ئاساسىي تېما : ئىلتىجا    (ياۋۇز بەگ )ئاۋاتلىقى:114ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 73
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 73 نوقتا
پۇل : 730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:75(سائەت)

 ئىلتىجا    (ياۋۇز بەگ )

ئاتىلار سۈزى مەدەت بولسۇن جانجىگەر ،
ساۋاپ ئىزلە بارچىگە ياخشىلىق ياغدۇرۇپ .
مىللىتىڭدىن ھىممىتىڭنى رەھمىتىڭنى ئايىما،
بېرەر تەڭرىم كۆپلەپ ساڭا ياندۇرۇپ .



سەن ئۆزۈڭسەن ئەلنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدى ،
شەرەپشاننى سەن بولمىساڭ تاپالماس .
ئارزۇ ئۈمۈت گۈزەل ئىقبال ئەتەڭچۈن ،
باشقا ئەللەر ھەرگىز سايە بولالماس .



باشقا ئەلدىن ئىزدىمىگىن راھەتنى ،
ئەل قوينى ئالتۇن بۈشۈك كەڭ جەننەت .
بارچە ئىقلىم كەزسەڭمۇ گەر ئالەمنى ،
ئۆز ئىلىڭگە يەتمەيدۇ ،بۇ ھەقىقەت .



يۆلەپ قويغىن يىتىم يىسىر ئاجىزنى ،
رازى بولماس كىملەر سەندىن بۇ ئۈچۈن .
ئەل دۇئاسى يۈكسەلدۈرەر ئەۋلاتنى ،
نىشانىڭنى توغىرلىغىن يۇرت ئۈچۈن .



شانۇ-شۆھرەت تاپالماسسەن يۆلەكسىز ،
باش قاتتۇرۇپ ئۇقۇساڭمۇ مىڭ ئىلىم .
ۋەتەن ساڭا بېرەر ھەممە ھەممىنى ،
ۋەتەن بولغاچ چىقتى ساڭا ئانا تىلىڭ .



قەدىرلىگىن قەدىرلىكتۇر بىز ئۈچۈن ،
ئىلىمىزنىڭ بىر سىقىم تۇپرىغىمۇ ھەم .
ئەلنىڭ كۈزى ياشلانمىسۇن بېكارغا ،
كۈلكە يۈگۈرت بولغىن يەنە ئەپچىلەم .



قىزىقمىغىن رەڭدارلارغا رەڭۋازغا ،
كۆرسەتمەيدۇ ئۇلار ساڭا قاپقاننى .
ھەرخىل رەڭدە بويىۋېپلا تېشىنى ،
يىقىتىدۇ ئەل ئالقىشقا قاتقاننى .


كونىلاردىن  بىزار بولما ئالدىراپ ،
كونىلار ئۇ ھىدايەتتىن تانمايدۇ .
ھەربىر سۈزى مىڭ تىللاچە قىممەتتۇر ،
دانىشمەندۇر ھەرگىز خاتا ئازمايدۇ .



بىزلەر ئۈچۈن ئەل ۋەتەندۇر بىر جەننەت ،
گۈللەتمەككە ئەھدۇ ۋاپا تۈزەيلى .
قېپقالمىسۇن ھىچ يەردە نادانلىق ،
ھەممىمىز تەڭ بىلىم بېغىدا ئۈزەيلى .



چۆللەر ئۈزى بوستان بولسۇن بىز بىلەن ،
تەرىمىزدىن بېكار مەنا چىقمىسۇن .
ھالال ئەمگەك ئىجادىمىز ئەبەدى ،
نىيتىمىزنى شۇم قۇزغۇنلار بۇزمىسۇن .



يوللىرىمىز كەڭ ئازادە ھەم داغدام ،
خەلقىمىزنىڭ قان تەرىدە قېتىغان .
كۈيلىرىمىز ئۈزۈلمىسۇن بەك ياڭراق ،
بارچە مىللەت قېنى بۇندا قېتىلغان .



نىمە دىسەك تۈگىمەيدۇ دوسلۇرۇم ،
داستان قىلساق بولارمىكىن بۇلارنى .
ئەل ۋەتەننىڭ شۆھرىتىنى كۆتۈرۈپ ،
ساپ نىيەتتە تۇتۇشايلى قوللارنى .




Posted: 2011-01-06 00:30 | [پۈتۈكچى]


بۇ  كۈنلەرمۇ  ئۆتۈپ  كېتەر
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 250
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 250 نوقتا
پۇل : 2500 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:94(سائەت)

 

مەنىلىك شېئىركەن .

قەدىرلىگىن  قەدرىڭنى  قىلغانلارنى

Posted: 2011-01-06 00:54 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 347
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 347 نوقتا
پۇل : 3470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 

مەزمۇنلۇق ياخشى يىزىلغان شىئېر ئكەن،رەخمەت سىزگە.
Posted: 2011-01-06 12:34 | 2 -قەۋەت


ھەقىقەت ئىگلەرلېكىن  سۇنماس،،
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 521
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 521 نوقتا
پۇل : 5210 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:83(سائەت)

 

پاساھەتلىك شئىر ئىكەن،،

تىرىش يەنە تىرىش،،،

Posted: 2011-01-06 21:01 | 3 -قەۋەت


پەخىردىن... چ چ229177410 چ چ  1536020101
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 2710
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2716 نوقتا
پۇل : 27160 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:274(سائەت)

 

ئاپىرىن 

دىنىڭ ئىسلام بۇلسا چىقار كۇچۇڭ بولسا      1536020101

Posted: 2011-01-06 22:23 | 4 -قەۋەت


مۇھەببەت پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈگۈمەس ئارمان.
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 793
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 815 نوقتا
پۇل : 8150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1657(سائەت)

 

پىكىرلىرىڭىزدىن زوقلاندىم .يەنىمۇ تىرىشقايسىز

سۆيگۈنى كۆيلىمەك ئارماندۇ ماڭا،ھېسسىمنى مۇجەسسەم قىلىمەن شۇڭا.
سۆيگۈدۇر قىرىماس گۈزەل ياشلىغىم،يادىكارھېسسىمنى ئەيلەيمەن ساڭا.

Posted: 2011-01-07 01:13 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation