ئاساسىي تېما : بىز بىلمەيدىغان مۇھەببەتئاۋاتلىقى:102ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مەڭگۈ سۆيىمەن!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 243
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 249 نوقتا
پۇل : 2490 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:25(سائەت)

 بىز بىلمەيدىغان مۇھەببەت

بىز بىلمەيدىغان مۇھەببەت
 ۋېي شۈەنلى

   ئاتام بىلەن بىللە مومامنى يوقلاپ بېرىۋېدۇق، مومام قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى، بىزگە كۈندە ئۆز قولى بىلەن ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بەردى. ئەمما ھەر قېتىم تاماق ۋاقتىدا بوۋام ھەممىمىزنىڭ كەينىدە قالاتتى. ئۇ دەسلەپتە تاماقنى ئاستا چايناپ ئالدىرىماي يۇتاتتى، بىز تاماق ئۈستىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاماق يېيىش رېتىمىنى تېزلىتەتتى. قاچىسىدىكى تاماقلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن، قازان ۋە ئۈستەلدىكى ئېشىپ قالغان تاماقلارنى بىر دەمدىلا يەپ بولاتتى. بىر قېتىم ئاشخانا ئۆيگە مېۋە يۇيغىلى كىرسەم، بوۋام چۈشتە ئېشىپ قالغان ئۈگرىنى ئىچىۋېتىپتۇ، ئاش ئىچىۋاتقان چاغدىكى تۇرقى خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەمگىلا ئوخشايتتى. ئاشخانىدىن چىقىپ مومامغا:
   ـــ بوۋام 70 ياشقا كىرگەن تۇرۇپمۇ كۈندە ئېشىپ قالغان تاماقلارنى يەيدىكەن، ئاغرىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ - دېدىم. مومام كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:
   ـــ بىز ئۇنى زورلىمايمىز. ئېشىپ قالغان تاماقنى يېيىش ئۇنىڭ ئادىتى، ھېچ ئۆزگەرتەلمەيدىغۇ تاڭ!
 
   مومامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ بوۋام بىلەن توي قىلغان دەسلەپكى چاغدا قىيىنئانىسى بىلەن قىيىنسىڭلىسى مومامنى بەك خارلاپتۇ، مومام تاماقنى ئاز ئېتىپ قويسا، ئۇلار قويماي يەۋېتىپتۇ؛ جىق ئەتسە، ئالدىرىماي يەپ ئاشۇرۇپ قويۇپتۇ ھەمدە مومامنى ‹‹تاماقنى ئىسراپ قىلدىڭ›› دەپ تىللاپتۇ. بوۋامنىڭ مومامغا ئىچى ئاغرىپ تاماق ۋاقتىدا ئاستا ۋە ئالدىرىماي يەيدىغان، باشقىلار تاماق يەپ بولغاندا ئېشىپ قالغان تاماق - قورۇمىلارنىڭ ھەممىسىنى يەۋېتىدىغان بوپتۇ، ئەمما ئۇ، بۇ ئادىتىنى ھازىرغىچە ئۆزگەرتەلمەپتۇ...
   ـــ قىزىق ئىش، بوۋاڭنىڭ قورسىقى رېزىنكە توپقا ئوخشايدۇ، جىق يېسىمۇ، ئاز يېسىمۇ ئوخشاشلا پېتىپ كېتىدۇ، - دېدى مومام چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
 
   ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. بوۋامدا نەدىمۇ ئۇزىراپ - قىسقىرالايدىغان ئاشقازان بولسۇن، ئۇنىڭدا بارى ساپ مۇھەببەتكە تولغان ئوتلۇق يۈرەك!
 
   بىر قېتىم كوچىدا كېتىۋېتىپ بىر ئاغىنەمنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنىڭ چىرايىدىن غەزەپلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان خوتۇنى ئۇنىڭغا ھاي بېرىۋاتاتتى. ئاغىنەمدىن سوراپ مۇنداق ئىشلىقىنى بىلدىم: ئەسلىدە ئاغىنەم خوتۇنىغا بانكا كارتىسى بېجىرىپ بەرمەكچى بولغانىكەن، بانكا خادىملىرى كارتا ئىگىسىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىپتۇ، بىراق بانكىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئون نەچچە باسقۇچلۇق پەلەمپەي بولغاچقا، چاقلىق ئورۇندۇقنى ئېلىپ چىقىش مۇمكىن بولماپتۇ، شۇڭا ئاغىنەم بانكا خادىملىرى بىلەن گەپ تالىشىپ قاپتۇ. بۇ ئاغىنەم ئادەتتە ئېغىر - بېسىق، مۇلايىم ئىدى، باشقىلار بىلەن سەن - پەن دېيىشىپ قالغىنىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانىدىم.
   ئاغىنەمنىڭ خوتۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:
   ـــ ئادەتتە ئۇ قوزىدەك ياۋاش ئادەم، بىراق ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ، - ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئېرىگە مېھرى بىلەن قارىدى، - سىزمۇ - زە، ئۇلار بېجىرىپ بەرمىگەندىن كېيىن بولدى قىلمامسىز، باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ نېمە قىلىسىز؟
   بىراق دوستۇمنىڭ غەزىپى تېخىچە بېسىلمىغانىدى:
   ـــ مەن ھەر قانچە ئۇۋالچىلىق تارتساممۇ كارى چاغلىق ، ئەمما باشقىلارنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن...
   نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم. خوتۇنى ئېرىنىڭ قولىنى ئالقىنىغا ئالدى، ئاندىن يۈزىگە ياقتى، كۆز چانىقىدا مەرۋايىتتەك ياش تامچىلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى. بۇ كۆرۈنۈشتىن قەلبىم ئىختىيارسىز ھاياجانغا چۆمدى.
   يېڭى ئۆيۈمنى زىننەتلەش تازا جىددىي باسقۇچقا كىرگەندە، ياغاچچى ئۇستام تۇيۇقسىز:
   ـــ بىر ھەپتە رۇخسەت بەرسىڭىز، ئۆيگە قايتىپ ئۆيدىكىلەرگە بۇغداي ئورۇشۇپ بېرەي دېۋىدىم، - دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋايىم ئۇچتى:
   ـــ مۇشۇنداقلا تاشلاپ قويۇپ كېتەمسىز؟ يەنە بىر قانچە كۈندە ئىش تۈگەيدۇ، كۆپرەك پۇل تاپسىڭىز كومبايىن ئىجارىگە ئالالايسىزغۇ؟
   ئۇستام بېشىنى قاشلاپ، بىر ھازا جىمىپ كەتكەندىن كېيىن قەتئىي تەلەپپۇزدا دېدى:
   ـــ ئۆيگە قايتمىسام زادى بولمىغۇدەك! خوتۇنۇم بالام بىلەن ئۆيدە يالغۇز قالغان، ئۇ كومبايىن ئىزدەپ نەگە بارىدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئۆيگە قايتىشىم كېرەك، بولمىسا خوتۇنۇم يالغۇز قىينىلىپ قالىدۇ...
   ئۇستامنىڭ ‹‹خوتۇنۇم ئۆيدە يالغۇز قالغان›› دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ يۇمشاپ قالدىم، ياق، ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم، ھۆرمىتىم ئاشتى، چۈنكى ‹‹خوتۇنۇم ئۆيدە يالغۇز قالغان›› دېگەن بۇ ئاددىي سۆزگە ۋاپادار ئەرنىڭ خوتۇنىغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى يوشۇرۇنغان، ئەلۋەتتە.
   ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئادەملەردىمۇ ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ ساپ مۇھەببەت بولىدۇ. ئۇلاردىكى مۇھەببەت بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىلىك رومانتىك، مەجنۇنلارچە دەبدەبىلىك مۇھەببەت بولمىسىمۇ، ئەمما سۆيگەن ئادىمىگە بولغان كۆيۈنۈش، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى يوشۇرۇنغان. ئېشىپ قالغان بىر قاچا تاماق، ئانچىكى گەپ تالىشىش، ئىشنى تەڭ قىلىش... دېگەندەك ئۇششاق ئىشلار مۇھەببەتكە ئەڭ گۈزەل ئىزاھات، ئەلۋەتتە!


( ساتتار غوپۇر تەرجىمىسى )


سەن بىلەن تونۇشقان چاغلار نىمە دېگەن شېرىن ھە !

Posted: 2010-10-31 23:52 | [پۈتۈكچى]


ھاياتلىقنىڭ پەيزى ئەگرى توقايلىقتا
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 844
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 844 نوقتا
پۇل : 8440 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:668(سائەت)

 

مۇھەببەت..........

ناھايىتى ئېسىل تىمىكەن، رەھمەت سىزگە........

ھايات....ئۆلۈم....گۆر....قىيامەت........جەننەت ياكى دوۋزاخ......

Posted: 2010-11-01 00:09 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2 نوقتا
پۇل : 20 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

ياخشى يىزىپ سىز
Posted: 2010-11-01 00:39 | 2 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2340
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2343 نوقتا
پۇل : 23430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:231(سائەت)

 

مۇھەببەتكە مەسلەھەتچىنىڭ كېرىگى يوق ....
Posted: 2010-11-01 00:39 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 115
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 115 نوقتا
پۇل : 1150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:14(سائەت)

 

ياخشى تىما ئىكەن.رەھمەت سىزگە.
Posted: 2010-11-01 00:57 | 4 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:نۇر ئەلچى


جەۋھەر پۈتۈك: 24

پۈتۈك سانى: 4780
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 4828 نوقتا
پۇل : 48280 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4731(سائەت)

 

ھەر بىر قۇر خەتنى ئوقۇغۇچە كۆزۈمگە ئىسسىق ياشلار كەلدى!  ھېلىمۇ مەن ئېغىز-بېسىق ئىكەنمەن!    بولمىسا تاس قالاتتىم!!!  سىزمۇ تەپسىلى ئوقۇپ ئىبرەت ئېلىڭ دوستۇم!

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2010-11-01 11:18 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation