<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
ئاساسىي تېما : توردىكى ئاشىق يىگىتكە(دىلداش)ئاۋاتلىقى:277ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مۇھەببەت پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈگۈمەس ئارمان.
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 8

پۈتۈك سانى: 446
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 466 نوقتا
پۇل : 4660 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:558(سائەت)

 توردىكى ئاشىق يىگىتكە(دىلداش)

                                                            
                                                             ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

ئىنتىرنىتكە شەيدا بولغۇنۇمغا خىلى يىللار بوپ قالدى.شۇندىن بىرى ئۆز ئىخلاسىم بىلەن خىلى كۆپ تىمىلارنى سۇندۇم.بەزى تىمىلىرىم شۇنداق ياخشى بەزىلىرى بەكمۇ ئاددى بولدى.شۇنداقتىمۇ تورداشلارنىڭ تەكلىپلىرى ۋە قوللاشلىرى مېنى ئېلھاملاندۇرۇپ،ئاشىقلىقىمنى يەنىمۇ ئاشۇردى.بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل ئىخلاسمەنلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولدۇم.پىكىرلەشتىم.مانا بۇ مەمنۇنلۇقۇم.
ئىنسان دۇنياغا يارىلىپ تاكى ئۆلگەنگە قەدەر سانسىزلىققا يولۇقۇپ بىرىش بىر ھەقىقەت بولغۇنىدەك بۇ ئىنتىرنىتتىكى ھايات سەپىرىم تالاي ئىشلارغا شاھىد بولدى.يىقىندا بىر تورداش دوستۇم بىلەن ھەم سۆھبەت بوپ قالدىم.ئۇ ماڭا تور ھەققىدە مەن يولۇقمىغان بىر نەچچە ھېكايەلەرنى سۆزلەپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن بىر تىما يىزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتىم.بۈگۈن بۇ تىمىنى دوستلار ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.


                                                                      توردىكى ئاشىق يىگىت

                                                                    قىز ئىسمىنى قۇيۇپ ئۆزىگە،
                                                                     قاترايدىكەن مۇنبەردە يىگىت.
                                                                     قىزلار ئۈچۈن يوللاپلا ئۇچۇر،
                                                                    ئىغىر تىنىپ،<<دەيدىكەن ئىسىت>>.
 
                            نەيرەڭ بىلەن قىزغا قەلبىدىن،
                            دوستلۇق قولى سۇناركەن دەمدە.
                             تۇنۇشتۇرۇپ ئۆزىنى قىز دەپ،
                            ئالدايدىكەن شۇنداق بىردەمدە.


                                                                                    سىرلىرىنى ئىگەللەپ بۇلۇپ،
                                                                                   تېلېغۇن نۇمۇر سۇراركەن ئاستا.
                                                                                    تالاي-تالاي ۋەدەلەر بىرىپ،
                                                                                    دوست بۇلاركەن چەكسىز ئىخلاستا.


                           شۇندىن كىيىن كۆڭلى توق يىگىت،
                            جىمـجىتقىنە يۇقاپ كىتەركەن.
                            قىزغا تېلېفۇن قىلىش ئويىدا،
                           سۈكۈت بىلەن پۇرسەت كۈتەركەن.


-خوش قەدىردان يارەنلەر ئۆز بايانىمغا كىلەي:
دوستۇمنىڭ بايانىدا بەزى مۇنبەرلەردە بىر قىسىم ئادىمىلىك تۇيغۇسى يوق،قەلبىدىن ۋىجدانى يوقالغان قىسمەن يىگىتلەر ئۆزىگە قىزنىڭ ئىسمىنى قۇيۇپ مۇنبەر ئارلايدىكەن.سەمىمەت بىلەن ئۆزىگە قىزلىق جىنسگە خاس ئىسىم قويغان بەزى قىز ئايالىرىمىز ئۈچۈن ئاچ كۆزىنى تىكىپ ئۇلارنىڭ تىنىچ تۇرمۇشىغا ئاۋارچىلىق تاپىدىكەن.ئۇنىڭ ئەيتىپ بىرىشچە يىقىندا مۇنداق بىر ئىش بوپتۇ.
مەلۇم مۇنبەردىكى بىر شائىرە بىركۈنى بىرسىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ.شۇنۇڭدىن كىيىن قەلبى سەمىمىيەت بىلەن تولغان بۇ شائىرە قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.تەكرار ئۇچۇرلىشىشتىن كىيىن شائىرە قارشى تەرەپنى ئايال دەپ ھېس قىلىپ سورغان سۇئاللىرى ئۈچۈن ئۆز سەمىمىيىتى بىلەن جاۋاپ بىرىپتۇ.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قارشى تەرەپ شائىرەدىن تېلېفۇن نۇمۇرنى سوراپتۇ.شائىرە ئىككىلىنىپ تۇرغاندا قارشى تەرەپ يەنە ئۇچۇر قىلىپ،تېلېفۇن نۇمۇرنى سۇراۋىرىپتۇ،ساددا شائىرە قارشى تەرەپنىڭ ئەخلاقىدىن يەنە گۇمان قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا تېلېفۇن نۇمۇرنى ئەيتىپ بىرىپتۇ.ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن شائىرە تېلېفۇننى ئىشكاپ ئۈستىدە قۇيۇپ قۇيۇپ ئۆز ئىشى بىلەن بەنىت بولغان پۇرسەتتە ھېلىقى مۇنبەردىكى ناتۇنۇش قىز تېلېفۇننى تەكرار 3نۆۋەت سايرىتىپ قۇيۇپتۇ.بۇ ئىشتىن ئەجەپلەنگەن شائىرەنىڭ يولدىشى تېلېفۇننى قايتۇرۇپتۇ.قارشى تەرەپ خۇرسەنلىكتىنمۇ ياكى ئەس ھۇشىنى يۇقاتقانلىقتىنمۇ تېلېفۇننى ئىلىپ،قارشى تەرەپتىن ئاۋازمۇ كۈتمەي ياكى سالاممۇ بەرمەيلا:
<<قەدىرلىكىم مەن مۇنبەردە سىزگە ئۆزەمنى قىز دەپ تۇنۇشتۇرۇپ بۇ نۇمۇرىڭىزغا ئىرىشتىم سىزگە بولغان ئاشىقلىقىم مېنى ئاخىرى سىزگە يىتىشتۈردى...>>بۇ گەپ شائىرەنىڭ يولدىشىنىڭ نىرۋىسىغا قاتتىق تەسىر قىپتۇ...بۇ ئائىلىدە قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى دىمىسەممۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر چۇقۇم پەرەز قىلالايدۇ ئەلۋەتتە.مەن بۇ پۇرسەتتە شۇ ئاشىق يىگىت ئۈچۈن تۆۋەندىكى قۇرلارنى سۇناي:


ئەركەك بۇپ تۆرەلدىڭ ئەركەكتەك ياشا،
ئەركەكتەك پەزىلەت بولسۇن سىنىڭدە.
ئەركەكنىڭ قىممىتى،پەزىلەتلىرى،
چاقنىسۇن بۇرادەر ھەردەم ئىسىڭدە.


شەھۋانى ھەۋەسكە بۇلۇپ مەستانە،
جىنسىڭدىن تانمىغىن ئەركەكسەن ئەركەك.
نەپسىڭنىڭ ،كۆڭلۈڭنىڭ كەينىگە كىرسەڭ،
بولىسەن گوياكى يىپى يوق لەگلەك.


قەدىرلىك ئوقۇرمەن بۇ تىمىنى ئوقۇپ قانداق ھېسياتقا كەلدىڭىز؟ئۆزۈڭىزنىڭ ئەركەلىكىنى مەستانە ھېسلاردا ئۇنۇتقان ئەركەك ئۆزىڭىزچۇ؟
خۇلاسەۋە ئۆتۈنۈشۈم :ئىنتىرنىتتا ھەممە ئادەم سەمىمىيەتسىز ئەمەس شۇنداقلا ھەممە ئادەممۇ سەمىمى ئەمەس.قانداقلىقىنى ئۆزىڭىز سىناقلار ئارقىلىق ھېس قىلالايسىز.شۇڭا ئەركەكلەرمۇ،قىزلارمۇ دىققەت قىلايلك.سەگەكلىك ئادەمنى ئالغا باستۇرۇدۇ.


ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

سۆيگۈنى كۆيلىمەك ئارماندۇ ماڭا،ھېسسىمنى مۇجەسسەم قىلىمەن شۇڭا.
سۆيگۈدۇر قىرىماس گۈزەل ياشلىغىم،يادىكارھېسسىمنى ئەيلەيمەن ساڭا.

Posted: 2010-10-28 19:18 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 9
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 9 نوقتا
پۇل : 90 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

  ئىغىر سۈكۈت ...

ئىلگىركى ساڭا ئالاقىدار بولغان ھەممە نەرسىنى يوق قىلۋىتىمەن ، ھەتتا ئۆزۈمنىمۇ !

Posted: 2010-10-28 21:56 | 1 -قەۋەت


گۈزەللىك چىرايدىن ئەمەس،شەرمى-ھايادىن ئىپادىلىنىدۇ.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 972
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 972 نوقتا
پۇل : 9720 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1347(سائەت)

 

توۋۋا ! نىمىشقا ئۇنداق قىلىدىغاندۇ ئوغۇل بوپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلغاندەك 
Posted: 2010-10-28 22:04 | 2 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2292
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2295 نوقتا
پۇل : 22950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:228(سائەت)

 

ئەھلى ئىنسانغا خۇي پەيلى ئايان ،
كۆڭلى تىنغاي بىرسىنى چاقسا چايان .
قىل ھەزەر پەيلى چاياندىن ،ئەي ئەقىل ،
تاپسا پۇرسەت بەرمىگەي جانغا ئامان .


ھەققنى ھەقداسىغا يەتكۈز ئى قەلەم ،
خەستە دىلدىن غەمنى كەتكۈز ئى قەلەم .
تەندىكى ئاغرىق يامان ئىللەت دىگەن ،
ئاغرىغان جايغا تەككۈز ئى قەلەم .
Posted: 2010-10-28 22:10 | 3 -قەۋەت


ئابدۇلھەمىد ئىسلامى  خۇدا كاتتىدۇر 229177410
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 1732
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1738 نوقتا
پۇل : 17380 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:161(سائەت)

 

Quote:
1 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تەغدىرىم نىڭ 2010-10-28 21:56 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
  ئىغىر سۈكۈت ...

دىنىڭ ئىسلام بۇلسا چىقار كۇچۇڭ بولسا 229177410      http://pahir0903.33591.com/ 

Posted: 2010-10-28 22:18 | 4 -قەۋەت


ئەڭ مۇۋاپىق نەرسە دەل ئەڭ گۈزەل نەرسىدۇر.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 469
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 469 نوقتا
پۇل : 4690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:121(سائەت)

 

ۋاي توۋا .. توۋا دىگۈدەك ئىشلا بولىۋاتىدۇ دىسە....  

دانا ئادەم قولىدىن كەتكەن نەرسە ھەققىدە سۆزلىمەس.

Posted: 2010-10-28 22:35 | 5 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2292
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2295 نوقتا
پۇل : 22950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:228(سائەت)

 

مىنڭ ئىنكاسىم يەنە يوقاپ كەتتىما ؟
يەكلەش بولىۋاتمايدىغاندۇ ھە ؟ دوختۇرخانىلاردا ئەزا كۆچۈرسە ياكى قان ئالسا يەكلەيدىكەن ، لېكىن مەنغۇ ئەزا كەچۈرۈپ ياكى قان ئالمىغان بولمىسا ................

     
[ مەزكۇر پۈتۈك مۇسلىنە تەرىپىدىن 2010-10-28 23:02 دە تەھرېرلەندى. ]
Posted: 2010-10-28 22:56 | 6 -قەۋەت


ئۆزۈڭنى تۇت، ئەدەپكە قايت!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 577
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 577 نوقتا
پۇل : 5770 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:139(سائەت)

 

ۋاي تىخى توۋا دىگۈدەك ئىشلانى كىيىنچە كۆرۈمىز تىخى ھەر خىل سەرخىل ئادەملە با ما مۇنبەردە ~~~~ياخشى ئادەملا با يەردە ئەسكىنىڭ بولىشى تەبىئىي ئىش ئۇ

ئىسىلنىڭ ۋەسلىمۇ  نەسلىمۇ  ئىسىل!

Posted: 2010-10-28 22:59 | 7 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2292
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2295 نوقتا
پۇل : 22950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:228(سائەت)

 

قايتا يازاي ، ئەمدى يوقاپ كەتمىسۇن ھە ؟
باشقۇرغۇچىلار !!!!!!!!!!

ھەقنى ھەق دادىغا يەتكۈز ئى قەلەم ،
خەستە دىلدىن غەمنى كەتكۈز ئى قەلەم .
تەندىكى ئاغرىق يامان ئىللەت دىگەن ،
ئاغرىغان جايغا تەككۈز ئى قەلەم .


ئەھلى ئىنسانغا خۇي پەيلى ئايان ،
كۆڭلى تىنغاي بىرسىنى چاقسا چايان .
قىل ھەزەر پەيلى چاياندىن ئەي ئەقىل ،
تاپسا پۇرسەت بەرمىگەي جانغا ئامان .
Posted: 2010-10-28 23:01 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2106
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2109 نوقتا
پۇل : 21090 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:219(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئويغۇرئاي نىڭ 2010-10-28 22:04 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
توۋۋا ! نىمىشقا ئۇنداق قىلىدىغاندۇ ئوغۇل بوپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلغاندەك 

شۇ ئەمەسمۇ توۋا
Posted: 2010-10-28 23:23 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 87
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 87 نوقتا
پۇل : 870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:180(سائەت)

 

ئاخىر زامان يىتىپ كەلدىمۇ.....تاڭ.بەزى ئىشلارنى ئەقىل قۇبۇل قىلالمغدەكلا.......؟
Posted: 2010-10-28 23:30 | 10 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 2292
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2295 نوقتا
پۇل : 22950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:228(سائەت)

 

مىنىڭ ئىنكاسىم قېنى ؟
     
ئىككى قېتىم يازسام يوقاپ كەتتى ........
خەپ جۇمۇ .........
Posted: 2010-10-28 23:32 | 11 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 445
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 445 نوقتا
پۇل : 4450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:443(سائەت)

 

شۇنداقلارغا لەننەت بولسۇن!
ھەممە قىرىنداشلىرىمىزغا ھالاللىق تىلەيمەن
Posted: 2010-10-29 00:17 | 12 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 89
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 89 نوقتا
پۇل : 890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 

Quote:
12 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بوبۇرشاھ نىڭ 2010-10-29 00:17 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
شۇنداقلارغا لەننەت بولسۇن!
ھەممە قىرىنداشلىرىمىزغا ھالاللىق تىلەيمەن

نامەركە جۇۋان بولغىچە مەرتكە قۇل بول.
تەغدىر راسچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس.
دوستىنى ئالدىغان ئۆزىنى ئالداپتۇ.
ئەل ئالدىغان بېشىنى يەپتۇ ئەل سۆيگەنىڭ ھۆرمىتى .

Posted: 2010-10-29 08:30 | 13 -قەۋەت


ئۇنتۇلماس ئۆكتەبىر...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 491
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 494 نوقتا
پۇل : 4940 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:936(سائەت)

 

گەپ قىلغىنىڭ كۈمۈش بولسا ،جىم تۇرغىنىڭ ئالتۇندۇر....

ئەگەر ئارىمىزدا1000 قەدەم ئارىلىق بولسا،سىز بىر قەدەمنى باسسىڭىزلا،مەن سىزگە قاراپ قالغان999 قەدەمنى باسىمەن.

Posted: 2010-10-29 10:53 | 14 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 445
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 445 نوقتا
پۇل : 4450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:443(سائەت)

 

Quote:
13 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى @ئەينەك@ نىڭ 2010-10-29 08:30 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

تەييارغا ھەييار بۇلۇشمۇ بۇ؟
Posted: 2010-10-29 10:53 | 15 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 89
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 89 نوقتا
پۇل : 890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 

Quote:
15 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى بوبۇرشاھ نىڭ 2010-10-29 10:53 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :

تەييارغا ھەييار بۇلۇشمۇ بۇ؟


كەچۈرۈڭ بابۇر ئەپەندىم ئىشلىتىپ ساپتىمەن


[ مەزكۇر پۈتۈك @ئەينەك@ تەرىپىدىن 2010-10-29 11:38 دە تەھرېرلەندى. ]

نامەركە جۇۋان بولغىچە مەرتكە قۇل بول.
تەغدىر راسچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس.
دوستىنى ئالدىغان ئۆزىنى ئالداپتۇ.
ئەل ئالدىغان بېشىنى يەپتۇ ئەل سۆيگەنىڭ ھۆرمىتى .

Posted: 2010-10-29 11:10 | 16 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 89
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 89 نوقتا
پۇل : 890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 


شۇنداق ئادەملەرگە ئىنساپ تىلەيمەن

دىلداش ئەپەندى  تېمىڭىزغا تەشەكۈر
[ مەزكۇر پۈتۈك @ئەينەك@ تەرىپىدىن 2010-10-29 11:28 دە تەھرېرلەندى. ]

نامەركە جۇۋان بولغىچە مەرتكە قۇل بول.
تەغدىر راسچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس.
دوستىنى ئالدىغان ئۆزىنى ئالداپتۇ.
ئەل ئالدىغان بېشىنى يەپتۇ ئەل سۆيگەنىڭ ھۆرمىتى .

Posted: 2010-10-29 11:20 | 17 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1771
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1771 نوقتا
پۇل : 17710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:158(سائەت)

 

توغرا،دوسلار شۇنداق قىلغانلار بولسا ئۈزۈڭلارنى ئوڭشىۋېلىڭلار،دەككەڭلارنى يەيدىغان چاغ كەپتۇ!(مەندىن نۇمۇر سورىماڭلار جۇمۇ جاۋاپسىز قالىدۇ!)

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق

Posted: 2010-10-29 13:10 | 18 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 445
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 445 نوقتا
پۇل : 4450 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:443(سائەت)

 

17 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى نازاكەت0604 نىڭ 2010-10-29 13:10 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
توغرا،دوسلار شۇنداق قىلغانلار بولسا ئۈزۈڭلارنى ئوڭشىۋېلىڭلار،دەككەڭلارنى يەيدىغان چاغ كەپتۇ!(مەندىن نۇمۇر سورىماڭلار جۇمۇ جاۋاپسىز قالىدۇ!)[/quote]
مەن سورسام ئەيتىپ بىرەسىز؟
Posted: 2010-10-29 13:26 | 19 -قەۋەت
<< 1 2 >>   بەت سانى: 1/2 بەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation