ئاساسىي تېما : قېرىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان يىمەكلىكلەرنى بىلەمسىز؟ئاۋاتلىقى:153ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئۆز نەپسىنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئادەم قابىلىيەتلىك بول ..
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 364
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 364 نوقتا
پۇل : 3640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1299(سائەت)

 قېرىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان يىمەكلىكلەرنى بىلەمسىز؟

قېرىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان يېمەكلىكلەرنى بىلەمسىز؟
ئايلار،يىللار ئارقا-ئارقىدىن ئۆتمەكتە،كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى پېشانىڭىزغا چۈشكەن قورۇقنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ قالغان چېغىڭىزدا،«قېرىلىققا قەدەم باسقان ئوخشىمامدىم؟» دەپ چۆچۈپ كېتەرسىز ھەقىچان.كۈندۈلۈك تۇرمۇشىڭىزدا قېرىشقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش قېرىشقا تاقابىل تۇرۇپ،قېرىشىڭىزنى كېچىكتۈرىشىڭىزدە كارغا كېلىدىغان ئاماللارنىڭ بىرى.

تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قان مېيى ۋە خولېستېرىن مىقدارىنى ئازلىتالايدۇ.بۇ خىل ياغ نېرۋا سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تونۇش ئىقتدارىنى ئاشۇرالايدۇ،يۈرەك كېسىلى،سەكتە ۋە راك قاتارلىقلارنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ۋە ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.بۇ جەھەتتە،بېلىق تۈرلىرى ۋە ياڭاق قېرىشقا تاقابىل تۇرۇشقا ئاجايىپ ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

تەركىبىدە B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار مول بولغان يېمەكلىكلەر قېرىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان ئوزۇقلۇقلاردىكى ئەڭ كارغا يارايدىغان ۋىتامىنلاردۇر،نۇرغۇن ئادەم بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ياردىمىدە كەيپىياتى،جىسمانىي قۇۋۋىتىھىققەت-نەزەرى،ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتدارى ۋە ئەستە قالدۇرۇش ئىقتدارى قاتارلىقلارنى ياخشىلىۋالالايدۇ. B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار ئادەتتە بەدەندىكى ئاجرالما سۇيۇقلۇقلار بىلەن چىقىرىۋېتىلىدىغان بولغاچقا،بەدەندە ناھايىتى ئاسانلا كېمىيىپ كېتىدۇ.بۇخىل ۋىتامىن ئادەتتە ھايۋانات جىگىرى،ئېچىتقۇ،بۇغداي ئۈندۈرمىسى،گۈرۈچ شاكىلى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ.

ۋىتامىن E، C لار مول يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى ئاپېلسىن،مايمۇن شاپتۇلى،كۆكتاتلاردىن ئىبارەت.شوخلىدا لىكوپېن مول بولۇپ،ئۇنىڭ قېرىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋىتامىن C نىڭ 20 ھەسسسىگە باراۋەر.قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر(ياڭاق،خاسىڭ قاتارلىقلار)دە ۋىتامىن E مول.

كۈنجۈت— ۋىتامىن E غا باي،ئۇ بەدەننى زىيادە ئوكسىدلىشىپ كەتكەن ياغنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ،ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالايدۇ.

پالەك — B كاروتېن ۋە ۋىتامىن C غا باي.شۇڭا،ئۇ قېرىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان 10 ئېسىل يېمەكلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.پالەكتە ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن B كاروتېنلاردىن باشقا تۆمۈر،كالىي،ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار،فولىك كىسلاتا قاتارلىقلارمۇ مول.شۇڭا، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ،كەيپىياتنى جانلاندۇرالايدۇ.بىراق،پالەكتىكى ئوكسالاتنىڭ تاش پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،پالەكنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى قايناق سۇغا بېسىۋېتىش كېرەك.

سۇلۇ— تەركىبىدە ئاقسىل،كالتسىي،رىبوفلاۋىن،تىئامىن قاتارلىقلار مول بولۇش ئۈستۈنلۈكى بىلەن،قېرىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان 10 ئېسىل يېمەكلىك قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىردىنبىر دانلىق زىرائەت.ئۇنىڭدا غىزا تالاسى مول،شۇڭا،ئۇ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتەلەيدۇ.خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازالىتالايدۇ.ھەر كۈنى مۇۋپىق مىقداردا سۇلۇ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە،بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشى تېزلىشىپ،ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى كۈچىيىدۇ.

قارا شاكىلاتتا ئادەم تېنىگە پايدىلىق كالتسىي،فوسفور،ماگنىي،تۆمۈر.سىنك.مىس قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.فلاۋونوئىدلار دەپ نام ئالغان پولىفېنول تۈرلىرىگە تەۋە بولغان ماددىلار شاكىلاتتىكى يادرولۇق ساغلاملىق تەركىب ھېسابلىنىدۇ.بۇ ماددىلار ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ،زىچلىقى تۆۋەن ئاقسىللىق خولېستېرىننىڭ ئوكسىدلىنىشىنى توسىدۇ.ئوكسىدلىنىشتىن كېلىپ چىققان زەخىم نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرنى،يەنى يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى،راك قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا،ئانا ھەرە شىرىسى،گۈل چىڭى،يېشل چاي قاتارلىقلارمۇ قېرىشقا تاقابىل تۇرۇشتا ئېسىل تەبىئىي يېمەكلىكلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

Posted: 2010-11-01 12:36 | [پۈتۈكچى]


ئاق دىگەن ئاق،قارا دىگەن قارا
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 817
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 817 نوقتا
پۇل : 8170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 2 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:260(سائەت)

 

 


ئەتىكى ئازابنىڭ سەۋەبچىسى بولغان بۈگۈنكى خوشاللىقنىڭ نېمە كىرىكى!~~~~~~~

Posted: 2010-11-01 13:19 | 1 -قەۋەت


ئاق دىگەن ئاق،قارا دىگەن قارا
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 817
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 817 نوقتا
پۇل : 8170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 2 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:260(سائەت)

 

قارا كۈنجۈت ياخشى چاچ ئۆستۈرۈش دورىسى .
پالەكنى قايناقسۇغا بېسىۋەتسە سولىشىپ قالىدىغاندۇ؟!~~~~


ئەتىكى ئازابنىڭ سەۋەبچىسى بولغان بۈگۈنكى خوشاللىقنىڭ نېمە كىرىكى!~~~~~~~

Posted: 2010-11-01 13:23 | 2 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1883
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1883 نوقتا
پۇل : 18830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:164(سائەت)

 

مەن ئاسان قېرىمىغۇدەكمەن جۇمۇ!

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-11-01 13:51 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 118
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 118 نوقتا
پۇل : 1180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:10(سائەت)

 

مەن بىلىۋاپدىم، مىنىڭ قىرىپ كەتكۈم يوق ،رەخمەت سىزگە.

سەن سۇيگەننىڭ قۇلى بولغىچە،سىنى سۇيگەننىڭ گۇلى بول

Posted: 2010-11-01 16:40 | 4 -قەۋەت


ئۇنتۇلماس ئۆكتەبىر...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 522
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 525 نوقتا
پۇل : 5250 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:960(سائەت)

 

تۇغۇلۇش،قېرىش ، ئۆلۈش قانۇنىيەت... كىممۇ توسۇپ قالالىسۇن دەيسىز....  

ئەگەر ئارىمىزدا1000 قەدەم ئارىلىق بولسا،سىز بىر قەدەمنى باسسىڭىزلا،مەن سىزگە قاراپ قالغان999 قەدەمنى باسىمەن.

Posted: 2010-11-01 16:54 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> يېمەك -ئىچمەك

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation