سېنى خىيال قىلغاندا
بىلىقىزئەمەتپاك
يىراقلاردىن كەلگەن شوخ شامال،
ئېلىپ كېلەر يارنىڭ ھىددىنى.
چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ زوق بىلەن ،
چاقىرىمەن كۈندە ئىسمىڭنى.
خيالىمغا كىرىپ كېلىسەن ،
ئارغىماققا مىنىپ گايىدا.
قىلىچىڭ بار كاپكاپ كۈچۈكمۇ،
كېلەر يانداپ بىللە يېنىڭدا.
خىيالىمغا كىرىپ كېلىسەن،
گويا سەن بىر بېلىقچى بوۋاي.
يېنىڭدا مەن بىشەملىك قىلىپ،
كوتۇلدىغاق ھازازۇل موماي.
چۆچۈپ كەتتىم خىياللىرىمدىن ،
ئەسنى يىغدىم تۇرىسەن ياندا.
چۈشۈممىدۇ دىسەم ئۆزۇڭنى،
قاچان بولدۇڭ يېنىمدا پەيدا.
نەزەر سالغىن ۋاپادارىڭغا
بىلىقىزئەمەتپاك
نەزەر سالغىن ۋاپادارىڭغا ،
سېنىڭ ئۇچۇن ئاقارغان چېچى.
كېچە كۇندۈز غېمىڭنى قىلىپ،
بەدەل تولەپ قالدۇغۇ كۈچى.
ساداقەتتە ئېچىلغان بىر گۈل،
بىلسەڭ چىراق ئەسلى دىلىڭغا.
ئەقىدەڭدە كۈزەتسەڭ ئۇنى،
ئىشقىڭ يانار ھامان ئۇنىڭغا.
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە بولۇپ ،
ماڭار يۆلەپ يېنىڭدا سېنىڭ ،
تەييار ساڭا ئىسسىق ئاشلىرى،
دىمەس ھەزگىز سېنىڭكى مېنىڭ.
ئەقىدىسى سەن ئۈچۈن يانسا،
سەن ئۇنىڭدىن تاپىسەن قۇسۇر.
jۋىجدانىڭدىن سوراپ كۆردىڭمۇ.
سەندە ئىنساپ بارمىدى غۇرۇر.
تاپالامسەن ئۇنىڭدەك جانان،
ۋاپا بىلەن ئىشقىنى ياققان،
بەرسەڭ ئاڭا داۋاملىق جاپا،
ئۇۋالىغا قالارسەن ھامان.
ئۆتنە ئالەم بۇ دۇنيا بىلسەڭ،
ئۇۋال قىلساڭ بىر كۈن يىغلايسەن .
قەدىرلىسەڭ قىلىپ ئەقىدە .
توزىمايسەن ھەر كۈن كۆكلەيسەن.
بەخىت ناخشىسى
بىلىقىزئەمەتپاك
تۇمۇچۇقتەك يايرىم بار مېنىڭ،
غەمگە پاتسام سايراپ ھارمايدۇ.
چاندۇرمايدۇ يىغلاپ تۇرسىمۇ ،
كۈلىۋەتكىن مەن كۈلدىم دەيدۇ .
باھار بولۇپ مەن ئۈچۈن دائىم ،
يۈرىكىمنى سەگىتسەم دەيدۇ.
يۇلتۇز بولۈپ پەقەت بىر ماڭا،
ياندۇرسامكەن ساداقەت دەيدۇ . سىناقلاردا توۋلىنىپ يۈرەك،
ئەقىدىمىز كەتتى چىچەكلەپ .
ئۇنىڭ بىلەن ياشايمەن بىللە.
بەختىم كۆرسە كۈلەر پورەكلەپ.
چىڭ ئۇيۇشسا ساداقەت پەسلى،
مول ھوسۇللۇق باقار كېلەچەك.
ئارزۇ ئارمان ئەمەس يىراقتا.
چىن ئەقىدە بولسا يار يۆلەك.
سەنسىزمۇ كۈلۈپ ياشايمەن
بىلىقىزئەمەتپاك
سۆيسەم يۈرەكتىن ئالدىدىڭ مېنى،
مېنى يامان دەپ سۆيدىڭ باشقىنى.
يۈز كېلەلەمسەن چىن ئەقىدەمگە ،
يۇرمە سېغىنىپ بولدۇڭ ئاشقىنى.
سېغىنماس يۈرەك تۇنجۇقتى كۆڭلۈم،
سەنسىزمۇ چوقۇم كۈلۈپ ياشايمەن.
سەن بىر بىۋاپا تۇرغان تۇرۇقلۈق،
مېنىڭدىن بەكرەك ئۈنلۈك قاخشايسەن.
قېنى يار سەندە ئىنساپ ۋە ۋىجدان،
قېنى سەن دىگەن يېشىل مۇھاببەت.
كۆزلىرىمدە ياش مەتەمدە روھىم .
ئۇزاتتىم سېنى سەن سالغاچ ھەسرەت.
ئەنسىرمە پەقەت بالام نەدە دەپ،
ئۇنى قاتارغا قوشۇمەن چوقۇم .
ئىنساپ ۋىجداننى بىلسەڭ ئايرىيتىڭ ،
ھالام ھارام دەپ بارغۇ بۇ ئۇقۈم.
يىغلىمىغىن بىر كۈنى مەندە
بىلىقىز ئەمەت پاك
دوسلۇق گۈلى تۇتسام مەن ساڭا،
ھەسرەتلەردە باقىسەن يىراق.
چىن يۈرەكتىن سۆيگەشكە مېنى،
بەلكىم دوس دەپ چەككىڭ يوق پىراق.
ئايان ماڭا يۈرەك سۆزلىرىڭ،
تىكىلمەكتە ماڭا كۆزلىرىڭ.
يانلىرىمدىن كېتەلمەي ئەگىپ،
ئۈنچە مارجان چاچتى يۈرىكىڭ.
سۇ ئىچەركەن كۆڭۈلدىن كۆڭۈل،
سەن يىغلىساڭ تولغاندى يۈرەك.
شۇ تاپ سوراق قىلدىم قەلبىمنى
سېغىنىشىم نىمىدىن دېرەك.
سەن يوق بولساڭ ئىزدەيمەن سېنى،
بولساڭ ئۆيدە قاچىمەن بىراق.
توۋا دىدىم ياقامنى تۇتۇپ.
بۇ مەندىكى سۆيگۈمۇ قانداق.
سېنىڭ ئۈچۈن يانسىمۇ قەلبىم،
يىغلىمىغىن بىر كۈنى مەندە.
سېنىڭ ئۈچۈن مەن قاخشال دەرەخ.
سەن پاك سۈتكە قانمىغان بەندە.
دوسلۇق گۈلى
بىلىقىز ئەمەت پاك
كۆزۇڭدە مەن ياش يۇقى كۆرسەم
يۈرىكىمنى تىلىدۇ ھەسرەت.
مۇڭلىرىڭدىن مۇڭلاندى يۈرەك،
بىر مەن ئۈچۈن بەرسەڭ مۇھاببەت.
ئوتلۇق يانغان چىن ساداقەتكە،
بىلىپ تۇرۇپ سانجىدىم خەنجەر.
بەلكىم دىلىم قارا نىيەتتۇ،
سەن يىغلىساڭ ئىچكۈزدىم زەھەر.
مېنى دىدىڭ" باغرى تاش " بەلكىم،
سەن تەلمۈرسەڭ پەرۋاسىز يۈرسەم.
مەن قانداقمۇ ئۇنۇتاي سېنى،
دەيمەن پەقەت بەختىڭنى كۆرسەم.
سەن تەڭلىگەن چوغلۇق گۈلىنى،
قىسىۋالدىم چېكەمگە قارا.
ساڭا تىزدىم دوسلۇق گۈلىنى.
يۈرىكىڭنى قىلمىغىن يارا.
يانلىرىڭدىن يىراق كەتمەيمەن،
چېكىۋەرمە ھەسرەتلىك پىراق.
تۇتالمىسام سەن ئۈچۈن سۆيگۈ،
دوسلۇق گۈلى تۇتىمەن بىراق. ۋاپاسىدىن كۈلدى يۈرىكىم
بىلىقىزئەمەتپاك
دېزىرەمنىڭ تۇۋىدە كاككۇك،
ياشلىرىنى تۆكىدۇ مۇڭلۇق.
ساداقەتتە ياشنىغان قەلبى،
ۋاپاداردۇر مىجەزى ئوڭلۇق.
ئەقىدىسى شۇنچە پىپايان،
مېنىڭ ئۈچۈن يارالغان بەلكىم.
ئۇ تۇرسا ئاي قولۇم يېتەمدۇ،
سېغىنساممۇ يەتمەيدۇ ئەقلىم.نىمىشقىدۈر يىغلىسا قەلبى،
تولغىنىدۇ يۈرىكىم دەششەت.
كېتەلمەيدۇ ئۇمۇ يېنىمدىن ،
مەنمۇ كەتمەي چېكىمەن ھەسرەت.
مۇشۇمىدۇ سۆيگۈ مۇھابەت،
مۇشۇمىدۇ دىگەن ساداقەت.
ۋاپاسىدىن كۈلدى يۈرىكىم،
شۇڭا كۈيۈم ياڭراقتۇر قەۋەت.قېنى ئېيقىن ماڭا دەردىڭنى ،
مەنمۇ ئېيتاي ساڭا دەردىمنى.
قولۇمنى تۇت ئەقىدەڭ بىلەن،
ياڭرىتايلى خوشال كۈيلەرنى.
ئاشىقلارلا يازامدۇ شىئېر،
بىلىقىزئەمەتپاك
تونۇمايتىم سېنى مەن پەقەت،
ئىزدەپ مەندىن يۈرىسەن قۇسۇر.
شىئېر يازسام كەم دەپ مۇھاببەت،
ئۇيالماستىن قىلىپسەن ئۇچۇر. خالامسىزكىن مۇھابىتىمنى،
قېنى جاۋاپ بېرىڭە دەيسەن.
ۋاپادارىم بار ياندا دىسەم ،
مەيلى سېنى سۆيىمەن دەيسەن.
سۆيەلمەيمەن سېنى مەن دىسەم،
تىغ سانجىيسەن پىنھاندا ھەردەم.
ئاشىقلارلا يازامدۇ شىئېر،
سوراق قىلىپ سەن مېنىڭ نىمەم.
تىغ سانجىما ئىناق دىسەڭ
بىلىقىزئەمەتپاك
ۋاپادارغا ۋاپادارمەن،
ۋاپاسىزغا قەھرىمدە ئوق.
ياندا تۇرسا گۈزەل دىلبەر،
باشقا يارنىڭ كېرىگى يوق.
قوينى باھار مېھرى دېڭىز،
قوينىدا مەن ئۈزگەن بېلىق.
ئەقىدىمىز چىچەكلىگەچ،
يايرىم ئەمەس ماڭا سىرلىق.
يىغلاي ياكى كۈلەي بەزى ،
دىمە مېنى بەختى قارا.
يار ۋاپادار كۈيىم ياڭراق،
بولماس مەڭگۈ قەلبىم يارا.
قىلتاق قۇرۇپ يوللىرىمغا،
يالغان كۈلۈپ ھېرىپ قالما.
كۇيلىرىمدىن ئىزدەپ ئۆزنى،
سۆيدىم مەن دەپ پىچىرلىما.
يار ئىككىمىز مەڭگۈ مەڭگۈ،
ئايرىلماسقا ئەھدىمىز بار.
مەنسىز ئۆتمەس ئۇنىڭ كۈنى،
مېنىڭمۇ ھەم ئەقىدەم يار.
ئىناقلىقنى تەكىتلەپسەن،
ئۆزۈڭ بىلمەي ئىناقلىقنى.
ئازار بەرمە پىنھان تۇرۇپ،
بىلىۋالغىن ئۆز -ئۆزۇڭنى.
تىغ سانجىما ئىناق دىسەڭ،
خاتىرجەملىق بولسۇن دىسەڭ.
سەن بىر كارۋان مەنمۇ كارۋان.،
رەنجىشمەيلى دوستۇم دىسەڭ.
پەرۋاسىزمەن
بىلىقىزئەمەپاك
يۈردىم بەلكىم لاغايلاپ سەرگەندارلىق چۆلىدە،
ماختاپ قويسا ئالدىنىپ يۈرگەندىمەن كۈلكىدە.
گۈل بەرگىگە قوندۇم دەپ مەن ئۆزۈمنى بىلەلمەي،
سەكرەپ باقسام ئوڭدامغا چۈشۈپ كەتتىم پوككىدە.
ئېغىرلىغىم ئېغىرمۇ يەرمۇ ۋايجان ! دەۋەتتى،
مەن ئۆزۈممۇ ئاغرىقتىن جان چىقمىدى دەۋەتتىم.
كۈلۈپ دىدى كايىنات ئالدىرمىغىن ئاۋايلا،
ھەرقانداق ئىش مۇرەككەپ ئىزدەن دىدى سەن قىزىم. مەن يىقىلغان يېرىمدىن تۇرسام ئاستا ئاۋايلاپ،
پارلاپ قۇياش بېشىمدا بەردى قولنى ئۇ ماڭا،
مۇزلاپ كەتكەن ۋۇجۇدۇم ھارارەتتە جان كىرىپ،
ھايات ماڭا بىلىندى شۇنچە گۈزەل بىل شۇڭا.
نىمە دىسە دەۋەرسۇن يانالمايمەن يولۇمدىن،
ھەتتا ئىبلىس كەلسىمۇ قورقىتالماس يۈزىدىن.
ماڭغان يولۇم تەۋرەنمەس شاخلىنىدۇ ھىسلىرىم،
ياختۇرمىساڭ ئوقىما پەرۋاسىزمەن ئىزىڭدىن.