ئاساسىي تېما : ۋاقىت ئىڭى ۋە رىقابەتئاۋاتلىقى:46ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئۆز نەپسىنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئادەم قابىلىيەتلىك بول ..
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 364
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 364 نوقتا
پۇل : 3640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1299(سائەت)

 ۋاقىت ئىڭى ۋە رىقابەت

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك nazar تەرىپىدىن پىسخىكا مەسلىھىتىدىن يۆتكەلدى.(2010-11-01)
 نەگە ماڭدىڭ؟، - سورىدىممەن مەكتەپكە خېلىلا ۋاقچە ماڭغان دېھقان قوشنامنىڭ بالىسىدىن.
- مەكتەپكە شۇ... - دېدى ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن.
- مەكتەپكە بۇنداق ۋاقچە بارساڭ، دەرسلەردە قانداقمۇ يېتىشىپ بولالايسەن، مۇئەللىمىڭ ساڭا ئاچچىقلىمامدۇ؟
- مۇئەللىم تولا گەپ قىلىپ، خاپا بولۇپ ھېرىپ قالدى بولغاي. مېنىڭ ۋەزىپەم سانغا ئۆتۈپ، كۈننى كەچ قىلىپ بەرسەملا بولدى. دادام شۇنداق دېگەن...
«ۋاقىت ـــ ئاتقان ئوق» دەيدۇ كونىلار. ۋاقىت تالاي زامانلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، زامان چاقىنى تىنىمسىز ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دەۋرنى بۈگۈنگە ئۇلاپ كەلدى. بېسىپ بولغان ھەربىر قەدىمىمىز بىزنى ھېكمەتلەرنىڭ قۇچىقىدا بىھوش ئەتتى ياكى پۇشايمان چۆللىرىگە سۈرگۈن قىلدى. ۋاقىت ــ ئىنساننى ياشاشنىڭ گۈلىستان باغلىرىغا باشلايدىغان كۆۋرۈك، ئىنسان ھاياتىدىكى بىر پارچە بوشلۇق. ئىنسان ئۇنىڭغا ئۆز ھاياتىنىڭ خاتىرىلىرىنى يېزىپ چىقىدۇ.
ۋاقىت دەريادىكى ئېقىنغا ئوخشىشىدۇ، ئۇنىڭ چەكسىز قۇملۇققا سىڭىپ كېتىشى دەل ئۇنىڭ بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، قايتا نېسىپ بولمايدىغان چۈشكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مانا بۇ، چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈن سېپى ئۆزىدىن پۇرسەتتۇر. دۇنيانىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى بىزگە ۋاقىتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنى، يەنى پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە چۈشىنىش قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلاردىكى پەلسەپىۋى ئۇقۇملارنى بىلىش ئىمكانىيىتىنى كەڭ تەرەپلىمىلىك كېڭەيتتى.
ھەركۈنى كەچتە ئەسلەيدىغان بولساق، شۇ بىر كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. بىز بىر- بىرلەپ ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق، بىزنىڭ بىر كۈندە قىلغان ئىش مىقدارىمىزنىڭ تولىمۇ كۆپ بولغانلىقىنى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تۈرتكىسىدە بىرمۇنچە ئىشلارنى ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىپ تۈگەتكەنلىكىمىزنى، بۇلارنى ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەش ھەسسە ياكى ئون ھەسسە ئىشنىڭ سىغىمچانلىقى ئاشقانلىقىنى بىلىمىز. دېمەك، ۋاقىت ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ئىش توپى مەركەزلەشكەن. بۇنىڭدىن ۋاقىتنىڭ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىس ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. ۋاقىت ئۇقۇمى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماسسىنىڭ مۇنداق كىچىكلەپ كېتىشى ھەم ماكان ئۇقۇمىنى بەربات قىلىشى بىزنىڭ ۋاقىتنى تۇتۇش، پۇرسەتنى ئىگىلەش جەريانىدا قىممەت يارىتىشىمىزنىڭ، قىممەت ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ياكى نامايان قىلىشىمىزنىڭ مۇتلەقلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ۋاقىت ـــ ھايات دېمەكتۇر، ۋاقىت ـــ پۇل دېمەكتۇر، ۋاقىت ـــ بەخت دېمەكتۇر. ئۇ، ئاشۇرما قىممەتنى يارىتىشتىكى بىردىنبىر ۋاسىتە.
ۋاقىت ـــ قىيىنچىلىقلاردىن تىزىلغان مارجان، ۋاقىت چەمبىرىكى ئىچىدىكى ھەر بىر ئىنسان قىيىنچىلىقتىن مۇستەسنا ئەمەس. قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئەگمىگەن قەيسەر ئادەملەرلا ۋاقىت مارجانلىرىنى بىر- بىرلەپ تولۇق تېرىۋېلىپ گۆھەرگە ئايلاندۇرۇپ، ۋاقىتنىڭ ئالتۇن قەدەھلىرىدە ھاياتنىڭ شېرىن، خۇشبۇي شارابلىرىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئەكسچە، ئۆزىنى بىلمەي، ۋاقىت چۇلۋۇرىنى چىڭ تۇتماي، ھۇرۇنلۇق، ئالدامچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزگۈچىلەر ھامان ئۇنىڭ رەھىمسىز جازاسىغا ئۇچرايدۇ. قىيىنچىلىق مارجانلىرى كىشەنگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ھەلقۇملۇق بوينىنى سىقىدۇ.
بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاينىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. بوۋاي ناھايىتى كۆپ مال- دۇنياغا ئىگە بولغاچقا، ئىككى ئوغلى ھېچنېمىدىن غەمسىز ھالدا باياشات ياشايدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بوۋاي بالىلىرىنى تاشلاپ باقىي ئالەمگە كېتىپتۇ. بالىلىرى دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، مال- مۈلۈكلەرنى بۆلۈشۈپ قورۇ- جايلارنى سېتىۋېتىپتۇ. تىرىكچىلىك ئۈچۈن، چوڭ ئوغۇل مەشرققە، كىچىك ئوغۇل مەغرىبكە قاراپ يول ئاپتۇ. چوڭ ئوغۇل ئىككى كۈن يول يۈرۈپ، چەكسىز قۇملۇققا چىقىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، يەردىن ئۈنگەندەكلا، توساتتىن ئۇنىڭ ئالدىدا قاراقچىلار پەيدا بولۇپ، مال- مۈلۈكلىرىنى تالان- تاراج قىلىپ، ئۇنى قاق-سەنەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. دادىسىنى چوڭقۇر سېغىنىپتۇ. ئۆز يۇرتىدا قېلىپ دادىسىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرمىغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان- ھەسرەت چېكىپتۇ. ئۇ لېۋىنى چىشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ. قورسىقى ئاچسا توشقانلارنى ئوۋلاپ، گۈل-گىياھلارنى يەپتۇ. ئۇ بورانلىق كېچىدە ئاچ- يالىڭاچ كېتىۋاتسا، كۈچلۈك بىر نۇر يىراقتىن دۇمىلىغان پېتى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغىلا كەپتۇ... ئۇ، بۇ پۇرسەتنىڭ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، دۇمىلاپ كەلگەن نەرسىنى دەرھال تۇتۇۋالمىسا، ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپتۇ- دە، چاققانلىق بىلەن ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇ بىر پارچە گۆھەر ئىكەن- ئۇ، خوشلۇقىدىن يولىنى داۋام ئېتىپ، بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ- دە،گۆھەرنى نۇرغۇن پۇلغا سېتىپ، شەھەر ئىچىدىن بىر كاتتا مېھمانساراينى سېتىۋاپتۇ ھەمدە بېرىلىپ ئىشلەپتۇ. نەتىجىدە، تىجارىتى كۈنسايىن روناق تېپىپ، ئاجىز- مىسكىنلەرگە خەير-ئېھسان قىلىپ، يۈز تېپىپ، شەھەردىكى ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرگە ئايلىنىپتۇ. كىچىك ئوغول كۈنبويى ھاراق- شاراب، كەيپ- ساپاغا بېرىلىپ، بىرنەچچە يىلدىلا مال-دۇنيالىرىنى خەجلەپ، كۈلىنى كۆككە سورۇۋېتىپتۇ. ئۇ كېيىن ئوغرىلىق قىلىپ يۈرگەنلىكتىن، ئاخىر يىراق چۆللەرگە سۈرگۈن قىلىنىپتۇ ۋە ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق دەردىدە ئۆلۈپ قاپتۇ. ئاكىسى ئىنىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ قايغۇرۇپتۇ ھەمدە شەھەر ئەھلىگە ھەشەمەتلىك نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئىنىسىنى ياد ئېتىپتۇ... كېيىنكى كۈنلەردە، ئۇ بۇ ئىشلارنى بالىلىرىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
چوڭ ئوغۇلنىڭ مال- دۇنيالىرىنى ئوغرى- بۇلاڭچىلار ئېلىۋالالىغان بىلەن، ئۇنىڭ ئاشۇ مال- دۇنيادىنمۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىۋالالمىغان، ۋاقىت ۋە پۇرسەت يەنىلا ئۆز قولىدا قېپقالغان؛ كىچىك ئوغۇل مال- دۇنيالىرىنى بۇزۇپ- چاچقان ھەم قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلىپ، مال- دۇنيالىرىنى كۆپەيتىشتىكى پۇرسەتلەرنى تۇتمىغان.
ۋاقىتنى سۆيۈش، ئۆزىنى قەدىرلەش چىن ئادىمىيلىكنىڭ روشەن مەنزىلى، ئۇنىڭغا ئاشىق بولغۇچىلا چىن- ئەھلى ئىنساندۇر. ئىنسان باسقان ھەربىر قەدەملەردىن ئۇنىڭ ئىزنالىرى چاقنايدۇ. ھېكمەت تۈسىگە تويۇنغان پارلاق ھايات ۋاقىت بىلەن تەڭ كۆكلەپ مېۋە بېرىدۇ، بۇنداق باغۋەننىڭ نامى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ دەپتىرىدىن ئەبەدىلئەبەد ئۆچمەيدۇ.
پۇرسەت ـــ پايانسىز دېڭىز، ھايات ـــ ئاشۇ پايانسىز دېڭىزدىكى بىر قولۋاق. چەت- چېگرىسى ئۇپۇق بىلەن گىرەلەشكەن بۇ دېڭىز ئادەملەر ئۈچۈن بەيگە مەيدانى. ئەسلىنى تونۇش يوقلۇق ئىچىدىكى ئىجادىي تۇغۇمنىڭ تۈرەلمىسى، شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ يۈرىكى. ۋاقىتنى تونۇش ئەسلىنى تونۇشنىڭ مۇۋازىنىتى سۈپىتىدە ھەربىر ئىنسانغا مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەجبۇرىيەتنى يۈكلىگەن. شۇڭا، ۋاقىت ئېڭى ئىنساننىڭ نارەسىدە چېغىدىن باشلاپ رېسىدە بولغان، ھەتتا پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان دەملەرگە قەدەر ھاياتلىقنىڭ كونكرېت پائالىيەتلىرىگە سىڭىپ كېتىشى لازىمدۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، ۋاقىتنى قەدىرلەش، ۋاقىت ـــ پۇرسەت، ۋاقىت ـــ قىممەت دېگەندەك بۈيۈك سۈپەتلىرىمىز ئۆز مەنىسىگە لۇغەت تاپالمايدۇ. ئۇ، ئۆز نۆۋىتىدە بارلىق پائالىيەتلەرنى ئىنكار قىلىپ، بىز يەتمەكچى بولغان مەنزىللەرنى بەربات قىلىدۇ. بىز ۋاقىتقا نىسبەتەن ئىلمىي، توغرا مېتود شەكىللەندۈرمەيدىكەنمىز، پۇرسەتنى تۇتۇش، بۇ ئارقىلىق قىممەت يارىتىشنىڭ ئۇزاق سەپەرلىرىدە تالجىقىپ قالىمىز.
مۇستەھكەم ئىرادە، يىمىرىلمەس ئېتىقاد ۋاقىتنىڭ ھامىيسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزدە ۋاقىت ئېڭى بولۇشى، بولغاندىمۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋاقىت ئېڭى بولۇشى كېرەك. پۇرسەتنى تۇتۇشنى بىلمەي، كاللىمىز دائىم قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن تولغاندا، ئەسل- ۋەسلىمىزدىنمۇ قۇرۇق قالىمىز... تەقدىرىمىز تراگېدىيە بىلەن تۈگەللىنىشىمۇ مۇمكىن.
ھازىرقى دەۋر ـــ ۋاقىتنى يادرو قىلغان رىقابەت دەۋرىدۇر. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش رىقابەتتىكى ھايات- ماماتلىق مەسىلە. ئەزەلدىن بىز ھازىرقىدەك پۇرسەت ۋە رىقابەتكە دۇچ كەلگەن ئەمەس. زەن سالىدىغان بولساق، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەردىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكى ۋە مۇرەككەپلىكى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. دۇنيادىكى خىلمۇخىل رىقابەتلەرنىڭ نېگىزى ۋاقىت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش، شۇ ئارقىلىق ھايات تارىخىنى يېزىپ چىقىشتا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ. تارىخ ـــ بۈگۈننىڭ تۈنۈگۈنى، ئەتىنىڭ بۈگۈنى، شۇنداقلا كېيىنكىلەرنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئىبارەت. ھازىرقىدەك رىقابەت تولىمۇ كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىز پۇرسەتنى سەگەكلىك بىلەن تۇتۇشىمىز، بىئىنجالىق، بولۇمسىزلىق ئامىللىرىنى ئۆزىمىزدىن ساقىت قىلىپ، سەگەكلىك بىلەن توغرا دۇنياقاراش تىكلەپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىقىمىز لازىم.
ھازىر قارايدىغان بولساق، شەھەرلەردىن تارتىپ كەڭ سەھرالارنىڭ ياقا- پۇشقاقلىرىغا قەدەر ئاز بولمىغان كىشىلەردە ۋاقىت ئېڭى تۆۋەن بولماقتا، ھەتتا بۇ خىل ھادىسە كۈندىلىك تۇرمۇشتا خېلى گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە. تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدە ساغلام بولمىغان ناچار ئامىللار پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىگىلەپ كېتىۋاتىدۇ. بىرمۇنچە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئويلايدىغىنى نوقۇل ھالدىكى قانداق قىلغاندا تۇرمۇشنى يەنىمۇ رەڭدار قىلىش، تۇرمۇشنى غەمسىز، خۇشال- خۇرام، باياشات ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولماقتا. شەھەر- بازارلاردىكى خانىم- قىزلىرىمىز ھە دېسىلا كىيىم- كېچەك، زىبۇزىننەت غەلۋىسىنى قىلىش، ھەر خىل ناملاردىكى «چاي»لارغا قاتراش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ۋاقتىنى قەدىرلىمىسە، سەھرالىرىمىزدىكى بەزى ئەرلەر ھەممە ئىشنى خوتۇن بولغۇچىغا تاشلاپ بېرىپ، يەرمۇيەر، كەچمۇكەچ سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرسە، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلە مۇھىتى قانداق بولماقچى؟ بۇنداق ئەھۋاللار دەل بىزنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىزدا، كادىرلىرىمىزدا، پۇل تېپىپ ئالدىن بېيىغان بىرقىسىم كىشىلىرىمىزدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە.
 ـــ  نەگە ماڭدىڭ؟، ـــ سورىدىممەن مەكتەپكە خېلىلا ۋاقچە ماڭغان دېھقان قوشنامنىڭ بالىسىدىن.
 ـــ  مەكتەپكە شۇ...  ـــ ، دېدى ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن.
 ـــ  مەكتەپكە بۇنداق ۋاقچە بارساڭ، دەرسلەردە قانداقمۇ يېتىشىپ بولالايسەن، مۇئەللىمىڭ ساڭا ئاچچىقلىمامدۇ؟
 ـــ  مۇئەللىم تولا گەپ قىلىپ، خاپا بولۇپ ھېرىپ قالدى بولغاي. مېنىڭ ۋەزىپەم سانغا ئۆتۈپ، كۈننى كەچ قىلىپ بەرسەملا بولدى. دادام شۇنداق دېگەن...
قاراڭ بۇ بالىنىڭ گېپىگە! بىز بۇنىڭدىن يېزا- قىشلاقلىرىمىزدىكى بەزى دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بېسىمى ۋە مائارىپ قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدىن قورقۇپلا بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىككە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەۋجۇت بولمايدىغان بولسا، ئاشۇ نادان ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتىن باش تارتىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاشلا ساۋاتسىز دېھقان بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىرقى رىقابەت دەۋرىدە دېھقانلار ساۋاتسىز بولسىمۇ بولۇۋېرەمدۇ؟ بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك، كەتمەن چېپىشقا بىلىمنىڭ ھاجىتى يوقمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! بۇنىڭدىن كېيىن، پەن- مەدەنىيەت، ھۆنەر- كەسىپ بىلىملىرىنى ئىگىلىمىگەن ھەرقانداق كىشى جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ، دېھقانلارمۇ ئوخشاشلا بىلىم ئىگىلىمىسە، دېھقانچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، نامراتچىلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ، قىل سىغماس ھەقىقەت. نۆۋەتتە، ھۆكۈمىتىمىز پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز كىتاب- ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان بالىلىرىنى ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن تۇرۇقلۇقمۇ، قىسمەن دېھقانلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى ھاشار ئورنىدا كۆرۈۋاتقىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تولىمۇ نادانلىقىغا ئادەمنىڭ ئىچى سيرىلىدۇ!...
بىزدىكى ۋاقىت ئېڭى ۋە رىقابەت چۈشەنچىسىنىڭ ئاجىز بولۇشى ساپا مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ساپا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، مائارىپنىڭ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان كۈچ- قۇدرىتىگە تايىنىشتىن باشقا يول يوق. ئېنىقكى، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى تەخىرسىز مەسىلىدۇر. شۇڭا، ۋاقىت ئېڭى ۋە رىقابەت ئېڭىمىزنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جاپالىق كۈچ چىقىرىشىمىزغا، تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىزدە ۋاقىت ئېڭى ۋە رىقابەت ئېڭى بولمايدىكەن، دەۋر بىلەن تەڭ  ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ماسلىشالمايمىز، ۋەزىيەتنىڭ ئارقىسىدا قالىمىز، كۈچلۈك بەيگە مەيدانى بىزنى سىقىپ چىقىرىۋېتىدۇ. مانا بۇ، ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ رېئاللىقى.
«ۋاقىت ـــ ئاتقان ئوق» دەيدۇ كونىلار. كەتكەن ۋاقىتنىڭ مەڭگۈگە كېتىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ ئارقىغا يېنىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما، بىلىپ تۇرۇپمۇ بىزدە ۋاقىت ۋە رىقابەت ئېڭى بولمىسا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ھالىمىزغا ۋاي!
دوستلار، ئادەمگە ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولغىنىغا ئوخشاش، ۋاقىتنىڭمۇ بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغانلىقىنى ھەردائىم ئېسىمىزدە تۇتايلى. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق ماھىيەتتە ھاياتنى ئىسراپ قىلغانلىق، پۇرسەتنى تۇتمىغانلىق، ئۆزى خالاپ مەنىسىز ئۆلۈم يولىنى تاللىغانلىق بىلەن باراۋەردۇر. دېمەك، ۋاقىت، پۇرسەت ھامان بىزنىڭ ئىلىكىمىزدە،رىقابەت ئىتىنىڭ چۇلۋۇرىمۇ بىزنىڭ قولىمىزدا قانداق قىلىش،قانداق ياشاش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.


                       مەنبە<
Posted: 2010-11-01 12:51 | [پۈتۈكچى]


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1883
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1883 نوقتا
پۇل : 18830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:164(سائەت)

 

ۋاقىت ،رىقابەت ئېڭى بولمىسا...................ۋاي.............ۋاي........

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-11-01 13:48 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 3
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3 نوقتا
پۇل : 30 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

 
Posted: 2010-11-01 15:13 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation