ئاساسىي تېما : مۇھەممەتجان راشىدىن - بالىلارئاۋاتلىقى:209ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



پەخىردىن 1536020101چ چ  229177410چ چ
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 2999
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3005 نوقتا
پۇل : 30050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:293(سائەت)

 مۇھەممەتجان راشىدىن - بالىلار

 مۇھەممەتجان راشىدىن - بالىلار



بىز كۆيگەندەك كۆيەمدىكىن بالىلار،
بىزنى بىزدەك سۆيەمدىكىن بالىلار؟
ئەجىر قىلدۇق،ئەجىر دىگەن ئۇلۇغ دەپ،
شۇ ئەجىرنى تۆلەمدىكىن بالىلار؟

بالا،دىسە بىرىپ كەلدۇق جىمىنى،
كەپتەر باقسا توشۇپ بەردۇق دېنىنى،
ئوي ئايرىسا سوقۇپ بەردۇق تېمىنى،
شۇ ئىشلارنى بىلەمدىكىن بالىلار؟

ھەيدەپ بەردۇق زىغىر،قوناق،كۈزگىمۇ،
ئېيتمىساممۇ بۇ ئىش مەلۇم سىزگىمۇ
جاھان تۇتۇپ بىركۈنلىرى،بىزگىمۇ-
بىز بەرگەندەك بېرەمدىكىن بالىلار؟

قىرغا كەتتى قىزلىرىمدىن بىرى يەپ،
كەتتى ئوغلۇم نەگە؟ دىسەم ئوۋغا!دەپ،
يىراقلاردىن تەلمۇرىمىز ھەپتىلەپ،
سېغىنغاندا كېلەمدىكىن بالىلار؟

قاداپ بەردۇق چىنلىلىرى چېقىلسا،
تىكىپ بەردۇق ئۇستى بېشى يىرتىلسا،
يۆلەپ قويدۇق ئىچىپ كەيىپ يىقىلسا،
بىزنى شۇنداق يولەمدىكىن بالىلار؟

ياشاپ كەلدۇق مىڭ تىرىلىپ،مىڭ ئۈلۇپ،
گاھىلىرى ئون يىغلىساق بىر كۈلۈپ،
مۇشەققەتنىڭ ئوتلىرىدا ئورتىلىپ،
بىز كۆنگەنگە كۆنەمدىكىن بالىلار؟

سۇغارماستىن سايە بەرگەن سىىدىنى،
ئويلىماستىن بىزدەك باغرى زىدىنى،
ئېلىپ قالسا ئەمما پۇلنىڭ ھىدىنى،
يەنىمىزدا ئۆنەمدىكىن بالىلار؟

بەزىلەر بار: ھاي دىسەكمۇ تىڭشىماي،
تېپىپ يۈرەر ئۆز يولىنى ئوڭشىماي،
قانداق قىلسۇن ئاتا-ئانا غىڭشىماي؟
ئاقنى چىكىپ ئۆلەمدىكىن بالىلار؟

كۆك ئاسماندىن كوڭلى يەرگە چۈشەلمەي،
كۆرۇپ تۇرۇپ ھالىمىزنى چۈشەنمەي،
بىز ئۆرىگەن يانچۇقلارغا ئىشەنمەي،
ئۆزى كىلىپ ئۆرەمدىكىن بالىلار؟

ئۇلار بىزنى ئۆل! دەمدىكىن،بىلمىدۇق،
ئۇلار بىزنى قۇل دەمدىكىن، بىلمىدۇق،
ئۇلار بىزنى پۇل دەمدىكىن بىلمىدۇق،
ئۆلسەك ھوزۇر سۈرەمدىكىن بالىلار؟

تالاي قىزلار تۇگەشتىغۇ پۇلنى دەپ،
ئالۋاستىغا ئەگەشتىغۇ پۇلنى دەپ،
يامانلارغا يۆگەشتىغۇ پۇلنى دەپ،
شۇنى يامان دىمەمدىكىن بالىلار؟

مودا دىسە ئاشۇ قىزلار دۈم چۈشتى،
مەيخانىدا مەس بولغۇچە مەي ئىچتى،
ئېيتىڭلارچۇ،مودا كىيىپ كىم ئۇچتى،
يالاڭغاچمۇ يۇرەمدىكىن بالىلار؟

بىزنى گاداي قىلىۋەتتى تويلىرى،
ھەشەمەتتۇر تامام خىيال-ئويلىرى،
ئۇنىمىساق تۇتۇپ قالار خۇيلىرى،
ياخشى گەپكە كىرەمدىكىن بالىلار؟

بېقىپ بەردۇق بالىسىنى نەۋرە دەپ،
بىر جاسارەت بولغاچ بىزدە سەۋرى دەپ،
قارىمىدۇق ئۇنى جاپا-جەبىرى دەپ،
بىزدىن رازى بولامدىكىن بالىلار؟

رىسقىڭ بىزدىن بولىۋەرمەس لوق دىسەك،
ئوز چوتۇڭنى شۇڭا ئۆزەڭ سوق دىسەك،
ئامدى ساڭا بىرەرمىز يوق دىسەك،
گېلىمىزدىن بوغامدىكىن بالىلار؟

قەدىمىدە رەستۇرانلار كۆزلەنسە،
ئەل ئاغزىدا يامانلىقى سۆزلەنسە،
ھەشەمەتتە نامراتلىققا يۇزلەنسە،
يەنە بىزدىن كۆرەمدىكىن بالىلار؟

بېقىپ قويدۇق يۇرت بالىسى بولسۇن دەپ،
پەرۋىش قىلدۇق گۇل-بالىسى بولسۇن،دەپ.
ئاغرىپ قالساق بىزدىن رازى بولسۇن،دەپ،
بېشىمىزدا تۇنەمدىكىن بالىلار؟

مەيلى ئۆتسۇن ئۇلار بىزنى جەبىرلەپ،
ئۆلۇپ كەتسەك قويار ئەمما قەۋرىلەپ،
قەۋرىمىزگە،شۇنداقتىنمۇ قەدىرلەپ،
قىزىل گۈللەر تېرەمدىكىن بالىلار؟

___مۇھەممەدجان راشىدىن


قىش كىلىپ باھارمۇ كىتىدۇ مانا
ياش قىرى دىمەيلام ئولدىغۇ  مانا
ئاگاھ بۇل ئۇلۇرسەن پۇشمىنىڭ بىكا

Posted: 2011-01-07 07:06 | [پۈتۈكچى]


ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 35 نوقتا
پۇل : 350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:14(سائەت)

 

بۇ شېئىرغا مەن بەك ئامراق.
رەھمەت،ساقلىۋالدىم.

كۆزدىن ئاچچىق ياشلار تۆكۈلمىگەندە بۇ دۇنيا كۆڭۈلنى ئاينىتقىدەك
دەرىجىدە تاتلىق بولغان بولاتتى

Posted: 2011-01-07 15:43 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 702
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 702 نوقتا
پۇل : 7020 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

نىمە دىگەن ياخشى يىزىلغان شىئېر بۇ؟.
Posted: 2011-01-07 16:32 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 415
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 415 نوقتا
پۇل : 4150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:137(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئۇچقۇن12345 نىڭ 2011-01-07 16:32 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
نىمە دىگەن ياخشى يىزىلغان شىئېر بۇ؟.
Posted: 2011-01-07 19:05 | 3 -قەۋەت


ياشلىقنى قەدىرلەڭ!!!!!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1577
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1580 نوقتا
پۇل : 15800 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:753(سائەت)

 

مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرنى مەن بەك ياقتۇرمەن!!!! رەخمەت سىزگە!!!!

ئەل بىلەن ئەر تاپار ئىستىقبال!!!!!

Posted: 2011-01-07 19:31 | 4 -قەۋەت


باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئادەم بولىمەن.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1201
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1201 نوقتا
پۇل : 12010 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:116(سائەت)

 

«كۆڭلۇم» دەپ بىر شىئىرى بولىدىغان ،،،،،،،،،،،

ئادەم مول تەجىربىگە ئىگە بولغاندا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بۇلىدۇ.

Posted: 2011-01-07 19:42 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 218
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 218 نوقتا
پۇل : 2180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:121(سائەت)

 

بۇ ئادەمنىڭ شىئېرلىرى ئادەمگە ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ .

ئۆزەمنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىدىم !

Posted: 2011-01-08 12:49 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation