ئاساسىي تېما : شۇنداقلا كېتەرمەنمۇ؟(ئۆلگەن كىشى ئاغزىدىن)ئاۋاتلىقى:259ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



بىز سىلەر بىلەن بىرگە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 823
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:273(سائەت)

 شۇنداقلا كېتەرمەنمۇ؟(ئۆلگەن كىشى ئاغزىدىن)

مۇشۇنداقلا كېتەرمەنمۇ؟
(سايە)

چوڭقۇر نەپەس بىلەن بارغانسېرى خىرەلىشىۋاتقان كۆزلىرىم قانداقتۇر كەلمەسكە كەتكەن بىر ئۈمۈدنى كۆرگەندەك بولدى. بۇ ئۈمۈد ئەمەس، مېنىڭ ئۆتمۈشۈم، ھايات سەھنەمدە ئورۇندىلىپ بولۇنغان بىر دىرامما. مەن شۇ دىراممنىڭ يالغۇز ئىشتراكچىسى. كۆرۈرمىنى خالاس.
توۋۋا! ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگىنىدە تولىمۇ بەخىرامان بولۇپ كىتىدىكەن ھە .
يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئالدىراش كىشلەر توپىغا قاراۋاتىمەن. ھاياتلىق ۋە مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ تىرمىشىۋاتقان شۇ ئىنسانلار توپىغا قاراۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى ھەرخىل ئەمما ئىپادىسى بىرخىل. ياشاش ئىستىكى  ! توغرا،  مەنمۇ ھەم ئىلگىرى ئۇلارغا ئوخشاش ئىدىم .
تېخى ئوتتۇزنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىگەن بۇ ھاياتىم مەندىن « مۇشۇنداقلا كېتەرسەنمۇ؟» دەپ مازاق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ. ئەتراپتىكى كىشلەرمۇ خۇددى مېنىڭ پات يېقىندىلا كېتىپ قالىدىغانلىقىمنى بىلىۋالغاندىمۇ، « ئۇ ئۆلۈپ كەتكۈدەك» دىيىشىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. بەلكىم ئۇلار راستىنلا بىلىدىغاندۇ.
يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. مۇشۇ ياشقىچە ياشاپ ھاۋانىڭ بۇنداق ساپلىقىنى ھېس قىلىپ باقماپتىكەنمەن. ئۆپكەم ھۇزۇرلىنىپ روھلىنىپ قالدىم. ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا ھەممە نەرسە قەدىرلىك ۋە ساناقلىق بولىدىكەن. ھەتتا مۇشۇ تېنىقمۇ!
ئۆيۈمگە تىزىپ قويۇلغان گۈللەرنىڭ بۈگۈن باشقىچىلا چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. نىمە دىگەن گۈزەل . ئەمدى ماڭا ئۆيدىكى ھەممە نەرسە قەدىرلىك بىلىنىشكە باشلىدى. بەلكىم بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىدىغانلىقىمدىن قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك.
يەنە دەرىزىدە سىرتىغا قارىدىم. يەنە شۇ ئالدىراش ئادەملەر توپى. ئەمما ئۇلارمۇ ھەم ماڭا شۇ قەدەر سۈيۈملۈك كۆرەندى. خۇددى ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىمدەك. ئەمدى كەتسەم ئۇلارنىمۇ قايتا كۆرەلمەيمەن.
مەن ئۆلۈمدىن قورقۇپ باققانمۇ ئەمەس. بەلكىم قورققاندىمەن، ئەمما ھازىرقىدەك قورقۇپ باقمىدىم. راستىنلا قورقىۋاتىمەن.
ئۆلۈم زادى قانداق بولىدىغاندۇ؟ كىنولاردىكىدەك پۇتنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئۇخلىغاندەكلا بىر ئىشمىدۇ؟
ئەگەر راستىنلا مۇشۇ دەقىقىدە تېنىقىم توختاپ ئامانەتنى تاپشۇرسام، روھىم تېنىمىدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا مەن ئۈچۈن كىملەرنىڭ ئەتراپىمدا تۇرغانلىقىنى، كىملەرنىڭ قانداق يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەرمەنمۇ؟
بەلكىم جېنىم ئاپام ئاق ياغلىقنى چىگىپ، ئاكامغا ئېسىلىپ ئۈنسىز يىغلار، ئاتاممۇ ھەم بېلىگە ئاق باغلاپ « بىزدىن بۇرۇن كېتىپ قالدىڭغۇ ئوغلۇم!» دەپ ھازا ئېچىپ يۈرەكنى ئېچىشتۈرگۈدەك نالە قىلار. گەپ قىلىشمىغىلى قانچە يىللار بولۇپ كەتكەن خۇلۇم خۇشنىلار مۇسۇلماندارچىلىقنى يەتكۈزۈپ بولسىمۇ مىيىت نامىزىمغا كىرەر، ھەممىنىڭ كۆزىدە ياش، ھەممىنىڭ خىيالى « ياش كېتىپ قالدى» دىيىشەر. . . نىمە دىگەن قاباھەتلىك!
-قورقما، تېزلا ئۆتۈپ كىتىدۇ.
يېقىملىق بىر ئاۋازدىن چۆچىگەندەك بولدۇم. بۇ يىغا زار ئىچىدە مىيىتىم ئالدىدا ماڭا سۆز قىلغان كىمدۇر؟
يېنىمدا ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كىيىم كەيگەن ناتونۇش بىر چىراينى كۆردۇم.
- سەن پەرىشتىمۇ؟
- ياق، مەنمۇ ھەم باياملا ئۆلگەن بىر كىشىمەن.
- مەنمۇ ئۆلدۈممۇ؟
- ئىنكار قىلمىغىن، سەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالدىڭ.
- مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتتىممۇ؟
- زارلانما، ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. ئۇ ھەم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم بېرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن يەنە سۇئال سورىماقچى ئىدىم. ئۇ غايىب بولدى. يۈرىكىمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. كۆزۈمنى ئاچتىم ، يالغۇز خانەمدە ئولتۇرماقتىمەن. كاللامدىن ئۆلۈم ۋەھىمىسى تېخىچە يوقىمايۋاتىدۇ. ئۆلۈم ئۇ ۋاقىتسىز ئايرىلىشتۇر. دىمەك، مەن جان تەسەددۇق قىلغان شۇ دەقىقىلەردىكى تەشۋىش ياكى روھىمنىڭ تېنىمىدىن ئاجرىيالمايۋاتقان شۇ قىينىلىشلىرىدىن ئەمەس، ئائىلەمدىكىلەر، دوست بۇرادەرلەر ۋە مېنى مەنمۇ ھەم ئۇلارنى تونۇيدىغان كىشلەردىن ئايرىلىشتىن قورقىدىكەنمەن. ئەمما ھامان ئۇلاردىن ئايرىلىمەن، ئەمدى ئارىمىزدىكى بىر ئارقىلىق قانداقتۇر ماكان توساقلىرى بولماستىن ھايات ۋە ماماتلىق توسىقىدۇر.
كىچىك ۋاقىتلىرىم يادىمدىن كەچتى. ئاتا-ئانامنىڭ مېنى قانداق ئەركىلەتكەنلىرى، ماڭا ئېلىپ بەرگەن ئويۇنچۇقلىرى، مېنىڭ ئۇلارنى قانداق بۇزىۋەتكەنلىرىم...توۋا، مەن بۇلارنى ئەسلى ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. قانداق قىلىپ شۇنچىلىك سۈزۈك يادىمغا كەلدى. بۇرۇنقى مەھەللىمىزدىكى بىر تۈپ قارا جۈجەم دەرىخى . ئەنە دوستلىرىم بۇ دەرەخكە كىم چىقالىسا بۇ رەگەتكىنى بېرىمەن دەپ جەڭگە چاقىرماقتا...ئەنە مەھەللىمىزدىكى كونا ئابتۇبۇس بېكىتى، بۇ تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم رەيھان ئەمەسمۇ؟ مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى بىر بىرىگە سۈركىگىنىچە ئابتۇبۇسقا تەلمۈرمەكتە. ئۇ خۇددى 15 يىل بۇرۇنقىدەكلا شۇنداق كىچىك، ئۇماققىنە تۇرۇپتۇ...دەرس ۋاقىتلىرى ھەجەپ بىر قارىشىپ كېتەتتۇق ھە ... مانا ئاخىرى چىقماس سورۇنلار، « خوشە. نۆۋىتىڭ ئالە» دەپ سۇنۇلغان رومكىلار، «لىقلاپ قويە» دەپ تۈزۈت قىلماي قۇبۇل قىلغان قوللار. ئىس تۈتەك. تېتىقسىز چاقچاقلار...كۈز غازاڭلىرىغا تولغان ئۇزۇن كوچا، رەيھان بىلەن غازاڭلارنى شىۋىرلىتىپ دەسسىگىنىمچە كېتىۋاتماقتىمەن، ئۇ يېقىملىق پىچىرلاۋاتىدۇ، ئەمما نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم، ئۇ كۈلۈمسىرىدى... دوختۇرخانا، تېخى چۈشتىن بۇرۇنلا مەن كىرىپ چىققان ۋىراچ ئىشخانىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى، cancer (راك) ...ھايات دىگەنمۇ قىسقا بولىدىكەن ھە.
تۇيۇقسىز كاللامغا مەن قىلىپ بولالمىغان قايسى ئىشلار قالغانىدى دىگەن خىيال كېلىپ قالدى . توغرا، مەن قايسى ئىشلىرىمنى ۋاقتىدا قىلىپ بولالمىغاندىمەن؟
ئاپامغا ئېلىپ بېرىمەن دەپ ئويلىغان شۇ رومالنى بالدۇر ئېلىپ بەرسەمچۇ؟ سىڭلىمغۇ ئېلىكترونلۇق لۇغەت سوۋغات قىلىمەن دەپتىمەن. نىمىشقا باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش پائالىيىتى ساقلاپ بۇ كۈنگىچە قالغاندىمەن! ئاتامنىڭ چاقلىق ئورۇندىقىنى رىمونت قىلىپ بېرىمەن دەپ ۋاقىت چىقىرالماي قاپتىمەن. دوستلىرىمنى يوقلاپ قويىشىم كېرەك ئىدى...بىكارچىلىق ئىچىدىن نىمىشقا بىكار ۋاقىت چىقىرالمىدىم. پۇشايمان، پۇشايمان!
- پۇشايمەن قىلىۋاتامسەن؟
- ھە، بۇ سەنمىدىڭ؟ سېنى بايام تاپالمىدىم.
- مەن يېنىڭدىلا تۇرۇپتىمەن. مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ھايات ۋاقتىمدا قىلىۋالمىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ئەمما ئورنىغا كەلمەيدۇ.
- قولۇمدىن كىلىدىغان تۇرۇپ، ئازراقلا ۋاقتىمنى بەرسەم قىلىپ كىتەلەيدىغان ئىشلار ئىكەنتۇق. نىمىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلغاندىمەن، نىمىشقىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغاندىمەن.
- ئۇلار سەندىن ئاغرىنمايدۇ.
- . . .
بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك، قېقىلىپ يىغلاۋاتىمەن. رەھمەتلىك چوڭ دادام قازا قىلغاندىمۇ بۇنچىلىك يىغلىمىغانىدىم. مەنە ئەمدى ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايمەن يىغلاۋاتىمەن. راستىنلا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.
ئۇ يەنە غايىب بولدى.
دەرىزىنى ئېچىۋېتىپ شۇنداق قاتتىق ۋارقىرىغۇم باشقىلارنىمۇ ئەسكەرتكۈم كەلدى:
- ھاي، ئالدىراش ئادەملەر. سىلەر ھاياتلىق ۋە مەۋجۈدلۇق ئۈچۈن چوڭ قەدەم ئېلىپ مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، تۈگىمەس سورۇنلار ھەلەكچىلىكىدە شارابقا دۈم چۈشۈپ نازىنىنلارنىڭ كۆكسىگە تىكىلگەن ۋاقتىڭلاردا، قەرت ئۈستىلىگە بەنت بولۇپ، تۈتۈن ئىچىدە بىر بىرىڭلارغا ھۆرپىيىپ قاراشقان ۋاقتىڭلاردا ئۆيۇڭلاردىكى بىر بۇلۇڭدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان شۇ ئاتاڭلارنى ، ئاپاڭلارنى يادىڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟
سىلەرگە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن نەسىھەت قىلغاندا « مەن چوڭ بولدۇم، پەندى نەسىھەتلىرىڭنى يىغىشتۇر، بەس!» دەپ ئۇلارنى سىلكىۋەتكىنىڭلەردە، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى، دىلىنىڭ قانچىلىك ئاغرىغانلىقىنى سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟
سىرتلاردا رەڭلىك سورۇنلاردا يايراپ، ناتونۇش شۇ بەدەنلەر بىلەن بەزمىخانىلارغا تولغىنىۋاتقاندا، ئۆيۇڭلاردىكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ، بالىلىرىڭلارنىڭ سۈيىدە ئېقىۋاتقان شۇ ھالال خاتۇنلىرىڭلارنى يادىڭلارغا كەلتۈردىڭلارمۇ؟
بەلكىم ئويلىغانسىلەر، ئەمما نەپسىڭلار ۋىجدانىڭلاردىن ئۈستۈن تۇردى، تېزلا ئۇنتۇدۇڭلار. خۇددى مەن ھايات ۋاقتىمدىكىدەك .
مانا ئالدىمدا ئاق رەڭلىك يورۇقلۇقنى كۆردۈم، ئۇ بارغانسېرى يورۇپ نۇرانە بىر يولنى كۆرسەتتى. دىمەك، مېنىڭ كېتىدىغان ۋاقتىم توشتى. قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە كېتىۋاتىمەن. كاللام يەنىلا سەگەك، مەندىن غۇۋا يىراقتا قالغان شۇ دۇنياغا يېنىشلاپ قاراۋاتىمەن. ئەلۋىدا، مەن كەتتىم !
 « راستىنلا مۇشۇنداق كېتىپ قالارمەنمۇ؟»

«سايە  خاتىرىسىدىن »
Posted: 2011-01-06 06:59 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 174
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 175 نوقتا
پۇل : 1750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:167(سائەت)

 

بىز مۇشۇنداق ھەممە نەرسىلەر قولدىن چىقىپ كېتەر دىگەن چاغدا ئاندىن مۇشۇ نەرسىنڭ نەقەدەر گۇزەل ھەم قممەتلك ئىكەىنلكنى ھېس قىلمىز ، بوش چاغلىرمىزدا تىرىشىپ  ئوگەنمەيمىز ، خۇددى ماڭا ئوخشاش بىكار بولىسىلا توردىن چۇشەلمەيمىز ، كېچىكەندە بولسا پۇشايمان قلمىز ،

سزنى ياخشى كورىمەن جېنىم

Posted: 2011-01-06 12:50 | 1 -قەۋەت


قىممەت ئىزلەيمەن
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 439
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 441 نوقتا
پۇل : 4410 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1267(سائەت)

 

ئۆلۈپ نۇرانە ماكانغا بارالىغان بولساق ئىدۇق،ئۆلۈمدىن قورقماس ئىدۇق.ئۆلۈپ قانداق ماكانغا بېرىشىمىز بىزگە غۇۋا بولغاچ ئەندىشىدە قالىمىز ھەم قاتتىق قورقىمىز.ئۆلۈپ بىر ئوچۇم تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن بولساق كاشكى........ئەمما ئۇنداق بولمايدۇ.
رەھمەت سايەم.

پوش پوش پوش ....جىن-شەيتانلار نېرىكەت~!

Posted: 2011-01-06 13:04 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 453
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 453 نوقتا
پۇل : 4530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:39(سائەت)

 

پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ شۇڭا ئالدى بىلەن ئىككى قولدا تەڭ تەييارلىق كۆرۈش لازىم.
Posted: 2011-01-06 13:14 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 347
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 347 نوقتا
پۇل : 3470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 

ئۈلۈمدىن قورقۇش مۇسۇلمانلارغا دۇرۇس ئەمەس،اللاھتائالا ئۈلۈمدىن قورۇقماي مەندىن قورقۇڭلار دىگە.
Posted: 2011-01-06 13:19 | 4 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 16

پۈتۈك سانى: 5780
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5814 نوقتا
پۇل : 58140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2039(سائەت)

 

قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالاي دېدىڭ سايە ، نېمە داۋاتىسەن ؟ بىز قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار جۇمۇ تېخى ، مەرىم ، ئانار ، جانانىملار يولىنى تېپىۋالغىنى بىلەن مەن تېخى بار ، ئۆزۈڭ شۇنداق دېگەن ... بۇنداقلا كېتىشىڭگە رۇخسەت يوق  !   

ئالتۇن قەپەز ، كۈمۈش قەپەز بەرىبىر قەپەز ،

  قەپەز ئىچرە ئالالماس بۇلبۇل شاد نەپەس ...

Posted: 2011-01-06 14:10 | 5 -قەۋەت


قىپقىزىل ئانار مەن
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 293
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 293 نوقتا
پۇل : 2930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:78(سائەت)

 

ئۆلۈم بىز گە شۇنداق تەييارلىقسىز كېلىدۇ شۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ....

Posted: 2011-01-06 17:19 | 6 -قەۋەت


قىپقىزىل ئانار مەن
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 293
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 293 نوقتا
پۇل : 2930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:78(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى باغرىم نىڭ 2011-01-06 14:10 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالاي دېدىڭ سايە ، نېمە داۋاتىسەن ؟ بىز قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار جۇمۇ تېخى ، مەرىم ، ئانار ، جانانىملار يولىنى تېپىۋالغىنى بىلەن مەن تېخى بار ، ئۆزۈڭ شۇنداق دېگەن ... بۇنداقلا كېتىشىڭگە رۇخسەت يوق  !   

ھەي تاڭ جۇمۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ....

Posted: 2011-01-06 17:20 | 7 -قەۋەت


بىز سىلەر بىلەن بىرگە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 823
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 833 نوقتا
پۇل : 8330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:273(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى باغرىم نىڭ 2011-01-06 14:10 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالاي دېدىڭ سايە ، نېمە داۋاتىسەن ؟ بىز قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار جۇمۇ تېخى ، مەرىم ، ئانار ، جانانىملار يولىنى تېپىۋالغىنى بىلەن مەن تېخى بار ، ئۆزۈڭ شۇنداق دېگەن ... بۇنداقلا كېتىشىڭگە رۇخسەت يوق  !   

چۆچۈتۈپ قويدۇممۇ سېنى . ئەنسىرىمە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شاپائىتى ۋە سىلەرنىڭ دوستلىرىمنىڭ رەمىمىي دۇئا - تىلەكلىرى بىلەن سالامەت تۇرۋاتىمەن. سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى بىلىمەن ئەلۋەتتە. ئەنسىرىمە ھە ، ھەممىمىز ياخشى تۇرۋاتىمىز.
Posted: 2011-01-06 18:31 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 82
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 82 نوقتا
پۇل : 820 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:440(سائەت)

 

سايىدەكلە كۆرۈنۈپ قويۇپ يوقاپ كەتمەڭ. لىنىيەدىكىدەك مەخسۇس ساخلاپ تۇرۇپ كەشلىرى يوللايدىغان قورقۇنۇشلۇق ھېكايىلىرىڭىزنى بۇ يەردىمۇ كۆرۈپ تۇرغايمىز.
Posted: 2011-01-07 04:26 | 9 -قەۋەت


سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 16

پۈتۈك سانى: 5780
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5814 نوقتا
پۇل : 58140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2039(سائەت)

 

Quote:
7 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئانار~ نىڭ 2011-01-06 17:20 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

ھەي تاڭ جۇمۇ

ۋۇي ، باارمىتىڭىز يا ...   

ئالتۇن قەپەز ، كۈمۈش قەپەز بەرىبىر قەپەز ،

  قەپەز ئىچرە ئالالماس بۇلبۇل شاد نەپەس ...

Posted: 2011-01-07 10:59 | 10 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation