مەن ئۈچۈن...
[attachment=45110]
گۈل تىزىپسەن جانان قىز،رەڭدار قىلىپ مەن ئۈچۈن،
ياش تۈكۈپسەن پىنھاندا، بىلسەم يەنە مەن ئۈچۈن .
«كۆيدى يۈرەك چوغ بۇلۇپ» دەپسەن يەنە كىملەرگە،
دوستلىرىڭنى ئارىغا ھەم قويۇپسەن مەن ئۈچۈن...
[attachment=45111]
«كەچۈر» دىگەن سۈزۈمنى، ئاڭلىماپسەن مەن ئۈچۈن،
«تاش يۈرەك» دەپ قاغاپسەن، ئاچچىقلاپسەن مەن ئۈچۈن.
«ئىزدەن بىلسەڭ كۆڭلۈمنى» دىسەم يەتمەي تەكتىگە،
كۆڭۈل ئېلىش كۇيىدا، مەجنۇن بوپسەن مەن ئۈچۈن.
[attachment=45111]
سۆيگۈ سىرىنى ئاشكارلاش ئەسلى خاتا مەن ئۈچۈن،
لىكىن بىلگىن جانان قىز نىمە كېرەك مەن ئۈچۈن،
«ياشاش ئۈچۈن مەنىلىك ئىزلەن بىلىم بېغىدا،
زەپەر قۇچۇپ بۇ يولدا،خۇش پۇراق چاچ ئەل ئۈچۈن»
[attachment=45111]
مېھنىتىڭدىن گۈل ئۈنسە، زور خوشاللىق مەن ئۈچۈن،
چۈنكى شۇنداق جۇپ كېرەك، ئىقبال يولدا مەن ئۈچۈن.
شۇڭا دەيمەن گۈزەل قىز، ئەمدى ئاچقىن ئۇيقۇڭنى،
يۈزلەن تاڭغا خوش كۈلۈپ، ئاھ ئۇرمىغىن مەن ئۈچۈن!
[attachment=45112]
ئىجادىيەت.
2011-يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى