ئانا مېھرى 
  ئانا بولغاندىن بېرى ، ئوغلۇم ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىق ئىش بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ سىلىق دۈمبىسى ، ئاپتاپتا كۆيگەن ساغلام بىلەكلىرى ، كۈچلۈك پۇتلىرى ۋە تەسۋىرلىگۈسىز ئوماق ھالىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ، ئاياللار ئانا بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك ئىكەن ، دىگەن تۇيغۇغا كېلەتتىم . 
  بەزىدە ، مېنىڭ ئاپاممۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا ، ماڭا مۇشۇنداق قاراپ ئولتۇرغان بولغىيمىدى ، دەپ ئويلاپ قالىمەن . ھالبۇكى ، ئاشۇ غۇبارسىز بالىلىق چاغلىرىمدا بىرەر قېتىممۇ ئاپامنىڭ بۇنداق قاراپ ئولتۇرغانلىىنى سەزمىگەندىم . 13-14 ياشلارغا كىرگەندە مەندە ئايىغى چىقماس خىياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى ، شۇ چاغدىلا ئاپامنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ئاستا - ئاستا سېزىشقا باشلىدىم . 
  بىر كۈنى چۈشلۈك ئۇيقۇغا ئەمدىلا باش قويۇپ تۇراتتىم ، ئاپام كىرىپ نېمىنىدۇر ئىزدىگەندەك قىلدى ، بىردەمدىن كېيىن جىمىپ قالدى ، لېكىن ئاپامنىڭ چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى سېزىپ ياتاتتىم . ھەر ئىككىمىزنىڭ نەپسىمىز بىلىنەر - بىلىنمەس ئاڭلىنىپ تۇراتتى . مەن سەل جىددىيلىشىپ كۆزۈمنى ئاچتىم ، ئاپام كارىۋاتتىن بىرقەدەم نېرىدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ . 
- ئاپا ، نېمە بولدى ؟ - مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم . 
- ھە ، ھېچنىمە ، - ئاپام ئالاقزادە بولۇپ چىقىپ كەتتى . كېيىن بۇ ئىش يەنە بىر نەچچە قېتىم يۈز بەردى . ئىچىم سىقىلىپ ئاپامدىن : 
- ماڭا نېمىشقا بۇنداق قارايسىز ؟ - دەپ سورىدىم . ئاپام خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى . 
شۇنىڭدىن كېيىن ئاپامنىڭ بۇنداق قاراپ تۇرغانلىقىنى سەزمىدىم ، بىراق مەن ئاپامنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارايدىغانلىقىنى ئاخىرى چۈشەندىم . بۇ چاغدا ، ئاپام ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەندى . 
  ئەمدى ھېچكىم ماڭا بۇنداق قاراپ تۇرمايدۇ . بىلىمەن بۇ خىل قاراش ، ئاسماننىڭ بۇلۇتلارغا قارىشى ، خادا تاشلارنىڭ دولقۇنلارغا قارىشى ، دەريا قىنىنىڭ بېلىقلارغا قارىشى ،بۇ پەقەت ئانىلارغىلا خاس قاراش . بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، ئەگەر مەن يەنە بىر قېتىم ئاپامنىڭ ئاشۇ قارىشىغا ئېرىشەلىگەن بولسام قانداق قىلاتتىم ؟ ھالسىرىغان ۋە چارچىغان ئاپامنىڭ كۆڭلىگە تاتلىققىنا كۈلۈپ تۇرۇپ تەسەللى بېرەتتىم ؟ ئۈنچىدەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز يېشىم ئارقىلىق ، ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭغا ھەمنەپەس بۇلالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئېچىنغانلىقىمنى بىلدۈرەتتىم ؟ ۋە ياكى داۋاملىق ئۇخلاېاتقان بولۇۋېلىپ ، ئاپامنىڭ ماڭا قاراپ ھۇزۇرلىنىشىغا ماسلىشىپ بېرەتتىم ؟ 
  تۇرمۇش بەزىبىر سەۋەنلىكلەرگە قارىتا ، ئەزەلدىن تۈزىتىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ . ئەمما ، ماڭا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سەمىڭە بىر ئىشنىسېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ . ئەگەر بەختىڭىزگە ئاپىڭىز تېخى ھايات بولۇپ ، سىز ئۇيقۇغا كەتكەندە ، ئۇ سىزگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان بولسا ، ھەرگىزمۇ مەندەك نادانلىق ، ھاماقەتلىك قىلماڭ ، بەھۇزۇر ئۇخلاۋېرىڭ ، ئاپىڭىزغا دەخلى قىلماڭ . 
  سىز چوقۇم ، بۇ خىل كىچىككىنە ياردەمنىڭ سىز ۋە ئاپىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن زور بەخت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز . 
مەنبە : تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن