ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ھەممە نەرسىنى رەتلىك ، جاي -جايىدا قويىدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن تۇرمۇشتا تەرتىپسىزلىشىپ كېتىدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ ھورۇنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس . ئۇلار خوتۇنىنىڭ نەرسە يىغىشتۇرغاچ ئانچە-مۇنچە قاقشاپ قويۇشلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ ؛
* ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ، دورا يەپ يۈرۈپ ساقىيىدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كيىن ئانچىكى كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ۋايجانلاپ يېتىۋالىدۇ ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق چاغدا خوتۇنىنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن ھالىتىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ؛
* ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ھەمىشە ئايال بولغۇچى چوقۇم ئېرىنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقى كېرەك ، دەپ ئويلايدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئاندىن ئاياللارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ، ياشاش ئۇسۇلى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ ؛
* ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ئەر كىشى چوقۇم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالىغا ئانچە-مۇنچە يالغان سۆزلەپ قويسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ؛
* ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆپ ياش تۆكىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بەرگەن ئازابقا چىدىماي يىغلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ .