ئاساسىي تېما : سابىت داموللامنىڭ تەپسىلىي تارىخى [پەخىر]ئاۋاتلىقى:181ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



پەخىردىن 1536020101چ چ  229177410چ چ
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 2999
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3005 نوقتا
پۇل : 30050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:293(سائەت)

 سابىت داموللامنىڭ تەپسىلىي تارىخى [پەخىر]


رەسىم:

سابىت داموللام ئابدۇباقى كامالى 1883 - يىلى، (ھىجىرىيە- يىلى) ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقىغان. 1910 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، ئىلىغا كېلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشىنىڭ قىزى رابىيە بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، << رەستە ۋەقەسى >> سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجرىشىپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەرخانلىق مەدىرىستە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇ ددەررىسلىك قىلغان .

شەمسىدىن تۈردى داموللام (1874 -- 1934) سابىت داموللام بىلەن دېمەتلىك كىشى بولۇپ، ئاتۇشنىڭ تۆركۈل كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. قەشقەر ۋە بۇخارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرىتلىرىدا ھەم ئالىملاردا ئوقۇپ، ھىندىستان، ئەرەبىستاندىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن ئىلمىي سوھبەتلەردە بولغان ئۇلارنىڭ چوڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكەن. شەمسىدىن داموللام سىستېمىلىق بىلىم ئالغان كىشى بولۇش سالاھىتى بىلەن، دىني ۋە پەننىي ئىلىم ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. بولۇپمۇ تىل - ئەدەبىيات، مەنتىق (لوگىكا) ، ئاسترونومىيە، شىئېرىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن . << ئولموھا توزمۇچەيىن >> ، << مۇھىمماتىز - زەۋجەيىن >> (ئاياللارغا دائىر مۇھىم ئەخلاق - پەزىلەتلەر) قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1910 - ۋە 1920 - يىللىرى شىەمسىدىن داموللامنى پاناھ تارتىپ، ئۇنىڭغا شاگىرىت بولۇش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن. مەسىلەن، خوتەندىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، غۇلجىدىن تىيىپزات تاھىرى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر خانلىق مەدرىسكە كېلىپ، شەمسىدىن داموللامدىن دىنىي ۋە پەننىي ئىلىملەرنى ئۇگەنگەن. تەجەللى بىلەن ئالاھىدە يىقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ھەم مۇشائىرە يىزىشىپ تۇرغان. دېمەك، غولجىدىن قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام قەشقەردە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ۋە مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەر تەۋەسىدە مۇتەئەسسىىپلىككە، خۇراپاتلىققا، قۇلچىلىققا، نادانلىققا جاھانگىرلىككە قارشى ھەققانىي ھەركەتلەرنى تەشكىللىگەن .

1924 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەسىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەسىتچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925 - يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يېنىپ چىققان ھەم ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، 1927 - يىلى، << شىرىنكالام >> دېگەن كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۈرەدە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ كىتاب كېيىن ھىندىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان .

سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردە ھەم تۈركچە، ئەرەپچە، پارىسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۇرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسىرىي، بەزىدە نەزمىي بىلەن سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927 - يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھرىدە دەڭ مەسچىتىدە << قۇرئان كەرىم >> نى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن << ئىسلام قانۇنى >> ، << ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى >> (بۇ ئىبىن مالىك دېگەن ئالىمنىڭ ئالفىيەسىگە قىلغان شەرھى ۋە ھاشىيىدۇر) ، << ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۇننەت >> دېگەن كىتابلارنى يازغان. 1930 - يىلى غولجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمسىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان .

1931- يىلى باھاردا، ئۇ ھەج تاۋابىنى ئاداقىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئوغلى بىلەن بىللە كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان (بەزى كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، سابىت داموللام، ھەج تاۋاپ قىلىش جەريانىدا تاتار لاردىن چىققان مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ بىلەن كۆرۈشكەن . سابىت داموللام، مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ، شەمسىدىن داموللام ئۈچەيلەن سابىت داموللىنىڭ << ئىسلام قانۇنى >> ناملىق كىتابى ئاساسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھىغا دۆلەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن) . سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن بولغان ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان .

سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا ۋە تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتەبولۇپ، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1932 - يىلى ھىندىستانغا كېلىپ دېھلىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەم << ئاقائىدە جەۋھەريەت، بايان ئەل سۈننەت >> ، << ئالفىيەنىڭ شەرھىسى >> ، << شىرىن كالام >> ناملىق كىتابلىرىنى باستۇرغان.

سابىت داموللام 1932 - يىلى 12 - ئايدا، قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان . 1932 - يىلى 1 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قارىقاش ئويباغ مەدىرىسىدە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1931 - يىلى 6 - ئايدا قۇرغان يوشۇرۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىر يۈز ئوتتۇز كىشى يىغىن ئېچىپ، سابىت داموللام بىلەن قارىقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئەزالىققا قۇبۇل قىلغان ھەمدە قوزغۈلاڭ كۆتۈرۈش كۈنىنى بەلگىلەش، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىپ بىكىتكەن.

سابىت داموللام ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:
بىرىنچى، بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتىدا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ئىنقىلابىمىزغا ياردەم كۈتمەك مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم،
ئىككىنچى، ئىنقىلابنىڭ قوزغۇلۇش نوقتىسى خوتەندە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم .
سابىت داموللام رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا << قۇرئان >> ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بولۇپمۇ جىھات توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئومومىي بىر پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا كۈچ چىقاردى .

1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قارىقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933 - يىلى 4 - ئايغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . شۇنىڭ بىلەن 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى << ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەت خوتەن >> دېگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغان .

1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللاملار يەكەندىكى چاغدا، قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقى توغرىسىدا سابىت داموللاملار بىلەن كېڭىش ئۆتكۈزگەن . سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىغان .

(ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنىي مەلۇماتى يۇقىرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇكىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەسىت قىلىش سۇيىقەستىگە قاتناشقان ، ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر سىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ما جەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 - يىلىدىن كېيىن، يەنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان . 1935 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكە بويىچە ئېچىلغان << ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى >> گە قاتناشقان . قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم ئۇنىڭ << ئالتە بۈيۈك سىياسىتى >> نى تەشۋىق قىلغان .

1936 - يىلى 5 - ئايدا، شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشىۋېكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكۇسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا - سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان . شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت سىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېچىدە، ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئولتۇرگۈزۈۋەتكەن. شېڭ شىسەي مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇ ئىشىغا غەزەپلىنىپ، مەھمۇت سىجاڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن ئەمەت قۇل ھاجىنى ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن.)

ئەنە شۇ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام سابىت داموللاملار بىلەن يەكەندە قىلغان كېڭىشتىن كېيىن، بەزى كىشىلەرگە، ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرىمىز دېگىنى نېمىسى؟ ماجەنساڭلارغا كۇچى يېتەمدىكەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، سابىت داموللامنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلغان. تۆمۈر سىجاڭنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۇشكە مەسئۇل بولغان بىر كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئىمىر ئابدۇللاغا ئېيتىپ قويغان.

قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئەتىسى قايىتماقچى بولغاندا، ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مانسۇر) ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ قېلىپ نەزەربەند قىلىپ قويغان. ۋەكىللەر قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ يەكەندىكى كېڭىشتە بولۇنغان سۆزلەرنى ۋە ئىمىر ئابدۇللانىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى نەزەربەند قىلىپ قويغانلىقىنى تۆمۈر سىجاڭغا يەتكۈزگەن. تۆمۈر شىجاڭ بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، قەشقەر ئولىمالىرىدىن يەنە ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ يەكەنگە ئەۋەتكەن . ئىمىر ئابدۇللا ۋەكىللەرگە: ئابدۇغوپۇر شاپتۇلنى ھازىر قوشۇپ بېرىمىز، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پىتنە - پاسات تارقاتمىسۇن! دەپ جىكىلىگەن .

سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا يىتەكچىلىكىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېڭىسارغا يېتىپ كەلگەندە، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللاملارنىڭ قەشقەرگە بارماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا ئۆز پىكرىدەە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ .

قەشقەردىكى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجىم لۈيجاڭ، سېتىۋالدىجان (ئۆزبېك، قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن باسمىچىلارنىڭ باشلىقى) ، كىچىك ئاخۇن تۈئەنجاڭ قاتارلىقلار ئالتە يۈزدەك ئەسكەر بىلەن، ئوسمان پاشا (لۈيجاڭ) ، ئۇراز تۈئەنجاڭلار باشچىلىقىدىكى قىرغىزلار تۆت يۈز قۇشۇن بىلەن سابىت داموللىنى كۈتۈۋالغىلى چىقىدۇ. ئون مىڭلىغان شەھەر پۇقرالىرى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئېلىشىدۇ.

سابىت داموللام، ئىمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوشۇنلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تۆمۈر سىجاڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىدىماي، 1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجى، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلارغا بۇيرۇق بېرىپ، سابىت داموللام ۋە شاھ مانسۇر تۇرغان ئورۇنلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرغان ھەمدە سابىت داموللام بىلەن شاھ مانسۇرنى ياۋاغدىكى بىر ھويلىغا نەزەربەند قىلىپ قويغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۆمۈر سىجاڭغا ماجەنساڭدىن تارتىپ ھەممىسى قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا << سىلىڭ >> لىق تامغىسىنى تاپشۇرغان. تۆمۈر سىجاڭ بۇ تامغىنى بىر كۈن شەھەر ئايلاندۇرۇپ داغدۇغا قىلغان. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ئوسمان پاشا 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ئۆز يۇرتى قىزىل ئۇيغا چىقىپ كەتكەن. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ماجەنساڭ تۆمۈر سىجاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ماجەنساڭنىڭ قولىغا ئۆتكەن. سابىت داموللام بۇ چاغدا يۇرتى ئاتۇشقا چىقىپ كەتكەن. تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنى ئىلكىگە ئالغان ھەمدە تۆمۈر سىجاڭغا تەۋە قوشۇنلارنى ئۆزىگە قوشىۋالغان .

ئوسمان قەشقەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، سابىت داموللام ئاتۇشتىن قەشقەرگە كېلىپ، ئوسمان بىلەن كۆرۇشكەن. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆرنىغا << شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى >> نى قۇرغان .
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا، ئەينى مەيداندا بار بولغان سەيپىدىن ئەزىزى كېيىن << ئۆمۈر داستانى >> ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق يازغان: << شۇنداق قىلىپ، ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مىلادى 1933 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقاردى. بۇ بايراق ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىپ، < جۇمھۇرىيەت > قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، < ھۆكۈمەت > ئىسىملىكى، ئاساسىي قانۇن ۋە < دۆلەت شېئىرى > ئېلان قىلىندى >> .

<< قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى >> نىڭ 1 - قىسمىدا چاڭ شېياڭ مۇنداق يازغان: <<11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى) كېچىدە < شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى > قەشقەر كونىشەھەردە يىغىن چاقىرىپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. < تەشكىلىي پروگرامما > قاتارلىق ھۈججەتلەرنى ماقۇللىدى .
11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھاكىمىيىتى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ تۈمەن دەرياسى بويىدا، يەنى ياۋاغ كۆۋرىكىنىڭ يېنىدا، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. سابىت داموللام ئۆزى < دۆلەت ئىشلىرى باش ۋەكىلى > بۇلدى. ئاقسۇدا تۇرىۋاتقان خوجىنىياز ھاجىغا دۆلەت رەئىسى ئورنىنى قويۇپ قويدى. سابىت داموللام ئۇزۇن سۆز قىلدى. سۆزدىن كېيىن، شەھەردە نامايىش قىلىندى.

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سابىت داموللام شۋېتسىيە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋەكالەتخانىسىنىڭ قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىر لىكىدىكى باسمىخانىسىدا < شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى > نى (بەزىلەر < يېڭى ھايات گېزىتى > دەيدۇ) چىقاردى. يېرىم ئايدىن كېيىن، < مۇستەقىللىق > ئايلىق ژۇرنىلى چىقىرىلدى، ئۇنىڭدا، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھوججەتلەر بېسىلدى، كەڭ كۆلەمدە جامائەت پىكرى تاييارلاندى >>.

يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر << ئويغانغان زېمىن >> ناملىق رومانىنىڭ 2 - قىسمىدا مۇنداق يازغان: << . . . ئۇنىڭدا جۇمھۇرىيەت رەئىسى خوجىنىياز ھاجىم دېيىلگەن كېيىن، سابىت داموللام (ئاتۇش) باش ۋەكىللىككە، جانىبېك قازى (قىرغىز) مۇئاۋىن باش ۋەكىللىككە، زېرىپ قارا ھاجى (ئۆزبىك) ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە، قاسىمجان ھاجى (خوتەن) خارجى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (قەشقەر) مائارىپ مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇللاخان(ئۆزبىك) سەھىيە مىنىستىرلىكىگە، مەھمۇت موھىتى (تۇرپان) ھەربىي قۇماندانلىققا، ئورازبېك (قىرغىز) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە، يۈسۈپجان قۇربېشى (ئۆزبېك) باش شىتاپ باشلىقلىقىغا، ئۇبۇل ھەسەن ھاجى (ئاتۇش) سودا - دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىگە، شەمسىدن داموللام (ئاتۇش) ئەۋقاپ < ۋەخپە > ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە، مۇھەممىدىن ھاجى (قەشقەر) ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلگەنىكەن >>.

1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان << شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى >> سىتالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوجىنىياز ھاجىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى يوقىتىشنى پىلانلىغان .

1934 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇلۇغچاتقا تەۋە ئەركەشتامدا، سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى خوجىنىياز ھاجىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە مۇئاۋىن رەئىس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، خوجىنىيازنىڭ ئۇلۇغچاتتىكى ئىسھاقبېك تۈئەنجاڭ بىلەن بىرلىشىپ ۋە شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن ماسلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تىنچلاندۇرۇشنى شەرت قىلغان. خوجىنىياز ھاجى سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە كۆنگەن ھەمدە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان.

1934 - يىلى 4 - ئايدا، خوجىنىياز ھاجى يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى، شەمسىدىن داموللا، ئابلاخان سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشىنى نەزەربەند قىلغان. 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەھمۇت سىجاڭ قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭنى قاغىلىققا ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى قولغا ئالغان. خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكىى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

سابىت داموللامنى شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. لېكىن، ئۇ مەھمۇت سىجاڭ قوماندانلىقىدىكى مىللىي قىسىمنى قەشقەردە قالدۇرۇشنى شەرت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، مەھمۇت سىجاڭ قەشقەردە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولغان ئالتىنچى دىۋىزىيىنىڭ (كېيىنچە يەتتىنچى دىۋىزىيىگە ئۆزگەرتىلگەن) سىجاڭى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورۇنغا ئىگە بولغان.

سابىت داموللام 1934 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان. خوجىنىياز ھاجىمۇ 1937 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى << ياپۇن جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى >> دېگەن تۆھمەت بىلەن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ زىندانغا تاشلانغان . خوجىنىياز ھاجى 1938 - يىلى سىتالىن ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تەربىيىلىنىپ ئۈرۈمچىگە - شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ھاشىم ھاجى دېگەن كىشى تەرىپىدىن سىرتماقتا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن . خوجىنىياز ھاجى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سابىت داموللامنىمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ بولدى دەپ قاراشقان. لېكىن، سابىت داموللام 1940 - يىلىغا كەلگىچە ھايات ساقلانغان. 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى لۇ بىندى ئىسىملىك خۇيزۇ سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ قالغان. لۇ بىندى سابىت داموللامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا << قۇرئان كەرىم >> بىلەن قەغەز - قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن ھەم سابىت داموللامنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، سابىت داموللام << قۇرئان كەرىم >> نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە - تەفسىر قىلىشقا كىرىشكەن. ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ تەرجىمە - تەفسىرىنى تولۇق تاماملىغان.

سابىت داموللا << قۇرئان كەرىم >> نىڭ تەرجىمە - تەفسىرنى تاماملاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1941 - يىلى ئەللىك سەككىز يىشىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان.
مەنزىل: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان< <مەمتىلى ئەپەندى >> ناملىق كىتاب .

قىش كىلىپ باھارمۇ كىتىدۇ مانا
ياش قىرى دىمەيلام ئولدىغۇ  مانا
ئاگاھ بۇل ئۇلۇرسەن پۇشمىنىڭ بىكا

Posted: 2011-01-06 22:08 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 319
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 319 نوقتا
پۇل : 3190 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:413(سائەت)

 

ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتلىغاندا ئۇرۇمچىدىن ئىنقىلابىنى باستۇرغىلى  غۇلجىغا كىلىپ پارتىزانلار تەرپىدىن ئىتىپ ئولتۇرۇلگەن لىيۇ بىندى ،،يۇقارقى خۇيزۇ لىيۇ بىندى شۇغۇ دەيمەن،،،!

دۇنيا مىھرى مۇھەببەتكە تۇلسۇن!

Posted: 2011-01-06 23:54 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 298
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 298 نوقتا
پۇل : 2980 RMB

تۆھپە قىممىتى: 3 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:193(سائەت)

 

بۇ« بۆلگۈنچى»  بوۋىمىزنىڭ قىلغان ئىش پائالىيەتلىرى ناھايىتىمۇ كۆپكەن.
[ مەزكۇر پۈتۈك كۈلپەت تەرىپىدىن 2011-01-07 00:41 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2011-01-07 00:28 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 415
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 415 نوقتا
پۇل : 4150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:137(سائەت)

 

ھەي  
Posted: 2011-01-07 14:09 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation