كۆيمەكتە قارلارنى قارلار قۇچاقلاپ
ئاپپاق قار چۈشمەكتە لەپىلدەپ لەپ-لەپ،
كۆزلىرىم ئالدىدا ئاپپاق بىر دۇنيا.
ئىككىمىز مۇشۇنداق قار ياققان بىر كۈن،
ئۇچراشقان ھەم يەنە ئايرىلغان توۋا...
قارلارنى سىيلىدىم كۆيمىدى قولۇم،
گۈرۈلدەپ ئوت ئالدى يۈرىكىم شۇئان.
ئاقلىقتىن،پاكلىقتىن يايرىغان جېنىم،
لاۋۇلداپ كۆيمەكتە تومۇرىمدا قان.
مەن ئاپپاق قارلارنى سىيلاپ ئولتۇرۇپ،
كۆمۈلۈپ بارىمەن قاردەك خىيالغا.
تارايتى قەلبىمگە قاردەك بىر تۇيغۇ،
غەملىرىم قارلاردىن تولىدۇر تولا.
تۇيۇقسىز سېغىنىپ قالىمەن سېنى،
ئەسلىمەم قارلاردا چوغلانغان قوشاق.
تارايتى قەلبىمگە ئوتتەك بىر تۇيغۇ،
ھىسلىرىم گۈللەردەك شىرىن،خۇشپۇراق.
قوللىرىم كۆيمەيتى قارلارنى سىيلاپ،
كۆيەتتى ۋە لېكىن دەريا،كۆل،بۇلاق...
كۈيەتتى يۈرىكىم،تاغلارمۇ ھەتتا،
يالقۇنى،چوغلىرى قاردەكلا ئاپپاق.
قارلارنىڭ ئاستىدا كۆيەتتى قارلار،
بۇلاقتەك سۈپسۈزۈك بۇقۇلداپ يىغلاپ...
نادامەت ئىچىدە يىغلايتى يۇلغۇن،
قارلارنى سۈيۈپ ئاھ مەھكەم قۇچاقلاپ.
[ مەزكۇر پۈتۈك يۇلغۇن1 تەرىپىدىن 2011-01-08 13:37 دە تەھرېرلەندى. ]