ئاساسىي تېما : ئۇلۇغ ئاللا بىزنى مەغپىرەت قىلغىن!ئاۋاتلىقى:135ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 36 نوقتا
پۇل : 360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:14(سائەت)

 ئۇلۇغ ئاللا بىزنى مەغپىرەت قىلغىن!

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك موللام تەرىپىدىن قىسقا فىلىملەردىن يۆتكەلدى.(2010-11-01)
                                                  ئۇلۇغ ئاللا بىزنى مەغپىرەت قىلغىن!
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىنداشلىرىم.مەن سىلەرگە ئۆزەم كۆرگەن چۈشۈمنى سۆزلەپ بەرمەكچى،كۆزقارىشىڭلارنى ئاڭلاپ باقسام،ئىشىنىڭلاركى بۇھەممىسى راست .رەخمەت.
  بۇتېخى تۈنۆگۈن بولغان ئىش.بىر ئاغىينىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغان،ئۇيەردە سالاغا بوشلۇق قىلىپ بىرئاز كەيىپ ساپا بولۇپ قالدى.مەنغۇ ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇراتتىم،لېكىن تۇرمۇش،جەمىيەت ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇسەپكە قېتىلىپ قالدىم.ئۇلۇغ ئاللا كۆڭلۈمگە  ئىنساپ بېرىپ ،ئىمان نۇرۇمنى نۇرلاندۇرغاي، شۇ شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلاپ، ھىدايەت يولىغا باشلىغاي،ئامىن!شۈنىڭ بىلەن ئازراق ھاراق ئىچىپ سالدىم.يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتتىم.ئۆيگە كېلىپ ياتسام ئۇيقا يوق،شۇنداق تەستە ئۇخلاپ قاپتىمەن،لېكىن ئويغۇنۇپ كەتتىم،يۈرەكلىرىم سېلىپ،تەرلەپ كېتىپتىمەن.(ئايتەلكۇرسىنى)ئوقۇپ ياتتىم،قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،چۈشۈم باشلاندى:
  چۈشۈمدە بىرئاپئاق ساقال مويسىپىت بوۋاي بارئىكەن،ئۇ بوۋاي مېنى ۋە مەندىن باشقا بىرقانچە ئادەملەرنى بىريەرگە ئاپىرىدىغانغا تاللاپتۇ،مەن ئۇيەرنى (مەككە )دەپتىمەن. ئۇ مويسىپىت بىزدىن سۇئاللارنى سوراپتۇ،مەندىن سورالغان سۇئاللار تازا ئېسىمدەيوق.لېكىن توغرا جاۋاپ بېرىپتىمەن.شۇنىڭ بىلەن مويسىپىت بىزنى بىريەرگە باشلاپ مېڭىپتۇ،بىز مېڭىپ بىر يەرگە كەلگەندە ئۆزەم يالغۇز قاپتىمەن.بۇچاغدا ئەتراپىمدا كۆرگەنلىرىم:
    ئەتراپ قاقاس تاغ ۋەچەكسىز قاقاسلىق،ئوڭ تەرىپىمدە بىر ئورەك بارئىكەن،ئىچى سىماپ بىلەن توشقۇزۇلغان بۇلۇپ،بىرئادەم ئۇنىڭ ئىچىدە «قۇتقۇزۇڭلا» دەپ كۈچىنىڭ بارىچە تىپىرلايتتى لېكىن چىقالمايتتى،ئۇنى تاتىدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.سول ،تەرىپىمدە،بىرگۈلخان يېنىپتۇراتتى،ئۇنىچۆرىدەپ بىرتوپ ئادەم چۆگىلەيتتى،ھەرقېتىم ئوت ئۇلغايغاندا ئەتراپتىكىلەر ئۇئوتقا «ئاكا بىزنى قۇتقاز»دەپ ئۆزىنى ئاتاتتى،ئۇئوت ئاسمانپەلەك كۆتۈرۈلۈپ كۆيەتتى.يەنە ئەسلىگە كېلىپ قايتا تەكرارلىناتتى.ئالدىتەرىپىمدە ئۆيگەئوخشاش بىريەر بۇلۇپ،ئەتراپى ئەسكى تاملىق،ئىچىدە بىرمۇنچە ئادەملەرباربۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ پەقەت  قولى ۋە بېشىلا كۆرىنەتتى،قالغان بەدىنى يەر ئاستىدا ئىدى ،ئۇلار يېنىدىكىلەرنى ھەدەپ يەرئاستىغا باساتتى.ئەتراپىمدا ھەرخىل ئادەملەر پەيدا بۇلاتتى،بەزىلىرىنىڭ يۈزىنىڭ يېرىمى يوق،بەزىلىرىنىڭ كۆزى يوق،يەنە بەزىلىرىنىڭ قۇلاقلىرى يوق بۇلۇپ،بىرنىمىلەرنىدەپ يۈرەتتى،ماڭا قارايتتى،لېكىن مەن ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپ شۇنداق قىياچىيا،ۋاراڭچۇرۇڭ ئىدى.توساتتىن يېنىمدا بىرسى:ئاكا،مەن كۆچەممەي ۋاتىمەن،دېدى.ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلمايتتى.يەنە بىرسىنى بىرتوپ ئادەملەرمۇ ئىشقىلىپ بىركىملەر قوغلا ۋاتاتتى،ئۇتوۋلاپ_ۋاقىراپ قاچاتتى.
     بۇچاغدا مېنى قورقۇنۇش باستى.دەل شۈچاغدا ماڭابىر ئاۋاز ئاڭلاندى:تۆۋبە قىل!!!تۆۋبە قىل!!!مەن قورقۇنۇش ئىچىدە ئىككى قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ  يىغلاپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:ئەي مەغپىرەتلىك ئاللا!مەن تۆۋبە قىلدىم!مەن تۆۋبە قىلدىم!مېنى كەچۈر!ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن!گۇناھىمنى كەچۈر!مېنى مەغپىرەت قىلغىن!دەپ دۇئاقىلىپ يىغلاپكەتتىم.بۇچاغدا ماڭالماي قالغان مەن،ئاستا ئورنۇمدىن قوزغالدىم.مەن تۆۋبە ئىستىغپار ئوقۇغان سېرى قەدەملىرىم تېزلەيتتى.مەن يېنىمدىكىلەرگىمۇ،تۆۋبە قىلىڭلار!تۆۋبە قىلىڭلار!دەپماڭدىم.تۆۋبە قىلغانلار ماڭدى،ئاندىن يۈگەرگەن ھالەتتە كۆزدىن غايىپ بولدى.ھېلىقى ئاغزى ئېچىلمايدىغانمۇ،تۆۋبە قىلدى،ئاغزى ئېچىلدى،يۈگۈرەپ كۆزدىن غايىپ بولدى.مەن يەنىلا ئۇلۇغ ئاللاغا يىغلاپ تۇرۇپ چىن دىلىمدىن تۆۋبە ئىستىغپار ئوقۇۋاتىمەن.ئەي مەغپىرەتلىك ئۇلۇغ ئاللا،مەندەك ئاجىز گۇناھكار بەندەڭنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگىن!مەغپىرەت قىلغىن!تۆۋبە قىلدىم!مېنى كەچۈرگىن!گۇناھىمنى كەچۈرگىن!
   بۇچاغدا مېنىڭمۇ قەدەملىرىم ئىتتىكلەشكە باشلىدى،ھېلىقى يىغا_زارە،ۋاراڭ_چۇرۇڭلاردىن يىراقلىدىم.لېكىن،مېنىڭ سول پۇتۇم سۆرۈلۈپ قالاتتى.مەن ئۇلۇغ ئاللاغا يىغلاپ تۇرۇپ تۆۋبە قىلدىم،ئىستىغپار ئوقۇدۇم ۋە شۇ قورقۇنۇش ،تۆۋبە ئوقۇغان ھالەتتە ئويغۇنۇپ كەتتىم.پۈتۈن بەدىنىم قارا تەرگە چۆمۈپتۇ،سول پۇتۇمغا قارىدىم،پۇتۇمنى ئالمىۋاپتىمەن.تاڭ سۈزۈلۈپ دەل ناماز ۋاختى بولۇپ قاپتۇ،شۈ ئولتۇرغانچە تۆۋبە ئىستىغپار ئوقۇدۇم.ناماز ئوقۇغۇم كەلدى،لېكىن كەيىپ قىلغان بولغاچقا پاكىزلىنىپ ئاندىن باشلاشقا نىيەت قىلدىم.
    قېرىنداشلىرىم،مەن چۈشۈمدە كۆرگەن يەر سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا نەدۇ؟بۇبىربىشارەت بۇلۇشى مۇمكىن،ئۇئادەتتىكى يەرئەمەس.
  مەن ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىمغا تۆۋبە قىلدىم.ئۇلۇغ ئاللا دىلىمغا ئىنساپ بەرگەيسىز،ئىمانىمنى مۇستەھكەم قىلغايسىز،شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىغا تاقابىل تۇرغىدەك كۈچ قۇۋۋەت بەرگەيسىز.مېنى توغرا يوللارغا باشلىغايسىز.
  يوقارقى ھەممىسى راست،ئازراق يالغىنى يوق.مەن بۈگۈندىن باشلاپ گۇناھلىرىمغا تۆۋبە قىلىشقا باشلىدىم،مېنىڭچە مەنكۆرگەن بۇچۈش بىر بىشارەت،مەن تۆۋبە قىلدىم،ئەگەر ماڭا ئوخشاش ئازغان بالىلار بار بولسا،سىلەرمۇ قىلغان گۇناھلىرىڭلارغا تۆۋبە قىلىڭلارۋەشۈ يولدىن يېنىڭلار.ناماز ئوقۇڭلار.ئىبادەت قىلىڭلار.ئاللا غا دۇئا قىلىڭلار.
   قېرىنداشلار،ھەممىمىز بىرلىكتە بىلىپ_بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن تۆۋبە قىلايلى.قوللىرىمىزنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ:ئاللا ھۇممە،رەببەنا،ئاتىننا،فىددۇنيا ھەسەنەتەن،ۋەفىل ئاغىرەتى ھەسەنەتەن،ۋەقىننا ئازابەننار!دەپ ئۇلۇغ ئاللادىن گۇناھىمىزنى تىلەيلى.ئىنسابىمىزنى تىلەيلى،ئىمانىمىزنىڭ مۇستەھكەم بۇلۇشىنى تىلەيلى.ئەتراپىمىزدىكى لەرنى يامان يولدىن توسۇپ توغرايوللارغا باشلايلى.
   ئۇلۇغ ئاللا، بىزدەك ئاجىز بەندىلىرىڭىزنىڭ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسىز!قىلغان تۆۋبىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغايسىز!دۇئا لىرىمىزنى مەقبۇل قىلغايسىز!بىزنى سىز ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغايسىز!ئامىن!

ئەزان چىقىشتىن بۇرۇن نامازغا ئالدىرايلى،
ئۆلۇم كېلىشتىن بۇرۇن تۆۋبىگە ئالدىرايلى.

Posted: 2010-11-01 01:16 | [پۈتۈكچى]


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 

ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگە گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغايسەن .
Posted: 2010-11-01 10:37 | 1 -قەۋەت


ئابدۇلھەمىد ئىسلامى  خۇدا كاتتىدۇر 229177410
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 1771
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1777 نوقتا
پۇل : 17770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:163(سائەت)

 

ئەيخۇدا سەن غاپۇر مەن بەندەڭ  مىنى كەچۇر                    رەھمەت 

دىنىڭ ئىسلام بۇلسا چىقار كۇچۇڭ بولسا 229177410      http://pahir0903.33591.com/ 

Posted: 2010-11-02 21:41 | 2 -قەۋەت


شۈكرى ئاللا !!!!!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1135
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1135 نوقتا
پۇل : 11350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:208(سائەت)

 

ياخشى چۈش كۈرۈپسىز، چۈشىڭىز چۈش بولسۇن، يۈسۈپ ئەلەيكىسىلام يار بولسۇن .مىنىڭچە بولغاندا ئۇلۇغ ئاللا خالىغان بەندىسىگە ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ ،خالىغان بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلىدۇ .............بۇ سىزگە بىرىلگەن قىزىل چىراق بۇلۇشىمۇ مۇمكىن.....لىكىن ئەڭ ياخشى بولغىنى گۇناھلىرىڭىزغا تۆۋبە قىلغىنىڭىز ،.....ئەڭ ئاخىرقى نەپسىڭىزگىچە مۇشۇ يولدىن قايتماڭ............

ئوماق ئوغلۇم، مەن سىز بىلەن بىللە

Posted: 2010-11-02 22:17 | 3 -قەۋەت


            ئاللا بىر 
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 33
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 33 نوقتا
پۇل : 330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2(سائەت)

 

رەھمەت       

936377015

Posted: 2010-11-02 22:26 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 36 نوقتا
پۇل : 360 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:14(سائەت)

 

مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈم توخرىسىدىكى ماقالەمنى كۆرگەنلەرگەۋە قىممەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرغانلاغا چىندىلىمدىن تەشەككۈر.
ئىشەنسەڭلار مەن شۇكۇندىن باشلاپ تۆۋبە قىلدىم،نامىزىمنى باشلىدىم.دىلىم يورۇپقالدى.
قېرىنداشلىرىم،يامانيولدىن قايتىپ،توغرا يوللارغا ماڭايلى.ئۇلۇغ ئاللادىن ئىمانىمىزنى،ئىنسابىمىزنى،بەختىمىزنى تىلەيلى.
ئۇلۇغ ئاللا ناھايىتى رەخمەتلىك ۋەمەخپىرەتلىكتۇر.بىز چىن دىلىمىزدىن تۆۋبە قىلساق،ئۇلۇغ ئاللا بىزنى مەخپىرەت قىلىدۇ.
ئۇلۇغ ئاللا بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن.ئامىن!

ئەزان چىقىشتىن بۇرۇن نامازغا ئالدىرايلى،
ئۆلۇم كېلىشتىن بۇرۇن تۆۋبىگە ئالدىرايلى.

Posted: 2010-11-02 23:49 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation