ئۇۋالىمغا قالمىغىن
بىلىقىزئەمەتپاك
مېنىڭ ئۈچۈن كېلەچەك پۈتسەڭ،
يوللۇرۇمغا تىلىمەي ئامەت.
ھە دىسىلا چاياندەك چېقىپ،
ئالارمىدىڭ جېنىڭغا راھەت.
نىمە دىسەڭ دەۋالغىن مەيلى،
ئۆز يولۇمغا ئۆزۈملا خاقان.
دوستۇم بولساڭ بەرمەستىڭ ئازار،
مەسخىر قىلىپ نىيەتنى يامان.
ياخشى نىيەت بولسا سېنىڭدە،
قىلارمىدىڭ سازايە مېنى.
زەھەر بەرسەڭ قېرىندىشىم دەپ،
ئىككىللەنمەي ئىچەتتىم ئۇنى.
دىل ئازاردىن خۇدا بىزارغۇ؟
بىلەر ئىدىڭ ھەقاچان ئۇنى.
بۇ توت كۈنلۈك قىسقا ئالەمدە،
ئۆملۈك ئەۋزەل ئۇلىمىز قېنى.
ئىناقسىزلىق ھەركىمگە زىيان،
ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان.
يىغىۋالغىن قۇتراتقۇ ھىسنى،
ئۇۋالىمغا قالمىغىن يامان.
ئۆتۈنۈش جاكاسى
كۈيلۈرۈم توختىماس ياڭراق ئاۋازدا،
ئىشقىمدىن ھەر قاچان يانغاچ ئىرادە.
باشقىلار سۆزىگە قىلماسمەن پەرۋا.
ئۇرغىغاچ قەلبىمدىن چەكسىز ئەقىدە.
كۈيىمدىن زوقلانغىن ياكى مۇڭلانغىن،
خالىساڭ بېرەرسەن سەمىمى تەكلىپ.
دىلىمغا بەرمىگىن قەھىرلىك ئازاپ،
تىغىڭنى پىنخانە تۇيدۇرماي سانجىپ.
خالىساڭ مەدەت بەر ياكى تۇرۇپ قال،
كۆكلەيمەن يەنىمۇ تەكلىبىڭ بىلەن.
باشقىغا ياققىنى ياقمىسا ساڭا،
ئىزدىمە كۈيىمدىن تاتىلاپ ئىۋەن.