ئاساسىي تېما : يۇرتنى سېغىنىشئاۋاتلىقى:84ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



قەرىزدارمەن...
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 56
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 56 نوقتا
پۇل : 560 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:13(سائەت)

 يۇرتنى سېغىنىش

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك nazar تەرىپىدىن مەدەنىيەت - تارىخدىن يۆتكەلدى.(2011-01-07)
يۇرتنى سېغىنىش

يۈدۈپ كەلگەندەك ئاسماننى،
بۇ شەھەردىمۇ يەلكەمدە قار.
سۆگەتلىرى ئوخشاش،
لېكىن،
تۈپ تۈۋىدە كۆرۈنمەيدۇ يار.
تەرك ئىتىپ،
ئاتا -ئاناڭ خاقانلىقىنى،
ئەسكى شەھەرنى قىلغاندا ۋەتەن.
ساڭا گىپى بار،
ئۇۋىسىراپ كەتكەن قۇشلارنىڭ...
ئەي سەرگەردان،
بىكەتتە،
نىمىنىدۇر ساقلاپ تۇرغاندا سەن،
ئالتۇن چىش سېلىۋالغان بىلەن.
بودەك ئاشپەز، ئايال تېلەمچى،
سېغىنارمۇ يۇرتىنى بەلكىم-
مەن نىمە بىلەي؟!
بەرىبىر،
نۇرغۇن كىشى باقماقتا جان،
بەكمۇ ئاران،
ھەي!ھەي!.....

-ئۈرۈمچى20110107.


كىم بولسۇنكى دىل ئازار،
ئۇنىڭدىن<<خۇدا>> بىزار.

Posted: 2011-01-07 04:07 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 685
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 685 نوقتا
پۇل : 6850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

كىشىنىڭ شەھرىدە سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇل تان بول دىگەندەك،يۇرت مۇھەببىتىگە ھىچنىمە يەتمەيدۇ،دۇنيادا يۇرتىغا مۇھەببىتى يوق ئادەم بولمىسا كېرەك.
Posted: 2011-01-07 16:53 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation