دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق مۇسۇلمان پۇتبولچىلارمەنبە: www.xjtsnews.com2011-01-06 03:29

  1.ئىبراھىم ئافىللەي گوللاندىيەلىك بۇلۇپ ، گوللاندىيەنىڭ ئەيىنخوۋىن كوماندىىسدىن بارىسلونا كوماندىسىغا يېڭىدىن ئالمىشىپ كەلگەن ئىستىقباللىق ياش پۇتبولچى . 

 2. ئەلى مۇنتارىي گانالىق پۇتبولچى بۇلۇپ ، گانا دۆلەت كوماندىىسى ۋە ئىنتېر مىلان كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى . 

 3. يايا تۇرېي كوتى دى ئىۋۇئېرلىق توپچى بولۇپ ، بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ماھىرلارنىڭ بىرى . ھازىر مانچېستېر شەھىرى كوماندىىسدا توپ تېپىۋاتىدۇ. 

 4. ماروئانى چاماك ماراكەش ۋە فىرانسىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇپ ، ھازىر ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ياش يادرولۇق ھۇجۇمچىسى . 

 5. ئېدىن ژېكو بوسىنيەلىك ماھىربۇلۇپ ، گېرمانىيەنىڭ ۋولفىسبۇرگ كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى . 

 6. بېنزېما فىرانسىيەلىك پۇتبولچى بولۇپ ، فىرانسىيە لىئون كوماندىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ، ھازىر خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ . 

 7.ئانېلكا فىرانسىيلىك پۇتبولچى بولۇپ ، 2004– يىلى ئۆزىگە ئابدۇللا سالام بىلال دېگەن ئىسمنى قويغان ھەمدە شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىگە بېرىپ ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› دىن بىلىم تەھسىل قىلغان . ئۇ ھازىر چېلسى كوماندىىسنىڭ يادرولۇق ھۇجۇمچىسى . 

8. ناسىر فىرانسىيەلىك پۇتبولچى بۇلۇپ ، فرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق توپچىسى زىدانې بىلەن ئوخشاش فرانسىيەدىكى ئالجىرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى . ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ئىستىقباللىق يادرولۇق ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى . 

  9. رىبېيرى فىرانسىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى بۇلۇپ ، بايرېن مىيۇنخىن كوماندىىسدا توپ تېپىۋاتىدۇ . فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى . 

 10. مەسئۇد ئۆزىل  گىرمانىيەدىكى تۈركىيە كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادى ، ھازىر گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە خان جەمەتى مادرىت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى .