ئاساسىي تېما : 20 دوللارلىق ۋاقىتئاۋاتلىقى:157ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 623
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 623 نوقتا
پۇل : 6230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:418(سائەت)

 20 دوللارلىق ۋاقىت

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،مان گېزىت كۆرىۋېتىپ بۇ ھىكايىنى ئوقۇدۇم ،ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى.بۇلۇپمۇ ئاتا بولغۇچىلار ئىشتىن چۈشۈپ ئويگە بارغاندىن كىيىن بىربولسا تېلىۋىزور كۆرىمىز،بىر بولسا دوسلار ئولتىرىشىغا بارىدىغانلارمۇ بار،بالىلىرى بىلەن ۋاقىت چىقىرىپ ئوينايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن.بىز بولۇپمۇ ھەربىر ئاتا بولغۇچىلار مۇشۇ ھىكايىنى ئوقۇغاندىن كىيىن   بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرىمىزنىڭ دەردىنى تىڭشاپ قويايلى!...


                              20 دوللارلىق ۋاقىت
                                           ھىكايە
                          مۇستافا مەئۇرجانوۋ(ئۆزبېكىستان)
     ئىشتىن ھېرىپ-چارچاپ كەلگەن دادا سەككىز ياشلىق ئوغلى بىلەن ئىشىك ئالدىدا دوقۇرشۇپ قالدى.ئوغلى ئۇنى كۆرۈپلا:
     _ دادا،بىر سائەتتە قانچە پۇل تاپىسىز؟ - دەپ سورىدى.
     تۇيۇقسىز سورالغام بۇ سۇئالدىن ئەجەپلەنگەن دادىسى:
     - سەن تېخى كىچىك،بۇنى بىلىشىڭنىڭ ھەجىتى يوق، - دىدى قاپىغىنى تۈرۈپ.
     - سوراپ باقاي دىگەن. - دىدى ئوغلى تىرنىقىنى تاتىلاپ.
     ئوغلىنىڭ بۇ سۇئالىدىن ھەيران قالغان دادىسى بۇسۇغىدا توختاپ:
     - ھە،بىر سائەتتە 20 دوللارغا ئىشلەيمەن.
     - ئۇنداقتا ماڭا 10 دوللار قەرز بېرىپ تۇرالامسىز؟
     بۇسۇققىدە ئېيتىلغان بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادىسى تېخىمۇ ھەيران بولدى ۋە ئوغلىغا كايىدى:
     - ھوي بەغەرەز،مۇشتەك تۇرۇپ قەرز سوراشنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟ماڭ،ھوجراڭغا كىرىپ ئۇخلا...
     بالا ئۈندىمەي ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان دادىنىڭ غەزىپى ئۆرلىدى:<<توۋا،كىچىككىنە تۇرۇپ قەرز ئېلىشنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقىنىنى،ھازىرقى بالىلار نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدۇ - ھە!>>ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندە،ھاردۇقى چىققان دادا ئوغلىنىڭ بايىقى گېپىنى ئويلاپ ئۆزىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى:<<راست،ئوغلۇم پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىغاندۇ،دەپتەر-قەلەم ئالامدىغاندۇ-يا؟>>
    ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن ئاستاغىنە ئوغلىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى.بالا تۇرۇسقا تىكىلگىنىچە جىمجىت ياتاتتى.
     - ئۇخلىدىڭمۇ؟ -سورىدى ئۇ.
     - ياق، - دىدى بالا.
     - ئالە مانا 10 دوللار.بۈگۈن سەل چارچاپ قاپتىكەنمەن،قاتتىق تېگىپ قويدۇم كەچۈرگىن...
     - رەخمەت دادا،- دېدى بالا چۈچۈك تىلى بىلەن خوشاللىغىنى باسالماي.كىيىن ئۇ ياستۇقنىڭ ئاستىدىن پۈرلىشىپ كەتكەن بىر سىقىم پارچە پۇلنى ئېلىپ ساناشقا باشلىدى.
     ئوغلىنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرگەن دادىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى:
     - پۇلۇڭ بار تۇرۇپ،يەنە مەندىن پۇل سوراپسەن - دە؟ سەن بىلەن ئالدى-بەردى ئويناشقا چولاميوق...
     - پۇلۇم بار ئىدى لېكىن 10 دوللار كەملىگەن.ئەمدى توشتى،- دىدى بالا تەبەسسۈم بىلەن ھەممە پۇلنى دادىسىغا ئۇزاتتى،- دادا،مەڭ،مانا بۇ ساق 20 دوللار.مۇشۇ پۇلغا بىر سائەت ۋاختىڭىزنى ئالسام بولامدۇ؟
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

ئۇ دىدى:تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟
مەن دىدىم:شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار.

Posted: 2011-01-06 12:34 | [پۈتۈكچى]


كۆيدۈرەلمىسەڭ كۆيگىنىڭنى بىلدۈرمە.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 663
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 663 نوقتا
پۇل : 6630 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:319(سائەت)

 

ھېلىقى دادا يىغلىۋەتكەندۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ...

قۇياش يىگىلى بولمايدىغان نان،ۋەتەن بەرگىلى بولمايدىغان جان.

Posted: 2011-01-06 12:48 | 1 -قەۋەت


ياشلىقنى قەدىرلەڭ!!!!!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 995
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 995 نوقتا
پۇل : 9950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:349(سائەت)

 

راس دەيسىز!!!بىرە ھەپتىگىچە ئىشقا بارمىغاندۇ!!!

ئەل بىلەن ئەر تاپار ئىستىقبال!!!!!

Posted: 2011-01-06 12:56 | 2 -قەۋەت


كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 231
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 231 نوقتا
پۇل : 2310 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:352(سائەت)

 

ھازرقى تۇرمۇش سۈرتنڭ تىزلشى ۋە سۈپۈتنڭ ئۆزگۈرشى بىلەن بىزدە مۇشۇنداق مىھرى مۇھەببەت سۇسۇلشۇپ كېتپ باردۇ .

بىرنچى قەدەمنى ئالغاندا،ئېككىنجى قەدەمنىمۇ ئويلاڭ.

Posted: 2011-01-06 13:03 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 453
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 453 نوقتا
پۇل : 4530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:39(سائەت)

 

ئوخخو................ھەجەپ بىرخىل بوپ كەتتىم دىسە...
راستلا قايىل قىلىش كۈچى ئالامەت چوڭ ئىكەن بۇ ھېكايىنىڭ ....
Posted: 2011-01-06 13:07 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 347
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 347 نوقتا
پۇل : 3470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 

تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىكى، ئاتا بالىلىق مىھرىگە تەسىر يەتكۈزەلمەسلىكى مۇمكىن،بىراق بىزدە خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا، باللار بىلەن بىرگە بۇلۇش ئېڭى تۆۋەن بولسا كېرەك.
Posted: 2011-01-06 13:08 | 5 -قەۋەت


كۆيدۈرەلمىسەڭ كۆيگىنىڭنى بىلدۈرمە.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 663
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 663 نوقتا
پۇل : 6630 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:319(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بايۋەتچە881 نىڭ 2011-01-06 12:56 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
راس دەيسىز!!!بىرە ھەپتىگىچە ئىشقا بارمىغاندۇ!!!


ئۇنداقمۇ قىلمىغاندۇ،چاقچاققا ئايلاندۇرماڭە،مەن ئەستايىدىل دىگەنتىم ئۇ گەپنى.

قۇياش يىگىلى بولمايدىغان نان،ۋەتەن بەرگىلى بولمايدىغان جان.

Posted: 2011-01-06 13:08 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 543
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 543 نوقتا
پۇل : 5430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:872(سائەت)

 

بالىسىغا ئاجراتقان ۋاقىت ئاز بوپ قالغان چېغى.بەك ئەقىللىق بالا ئىكەن.
Posted: 2011-01-06 17:14 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 300
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 300 نوقتا
پۇل : 3000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:84(سائەت)

 

  شۇنداق ئەقىللىق بالىكەن
Posted: 2011-01-07 12:56 | 8 -قەۋەت


بەختىيار
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:75(سائەت)

 

دادىسى شۇ چاغدا نىمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟

بەختىيار

Posted: 2011-01-08 15:53 | 9 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation