ئېرىمنى ئۆلتۈرگەن قاتىل
بەسىم ( ھىندىستان )
ئىلدانە ئابدىرېھىم تەرجىمىسى
يېقىن دوستۇم جىننىس دائىم مەندىن : <<ئېرىڭنى ئۆلتۇرگەن قاتىلنى نىمىشقا باقىسەن ؟ >>دەپ سورايتى . ئۇ قاتىلنى بېقىۋاتقىنىمغا دوستۇمنىڭ ئىچى سىقىلىۋاتقانلىقى، ئاچچىقى كېلىۋاتقانلىقىنى ،چۈشىنىمەن ، ئەپسۇس ئۇنىڭغا چۈشەندۇرۇشكە ئامالسىزمەن. بىراق ئۇ قاتىلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام ، ئېرىمنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ. ئېرىم ئۇ قاتىلنى چىن يۈركىدىن ياخشى كۆرىدۇ ،ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ،ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىمنى تاپىلىغانىدى. ئۇنىڭ سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە . ئۇ ماڭا : <<مەن ئۆلۈپ كەتسەم ، ئۇنىڭغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدىغانلىقىڭىز توغرۇلۇق ماڭا ۋەدە بېرىڭ ،راۋىنا !>>دېگەنىدى .
ئەزرائىل تارتىپ كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ ۋەسىيىتىنى قانداقمۇ رەت قىلالايمەن ؟ چىن يۈرىكمدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمنىڭ جان ئۈزۇش ئالدىدىكى ئۆتۇنىشىنى قانداقمۇ رەت قىلالايمەن ؟
ئېرىم ئۇنى نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قېلىپ مۇشۇنداق قىلدى ، دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن . ھازىر ئۇ ئەس - ھۈشىنى پۈتۇنلەي يوقاتتى. مۇشۇنداق بىر ساراڭ ئايالنى بېقىش ئوڭاي ئىش ئەمەس.
ئېرىم ئۆلگەندىن بېرى ، بۇ ئايال بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىدى، ھېچكىمىمنىمۇ تونۇمايدۇ . دائىم تۇرۇسقا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇدۇ. تۇرۇپ ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا، قولىغا نىمە چىقسا شۇنى ئاتىدۇ. بەزىدە ئاتقان نەرسىلىرىنىڭ بىرەر يېرىمگە تېگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزەمنى قاچۇرىمەن ؛ بەزىدە، جايىمدا تۇرۇپ ، ئاتقان نەرسىلەرنى تۇتۇۋالىمەن ... تۇتۇۋالالمىغانلىرىم بەدىنىمگە تېگىپ يارلىنىپ ، ئاغرىققا چىدىماي قالىمەن ... ئۇ ئاتقۇدەك نەر چىقماي قالسا ، ئېچىنىشلىق چىرقىراپ كېتىدۇ. ئاندىن يەنە گەپ قىلماي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ .
ئېرىم دائىم ماڭا :<<مەن مۇھەببىتىمنى ئىككىڭلارغا تەڭ تەغدىم قىلىمەن >>دەيتتى . مەن ئۇنىڭ راست گەپ قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ،ئۇ مېنى راست ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۇنى مەندىنمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇنى ئىنكار قىلمايمەن . بىز ئارازلىشىپ قالغان چاغلاردا ، ئۇنىڭ خاتا بولسىمۇ ، ئېرىم يەنىلا ئۇ تەرەپتە تۇراتتى. ئېرىم دائىم ماڭا :<<ئۇنى توغرا چۈشىنىڭ ،ئۇنىڭدىن ئۆتكەن بولسىمۇ چىشىڭىزنى چىشلەپ تۇرۇڭ >>دەيتتى. توغرا ، مەن كەڭ قورساقلىقنى ئۆگىنىشىم ، ئۇنىڭ بىلەن گەپ تەرگىشىپ يۇرمەسلىكىم كېرەك.
بىراق ،بۇنداق ئايال بىلەن بىرگە تۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن .راستىنلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ئۇ دائىم ئۆزىنى قالتىس، جاھاندا بىر چاغلايدۇ.
باشقىلارنى كەچۈرۋېتىش ئۈچۈن ، پەرىشتىدەك كەڭ قورساق بولۇش كېرەك ، بىراق مەن پەرىشتە ئەمەستە، مەن پەقەت ھېسىياتچان ئايال. ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم كۆڭلۇمگە ئازار بەرگەن... شۇلارنى ئويلىسام ، ئۇنىڭغا نەپرىىتىم قوزغىلىدۇ. ئىشىنىمەن ، مېنىڭ ئورنۇمدا ھەرقانداق ئادەم بولسا نەپرەتلەنمەي قالمايدۇ.ئۇ ئەزەلدىن مېنى ياقتۇرمايتى.ئىككىمىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىلا،مەن بۇنى ھىس قىلغان. بىراق ،ئېرىم ئۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ ،كۈلۈپ قويۇپ ئۆتكۈزۋەتكەن ھەمدە مېنىڭ ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىمنى ئېيتقانىدى. مەن ئېرىمنىڭ سۆزىگە ئەخمەقلەرچە ئىشىنىپ قاپتىمەن . ئۇ ئايال مەن قاراپ تۇرغاندا ئاز گەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئارقامغا بۇرۇلىشىمغا گېپى جىقلاپ ، زەھىرىنى سانجىيتى.
- پۇراكاش ،سەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىزلارنى تاپمىساڭ بولمايدۇ،- دەيتتى ئۇ.
بىراق پۇراكاش قىلچە ئىكلەنمەستىن مېنى ئەمرىگە ئالدى.
- راۋېنا بىلەن توي قىلمىسام ، بىر ئۆمۇر بويتاق ئۆتۈشكە رازىمەن ،- شۇ چاغدا ئېرىم ئۇنىڭغا شۇنداق جاۋاب بەردى.
بىز توي قىلغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئۆچمەنلىكى يوقالمىدى ، بىز گەپ تەرگىشىپ قېلىشقا ئارانلا تۇراتتۇق . خېلى كۈنلەر ئۆ تۈپ ، ھامىلدار بولدۇم ، ئۇ چاغدا ئۇ ماڭا سەل رەھىمدىل بولۇپ قالغاندەك بىلىندى .ئېرىم پات ئارىدا دادا بولىدۇ ، بۇ ئۇ ئايالنى ھاياجانغا سالغان ئىدى . تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئۇ تېخىمۇ مۇلايىم بولۇپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ ، ئارىمىزدىكى ئۆچمەنلىك ناھايتى تېزلا غايىب بولدى . ئۇ ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى . بىز ئىلگىركىدەك بىر - بىرىمىزگە يامان كۆز بىلەن قارىمايتتۇق . شۇنداقتىمۇ ، ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى ، ئېچىنىشلىق تىراخېدىيە مۇناسىۋىتىمىزنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋەتتى .
قورسىقىمدىكى ھامىلە يەتتە ئايلىق بولغاندا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەمپەيدىن يىقىلىپ كەتتىم .
ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى مەن ئۈچۈن شۇملۇقنىڭ باشلىنىشى بولدى .
_ راۋىنا خانىم ، كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، سىز مەڭگۈ ئانا بولالمايدىغان بولدىڭىز ، _ دېدى دوختۇر غەمكىنلىك بىلەن .
ئېرىم ئىككىمىز تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ چىقتۇق . بۇ ئىش ئۇ ئايالغا بەكلا ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ ، چىرايىدىن قايغۇنى كۆرگىلى بولمايتتى . شۇنداق قىلىپ ، ئارىمىزدىكى ئارازىلىق تېخىمۇ كۈچەيدى . بىر كۈنى ، ئۇنىڭ ئېرىمغا ھەدەپ گەپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم .
_ ئۇنى قويۇۋېتىپ ، باشقا بىر خوتۇن ئال ، ساڭا بالا تۇغۇپ بېرەلەيدىغان ، نەسلىڭنى قۇرۇتۇۋەتمەيدىغان خوتۇن ئال ، _ دېدى ئۇ ئايال .
_ ئەگەر مەن بىلەن بىرگە تۇرماقچى بولسىڭىز ، راۋېنانى قويۇۋەت دېگەن گەپنى ئىككىنچى ئاغزىڭىزغا ئالغۇچى بولماڭ ، _ دېدى ئېرىم كەسكىنلىك بىلەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايال بۇ سۆزنى قايتا تىلغا ئالمىدى ، بىراق مېنى ئېرىمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىۋىتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى .
ئۇ مېنى قانداق قەستلەشنى پىلانلاشقا باشلىدى . ئۇ بىر نەچچە بۇلاڭچىنى ياللاپ ، مېنى ئۆلتۈرگۈزمەكچى بولدى . ئۇ پىلانىنى ئىنتايىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانىكەن . ھەر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئىشقا بارغۇچە ، بۇتخانىغا بېرىپ تىلاۋەت قىلاتتىم . ئۇنىڭ پىلانى بويىچە ، مەن تىلاۋەت قىلىپ بولۇپ ، ماشىنىغا چىقىشىمغا ، بۇلاڭچىلار ماڭا ھۇجۇم قىلىپ ، ھەميېنىم ۋە زىبۇ زىننەتلىرىمنى بۇلاپ قاچماقچى بوپتۇ .
بىر جۈمە كۈنى ، ئېرىم پۇراكاش مەن بىلەن بىرگە تىلاۋەت قىلىشقا بارماقچى بولدى ، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم بۇتخانىغا بېرىشى ئىدى . بىز بۇتخانىدىن چىققاندا ، بۇلاڭچىلار ماڭا ئېتىلدى ، ئېرىم مېنى قۇتقۇزماقچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى . دەل شۇ چاغدا بۇلاڭچىلار ئۇنىڭغا كەينى _ كەينىدىن پىچاق تىقىۋەتتى .
ئۇ ئايال ئېرىمنىڭ قانغا بويالغان جەسىتىنى كۆرۈپ ، ئىنتايىن ئازابلىنىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ماڭا ئېيتىۋەتتى . ئۇ تېپىچەكلەپ ، ھۆڭرەپ يىغلايتتى :
_ مەن بىر ئالۋاستى ئىكەنمەن ، خۇدا مېنى جازالاپ ، مۇشۇ كۈنگە قويدى .
بۇ ئۇنىڭ ئەس - ھوشىنى يوقاتمىغان چاغدا ئېيىتقان ئاخىرقى سۆزى . ئۇ مېنى ئەمەس ، ئېرىمنى ، ئۆز ئوغلىنى قەستلەپ قويۇشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى . چەكسىز ئازاپ ۋە ئېغىر گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئۇنى ئاخىر ئەس -ھوشىدىن ئايرىدى .
مەن ئاستا - ئاستا كەڭ قورساق بولۇشقا ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇشقا باشلىدىم . ھەتتا ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم قوزغالدى . ئۇنىڭ تەقدىرى مېنىڭكىدىن ئېچىنىشلىق . مەن ئېرىمدىن ئايرىلغان بولسام ، ئۇ ئوغلىدىن ئايرىلدى . تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى ، ئۇ ئۆزئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن ئەزرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى .دۇنيادا يەنە قايسىبىر ئانىنىڭ تەقدىرى مېنىڭ قېيناپامنىڭكىدىنمۇئېچىنىشلىق بولغان بولغىيتتى ؟