ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
نۇرغۇن ئىىنسانلار نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ، گۇناھ –مەئسىيەتلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كۈنلىرى، ھەتتا يىللىرىنى بىخودلۇق ۋە بوشاڭلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋېتىدۇ ۋە زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنى ھېس قىلمايدىغان ۋە شەيتىنىدىن قاچمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ھەر بىر يامانلىقنىڭ ئارقىسىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا «ئىنساننىڭ ئوچۇق دۈشمىنى» بولغان شەيتان بولۇپ، شەيتان ئۇنىڭغا ئاللاھ توسقان يامان ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ-دە، ئۇ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يامانلىققا يامان كۆز بىلەن قارىمايدىغان، قارىيالمايدىغان، يەنە ئازراق ئۆتكەنسېرى، يامان ئىشلارنى «مەدەنىيلىك» دەپ قارايدىغان ياكى «مەدەنىيەتلىك» بولۇشنىڭ بىر نىشانىسى دەپ قارايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ خاراكتېرگە بۇندىن 1400 نەچچە يىل دىققەتلەرنى بورۇپ، ھەر بىر گۇناھنىڭ كىشىنىڭ قەلبىدە بىر قارا چىكىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، قارا چىكىت كۆپەيگەنسىرى قەلبىنىڭ قارىلىشىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۆزىنى مۇئمىن - مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتكەن. ھەقىقەتەنمۇ ئۆز تۇرمۇشىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق، بەش ۋاقىت نامازنى مەسچىتلەردە ئۆتەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن بىر ئىنسان، دەسلىۋىدە بىرەر ۋاقىت نامازغا چىقالماي قالسا، ۋىجدانى ئۇنى بىئارام قىلىدۇ، ئىككىنچى قېتىم تەكرارلانغاندا، «يەنە بىر نامازغا چىقارمەن» دەيدۇ، ئۈچىنچى قېتىم بولغاندا «قولۇمدىكى ئىشنى پىتتۈرۈۋېتىپ ئاندىن نامىزىمنى ئوقۇۋالساممۇ بولىدىغۇ» دەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ، كۆزگە ئىلمىغان كىچىك ئىشلارنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدە پەيدا قىلىدىغان تەسىرلىرىنىڭ بىر نامايەندىسى.
ئىنساننىڭ ياخشى ئىش ۋە ئادەتلەرگە قارىغاندا يامان ئىش - ئادەتلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى تىز كۆنۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئاللاھ تەئەلانىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمىگەنلىكى سەۋەبلىك جەننىتىدىن قوغلاندى قىلىنغان شەيتاننىڭ:«پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن»(ھىجر سۈرىسى، 39- ئايەتكە قاراڭ) دېگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ھەر قانداق يامان ئىشنىڭ ئارقىسىدا شەيتان بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يامان ئىشلارنى بورمىلاپ چىرايلىق ۋە پايدىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بولسا كېرەك!
ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، شەيتاننىڭ ئىنسانلارغا بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان كۈچى يوق. ئۇ پەقەت قۇرۇق ۋەدىلەرنىلا قىلىدۇ، ئىنسانلار بولسا، ئۇ قۇرۇق ۋەدىلەرگە ئالدىنىپ كېتىپ، توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىپ تۈگىمەس پۇشايمانغا قالىدۇ. بۇ ھەقتە شەيتانىڭ مۇنداق بىر ئىپادىسى قۇرئان كەرىمدە بىزگە بىلدۈرۈلمەكتە:
«ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى مۇتەكەببىر-ئەگەشتۈرگۈچى-لىرىگە: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە - پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ.
ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى. مەن سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت گۇمراھلىققا دەۋەت قىلدىم، سىلەر دەۋىتىمنى قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ.(ئىبراھىم سۈرىسى، 21-22- ئايەتلەر)
دېمەك، شەيتانلارنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە بېسىم ئىشلىتىش كۈچى يوق. يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر ئايەتلەرنىڭ بىرىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن. ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ مەن ساقلاشقا تېگىشلىك توغرا يولدۇر. مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەر مۇستەسنا». (ھىجر سۈرىسى، 39-41-ئايەتلەر).
شەيتانلار ئازدۇرالمايدىغان ئۇ تاللانغان بەندىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ
«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەننىتىكى سالاملىرى -«ئامانلىق»تۇر»(ئىبراھىم سۈرىسى، 23-ئايەت)
گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىشتا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم بىلەن يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ھەر ئىشىمىزنىڭ بۇ جىڭغا ئولتۇرۇپ - ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئۆلچەپ مېڭىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى دوست - يارەنلىرىمىزگە، ئەل - ئاغىنىلىرىمىزگە، ئارىلىشىۋاتقان، ئارىلاشماقچى بولغان كىشىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ باشقۇرۇشى باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان تېلىۋۇزوردىن ئىبارەت فىتنە كىرمىگەن ئۆي ئاساسەن قالمىغان ۋە ياش - ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە قۇرئان كەرىمدە تىلغان ئېلىنغان پەيغەمبەر ۋە باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىمىزدىكى قەھرىمانلارنى، ئەتراپىمىزدىكى تەقدىرگە لايىق مويسىپىتلىرىمىزنى... ئۈلگە قىلىشنىڭ ئورنىغا تېلىۋۇزوردىكى ناخشىچى، «چولپان»، «يۇلتۇز»، تەنھەرىكەتچى، پۇتبولچى... دېگەندەك كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىۋالغان، يېتىش نىشانى قىلىۋالغان بىر جەمىيەتتە ئاتا - ئانىلار، پەرزەنتلىرىمىزنى شۇئۇرلۇق ھالدا، ئىسلامى ئاڭ بىلەن ئاسراشقا، ئۇلارنى ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيلەپ چىقىشقا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىشلىرى لازىم. چۈنكى ھازىر بىز ياشاۋاتقان جەمىيەت، ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان، قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزلەشكەن بىر جەمىيەت بولماستىن، ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىش، يېڭىلىق، تەرەققىيات ۋە ھاكەزالارنىڭ ئاساسى قىلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ ئىسلام دىنىنى ياشاش ۋە ياشىتىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرىۋاتقان بىر جەمىيەتتۇر. بۇنداق بىر جەمىيەتتە بىز ئۆزلىكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلماقچى بولسا، كىملىكىمىزنى ساقلاپ قالماقچى بولساق، ھەممىدىن مۇھىمى بىر مۇئمىن - مۇسۇلمان بولۇپ ياشىماقچى ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ دىننى ياشاتماقچى بولسا، قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتكە ھەقىقى رەۋىشتە باغلىنىشىمىز، چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇشىمىز - ئوقۇتۇشىمىز ۋە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بولمىسا «مۇسۇلمان» دەپ قويۇش بىلەنلا مۇسۇلمان بولغىلى ۋە جەننەتكە كىرگىلى بولمايدۇ.
ئاللاھ تەئەلا پەيغەمبەر ئەلەيھسسىالامنىڭ جاپاكەش سەپداشلىرى بولغان ۋە پۈتۈن بارلىقىنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پىدا قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىسى بىلەن بىرلىكتە يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن پىداكار جەڭچىلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئمىنلار ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر»(بەقەرە سۈرىسى، 214 - ئايەت)
ساھابىلارغا ۋە بۈگۈن بىزگە خىتاب قىلىۋاتقان بۇ ئايەتنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن ساھابەنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشىمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى مۆلچەرلەپ بېقىپ، شۇنىڭغا كۆرە ھەرىكەت قىلساق بولىدۇ.
بۇ يەردە بۇيەردە تۇتۇلغىنى سەن نېمە قىلساڭ، ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۆزۈڭنىڭ ھالىغا يارىشا ھەرىكەت قىل دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئۇچرىغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقلىرى ۋە سەمىمىيەتلىرى تۈپەيلى ھايات ۋاختىدىلا قىلغان:
«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ تىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر»(تەۋبە سۈرىسى، 100 - ئايەت) ئوخشاش خوشخەۋەرلەرنىمۇ ئالغان كىشىلەرگە ئوخشاش خوشخەۋەرلەرگە نائىل بولغان ئۇ مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش پۈتۈن ئىشلىرىدا قۇرئان كەرىمنى ئاساس قىلغان ھالدا ياشاشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بىز قولىمىزدىن كەلگەننى قىلغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھ تىرىشقۇچىلارنىڭ تىرشچانلىقىنى بىكارغا كەتكۈزىۋەتمەيدۇ.
«كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»(زەلزەلە سۈرىسى، 7-8 - ئايەتلەر)
«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە شادلىق ۋەسىلىسى بولىدىغان ئاياللار ۋە ئەۋلادلار بەرگىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن»
مەن تۆۋەندە ناچارلار بىلەن ئارلىشىش ئارقىلىق يامان يولغا كىرىپ قالغان بىر قىزچاقنىڭ ھېكايىسىنى قويۇپ قويدۇم، پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تەۋبىكار قىز دەيدۇكى، نامازنى تاشلاپ، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇمايدىغان ۋە ۋاقىتلىق لەززەتلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشكە باشلىغانسېرى ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ كەتتىم ۋە ئازغۇنلارنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ياشلىق باھارىمنى بىكارغا ئۆتكۈزەتتىم، كېچىلىرىم تېلىۋۇزورنىڭ ئالدىدا ئۆتۈپ كېتەتتى. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېلىۋۇزورلاردىكى يالىڭاچلار مېنىڭ يولباشچىم بولۇپ قېلىپ، قارىغۇلارچە ئۇلارنى دورايتتىم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەندىكى شەرمى- ھايا تۇيغۇسى يوقاپ كەتتى ۋە ئەخلاقىم بوزۇلۇپ كەتتى...
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاساسى قىلىپ ئېيتقاندا بارلىق قىممىتىمنى قوقاتقاندىن كېيىن ھوشۇمغا كېلىپ، ئۇنىڭ مەن پېتىپ كەتكەن گۇناھ پاتقىقىدىن مېنى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىت قىلغان ھالدا چىن قەلبىمدىن ئاللاھقا يۈزلىنىشكە باشلىدىم. گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشى ۋە مېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھېلاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە قايتىدىن پېتىپ قالماسلىقىم، ئەسلى تەبئىتىمگە قايتىشىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تا قىيامەتكىچىلىق دۇنيا غۇربەتچىلىكىدە يولباشچىم ۋە مۇڭدىشىمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلاتتىم.
مەنبە ئۇيغۇرئىسلام تورى [url=http://www.uyghurislam.com/read.php?tid-999-fpage-2.html]http
[ مەزكۇر پۈتۈك پەخىر0903 تەرىپىدىن 2011-01-07 07:05 دە تەھرېرلەندى. ]