بەختىسىز ئايالنى بۇ ھالغا چۇشۇرگەن بەدىبەخلەرگە بۇ ئايال قانداق يامان ئىش قىلغان بولىشىدىن قەتئە نەزەر لەنەتلەر بولسۇن !ئاللاھنىڭ ئۇنڭغا بەرگەن قۇلاق ۋە بۇرنىنى كىسىپ ئىلىشقا ئۇلارنىڭ نىمە ھەققى ھوقىقى بار ئىكەن ؟! سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز ئاياللارغا قول ئۇزۇتۇپ ئۇرۇپ باقمىغان ۋە ئاياللارغا ياخشى مۇئامىيلە قىلىشنى ھەتتە ئەيىپ نۇقسانلىرىنى كەچۇرۋىتىشنى نەسىھەت قىلغان ئىدى.مۇسۇلمان تۇپۇرىقىدا بۇنداق ئىشنىڭ يۇز بىرىشى بىزنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئەسلەتمەي تۇرالمايدۇ ۋە دىنىمىزغا يۇزلىنىشىمىز كىرەكلىگىنى ھىس قىلدۇردۇ. ئىشنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ئامرىكىنىڭ بۇ بىچارە ئايالنى داۋالىغىنى ياخشى ئىش بوپتۇ ،ئۇنى داۋالىغان دوختۇرلارنىڭ قولىرىغا دەرىت كەلمىسۇن ئامما تايىمىس ژورنىلىنىڭ بۇ ئايالنى باش مۇقاۋىگە چىقىرىپ ئىلان بىرىش يولى بىلەن ئامىرىكىنىڭ بۇ ئايال ئارقىلىق ئافخانىستان ئۇرشىنى ھەق توغرا كۆرسىتىپ تەشۋىقان قىلىشى تازا توغرا ئەمەس .بەلكى سەمىمىيەتسىزلىك .چۇنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنمىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن مەلۇمكى ئائىيلە زوراۋانلىقى مەدىنىيەت ،دىن،سىياسى تۇزۇلمىگە مۇناسىۋەتسىز ھالدا دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە كۆرىلىۋاتقان بىر ئادالەتسىزلىك ھادىسىسىدۇر . ئىلىپ بىرىلغان تەكشۇرۇشلەردە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئاياللارنىڭ خورلىققا
ئۇچۇرشى كۆرىنەرلىك يوقىرى ئەمەس .زوراۋانلىق ئۇچىراش نىسپىتى كۆرىنەرلىك يوقىرى رايون ياپونىيە بولۇپ % 58 ئايال ئىرىدىن ئىغىر دەرىيجىدە تاياق يىگەنلىگىنى ئىتىراپ قىلىشقان . بۇنى كۆرگەن بەزى ئەقىلسىز تورداشلار خوتىننى ئورسا جەمىيەت تەرەققى قىلىدىكەن دەپ ئايالىڭلارنى ئورۇپ يۇرمەڭلار چۇنكى ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرمۇ يوقىرى نەسپەتتە ئائىيلە زوراۋانلىق مەۋجۇت . ئاللاھ ئويغۇر ئەرلىرىمىزگە خۇددى سۆزلەر سۇلتانى مۇھەممەت ئەلەيسالامدەك ئايالىرىغا گۇزەل ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغان ئەخلاق ئىنساپ بەرسۇن .ئامىن !
[ مەزكۇر پۈتۈك دىليار571 تەرىپىدىن 2010-10-14 12:43 دە تەھرېرلەندى. ]