يانغىن يازمىسى ... 
(1)  
ئۇنتاي دەپ مەن سىنى ئۇنتىيالمىدىم ،
 رازىمەن سەن ئۈچۈن چىكىشكە ئازاب .
ئىزلىدىم ئىزىڭنى ھېچ تاپالمىدىم ،
تۇتىيا ئايلىبان @قىلاي دەپ تاۋاپ . 
جۇدالىق ئىلكىدە ئۆتتى كۆپ يىللار ، 
ۋە لېكىن سۆيگۈمىز باردى ئۇلغۇيۇپ .  
ئازابتىن ئۈن -تىنسىز ئۆكسىدى دىللار ، 
ئۇخلىماي تۈنلەردە چىقتۇق تولغۇنۇپ .
ۋەدىمىز بۇلاقتەك مۇستەھكەم ئىدى ، 
سۆيگۈنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ تاۋلانغان . 
دىللاردا ئىپتىخار مۇجەسسەم ئىدى ، 
رىشتىمىز ئۈزۈلمەس بۇلۇپ باغلانغان .
ئاھ ، ئەپسۇس تەقدىرنىڭ كاساپىتىدىن ،  
يۈرەكنى ئۆرتىدى ھىجران داغلىرى . 
شۇ تەتۈر پەلەكنىڭ ھاقارىتىدىن ، 
سۇلاشتى ۋاقىتسىز سۆيگۈ داغلىرى .
ئازابقا چىدىماي كەتتىڭ يىراققا ، 
     سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن يۇرتۇڭنى تاشلاپ .  
مەن قالىپ تۈگىمەس دەرتكە پىراققا ، 
يۇلۇڭغا تەلمۈرۈپ كۆزۈمنى ياشلاپ .
خۇداغا نالە قىپ شۇنىڭدىن بۇيان ، 
   ئۈن -تىنسىز ئاھ ئۇرۇپ چەكتىم نادامەت . 
ئۈلۈشنى ئويلىدىم ئۆلمىدىم لىكىن ، 
 ئاھ ، مىنى قۇتقۇزۇپ قالدى مۇھەببەت .
 (2) 
سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمەن پات -پات ، 
 ئىككىمىز سىرداشقان دەريا بۇيىنى . 
     شۇھامان ھېسلىرىم قېقىپ پەر قانات ، 
كۆرگەندەك بۇلىمەن ۋىسال تويىنى .
ئىسىڭدە بارمۇ شۇ ئارچا دەرىخى ،  
ئاستىدا ئۆتكۈزگەن قاراڭغۇ تۈنلەر . 
مېنىڭغۇ ھېلىھەم يادىمدا تېخى ، 
دىللاردىن فونتاندەك ئوخچىغان كۈيلەر .
ئىسىمدە باھارنىڭ گۈزەل بىر كۈنى ، 
        قىلغانتۇق بىز خۇشال گۈللەر سەيلىسى . 
ئەتراپتا ياڭرايتتى بۇلبۇللار كۈيى ، 
كەلگەندەك بىزگە چىن زوقى -ھەۋىسى .
كۈلەتتۇق شادىمان بەخت ئىلكىدە ، 
پايانسىز دالىدا قىيغىتىپ ھامان .  
جىسمىمىز مەست بۇلۇپ سۆيگۈ ۋەسلىدە ،  
كەلگۈسى كۈنلەردىن قىلمايتتۇق گۇمان .
(3) 
 ئۇ شىرىن ئاي -كۈنلەر قالدى يىراقتا ،  
تۇمانلىق كېچىدە كۆرگەن چۈش كەبى .  
  بىر جۈپ ياش يۈرەكلەر قالغاچ پىراقتا ، 
نالىلەر قىلماقتا شۇنچىلىك سەبى .
ئاھ ، نىگار ئۆزەڭنى قويما يوقىتىپ ،  
نامەرتلەر پېيىڭدە يۈرمىسۇن قەستلەپ .  
ئۇ گۈزەل چاغلارنى كەتسەڭمۇ ئۇنتۇپ ، 
تۇر جېنىم ھەرۋاقىت سەن مىنى ئەسلەپ ...