ئاساسىي تېما : ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار ( مۇھەممەت سالىھ )ئاۋاتلىقى:300ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار ( مۇھەممەت سالىھ )

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك nazar تەرىپىدىن ھەق گەپ ھەق سۆزدىن يۆتكەلدى.(2010-11-01)


                         ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار

ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن باشلانغان ھاياتلىق يارىتىش ۋە يارىلىش ، ئىزدىنىش ۋە كۈرىشىش مۇساپىسىدۇر . ئۇنۇڭدا پارلاۋاتقىنى ئەلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتى ، غەيرەت - شىجائىتى بىلەن ئاياللارنىڭ مىھرى - مۇھەببىتى ۋە پىداكىرانە روھىدۇر . بىز ياشاۋاتقان بۇ كەڭ كائىناتتىكى ئەڭ زور پىلانىتلاردىن تارتىپ ئەڭ ئۇششاق زەرىچىلەردىكى ئاجايىپ ئىلاھى ماسلىقتا ئەكىس ئېتىۋاتقىنىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ يىلتىزى بولغان ئەر ۋە ئايالنىڭ ئورتاق مىھنىتىدۇر .
مەن ئىنسانىيەت مۇساپىسىدە نۇرلۇق سەھىپىلەرنى ئاچقان ، ئىسلام تارىخىدىكى ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ تىللاردە نامى داستان بولغان ئاياللارنىڭ ھايات تارىخىنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم . تىلىكىم يازغانلىرىم قاتتقى ھايات مۇساپىسىدىكى خەلقىمگە ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىسا ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ھەر بىر ئايالدا تارىخى بۇرۇچ تۇيغۇسى ئويغىتالىسا ئەجەپ ئەمەس   .                ( نەزىرە مۇھەممەت سالىھ )

 1 .  ئابىدار بېگىم  :  ئابىدار بېگىم  تۈمۈرىلەر نەسلىدىن بولغان ، ھىندىستاندىكى موغۇل خاندانلىقىنىڭ پادىشالىرىدىن ئەكبەر شاھ ئەبۇ فەزىل جالالىدىن مۇھەببەد ئىبنى ھۇمايۇننىڭ ( 1452- 1605 ) خوتۇنى بولۇپ ئۇ ئىلىم سۆيەر ، مەرىپەتپەرۋەر ئايال ئىكەن .
 2 .  ئارام بانۇ بېگىم  :  ئارام بانۇ بېگىم  تۆمۈرىلەر ئەۋلادىدىن بولغان مەشھۇر ھۆكۈمدار ئەكبەر شاھنىڭ قىزى ، ئۇ 40 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
 3 . ئارسلان خاتۇن :  ئارسلان خاتۇن سالجۇقىلاردىن توغرۇل بەگنىڭ قېرىندىشى داۋۇد ئىبنى مىكائىل ئىبنى سالجۇقىنىڭ قىزى ئەسلى ئىسمى خەدىچە بولۇپ نەسەبىنىڭ فامىلىسى بىلەن < ئارسلان خاتۇن > دەپ ئاتالغان .
 4 . ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم  : ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم قەدىمكى مىسىر پادىشالىرىدىن بولغان پىرئەۋىن ۋەلىد ئىبنى مۇسئەنىڭ خوتۇنى ، قۇرئان كەرىمدە ياخشى ئاياللار قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان ، ئۇ شۇ زاماندا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى بالىچىلاپ بېقىۋالغان ، ئاللاھقا ئىمان ئىېيتقان . پىرئەۋىننىڭ چىكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىغا قارشى چىققان .
 5 . ئاسيە بىنتى جارۇللاھ  :  ئۇ ئىبنى سالىھ ئىنى مەنسۇرنىڭ قىزى بولۇپ ، مىلادىيە 1395 - يىلى مەككەدە تۇغۇلغان ، ئۇ ھەدىسشۇناس ئالىمە بولۇپ ئۆز ئۆمرىدە 600 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ يازغان ، ۋە نۇرغۇن شاگىرت تەربىيلىگەن . 1468 - يلى ۋاپات بولغان .
6 . ئامنە بىنتى ۋەھى  :  ئۇ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى . ئامىنە ھۆسنى جامالى ۋە نەسەبتە قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئەڭ ئىسىلى ئىدى ، ئۇ پەيغەمبەر 6 ياش ۋاقتىدا ئۆزى 20 نەچچە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
7 . ئامىنە بىنتى شەرىفىددىن  : ئۇ مەشھۇر ھەدىسشۇناس بولۇپ ، مىسىرنىڭ مۇھەللە دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان ، مەشھۇر ئالىم ئىمام سۇيۇتمۇ ئامىنەدىن تەلىم ئالغان .
8 .  ئامنە رەملىيە  :  مىلادىيە 9 - ئەسىردە ياشىغان زۇھۇد ۋە تەقۋالىقتا نامى چىققان ئايالدۇر .
9 . ئامىنە ھۈمەييە  ؛  تۈركىيىنىڭ بۈيۈك ئالىمى ۋە مەشھۇر تەھرىرلىرىدىن بولغان جەۋدەت پاشانىڭ قىزىدۇر ، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان مەلۇماتلىق ئەدىبە ۋە پىداگوك كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان .
 10 . ئاماننىساخان : ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىغى دەۋرىدىكى تالانتىلىق شائىرە ، مەرىپەتچى ۋە ئىستىداتلىق مۇزىكانت ، ئۇ 12 مۇقامنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرغان ، ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا دىۋانى نەفسى ، ئەخلاق ۋە جەمىلە ، گۈزەل ئەخلاق ، سۇرھۇل قۇلۇپ ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان ، 33 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
 11 . ئايخان ئانا  : ئەل سۆيەر مەرىپەتچى ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخسلەرنى بىرى ، 1888 - يىلى غۇلجىدا توغۇلغان ، ئۇ 1933 -  1934 - يىللىرى غۇلجىنىڭ قازانچى شەھىرىدە مەخسۇس يىتىملارغا مەكتەپ سېلىپ بەرگەن ،  300 دەك ئوقۇغۇچىنىڭ تەمىناتىنى ئۈستىگە ئالغان ، ئۇ مۇستەبىت ھاكىميەتنىڭ تۈرمىسىگە چۈشۈپ جىق ئازاپ تارتقان  ، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى خەلىق قەلبىدە  يادلىنىپ كەلمەكتە .
  12 . ئانى فاتىمە  : ئۇ 17 - ئەسىردە ياشىغان ئىستامبوللۇق شائىرە ، ئانى ئۇنىڭ تەخەللۇسى .
 13 . ئابىدە  : ئۇ مەشھۇر مۇھەددىسە ، ئالىمە بولۇپ مەدىنىدە تۇغۇلغان ، ئۇ كىچىكىدىن ئىلىم سورۇنلىرىغا دىخىل بولۇپ ، دڭلىق مۇھەددىسە بولۇپ يىتىشكەن ، ئۇ ئەسلى چۆرە قىز ئىكەن .
 14 . ئاتىكە بىنتى زەيد : ئايال ساھەبىلەردى بولغان ئاتكە مەككىدە تۇغۇلغان ، ئۇ دىيانەتلىك ، پەم - پاراسەتلىك ئايال بولۇپ تۇنۇلغان شائىرە ئىدى .
 15 . ئالىمەتۇل بەنات : ئۇ ئىران تەۋەسىدىكى خان كىرمان دىگەن جايدا ياشىغان ئەدىبە ۋە مەشھۇر مائارىپچى . قىزلارنىڭ ئالىمەسى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ پۈتۈن ھاياتنى مائارىپ  ئشلىرىغا بېغىشلىغان .  ئۇ ئەر خۇتۇنلۇق ئەدەپلىرى دىگەن كىتاپنى يېزىپ قالدۇرغان .


بۇ ئاياللارنىڭ سانى 300 گە يېتىدىكەن مەن خاتىرەمدىكىلىرىنى يوللاپ قويدۇم ، قالغانلىرىنى تورداشلىرىم خالىسا كىيىن يەنە يوللاپ بىرەرمەن .



Posted: 2010-11-01 12:28 | [پۈتۈكچى]


ئاق دىگەن ئاق،قارا دىگەن قارا
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 817
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 817 نوقتا
پۇل : 8170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 2 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:260(سائەت)

 

مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن...بۇ ئاياللارنىمۇ بىلۋالدۇق ،ئاپىرىن ئۇلارغا !
سىزگىمۇ رەخمەت مۇنبەر شائىرەسى .


ئەتىكى ئازابنىڭ سەۋەبچىسى بولغان بۈگۈنكى خوشاللىقنىڭ نېمە كىرىكى!~~~~~~~

Posted: 2010-11-01 13:18 | 1 -قەۋەت


گۈزەللىك چىرايدىن ئەمەس،شەرمى-ھايادىن ئىپادىلىنىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 972
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 972 نوقتا
پۇل : 9720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1347(سائەت)

 

تەشەككۈر 
قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن .
Posted: 2010-11-01 13:20 | 2 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1883
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1883 نوقتا
پۇل : 18830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:164(سائەت)

 

دادام ماڭىمۇ ئايخان ئانىنىڭ ھىكايىللىرىنى تولا سۆزلەپ بېرەتتى!

رەھمەت قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن!

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-11-01 13:53 | 3 -قەۋەت


ھاياتىمدا بىر ئۆلسەم
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 374
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 378 نوقتا
پۇل : 3780 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:367(سائەت)

 

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بىلىۋالدىم            

پەلەك تەتۈر چۆرگۈلەپ مۇزلىدى يۈرەك ،ئارمانلارغا يىتەلمەي قالدىغۇ تىلەك.

Posted: 2010-11-01 15:03 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 3
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3 نوقتا
پۇل : 30 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

Posted: 2010-11-01 15:08 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 136
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 136 نوقتا
پۇل : 1360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:70(سائەت)

 

  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن       
Posted: 2010-11-01 15:30 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مەشھۇر شەخىسلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation