ئاساسىي تېما : سەھرا مۇھەببىتىئاۋاتلىقى:92ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەللىك چىرايدىن ئەمەس،شەرمى-ھايادىن ئىپادىلىنىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 972
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 972 نوقتا
پۇل : 9720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1347(سائەت)

 سەھرا مۇھەببىتى

چۈشەپ قالدىم سېنى بۇ كېچە ،
يىراقتىكى ئانا ماكانىم .
سەيىر قىلىپ گۈك بويلىرىڭنى ،
چېچەكلىدى ، كۈلدى ئارمانىم .

توپا تۇزۇپ تۇرغان يۇلۇڭدا ،
يالىڭاياق ماڭدىم قانغىچە .
مۇھەببەتتتىن توزىتىپ ناخشا ،
كۈيلەپ چىقتىم سېنى تاڭغىچە .

باغلىرىڭغا كۆچتىمۇ يۇلتۇز ،
ئالما ، ئۆرۈك تۇرار جىمىرلاپ .
كۈي چاچرىتىپ ئاققان سۈيۈڭگە ،
چىرمىشىدۇ خىيالىم شۇ تاپ .

بۈركۈتلەرگە ئۇۋا تاغلىرىڭ ،
يالتىرايدۇ شەمشەردەك گويا .
ئاي نۇرىدا يۇيۇنغان چۆپلەر ،
قىمىرلايدۇ ئەيلەپ ئۇز جۇلا .

قەدىم خىلۋەت جىگدىلىك باغلار ،
جىلمىيىپ كۆز قىسىدۇ ماڭا .
بالىلىقنى ئېسىمگە سېلىپ ،
شىۋىرلايدۇ بىر تۇنۇش سېما .

قاياقتىدۇر كېلەر يېيىلىپ ،
ماڭا تۇنۇش تەمبۇرنىڭ ئۈنى .
دىلغا ھۇزۇر يۈكلەيدۇ ھەۋەس ،
بۇ مېھرىلىك سەھرانىڭ تۈنى .

سېنىڭ سېھىر تولغان قۇچىقىڭ ،
يۈرۈكۈمدە ئويغاتتى لاۋا .
ھېسلىرىمنى ھەريان ئۇچۇرۇپ ،
لەۋلىرىمگە سۆيدى شوخ سابا .

ئېرىپ كەتتى ۋۇجۇدۇم ياغدەك ،
تۈن پەيزىنىڭ ئىللىق تەپتىدە .
دولقۇنىدا ئاقتىم ۋىسالنىڭ ،
چىن سۆيگۈنىڭ شاشلاپ بەھرىدە .

قانماي - قانماي ۋەسلىڭگە زىنھار ،
يايدىم قۇچاق بۇلاقلىرىڭغا .
سىرلىرىمنى تۆكتىم يۇشۇرماي ،
شەبنەم سۆيگەن قىياقلىرىڭغا .

سالدىم گىرە ، مەڭزىمنى يېقىپ ،
ئەۋرىشىم تال - چىۋىقلىرىڭغا .
يوق قلچىلىك مەندە ئۆكۈنۈش ،
سىڭىپ كەتسەم يېرىقلىرڭغا .

پەرۋانىمەن تۈنۈڭدە ئۇچقان ،
ئىشقىم شەيدا چىراغلىرىڭغا .
چۆگىلەيمەن چىجرانىڭ ئارا ،
سۆيۈپ تويماي زىناقلىرىڭغا .

چۈشەپ قالدىم سېنى بۇ كېچە ،
يىراقتىكى ئانا ماكانىم .
سەن قەلبىمدە ، كۈيلىرىمدە ھەم ،
كۈيلىنىسەن ، پارلايسان دائىم .


مەنبە ؛ << شېئىرلار توپلىمى >> دىن
Posted: 2010-10-28 21:22 | [پۈتۈكچى]


ۋاقىت - بايلىق !
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 622
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 624 نوقتا
پۇل : 6240 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:253(سائەت)

 

سەھرا -  گۆزەل ماكان ! ئۇ يەرلەدە نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بۇلۇدۇ !  تېمىڭىز گۆزەل سەھرانى ئەسلەتتى ! تەشەككۇر  .

 
Posted: 2010-10-29 10:35 | 1 -قەۋەت


ئۇنتۇلماس ئۆكتەبىر...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 491
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 494 نوقتا
پۇل : 4940 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:935(سائەت)

 

گۈزەل سەھرا دەپ يېزىلغان خاتىرەمنىڭ بىرىنچى بېتىگە...

ئەگەر ئارىمىزدا1000 قەدەم ئارىلىق بولسا،سىز بىر قەدەمنى باسسىڭىزلا،مەن سىزگە قاراپ قالغان999 قەدەمنى باسىمەن.

Posted: 2010-10-29 10:41 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 443
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 443 نوقتا
پۇل : 4430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:438(سائەت)

 

گۈزەل يۇرتۇم ئاناجان سەھرا،
ھۆر قوينۇڭنى سىغىندىم بۇدەم.
سۆيگۈ نۇرى چاقناپ قەلبىمدە،
چاقناپ تۇرغاچ ئىشقىمدىن ھەردەم.
Posted: 2010-10-29 11:01 | 3 -قەۋەت


ھىسيات كۈتۈلمىگەندە كېلىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2006
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2007 نوقتا
پۇل : 20070 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:317(سائەت)

 

گۈزەل يېزىلىپتۇ...خۇددى سەھرادەك

مەن ئادەم -ئادەملەرگە.

Posted: 2010-10-29 11:17 | 4 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2292
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2295 نوقتا
پۇل : 22950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:228(سائەت)

 

گۈزەل يۇرتۇم تۇغۇلغان ماكان ،
قوينى جەننەت ئۆمۈر بايلىقىم .
مىھرى ئاتەش ، ئىجادىمغا كان ،
ئىشقى لەززەت ، سۆيگەن ئامرىقىم .
Posted: 2010-10-29 11:36 | 5 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1771
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1771 نوقتا
پۇل : 17710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:158(سائەت)

 

شۇ سەھرايىمنىڭ توپا يوللىرىنى ،كەپە ئۆيلىرىنى تولىمۇ سېغىندىم!

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-10-29 12:55 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 292
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 292 نوقتا
پۇل : 2920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:349(سائەت)

 

كىيىملىرىڭىز تۇپا بۇلۇپ قالسا ئېغىزىڭىزنى پۇرۇشتۈرۈپ قۇياسىزمۇ؟
Posted: 2010-10-29 13:08 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 32
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 32 نوقتا
پۇل : 320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 

توپۇلارغا سۇ سەپسە بەك مىزىلىك پۇرايدۇ ،مەن پۇراپ باققان
سىناپ بىقىڭلار

ئاللاھقا شۈكرە !!!!!!!!

Posted: 2010-10-29 13:11 | 8 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1771
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1771 نوقتا
پۇل : 17710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:158(سائەت)

 

Quote:
7 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مەن ئابونت نىڭ 2010-10-29 13:08 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
كىيىملىرىڭىز تۇپا بۇلۇپ قالسا ئېغىزىڭىزنى پۇرۇشتۈرۈپ قۇياسىزمۇ؟



ياق،يۇرتۇمنىڭ تۇپىسىنى ئۆزگە يۇرتنىڭ مىۋىسىدىن ئەلا بىلىمەن!

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-10-29 13:23 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 87
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 87 نوقتا
پۇل : 870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:180(سائەت)

 

چوڭ بولغان مەھەلەم كۆز ئالدىمغا كەلدى.........رەھمەت سىزگە                  
Posted: 2010-10-29 13:26 | 10 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation