ئەپۇچانلىق— ئىناقلىقنىڭ ئاساسى
ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى
بىر كۈنى ناھىيە بازىرىدا بىر دوستۇم ئۇچراپ قالدى، ئەھۋال سورىشىمغا ئۇ شۇ تاپتا بەكلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بولۇپ سوتقا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپلا كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر بالىسى بارلىقىنى، ئىناق، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تۇيۇقسىز ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە كەچتە ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ پاراڭلاشتىم.
—سۆزلەپ كەلسەم ئىش بەكلا ئاددىي، —دېدى ئۇ بىر خىل مەيۈس ھالدا،— ئەسلىدە ئارىمىزدا تالاش - تارتىش قىلغۇدەك ئىشمۇ يوق، ئاجرىشىپ بالىمىزنى يېتىم قىلغۇدەك مەسىلىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، تۇرمۇشىمىزغا كۆز تەگكەندەكلا بىر ئىش بولدىغۇ - ئاخىر.
—شۇنداق قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتىڭلارما؟— سورىدىم مەن ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ.
—خەلق ئىشلىرى كادىرى ئىككىمىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئاراڭلاردا ئاجرىشىپ كېتىشكە سەۋەب بولغۇدەك ئىش يوقكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتىڭلار بولغاندىكىن، ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭلار، يۈرىكىڭلارنى تۇتۇپ بېقىپ ئالدىرىماي بىر قارارغا كەلسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر. ئوتتۇرىدا نى - نى تالاش - تارتىش يۈز بەرگەن، يارنىڭ لېۋىگە بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلارمۇ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈپ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىپ ئۆي تۇتۇۋاتسا، سىلەرگە ئاجرىشىپ نېمە كەپتۇ،—دەپ بىزنى قايتۇرۇۋەتتى.
—ئەجەب ئوبدان بوپتۇ، — دېدىم مەمنۇن بولغان ھالدا، — ئاجراشقۇدەك ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا، ئۆي تۇتۇپ قالغان ياخشى.
ئۇ پىكرىمنى تەستىقلىغاندەك قىلىپ بېشىنى يەڭگىلگىنە لىڭشىتىپ قويدى ۋە خۇرسىنغان ھالدا يېقىندا ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ساۋاقداشلار يىغىلىشى ۋە دوستلار يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش سەۋەبلىك ئۆيىگە سەل كەچ قايتقانلىقىنى، ئايالى بۇنى توغرا چۈشەنمەي ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر مەزگىل مۇشۇنداق خاپىلىقتا ئۆتكەنلىكىنى، كېيىن ئايالىنىڭمۇ ئۇنى خەۋەرلەندۈرمەي ئىككى نۆۋەت خىزمەتداشلار ئولتۇرۇشىغا داخىل بولۇپ كەچ قايتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىش، رەنجىش، ‹‹قىر كۆرسىتىش››، يول قويماسلىق پەيدا بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولۇشقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ، بىر ئائىلىنىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان مۇشۇنداق چوڭ ئىشتا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يېنىكلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۆيگە بېرىپ، ئايالى بىلەن ئەستايىدىل سىردىشىپ، ئۇقۇشماسلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىپ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگىنىمدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
ئەگەر ئۇلار دەسلەپتىلا سوغۇققانلىق بىلەن سىرداشقان، چۈشىنىش ھاسىل قىلغان، بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلغان بولسا، ئاشۇ كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
ئىناق ئائىلىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئەر-خوتۇننىڭ ئۆمرى بەختىيارلىق ئىلكىدە مەنىلىك ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە مېھىر- شەپقەت، چوڭقۇر سەمىمىيەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈك سىڭگەن بولىدۇ. ئىناق ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرمۇ گەپ - سۆزدە ئەدەپلىك، مىجەز - خاراكتېردە ئوچۇق - يورۇق، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ئەۋلاد بولۇپ جەمئىيەتكە قوشۇلىدۇ. ئىناق ئائىلىدە ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئاسايىشلىققا، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرغىلى، ئېغىر جاپا - مۇشەققەتلەردىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئائىلىدە ئۆزئارا ئىشەنچ بولىدۇ، ئۆزئارا سەمىمىيەت بولىدۇ، ئۆزئارا چۈشىنىش، بىر-بىرىنى ئاياش، بىر- بىرىنى ئەپۇ قىلىش بولىدۇ.
ئەپۇچان كىشى— كەمتەر، خۇش پېئىل، كەڭ قورساق بولىدۇ. ئۆچ- ئاداۋەت ساقلاشنى گۇناھ، دەپ بىلىدۇ. قىزىل كۆزلۈك، تەمەخورلۇق، غەيۋەت - شىكايەتنى نومۇس ھېسابلايدۇ. باشقىلارغا ئورا كولاشنى، بىراۋلارنى زىيان تارتقۇزۇش بەدىلىگە ئۆزى نەپ ئېلىشنى گۇناھ، دەپ قارايدۇ. باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، باشقىلار بىلەن ئىناق- ئىجىل ئۆتۈشنى ئويلايدۇ. ئۇچرىغان دىل ئارازلىقنى كۆڭلىدىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ.
مەيلى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، پەرزەنتلەرنىڭ پاسىبانى ئاتا بولسۇن ياكى ئائىلىنىڭ پەرۋىشكارى، بالىلارنىڭ غەمگۇزارى ئانا بولسۇن، ئادىل، ۋاپادار، كۆيۈمچان بولۇش بىلەن بىللە، يەنە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشى زۆرۈر. ئارىدا كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان، غۇرۇر ۋە ۋىجدانىنى چەيلەيدىغان، ئىنسانىي ئەخلاق - پەزىلەت، ئىنساپ - دىيانەتكە زىت كەچۈرگۈسىز گۇناھ بولمىسىلا، ئۆز- ئارا ئەپۇ قىلىشنى، كەچۈرۈۋېتىشنى، يول قويۇشنى، پۇرسەت بېرىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى تونۇپ يېتىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى ئائىلە يوسۇنىغا ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئائىلە ئىناقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش لازىم. شۇنداق بولغاندا پەرزەنتلەرمۇ ئاتا - ئانىسىغا ئامراق بولۇپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىنى، نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىنى يوشۇرماي ئېيتالايدىغان، ئېھتىياج - تەلەپلىرىنى ئىزھار قىلالايدىغان، دادىللىق بىلەن پىكىر قىلالايدىغان، ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا ئەركىن مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىغان ئازادە شارائىتقا ئىگە بولۇپلا قالماي، ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللارمۇ بىر - بىرىگە مېھرىبان، بىر- بىرىنى قوللايدىغان، ئەيىب، سەۋەنلىكلىرىنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىدىغان،‹‹سېنىڭ - مېنىڭ›› دېيىشمەيدىغان ئېسىل- پەزىلەتلىك، دىيانەتلىك ئەۋلادلاردىن بولۇپ يېتىلىشكە مۇستەھكەم ئۇل سېلىنىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئەر-خوتۇن، مۇشۇنداق پەرزەنتلەر بار ئائىلىنى ھەقىقىي بەختلىك، دەپ بىلسەك بولىدۇ. ھەربىر ئائىلە ئەزاسى مەڭگۈ بىر - بىرىگە ۋاپادار، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولسىلا، چىن مەنىگە ئىگە ئىناق، بەختلىك ئائىلىنى بەرپا قىلىش تەس ئىش ئەمەس.
مەنبە :شىنجاڭ گېزىتى