ئاساسىي تېما : ھاياتىمدىكى ئاخىرقى كۈنلەرنى......(ئاينۇرى888)ئاۋاتلىقى:127ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 407
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 409 نوقتا
پۇل : 4090 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:46(سائەت)

 ھاياتىمدىكى ئاخىرقى كۈنلەرنى......(ئاينۇرى888)

     يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق ئايلىرى ئاخىرلىشىپ،كۈز ئايلىرى يېتىپ كەلدى.دەل دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى ئاستا ئاستا ئالتۇن رەڭگە كىرىپ،تولىمۇ قىسقا بولغان ھاياتلىق مۇساپىسىگە قاراپ،ئۈمچەيگەنچە دەرەخ شاخلىرىداتۇرۇپتۇ.يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە كەچ كۈزنىڭ شىۋىرغانلىرىدا ئۇلار بىر بىرلەپ يەر يۈزىگە چۈشۈدۇ،ئاندىن قارا تۇپراققا ئاستا ئاستا سىڭىپ كېتىدۇ.ھاياتىمدىكى بىردىن بىر مۇڭداش ھەمرايىم پاتىمە،مەن ئەتىگەندە سەن دەملەپ قويغان چاينى ئىچمەستىن،دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈشكە كەتكەنلىكىم نى سەن بىلىسەن.بەلكىم ئىشىك ئالدىدا مېنىڭ كېلىشىمنى كۈتۈپ ،يولۇمغا تەلمۈرگەنچە ئەنسىرەپ ئولتۇرغانسەن.دوختۇرنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن قايتا،قايتا تەكشۈرۈشى بىلەن كېسىلىممۇ ئېنىقلاندى.مەن دوختۇر بىلەن خۇشلىشىپ،ئىككى تەرىپى دەرەخلەر بىلەن تولغان ئاسفالىت يولدا ئۆيگە قاراپ كېتىپ بارىمەن.سەن بەلكىم ماشىنىغا چىقىپلا قايتىپ كەلسىڭىز بولماسمىدى؟دەپ سوراسەن؟ياق،مەن بۈگۈن مۇشۇ يولنى پىيادە بېسىپ،ھايات مۇساپەمنى بىر ئويلاپ بېقىشنى قارار قىلدىم.
يولدا ئادەملەر شالاڭ ئىدى.بىراق ئۇلار بىر بىرىدىن ئالدىراش كېتىپ بارىدۇ.مەن قەدەملىرىمنى ئاستا ئېلىپ،ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ،تەبىئەتكە تويماي قاراپ،كېتىپ بارىمەن.مەن ھايات مۇساپەمدە شۇنچە يىل ياشاپ،بۈگۈنكىدەك ئالدىرماي يول يۈرۈپ باقماپتىكەنمەن،مەن ياشاۋاتقان بۇ ئالەمنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرىنى قانغىچە تاماشا قىلىپمۇ ھۇزۇرلانمايلا ئۆمۈرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆتكۈزۈپتىمەن.مانا ئەمدى ئاياقلىرىمدا يۇپۇرماقلار كەچ كۈز كەلگەنلىگىنى ماڭا پىچىرلاۋاتىدۇ.خىياللىرىم چېچىلغان بولۇپ،گاھى ئىككىمىز تۇنجى ئۇچراشقان دەقىقىلەرگە كېتىپ قالىدۇ.گاھى ئىگىلىك تىكلەش يولىدا،ئىككىمىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ،جاپا مۇشاقەتلەردىن غالىپ كېلىپ،ھازىرقى باياشاتلىققا يەتكەنلىكىمىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ.گاھى بارلىق ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ ۋارىسى بولغان ئوغۇل،قىزلىرىمنىڭ تەكەبۇر قىياپىتى،ئىسراپخور ئادەتلىرى،ماركا قوغلۇشۇپ،پاراغەت تۇرمۇشنى قوغلاشقان بىلەن ئەمگەك سۆيمەيدىغان،بىكار تەلەت قىياپىتى مېنى بىئارام قىلىدۇ.مەن يالغۇز كېتىپ بارىمەن.سەن بىلەن شۇنچە يىل بىرگە ياشاپ،پەقەت ۋە پەقەت بۈگۈنلا سېنى ھاياتىمدىكى ئەڭ مېھرىبان،مەڭ سۈيۈملۈك كىشىم دەپ ھېس قىلماقتىمەن.توۋا،بىر كۈن ئىچىدىلا مەندە يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگۈرۈشلەر مېنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى.ھايات مۇساپەمگە قايتا نەزەر سالغىنىمدا،بۇرۇن ئۇتۇق قازاندىم دەپ تەمەننا قويىدىغان «مەن»نىڭ ئورنىنى،ئىچكى دۇنياسىنى نادامەتلەر قاپلىغان «مەن» ئالدى.مەن بۇ ھاياتىمدىن بۈگۈن تۇنجى بولۇپ ئۆكۈندۈم.نىمە ئۈچۈن دەپ سوراۋاتامسەن؟ئېھ،قەلبىمنىڭ ئەڭ ئەزىزى،بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن.ئاڭلاپ تۇر:بىرىنچىدىن بىر دادا بولغان مەن ،ئىشلىرىمغا ۋارىس بولغىدەك بىرەر پەرزەنت تەربىيلىمەيلا پۇتلىرىمدىن مادار كېتىپ قاپتۇ.ئەزرايىلدىن چاقىرىق كېلىدىغانغىمۇ ئازلا قالغاندەك تۇرىدۇ.ئىككىنچىدىن،ھاياتلىق ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل تېپىپتىمەن،نۇرغۇن بايلىقمۇ يارىتىپتىمەن،ئەمما بىرەر قېتىم مادىىي قىيىنچىلىق ئالدىدا قەددى پۈكۈلگەنلەر ئۈچۈن ياردەم قولۇمنى سۇنۇپ،دەردىگە دەرمان بولالماپتىمەن.ئۈچۈنچىدىن،مېنى ئاپئاق سۈتى بىلەن بېقىپ،كېچە كېچە ئۇخلىماي ئەللەي ناخشىنى ئېيتىپ باققان ئانام قېرىپ ياردەمگە مۇختاج بولغاندا،مېنى نۇرى ئۆچكەن كۆزلىرى بىلەن يولۇمغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغىنىدا،كۈندە بىرغۇ ئەمەس،ھەپتىدە بىر بېرىپ،قانداقراق ئەھرالىڭىز؟دىگىلى يارىماپتىمەن.تۆتىنچىدىن،تالاي پۇللارنى تاپقان مەن رەھمەتلىك دادام ئاغرىپ دوختۇردا يېتىپ قالغاندا،ئۇرۇق تۇققانلىرىم بىلەن ئازارلىشىپ،دوختۇر پۇلىنى جىقاراق تۆلەشتىن باش تارتىپتىمەن.ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە بەھۇزۇر ياشاپ،ئىسىل پىكاپلاردا ئولتۇرغىنىمدا ئاجىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ھالىنى بىرەر قېتىممۇ سوراپ،ئەركەك قېرىنداشلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.يەنە مەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەقىدە قىلىپ،ئېغىرىم بولسا كۆتۈرۈپ،خاتالىقىم بولسا ئەپۇ قىلىپ،نوقسانلىرىمنى كىشىگە تىنماي،ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئىسسىق چاي،توڭلاپ كەلسەم ئىسسىق جاي راسلاپ،بارلىقىنى مەن ئۈچۈن ئاتىغان سەندەك بىر پەرىشتە سۈپەت ئايالىمغا،توي قىلىپ بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كىيىن،«سېنى سۆيىمەن،پەقەت سېنىلا سۆيىمەن» دىگەن بۇ ئاددى سۆزنى ئالدىڭدا جاراڭلاپ تۇرغان ئاۋازىم بىلەن دەپ باقماپتىمەن.تېخى سەندىن بىر تالاي نوقسانلارنى ئىزدەپ،دىلىڭغا ئازارمۇ بېرىپ كەپتىمەن......مەن ئەپسۇسلىنىدىنغان،ئۆكۈنىدىغان ئىشلار يەنە شۇنداق جىق،جىق.
قەدىناسىم پاتىمە،بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە،ئاجىز،روھى دۇنياسى تولىمۇ كەمبىغەل ھېس قىلىۋاتىمەن.گەرچە كاتتا داچىدا ئولتۇرۇپ،ئىسىل پىكاپنى ھەيدەپ يۈرگۈنۈم بىلەن،ئىنسانلىق روھىيىتىم تولىمۇ گاداي ئىكەن.قارا،يولدا بىر بوۋاي ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن تازىلىق ئىشچىسى قىزچاق،يۈگۈرۈپ كېلىپ،بوۋاينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ،ئەھۋال سورىدى.ئاندىن بوۋاي ئۇنىمىغىنىغا قويماي،تاكسى توسۇپ،يول خىراجىتىنى ئۆزى تۆلەپ،بوۋاينى ئۆيىگە يولغا سالدى.بۇ تازلىق ئىشچىسى قىزنىڭ ئايلىق مائاشى شۇنچىلىكلا،ئارانلا ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ھالدا تۇرۇپمۇ،باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى بىلىدىكەن.ئەمما مەن مىليونىر دەپ ئاتالغان تۇرۇپمۇ،بۇنداق ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن.قارا،يېنىمدا بىر ئاددى دادا ئىش قىلىپ قاداق باسقان قوللىرى بىلەن ئوغلىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كېتىپ بارىدۇ.ئوغلىغا چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ.مەن دادا بولغان 30 نەچچە يىلدىن بويان بۇ ئىشلارنى پەقەتلا قىلىپ باقماپتىمەن.ئالدىمدىن مەن بىلەن دېمەتلىك بىر ئەر قولىدا بىر تالاي سەي كۆك تاتلارنى كۆتۈرۈپ،ئۆيىگە ئالدىراش كېتىپ بارىدۇ.ئەمما مەن بۇ ئۆمرۈمدە سەن ئۈچۈن ئۆيدە نىمە بار،نىمە يوق دەپ سوراپ،ئەكىلىپ باقماقتىمەن.......
گۈلۈم پاتىمە،مەن يولدا كېتىپ بارىمەن.شۇندا ئۆز ئۆزۈمگە« ئەگەر يەنە ياشايدىغان كۈنلىرىم بولۇپ قالسا،شۇ كۈنلەرنى قەدىرلەپ،ھەقىقىي بىر ئىنساندەك ياشاپ باقاي دەپ پىچىرلاپ كېتىۋاتقىنىمدا،شامال بىر پارچە گېزىتنى ئۇچۇرۇپ ئالدىمغا ئەكەلدى.مەن گېزىتنى قولۇمغا ئېلىپ،بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ،ئوقۇشقا باشلىدىم.گېزىتتىن «يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى»نىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغان ماقالىنى ئوقۇپ تولىمۇ تەسىرلەندىم.مەنمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۈشنى قارار قىلدىم.يەنە سېنىڭمۇ مېنى قوللايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىپ تۇرۇپتىمەن.
ساڭا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىم بەكمۇ كۆپ ئىكەن.بەلكىم 30 نەچچە يىللىق نىكاھ ھاياتىمىزدا،يىغىلىپ قالغان يۈرەك سۆزلىرىم بولسا كېرەك.ئۆيگە قايتىپ بېرىپ،سېنى باغرىمغا بېسىپ،قىرولار چۈشكەن چاچلىرىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ،سەن بىلەن قانغىچە مۇڭدېشاي دەيمەن.بىز ئۈچۈن بۇنداق كۈنلەردىن يەنە قانچىلىكى قالغانلىقىنى بىلمەيمەن.شۇڭا قالغان ئۆمرۈمدە سۆيگۈ قەرزىمنى ئوبدان ئادا قىلىپ،ئاخىرقى ئاياق ئىزلىرىمنى مېھرى ۋاپا،ساداقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەببىتىم بىلەن مۇشۇ جاھانغا سالاي دەيمەن،گۈلۈم.مۇشۇ دەقىقىلەردە سېنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.كەل،ئامرىقىم،سېنى باغرىمغا باساي!

مەنبە:قەلەم
[ مەزكۇر پۈتۈك ئاينۇرى888 تەرىپىدىن 2010-10-28 23:47 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2010-10-28 23:33 | [پۈتۈكچى]


ھىسيات كۈتۈلمىگەندە كېلىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2013
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2014 نوقتا
پۇل : 20140 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:317(سائەت)

 

مەن نىمە دېيىشنى تازا بىلىمدىم...

مەن ئادەم -ئادەملەرگە.

Posted: 2010-10-29 11:32 | 1 -قەۋەت


مۇساپىدىن مەنزىلگە
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 15

پۈتۈك سانى: 558
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 588 نوقتا
پۇل : 5880 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3072(سائەت)

 

ئوبدان يېزىپسىز .بىر مىلىيونېرنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا كەلگەندىكى توۋىسىنى ، ئوپۇق _ ئۆكىنچلىرىنى بايان قىپسىز . ھازىر مۇنداق كىشىلەر خېلى بار . بۇ ئەسىرىڭىز شۇندقلارغا قامچى بولۇپ قالار بەلكىم . غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن .

ياخشى ئادەمنىڭ يېشىنى سورىما ، ياخشى ئاتنىڭ چىشىنى سانىما .

Posted: 2010-10-29 11:44 | 2 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2292
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2295 نوقتا
پۇل : 22950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:228(سائەت)

 

بەھرى يوق بايلىقتىن گادايلىق ياخشى ...
Posted: 2010-10-29 11:44 | 3 -قەۋەت


ئەقىلللىق قىز~
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 218
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 218 نوقتا
پۇل : 2180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:18(سائەت)

 

 
Posted: 2010-10-29 12:16 | 4 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1771
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1771 نوقتا
پۇل : 17710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:158(سائەت)

 

توغرا،پۇل بولغان بىلەن روھى بايلىق بولمىسا بىكار-دە!

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-10-29 12:42 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 407
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 409 نوقتا
پۇل : 4090 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:46(سائەت)

 

توغرا،پۇل تاپقان بىلەن ئادىمىلىكنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ
Posted: 2010-10-30 09:41 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation