ئاساسىي تېما : ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزلەپئاۋاتلىقى:108ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئۆز نەپسىنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئادەم قابىلىيەتلىك بول& ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 1232
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1240 نوقتا
پۇل : 12400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2561(سائەت)

 ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزلەپ

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
                            ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزلەپ
قەدىرلىك قېرىندىشىم ،ساڭا سالام، جانابى ئاللاھ نىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن
ھاياتنىڭ مەنىسىنى غۇۋالىشىپ كەتكەن ۋە غۇۋالاشتۇرىۋېتىلگەن بىر زامان-ماكاندا ياشاۋاتىمىز. يەپ ئىچىش،كۆڭۈل ئېچىش غايىگە،ئارزۇ ئىستەككە ئايلىنىپ ياشلارنىڭ قەلبىنى چىرماپ ئالغان دەملەردە سېنىڭ "ھاياتنىڭ مەنىسى نېمىدۇ؟" دەپ سورىشىڭ مېنىڭ چەكسىز بىر ئۈمۈدكە بولغان سېغىنىشتىن تولىمۇ ھارغان قەلبىمگە قايتىدىن ماغدۇر كىرگۈزدى. سېنىڭ بۇ سۇئالنى سورىشىڭ ماڭا ئارىمىزدىكى ئۆلۈكتەك جىملىقنى بۇزغۇچى بىر چېقىلغۇ بولۇپ تۇيۇلدى...قەلبىم بىر ئىپتىخارلىق تۇيغۇدا...ئۆزىنى ئەسلەشنىڭ...يارىتىلىش ھىكمىتىنى تونۇشنىڭ...ھىساب مەيدانىغا تەييارلىق قىلىشنىڭ تەقەززا قەدەملىرىنى تېزلەتتى.
مەجبۇرلىقتىن ۋە خاتا باسقان قەدەملەردىن ئىنسان ئۆز خۇلقىنى بىلىشكە ۋە گۈزەل خۇلۇقلارنى ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
ئەمما بۇ تەكلىپ چىرايلىق يېزىلغان تەكلىپ باغاقچىسىدەك ياكى بىرلىرىگە سوۋغا قىلغان چىرايلىق ئەتىرگۈلدەك بولماستىن بەلكى ھاياتتىكى ئوڭۇشسىزلىق ،خاتا ھۆكۈملىرىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت ۋە بىز ياقتۇرمايدىغان ھادىسىلەر ئىچىگە قىستۇرۇلغان بولىدۇ.
شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ سىز ئۈچرىغان ھەربىر مۇسىبەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەردە سىزنى ھاياتىڭىزنىڭ مەنىسىنى تېپىۋېلىشڭىزغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئاجىز قەلبىمىز  ھەر ھادىسىگە يوشۇرۇنغان ھىكمەت پەردىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەبەدىي بىر شادلىقنى ھىس قىلىشقا ۋە بىلىشكە ئاجىز كېلىپ بۇ تەكلىپلەرنى بىلىپ بىلمەي رەت قىلىپ تاشلايدۇ. گەرچە سىز جانابى ئاللاھ ھادىسىلەر تىزىمى بىلەن سىزگە ئەۋەتكەن تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ تاشلىسىڭىزمۇ ئەمما ئۇ سىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ،بەلكى سىزنىڭ روڭىزنىڭ كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن سىز ئۇچرىغان مۇسىبەتلەرگە بىر ياخشىلىقنى ھەمراھ قىلىپ قويىدۇ. ھايات ئۇدا بۇ ھادىسىلەر تىزىمى ۋە ياخشى-يامانلىقنىڭ تەرتىپى بىلەن داۋاملىشىدۇ. بۇ ھاياتتا بىر مەتە ياشايسىز،بۇ كېيىنكى ھاياتىڭىزنىڭ قايسى خىل ھالەتدە داۋام قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىزنى تونۇۋېلىڭ دېگەن سادا سىز ياشىغان ھەر لەھزىنىڭ بېشىغا ئېسىلغان،سىز تىنغان ھەر تىنىقىڭىزغا ھىملەشكەن،سىز ئويلىغان ھەر بىر پىكىر ئۈزۈندىڭىزگە ئۇلانغان ھالەتدە بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئۇستازىدىن سوراشىتى :
-ئۇستاز ،بىزنىڭ يارىتىلىشتىكى سەۋەبىمىزنى بىزنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىش دېدىلە، ئۇنداقتا بىز ياشاۋاتقان بۇ ھاياتنىڭ مەنىسى قايسى خىل ھالەتدە ۋە قانداق ۋاقىتتا زاھىر بولىدۇ ؟
- سىلەر ياشاۋاتقان بۇ ھاياتنىڭ مەنىسى ،سىلەرنىڭ ھەقىقەت يولىدا ھەقىقەتنى جان تىكىپ قوغدايدىغان جەڭچىلەردىن بولىشىڭىلار بىلەن زاھىر بولىدۇ.- دەپ جاۋاب بەردى ئۇستاز.
ئوقۇغۇچىلار بۇ جاۋاپتىن ئۆز روھلىرىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر ئىزگۈ كۈچنى بايقاشتى...ۋە ئۆز ياشاش جەريانىدا ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن ھەقنىلا سۆزلەيدىغان،ھەقنىلا ئاڭلايدىغان،ھەقكىلا بويسۇنىدىغان،ھەق ئۈچۈنلا تىنىدىغان ،ھەق ئۈچۈنلا ياشايدىغان ۋە ھەق يولدا جانلىرىنى تەقدىم قىلىدىغان ئېرادىگە كېلىشتى.
ئۇلار ھەق ئاتا قىلغان ھەقىقىي ئىرادىلىرى بىلەن ياشىدى... ۋە شۇ ئىرادىلىرىنى باغاشلاپ جان تەسلىم قىلدى... ئۇلارنىڭ ھايات سەھنىسىدە زاھىر بولغان ھاياتنىڭ مەنىسىدىن نۇرلانغان سىمالار ئۇستاز سۆزىنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
ئاللاھ تەئالا كىتابى قۇرئاندا شۇنداق دەيدۇ:"بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق ئۇ (بۇ تەۋسىيىنى) يادىدىن چىقاردى ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق" (سۈرە تاھا 115-ئايەت)
بىر ئاجىز ئىنسان " ئىرادە ئاجىزلىقى بارلىق خاتالىقنىڭ مەنبەسى ."دەيدۇ.
يەنە بىر ئاجىز ئىنسان " ئۆز ئىقتىدارسزلىقىڭ بېشىڭغا كەلگەن بەختسىزلىككە سەۋەبلىك." دەيدۇ.
ۋاقىت ۋە باشقا سەۋەبلەر ئېتىبارى بىلەن بۇ خېتىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي.
قېرىندىشىم،ساڭا جانابى ئاللاھ تىن ھەق يولىدا كۈچلۈك ئىرادە، ئۆز دوستلىرىنى ۋە دۇشمەنلىرىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ، بۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان ئىقتىدار،ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن

بىر كۆرۈپ قىلمىغىن گۈزەلگە ھەۋەس،قەلبىنى بىلمىسەڭ قىلار سىنى پەس

Posted: 2011-01-07 01:32 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 12
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 12 نوقتا
پۇل : 120 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

ناھايتى ياخشى تىمىنى يوللاپ سېز.
ئىنسان ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۇن ياشايدىغانلىقى نېمە ئۈچۇن يارتىلغانلىقى ۋە ھاياتنىڭ قانداق مەنىسى بار ئىكەنلىكى
توغرىسدا چوقۇم ئويلىنىش قىلشى كىرەك.
چۈنكى تەپەككۇر شۇنىڭ ئۈچۇن يارتىلغان!
سېزگە رەخمەت.ھارمىغايسېز،داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللىشىڭىزغا تىلەكتاشمەن!
Posted: 2011-01-10 03:08 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation