى كاپىرلارنىڭ ئۆزىڭلارغا بىرەر زىيان زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقۇپ )دىگەن تەۋسىيەسىگە ئاساسەن ؛ بىز مەيلى نەگىلا سەپەرگە چىقايلى، كاپىرلارنىڭ زىيانكەشلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا نامازنى ئۇ سەۋەپ بۇ سەۋەپ، دىمەك دۇنيا تىرىكچىلىكىنى دەپلا (يەنى تىنىچ ئامان ئىسەن تۇرۇپمۇ )نامازنى قەسىر قىلىشقا بولمايدىغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ . بۇ ھەقتە يەنا ئاللاھ مۇنداق دىگەن:
يەنى[قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كىتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار) ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا اﷲ نىڭ سىلەرگە ئۈگەتكىنى بويىچە اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، اﷲ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمرقىلىغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار)]2-239-ئايەت.
دىمەك ھەقىيقەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ، ئاللاھ ئىنسانلارنى : قورقۇنۇچتا قالغان چاغلاردا مەيلى يول يۈرۋېتىپ بۇلامدۇ ۋە ياكى ئۇلاغ ، قاتناش ئۈستىدە بۇلامدۇ نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇيلىۋېرىشكە ، دىمەك نامازنى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ قازا قىلماسلىققا قۇرقۇنۇچ تۈگۈگەندە ئاللاھ نامازنى قانداق ئۇقۇشقا تەۋسىيە قىلغان بولسا شۇ بۇيۇنچە ئۇقۇشقا تەۋسىيە قىلغان . شۇڭلاشقا ھەتتا قۇرقۇنۇچتا قالغان چاغلاردىمۇ نامازنى تەركى ئىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇكى ئەمما قەسىر قىلىپ ئۇقۇشقا بۇلىدۇ . بىراق سەپەر ئۈستىدە بولساڭمۇ قۇرقۇنۇچتا قالمىغان ئەھۋالدا نامازنى قەسىر قىلماستىن ، بەلكى نامازنى ئاللاھ بۇيرىغان ئەككاملىرى بۇيۇنچە ئۈتۈمىسەك بولمايدۇ .قالدىسىغا ئىنكاسىمنىڭ ئىدىيىڭلاردىن ئۈتۈپ كىتەلمىگەن جايلىرى بولسا ، ئىسىڭلاردا بولسۇنكى سۆزلىگۈچىلەر ھەقنى دەلىللەپ تۇرۇپ سۆزلەڭلار ئاندىن باشقىلارنى قايىل قىلالايسىلەر . پىكىرلىشەر بولساق ھەق باراسىدا پىكىرلىشەيلى . چۈنكى ھەقتىن باشقىنى سۆزلۈگۈچىلەر زىيان ئىچىدەدۇر .
مەنبە: قۇرئانكەرىمدىن .
[ مەزكۇر پۈتۈك umutwar تەرىپىدىن 2011-01-15 22:33 دە تەھرېرلەندى. ]