ئاساسىي تېما : تۇتقۇن خىياللار  ( يانغىن )ئاۋاتلىقى:158ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



يانغىن
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 71
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 95 نوقتا
پۇل : 950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:106(سائەت)

 تۇتقۇن خىياللار  ( يانغىن )



تۇتقۇن خىياللار


يانغىن



قاپقاراڭغۇ پىكاپ ئىچىدە ،
ئولتۇرارمەن مەھبۇسقا ئوخشاش .
ھارارەتلەر ئۆچكەن تىنىمگە ،
مودا بولار قىزىل گۈل تاقاش .

ئۆزئۆزۈمگە قىلىپ ئاسىيلىق ،
ئاتىلىمەن بەخت ئىگىسى .
تويۇم بولغاچ سەتەڭ قىز بىلەن ،
غېرىپلىقنىڭ تەمىمۇ يىڭى ...

رىستۇراندا قاينايدۇ بەزمە ،
ھەممە كۆزلەر تىكىلەر ماڭا .
شۇ بىچارە تۇرقۇمغا قاراپ ،
ئۆلۈپ كەتكۈم كىلىدۇ ئاستا...

كۆز قىسىدۇ رەڭدار چىراقلار ،
ئاسمىنىمدا يۇلتۇز كۆرۈنمەس .
مەدىنىيەتلىك بولىمەن يالغان ،
ئېچىرقىغان ھاۋايى ھەۋەس .
ئەسلەپ قالسام ھىلىقى قىزنى ،
ئاغرىپ كىتەر يۈرىكىپ قاناپ .
خوشال بولغۇم كەلمەيدۇ چوقۇم ،
ئازاپلانغان يوللارغا قاراپ ...

ماڭارمەنمۇ ئەمدى ئاۋايلاپ ،
ئىس تۈتەكسىز كوچىلار ئىزدەپ .
بىر لەھىزىلىك ئەركىنلىك ئۈچۈن ،
ئىسيان ئىتەر مەندىكى يۈرەك .

تۇتقۇن بولۇپ يىڭى كەچمىشكە ،
شاش كۆڭۈلگە قويۇلار چىكىت .
دولقۇنلىغان دەريا چىتىدە ،
ئۈزەلمەيدۇ تەنھا بىر قېيىق .

ئولتۇرىمەن پىكاپ ئىچىدە ،
ياندا بايلىق ئىلاھى بۈگۈن .
كۆزلىرىمدە تەبەسسۇم مىنىڭ ،
ئەپسۇس يۈرەك تىلىنار بۇ كۈن .

كىتىپ قالدىم بايلىق كەينىدىن ،
نىگار كۆزدىن قان -ياشلار ئېلىپ .
بەخت ماڭا كۈلمەيدۇ ئەمدى ،
قالاي ئەمدى ئۆزۈمنى ئالداپ .

ھايات شۇنداق ئۆتەرمۇ داۋام ،
ھېچ مەيلى يوق گۈلگە باغلىنىپ .
نەۋاق چىقار خاتىمە تامان ،
كېتەرمۇ يا شۇنداق داغلىنىپ ...




_ بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر !!!

Posted: 2010-09-13 22:41 | [پۈتۈكچى]


كېچەلمەيمەن تەنھالىقىمدىن
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 107
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 107 نوقتا
پۇل : 1070 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

نىمە دىگەن ئازاپ بۇ !!! 
قەلىمىڭىز ھارمىغاي يانغىن ئەپەندىم ....

بېچارە تۇيغۇمنى يوشۇرالمىدىم ،
قېچىپ كەتكۈم كەلدى تۇيغۇمدىن ...

Posted: 2010-09-13 23:13 | 1 -قەۋەت


ھايات ئىنسانغا بىرىلگەن ئەڭ چوڭ بەخىت ئۇنى قەدىرلە
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 387
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 387 نوقتا
پۇل : 3870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:11(سائەت)

 

   

ھەممەيلەن  ئۈلۈپ كىتىمىز تۆت كۈنلۈك بۇ ئالامدە بىرسى بىرسىمىزدىن خاپا بولغىدەك رەنجىتكۈدەك   ئىش يوق

Posted: 2010-09-13 23:58 | 2 -قەۋەت


ئەي مېنىڭ سۈكۈتلەر ئچىدىكى ئۈندەشلىرىم
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:21(سائەت)

 

بەك ياخشى چىقىپتۇ 。 رەھمەت 。
  سەن كەلمىدىڭ كەلمەيسەن ئەمدى 。
مەنمۇ ئىزدەپ بارمايمەن پەقەت 。
يۈرۈكۈمگە ئويۇلغان نەقىش  。
شۇ مۇقەددەس تۇنجى مۇھەببەت 

ئاي پاتسا تىترىمە , قوياش يار ساڭا 。
تەقدىرىڭ ھومايسا, چاقچاق دەپ سانا 。

Posted: 2010-09-14 00:06 | 3 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1390
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1393 نوقتا
پۇل : 13930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:130(سائەت)

 

يۈرۈگۈمگە لىق تولدى ئازاپ ،
ھىجران ياشلىرى تۈكۈلدى ئەجەپ .
سىنىڭسىز ئۆتەر كۈنلىرىم قانداق ،
تۈنلىرىم ئۇيقۇسىز ئەسىر - ئەسىلەپ .
Posted: 2010-09-14 00:24 | 4 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1390
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1393 نوقتا
پۇل : 13930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:130(سائەت)

 

يانغىن ئۇستازنىڭ نادىر تىمىلىرغا موھتاجمىز .
Posted: 2010-09-14 00:25 | 5 -قەۋەت


ھايات ساڭا باقمىسا،سەن ھاياتقا باق!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 600
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 605 نوقتا
پۇل : 6050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:406(سائەت)

 

ياخشى چىقىپتۇ! جۆر بولدۇق-مانا....

[attachment=32955]

تىنىقلىرىڭ پۇرار پۇشايمان،
ھەر بېقىشىڭ قارا يۈز سىياق.
مۇڭلانمىغىن ساختا ھەممىسى،
شەھۋەتلەردە يۈرەگىڭ ئويغاق.

تۇتقۇن بولمىش نەپسىڭگە يىگىت،
شەيتانلىرىڭ قىلار تەن-تەنە..
يول ئالدىڭ سەن ئازغۇن ھوجرىغا،
بولدى ئەمدى«يار»نى ئەسلىمە!

قۇم ئاستىدىن ئاتا-بوۋاڭ قۇلاق ياساپ قىياقتا،
سىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭنى تىڭشاپ تۇرغان سىياقتا.

Posted: 2010-09-14 01:02 | 6 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1390
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1393 نوقتا
پۇل : 13930 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:130(سائەت)

 

بولدى ئەمدى يارنى ئەسلىمە ،
قالىسەن يىگانە چۆكۈپ پىراققا .
قۇرۇپتۇ دەريا قۇرۇپتۇ كۆللەر ،
مۇڭلاندى ئەنە قۇياشمۇ ئۇپۇقتا .
Posted: 2010-09-14 01:16 | 7 -قەۋەت


ئوماق
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 189
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 189 نوقتا
پۇل : 1890 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:19(سائەت)

 

ھارمىغايسز............
                               

    

Posted: 2010-09-14 02:05 | 8 -قەۋەت


~~~خىياللىرىمسەن~~~
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 31
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 31 نوقتا
پۇل : 310 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:17(سائەت)

 

          يانغىن---ىدا تۇتقۇن خىياللار
          دىلپارە---گە بىلدۇرۇپ ئازاپ
          شەيتانچاق---نىڭ باشمالتىقى خوش
          زۇننار---مۇ دەم تۇرماپتۇ قاراپ

        مۇسلىنە---نىڭ ھىجران ياشلىرى
        تۇرگۇن---نىمۇ جۆر قىپتۇ مانا
        نۇرى---ئىمىپ ھارماس ئىمىزگە
      ئىكىرام---خىيال قوينىدا يانا

ۋاقىت---ئۇ ھەممنى ئۆزگەرتىدۇ...

Posted: 2010-09-14 03:09 | 9 -قەۋەت


~~~خىياللىرىمسەن~~~
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 31
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 31 نوقتا
پۇل : 310 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:17(سائەت)

 

      ئىنكاس تەرتىۋىڭلار ۋە قايتۇرغان ئىنكاسىڭلارغا ئاساسەن كىرىشتۇرۇپ قوشاققا قىتىپ باقتىم،يارىمىغان بولسا تىللىمىساڭلارلا مەن شۇنىڭغا خوش.

ۋاقىت---ئۇ ھەممنى ئۆزگەرتىدۇ...

Posted: 2010-09-14 03:16 | 10 -قەۋەت


ھايات ساڭا باقمىسا،سەن ھاياتقا باق!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 600
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 605 نوقتا
پۇل : 6050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:406(سائەت)

 

Quote:
9 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئىكىرام1 نىڭ 2010-09-14 03:09 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
           يانغىن---ىدا تۇتقۇن خىياللار
           دىلپارە---گە بىلدۇرۇپ ئازاپ
          شەيتانچاق---نىڭ باشمالتىقى خوش
          زۇننار---مۇ دەم تۇرماپتۇ قاراپ

.......

ياخشى يىزىپسىز،لىكىن «تۇرگۇن» ئەمەس،«تۈرگۈن» ئىدى...

قۇم ئاستىدىن ئاتا-بوۋاڭ قۇلاق ياساپ قىياقتا،
سىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭنى تىڭشاپ تۇرغان سىياقتا.

Posted: 2010-09-14 08:16 | 11 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 751
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 753 نوقتا
پۇل : 7530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:77(سائەت)

 

ئەجەپ قىززىپ كىتىپتۇ بۇيەر  بەلەن يېزىلغان شىئىركەن رەھمەتسىزگە يانغىن  ئەپەندىم                        
Posted: 2010-09-14 14:24 | 12 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation