ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەي ھۆرمەتلىك ساۋاقداش،
ھەر بىرىڭلار مەن ئۈچۈن يېنىپ تۇرغان ئاي، قۇياش.
بۈگۇن مانا جەم بولۇپ بىز ئالەمچە شادلاندۇق،
يۈرەكلەردە ھاياجان لېغىرلايدۇ كۆزدە ياش.
ساۋاقداشلىق مېھرىمۇ قېرىندشلىق مېھرىدەك،
چىن سۆيگۈدىن يۈرەكتە ئۈندۈرىدۇ گۈل-چىچەك.
ئەشۇ سەبى چاغلاردا ئۆتكەنىدۇق بەك ئېناق،
ئانا مەكتەپ قوينىدا بولۇپ خۇددى قوشگىزەك.
ھاياتنىڭ شۇ چاغلىرى ئورناپ قالدى يۈرەكتە،
ھەر بىرىمىز ھەر يەردە ياشىدۇق پاك تىلە كتە.
ھايات يولى خىلمۇ خىل ياشاپ كەلدۇق ئارماندا
كىم شادلانماس بۈگۈنكى بۇنداق خۇشال كۆرەكتە.
ئەشۇ سەبى چاغلارنى دائىم ئەسلەپ قالىمەن،
ئەسلىگەندە شۇ چاغنى خۇددى كىچىك بالىمەن.
ھايات ئاتقان ئوق ئىكەن يانمايدىكەن كەينىگە
مەن يىللارنىڭ قوينىدا گاھى يىغلاپ كۈلىمەن.
ھەي بۇ يىللار راست ئېيتسام ئۆتۈپ كەتتى بەكمۇ تېز،
چوڭ ئادەمگە ئايلاندۇق تۈنۈگۈنكى ئوغۇل قىز،
نە ئىشلارنى كۆرمىدۇق بۇ يىللارنىڭ قوينىدا
ھەممىمىزنىڭ قىسمىتى ئۆزىمىزگە بىر دېڭىز.
كەلدى گاھى ئوقۇغۇم يەنە ئانا مەكتەپتە،
سىلەر بىلەن قەم بولۇپ تۇرسام دەيتىم بىر رەتتە.
ئەمدى ئاشۇ كۈنلەرمۇ كەتتى مەڭگۈ كەلمەسكە
بۈگۈن شۇنى ئويلىساق يۈرەك كۆيەر مۇڭ-دەرتتە.
ئارىمىزدىن بەزىلەر كىتىپتۇ ئۇ ئالەمگە،
ئەسلىگەندە ئۇلارنى يۈرەك چۆكەر ماتەمگە.
جاھان دېگەن ئاشۇنداق بىزمۇ بىر كۈن كىتىمىز،
ھاياتلىقتا ھەر كۈننى تەڭ قىلايلى ئايەمگە.