ئاساسىي تېما : ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەشھۇر ئۈچ ئەسىرى توغرىسىدائاۋاتلىقى:307ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



پەخىردىن 1536020101چ چ  229177410چ چ
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 2999
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3005 نوقتا
پۇل : 30050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:293(سائەت)

 ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەشھۇر ئۈچ ئەسىرى توغرىسىدا



ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەشھۇر ئۈچ ئەسىرى توغرىسىدا



      1923- يىلى قەشقەردە سۈيقەست بىلەن قەتلى قىلىنغان مەرىپەتپەرۋەر، ئىسلاھاتچى ئالىم مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا يازغان مەشھۇر 3 مۇھىم كىتابىنى قايتا نەشىرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇقادىر داموالام ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن ئۆلۈمالارنىڭ ئېيتقانلىرىنى بايان قىلىمىز.
      1985- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا داموللامنىڭ «تەجۋىد تۈركى» يەنى( قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىسى(، «ئەقائىد زۆرۈرى» يەنى( مۇھىم ئەقىدىلەر) ۋە «ئىبادات ئىسلامىيە» يەنى( ئىسلام ئىبادەتلىرى) ناملىق شانلىق 3 مەشھۇر ئەسىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ياردەمسۆيەرلىرى تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىم نەشىر قىلىنغان ئىكەن.
      مەزكۇر 3 مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئىككىنچى نەشرىگە يېزىلغان بېغىشلىمىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەركەن شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالغان، كېيىنچە مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرگە چەتكە چىقىپى كېتىپ، ئاۋۋال مىسىردا، ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىپ، سەئۇدىى ئەرەبىستانىدا ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم ۋە مۇجاھىد مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنىڭ تۆۋەندىكى ئەسلىمىسىمۇ ئورۇن ئالغان.
     مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموالام ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: » مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ پايدىلىق بولغان ئىدى. نۆۋەتتە مەرھۇمنىڭ «تەجۋىد تۈركى»، «ئەقائىد زۆرۈرى» ۋە « ئىبادات ئىسلامىيە»ناملىق مەشھۇر 3 ئەسىرىنى ئىككىنچى قېتىم نەشىرگە تەييرلاش مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇم ئابدۇقادىر داموالامنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى سۆزلەيمىز. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام تەخمىنەن 1881- مىلادىيە يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئۈستۈن ئاتۇش شەھىرىنىڭ مەشھەد مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىبتىدائىي تەھسلىنى ئاتۇش شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئوقۇغان. كېيىنچە، بۇخاراغا بېرىپ ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى ۋە بۇ ئىككى تىلنىڭ ئەدەبىياتلىرىنى تولۇق ئىگەللىگەندىن كېيىن، قەشقەرگە قايتىدۇ.
      مەلۇمكى، قەشقەردە ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە مەدرىسىلەردىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن قالاق ۋە بەكمۇ كونىچە ئىدى. مەدرىسە تالىبلىرى كۆپ قىينىلاتتى. دەرسلىكلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق شەكىلدە تەييارلانمىغانلىقى، مەدرىسىلەر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش دېگەن نەرسىنىڭ يوقلىقى ۋە ئورتاقلاشقان بېرەر ئوقۇتۇش سىسېتمىسىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مەدرىسە تالىبلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يېرىم يولدا ياكى ئوتتۇرا يولدا مەدرىسىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. مەدرىسىدىن ئايرىلىپ قالغان شۇ كىشىلەر قۇرسىقىدا ھېچ نەرسە بولمىسىمۇ، تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالىم - ئۆلۈما دەپ ئاتىلاتتى. ئەمما مەدرىسىنى چىداپ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدۇرغانلار ئىنتايىن ئاز كىشىلەر ئىدى. جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىلىرىنى ئەرەبچە ئوقۇش قائىدىسى ئومۇملاشقانلىقتىن، ئىماملارنىڭ سۆزلىگەنلىرىدىن خەلق قىلچە پايدا ئالالمايتتى. ئەمما مەدرىسە تالىبلىرىغا كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ مەنىسىنى بىلمەيدىغان ئەرەبچە - پارىسچە ئارىلاش
      گرامماتىكا كىتابىنى چۈشەنمەستىن يادلايتتى. تالىبلار دەرتلىرىنى:
      << زەنجانى كىتاب كۈندۈزىمىزنى كېچە قىلدى. باشلىغاندا ئالتە ئىدۇق، يەتتىمىزنى گاچا قىلدى >>دېگەن قەسىدىلەر بىلەن ئىزھار قىلىشقا تىرىشاتتى.
      مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام بۇ ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە خوراپاتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېڭىچە دىنى ھەم پەننىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويىدۇ. مەدرىسىلەرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا مەخسۇس دەرسلىك كىتابلارنى ھازىرلايدۇ. بالىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش، ئۇلارنى تەنھەرىكەت ئوينىتىش ۋە ماقالا يازدۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. مەرھۇم داموللامنىڭ بۇ يېڭىلىقپەرۋرەلىكى ۋە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى شۇ ۋاقىتتىكى زالىم ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى ئالداپ جان باقىدىغان موللىلارغا قەتئىي ياقمايدۇ. چۈنكى داموللام خەلقنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مەرھۇم داموللامنى بۇ ھەركىتىدىن توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان چارىلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن. ھەلىم مۇئەززىن دېگەن ئەبلەخكە پۇل بېرىپ ، شۇ ئەبلەخنىڭ قولى بىلەن داموللامنى شېھىد قىلىپ بىراقلا قۇتۇلىدۇ.
      مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: » ئابدۇقادىر داموللام شېھىد قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئەرەبچە، پارىسچە ۋە تۈركچە يېزىلغان مەرسىيەلەرنى توپلىساق چوڭ بىر كىتاب بولىدۇ«.
      مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئابدۇقادىر داموللام توغرۇلۇق توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:«ئابدۇقادىر داموللام بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ ئاۋۋال خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئادەم. بۇ ئامنىڭ خىزمىتى بىزنىڭ پۈتۈن لىدېرلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئەلۋەتتە كاتتا بولغان. بۇ ئادەمنىڭ مەقسىدىنى بىلىپ قالغان قانخور خىتايلار بىزنىڭ ساتقۇن بايلىرىمىزنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن پۇل خەجلەش ئارقىلىق سۈيقەست يولى بىلەن بۇئادەمنى قەتلى قىلغان»
      مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەكۇر ئەسىرى توغرۇلۇق توختۇلۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:« مەرھۇم داموللام «تەجۋىد تۈركى»ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم 1912- يىلى تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشىر قىلدۇرغان ئىكەن. قالغان ئىككى ئەسىرىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا نەشىر قىلغان بولىشى ئېھتىمال دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ ئەسەرنىڭ شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى شۇ يەردىنكى، شەرقىي تۈركىستاندا تارىختىن بىرى ئۆتكەن ئۆلۈما - ئالىملار كىتاب يازسا ئەرەبچە ياكى پارىسچە يېزىپ قالدۇرغان. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا كىتناب يازمىغان ئىكەن. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى. چۈنكى ئەرەبچە ۋە پارىسچە كىتابلارنى مەدرىسە كۆرگەنلەر ئوقۇيالايدۇ. ئەمما ئاۋام خەلققە پايدىسى يوق. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەزكۇر 3 ئەسىرى ئۆز تىلىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن نامايىتى ئاممىباپ ئەسەرلەر بولغانلىقتىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستانلاردىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ شۆھرىتى چوڭ بولغان. چۈنكى بۇ ئۈچ مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىرى بولغان»تەجۋىد تۈركى« ئاۋام خەلققە قۇرئاننى توغرا ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۈگەتسە، «ئەقائىد زۆرۈرى» ئېتىقاد مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. «ئىبادات ئىسلامىيە» ناملىق ئەسىرى بولسا، ئىبادەتلەرنىڭ تەرىقىلىرى ۋە قائىدىلىرىنى ئۈگىتىدۇ. شۇڭا بۇ 3 ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان ئىدى.


مەنبە  ئىسلام ئابات

قىش كىلىپ باھارمۇ كىتىدۇ مانا
ياش قىرى دىمەيلام ئولدىغۇ  مانا
ئاگاھ بۇل ئۇلۇرسەن پۇشمىنىڭ بىكا

Posted: 2011-01-07 07:18 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1005
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1005 نوقتا
پۇل : 10050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1225(سائەت)

 

          ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان -- ئەھمەت مەزىن توغرىلىق ماتېرىيال بولسا يوللاپ قويغايسىز .

پاسخا ئارىلىغا بارغۇم بار .

Posted: 2011-01-07 13:15 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 693
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 693 نوقتا
پۇل : 6930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

ئەنە شۇنداق داڭلىق زاتلىرىمىزمۇ، ئۆز مىلىتىدىن چىققان پىتنە پاساتچىلار تەرپىدىن قەتلى قىلىنسا بىزدىكى بۇ ناچار ئللەتلەر مەڭگۈتۈگمەيدىغان ئوخشايدۇ،ئللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس دەپ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى قانداق بۇلار.
Posted: 2011-01-07 16:25 | 2 -قەۋەت


پەخىردىن 1536020101چ چ  229177410چ چ
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 2999
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3005 نوقتا
پۇل : 30050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:293(سائەت)

 

Quote:
1 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئۈرۈمچى . نىڭ 2011-01-07 13:15 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
          ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان -- ئەھمەت مەزىن توغرىلىق ماتېرىيال بولسا يوللاپ قويغايسىز .

ئابدىقادىر داموللامنىڭ.....  تارىخى....بۇ  تىمامدا چىقىدۇ  شۇنىڭدىن  كۇرۋالسىڭىز......   ئابدىقادىر داموللامنىڭ پەرزەنىت تەربىسىگە قارغان كۇزقارشى...دىگەن تىمامدا ئىلىنغان

قىش كىلىپ باھارمۇ كىتىدۇ مانا
ياش قىرى دىمەيلام ئولدىغۇ  مانا
ئاگاھ بۇل ئۇلۇرسەن پۇشمىنىڭ بىكا

Posted: 2011-01-07 22:20 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 492
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 493 نوقتا
پۇل : 4930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:35(سائەت)

 

مەنمۇ  بىلۋالدىم !
Posted: 2011-01-07 22:24 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 218
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 218 نوقتا
پۇل : 2180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:120(سائەت)

 

ھەقىقەتەن مەشھۇر بولۇشقا لايىق ئەسەركەن

ئۆزەمنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىدىم !

Posted: 2011-01-08 12:52 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 31
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 31 نوقتا
پۇل : 310 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:12(سائەت)

 

ئاللا  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز تۇزار .  بىلىم ئۈگەنمىگەن ياش ،تام تۈۋىدىكى تاش  .

Posted: 2011-01-08 15:13 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation