ھوزۇرىڭغا قىش كەپتۇ،رومال ئاتقىن بىشىڭغا.
ۋىسال تاپسۇن ئاپپاق قار كىرپىكىڭدە چىچەكلەپ.
بىقىپ قالدىم بىر ھازا يىراقتىكى تاغلارغا،
ئاق چوققىنى كورگەندە ئىلھاملىرىم تىپچەكلەپ.
سۇت ئۇيقىدا خىرامان ياتار ئەنە تەبىئەت،
دەريالىرىڭ مۇز تۇتقان ئاق رومالغا ياندىشىپ.
مەن كورگىنىم ئاق رومال يەنە دەرەخ ئارچىمۇ،
قاردا قالغان قىزلاردەك باشلىرىنى ئىگىشىپ.
كوكتىن چۇشكەن ئاق شايى يارىشىپتۇ ھەممىگە،
ئاق چىچەكتىن بىر يولى گۇل چەككەندەك مەڭزىگە.
سەھرالىرىڭ ئۇيقىدا توشقان ئۇيغاق پەقەتلا،
مانا سەھەر يول ئاپتۇ ئوزۇق ئىزلەپ مەلىگە.
ئاخشاملىرىڭ ئايدىڭدەك كۇندۇزلەردىن قىلىشماس.
پىچىرلاشسا ئاشىقلار كوشەندىلەر ئاڭلىماس.
ئىيىتقان
ناخشام بىر يولى سىڭىپ كەتتى قوينۇڭغا،
بۇنداق سەھنە جاھاندىن ھىچ بىر يەردىن تىپىلماس.
ئاق پەسىلدە ھەر كىچە ئاق رومالنى چۇشەيمەن.
تىلەپ يەنە بەختىڭنى ھەر كۇن ياققان قار بىلەن.
ئارمانلىرىم ئۇخلىماس،خىياللىرىم مۇگدىمەي،
شىرىن سوھبەت ئىلكىدە ئايلىنىمەن سەن بىلەن.
مەنبە:دۇستۇم،كەسىبدىشىم يازغان شىئىر،