<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
ئاساسىي تېما : مېنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم(دىلداش)ئاۋاتلىقى:231ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مۇھەببەت پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈگۈمەس ئارمان.
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 8

پۈتۈك سانى: 451
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 471 نوقتا
پۇل : 4710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:608(سائەت)

 مېنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم(دىلداش)

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

سۈيۈنۈشتە ئۆتكەن ئىككىمىز،
باغلانغاچقا كۆڭۈل رىشتىمىز.
شاھىد بۇلۇپ شىرىن سۆيگۈگە،
قالغان دىلدا ئۆچمەس تالاي ئىز.



مەمنۇنلۇقتىن زوقلانغان يۈرەك،
ئەھدىلەردىن جانلىنىپ تىلەك.
مېھىرلەردىن كۆڭۈل بېغىدا،
پۇرەكلىگەن رەڭدار گۈل-چېچەك.



ئەپسۇس سېنى ئازدۇرۇپ شەيتان،
قالدۇردۇڭسەن ئاھ مېنى پىنھان.
ئۇنتۇدۇڭغۇ ئۇنتالمىدىم مەن،
سېنى كۈتۈپ قىينالسىمۇ جان.



بىلىنمىدى ئالدىڭدا قەدرىم،
مەن بولمۇدۇم ئالدىڭدا ھېچ كىم.
تەقدىر ساڭا بەرگەندە كۈلپەت،
مېنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم


ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

سۆيگۈنى كۆيلىمەك ئارماندۇ ماڭا،ھېسسىمنى مۇجەسسەم قىلىمەن شۇڭا.
سۆيگۈدۇر قىرىماس گۈزەل ياشلىغىم،يادىكارھېسسىمنى ئەيلەيمەن ساڭا.

Posted: 2010-11-01 09:11 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 454
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 454 نوقتا
پۇل : 4540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:483(سائەت)

 

راس دەيسىز ئادەم ھامان ئىرىشكەننىڭ قەدرىگە يەتمەي كىيىنچە پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن.ھارمىغايسىز
Posted: 2010-11-01 09:30 | 1 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 

مىنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم ،
ئىشقى ۋاپاغا قىلدىڭ خىيانەت .
مەڭگۈ ئۆچمەس دىلدىكى سۆيگۈ ،
ئايىرىلمايدۇ مەندىن ساداقەت .

ئايرىلمايدۇ مەندىن ساداقەت ،
خەستە جېنىم بولدىغۇ نىمجان .
كەچمىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتەرمەن ،
مۇھەببەتنى ئۇلغايتار ھىجران .
[ مەزكۇر پۈتۈك مۇسلىنە تەرىپىدىن 2010-11-01 11:38 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2010-11-01 10:18 | 2 -قەۋەت


ئائىلەمنى سۆيىمەن.......
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 376
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 377 نوقتا
پۇل : 3770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 2 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:42(سائەت)

 

بەك ياخشى يېزىپسىز،رەخمەت.

كېلىمىز....كېتىمىز...      يەر شارىنى چەيلەپ،ئەدەپلەپ،يىغلاپ قالار بۇلغانغان دۇنيا. قىلغىنىمىز ساۋاپمۇ-گۇناھ ؟يىتەلمەيمىز تىگىگە ئەمما......

Posted: 2010-11-01 10:22 | 3 -قەۋەت


ھاياتنىڭ گۇزەللىكى، ئۇنىڭ ئەگىر-تۇقايلىقىدا
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 478
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 478 نوقتا
پۇل : 4780 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:113(سائەت)

 

مىنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم
ھەم كەينىمدىن قالىسەن قاراپ.
سىغىنىشتا ئۇتكەن شۇ كۇنلەر.
قالدۇرىدۇ  مەڭگۇلۇك  ئازاپ
Posted: 2010-11-01 11:00 | 4 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 

ماۋۇ تىمىغا يازغان ئىنكاسىم يوقاپ كەتتىما ؟
Posted: 2010-11-01 12:40 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 454
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 454 نوقتا
پۇل : 4540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:483(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مۇسلىنە نىڭ 2010-11-01 12:40 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ماۋۇ تىمىغا يازغان ئىنكاسىم يوقاپ كەتتىما ؟

-ئۇنى بىز نەدىن بىلىمىز؟يازغان ئادەم سىز بىلمىسىڭىز؟قايتا يىزىڭە ئەمسە
Posted: 2010-11-01 12:41 | 6 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بوبۇرشاھ نىڭ 2010-11-01 12:41 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

-ئۇنى بىز نەدىن بىلىمىز؟يازغان ئادەم سىز بىلمىسىڭىز؟قايتا يىزىڭە ئەمسە


شۇنداق قىلمايمۇ بولمىدى ....
Posted: 2010-11-01 12:47 | 7 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 

مىنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم ،
ئىشىق ۋاپاغا قىلدىڭ خىيانەت .
مەڭگۈ ئۆچمەس دىلدىكى سۆيگۈ ،
ئايرىلمايدۇ مەندىن ساداقەت .

ئايرىلمايدۇ مەندىن ساداقەت ،
خەستە جېنىم بولدىغۇ نىمجان ،
كەچمىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتەرمەن ،
مۇھەببەتنى ئۇلغايتار ھىجران .
Posted: 2010-11-01 12:51 | 8 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 

مىنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم ،
ئىشىق ۋاپاغا قىلدىڭ خىيانەت .
مەڭگۈ ئۆچمەس دىلدىكى سۆيگۈ ،
ئايرىلمايدۇ مەندىن ساداقەت .

ئايرىلمايدۇ مەندىن ساداقەت ،
خەستە جېنىم بولدىغۇ نىمجان ،
كەچمىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتەرمەن ،
مۇھەببەتنى ئۇلغايتار ھىجران .
Posted: 2010-11-01 12:51 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 136
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 136 نوقتا
پۇل : 1360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:70(سائەت)

 

مىنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم،
سەنمۇ مەندەك بولغاندا بىركۈن.
ئىشىق قەدرىن بىلەرسەن سەنمۇ،
ئۇيقۇللۇرۇڭ كەلمەس ھەربىر تۇن.

ئۇيقۇللۇرۇڭ كەلمەس ھەربىر تۈن،
تولغۇنىسەن چوغدىكى قىلدەك.
مۇھەببەتنى قەدىرلە جېنىم،
بۇلۇپ قالما ئامرىغىم مەندەك.
[ مەزكۇر پۈتۈك ئوغۇز2 تەرىپىدىن 2010-11-01 13:08 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2010-11-01 13:01 | 10 -قەۋەت


گۈزەللىك چىرايدىن ئەمەس،شەرمى-ھايادىن ئىپادىلىنىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 972
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 972 نوقتا
پۇل : 9720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1347(سائەت)

 

مىنى ئەسلەپ قالارسەن بەلكىم ،
مەن يېنىڭدىن يىراق كەتكەندە .
يادىڭغا كىلەرمەن چۇقۇم بىر كۈنى ،
يېرىم بوپ كۆڭلۈڭ ، ئازاب چەككەندە .
Posted: 2010-11-01 13:15 | 11 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1883
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1883 نوقتا
پۇل : 18830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:164(سائەت)

 

يادىڭغا كىلەرمەن ھامان بىر كۈنى،
ئاشىقلىق تەقتىگە راۋا بولغاندا.
خىيالىڭ ئىچىرە يۈرەرمەن ئۈزۈپ،
قەلبىڭدە گۈلخانلار لاۋا بولغاندا.

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-11-01 14:32 | 12 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1883
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1883 نوقتا
پۇل : 18830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:164(سائەت)

 

Quote:
5 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مۇسلىنە نىڭ 2010-11-01 12:40 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
ماۋۇ تىمىغا يازغان ئىنكاسىم يوقاپ كەتتىما ؟


ياق.....كىيىم ئالماشتۇرىۋاتىدۇ...........(چاقچاق)

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-11-01 14:33 | 13 -قەۋەت


گۈزەللىك چىرايدىن ئەمەس،شەرمى-ھايادىن ئىپادىلىنىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 972
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 972 نوقتا
پۇل : 9720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1347(سائەت)

 

قەلبىڭدە گۈلخانلار لاۋا بولغاندا ،
ئېچىنىپ قىلمىشىڭغا ، ئەسلەيسەن مىنى .
گەرچە سەندىن ئايرىلغان بولساممۇ ،
ئاشىقلىقتا كۈتىمەن  ، سۆيىمەن سىنى .
Posted: 2010-11-01 14:39 | 14 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1883
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1883 نوقتا
پۇل : 18830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:164(سائەت)

 

بارمۇ سىز ئۇيغۇرئاي؟

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-11-01 14:54 | 15 -قەۋەت


گۈزەللىك چىرايدىن ئەمەس،شەرمى-ھايادىن ئىپادىلىنىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 972
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 972 نوقتا
پۇل : 9720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1347(سائەت)

 

Quote:
15 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى نازاكەت0604 نىڭ 2010-11-01 14:54 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
بارمۇ سىز ئۇيغۇرئاي؟


بارغۇ ، مۇنبەردە ئىككى كۈن بولمىسام سېغىنىپ كىتىپسىزدە نازاكەت
Posted: 2010-11-01 14:59 | 16 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1883
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1883 نوقتا
پۇل : 18830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:164(سائەت)

 

ئەلۋەتتە،سىزگە ئاتاپ مىسرا تىزىۋەتتىم !

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-11-01 15:13 | 17 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 454
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 454 نوقتا
پۇل : 4540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:483(سائەت)

 

Quote:
14 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئويغۇرئاي نىڭ 2010-11-01 14:39 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
قەلبىڭدە گۈلخانلار لاۋا بولغاندا ،
ئېچىنىپ قىلمىشىڭغا ، ئەسلەيسەن مىنى .
گەرچە سەندىن ئايرىلغان بولساممۇ ،
ئاشىقلىقتا كۈتىمەن  ، سۆيىمەن سىنى .

<<ئاشىقلىقتا كۈتىمەن ،سۆيىمەن سىنى،>>بۇ مىسراغا ياندىشىش بىزە قىيىن بوپ قاپتۇ.ئىمكان بار مۇشائىرە يىزىشقاندا ئاخىرقى مىسراغا كۈچ چىقىرىپراق يازسىڭىز
Posted: 2010-11-01 17:03 | 18 -قەۋەت


مۇھەببەت پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈگۈمەس ئارمان.
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 8

پۈتۈك سانى: 451
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 471 نوقتا
پۇل : 4710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:608(سائەت)

 

Quote:
18 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بوبۇرشاھ نىڭ 2010-11-01 17:03 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

<<ئاشىقلىقتا كۈتىمەن ،سۆيىمەن سىنى،>>بۇ مىسراغا ياندىشىش بىزە قىيىن بوپ قاپتۇ.ئىمكان بار مۇشائىرە يىزىشقاندا ئاخىرقى مىسراغا كۈچ چىقىرىپراق يازسىڭىز

مەنمۇ بوبۇرشاھ قارى نىڭ پىكىرىنى قوللايمەن

سۆيگۈنى كۆيلىمەك ئارماندۇ ماڭا،ھېسسىمنى مۇجەسسەم قىلىمەن شۇڭا.
سۆيگۈدۇر قىرىماس گۈزەل ياشلىغىم،يادىكارھېسسىمنى ئەيلەيمەن ساڭا.

Posted: 2010-11-01 17:35 | 19 -قەۋەت
<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation