ئاساسىي تېما : بولغاچ مەندە ساداقەت(دىلداش)ئاۋاتلىقى:172ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مۇھەببەت پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈگۈمەس ئارمان.
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 9

پۈتۈك سانى: 793
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 815 نوقتا
پۇل : 8150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1657(سائەت)

 بولغاچ مەندە ساداقەت(دىلداش)


ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

چىدىدىم ھىجرانغا،چىدايمەن يەنە،
قەلبىمگە تولسىمۇ ھىساپسىز ھەسرەت.
مۇڭلىنىپ تۇرساممۇ يانمايمەن ئەسلا،
سۆيگۈمگە قىلبىمدە بولغاچ ساداقەت.

قەلبىمدە بۈيۈكسەن،ھۆرمىتىڭ ئۇلۇغ،
شۇ سەۋەپ پەخرىمدە قەلبىمگە شاھسەن.
ۋەسلەڭگە تەلمۈرگەن غېرىپ ئاشىقمەن،
يېتەلمەي ۋىسالغا دەرتلىك ئىڭرايمەن.

ئاھىمدىن مۇڭلۇنۇپ تىترەيدۇ زىمىن،
يېشىمغا جۈر بۇلۇر يامغۇر تامچىسى.
ئەمما سەن پەرۋاسىز،باقمايسەن ماڭا،
ئاشماقتا شۇ سەۋەپ كۆڭلۈم قايغۇسى.


خەيرىيەت شۇندىمۇ كۈتىمەن ئۈمۈد،
ھەر قاچان سەن ئۈچۈن تەلمۈرۈپ ھامان.
بەرگىنىڭ ھېچ نىمە بولسىمۇ لىكىن،
يەنىلا كۈتىمەن ۋەسلىڭدىن ئىمكان.


ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

سۆيگۈنى كۆيلىمەك ئارماندۇ ماڭا،ھېسسىمنى مۇجەسسەم قىلىمەن شۇڭا.
سۆيگۈدۇر قىرىماس گۈزەل ياشلىغىم،يادىكارھېسسىمنى ئەيلەيمەن ساڭا.

Posted: 2011-01-06 00:29 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 544
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 544 نوقتا
پۇل : 5440 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:882(سائەت)

 

تۇنجى بۇلۇپ بۇ شېئىرنى ئۇقىيالىدىم.بۈگۈن ئەڭ ياخشى ئەسەردىن بىرنى كۆردۈم دىسەممۇ بۇلىدۇ.
دىلداش ئەپەندىدىكى ھىسيات ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىكەن.كۈتكىنىڭىزگە ئىرىشىشكە
ئاللا مەدەت بەرگەي!
Posted: 2011-01-06 00:47 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 69
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 69 نوقتا
پۇل : 690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:140(سائەت)

 

كەلگۈسى  ئۈچۈن  يەنىلا  مەزمۇت  قەدەملەر  بىلەن  ياشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.ياخشى يىزىپسىز
Posted: 2011-01-06 01:00 | 2 -قەۋەت


ھاياتنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرنى مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 76
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 77 نوقتا
پۇل : 770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:91(سائەت)

 

يەنىلا كۈتىمەن ۋەسلىڭدىن ئىمكان،
سۆيگۈڭگە تەشنا بۇلۇپ دىلدىن.
ھىجراندا قىينالساممۇ گەرچە چىداپ،
قەلىپتىن ساداقەت بۇلۇپ ئۆتىمەن.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

Posted: 2011-01-06 01:01 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 32
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 32 نوقتا
پۇل : 320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:51(سائەت)

 

قەلبىمدىن ساداقەت قىلىپ ئۆتىمەن،
بىلسەڭلا مەن سىنى چۇقۇم كۈتىمەن.
ئاخىرنى يازالمىدىمغۇ
Posted: 2011-01-06 01:40 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 89
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 89 نوقتا
پۇل : 890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:33(سائەت)

 

ئەجەپمۇ تۈگىمىدى بۇ كۆڭۈلنىڭ غوۋغاسى....ئەجەپمۇ تۈگىمىدى دىلداشجاننىڭ نىداسى....ھې،ھې،ھې...چاقچاق جۇما، ئاللا ئىگەم تىلىكىڭىزگە يەتكۈزگەي،ئامىن!!!

ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ يايرىم،
يولۇڭغا بارغىدەك بولدۇم.
قولۇمغا قوش پىچاق ئالىپ،
يۈرەكنى يارغىدەك بولدۇم.
.....................

دېگەندەك ،يا ئۇياق كەپ بولالماي ،يا سىز بېرىپ بولالماي، مۇشۇنداق ئاھ،،، ئۇرۇپلا ئۆتەرسىلەرمۇ؟سىلەرگە قاراپ، ما بىزنىڭ يۈرەكلەر پارە-پارە بوپ كېتىۋاتىدۇ دېسە. ئاللا، ئاللا...ھې،ھې ...بۇمۇ چاقچاق ... .بۇ ئەسىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ،بارىكاللا!!!

بۇ دۇنيا __ مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!
نادانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ___ سۈكۈت!!!

Posted: 2011-01-06 13:58 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation