«ئاغزى بىلەن مېڭىش»نىڭ كارامىتى
«بۇرۇن بىر قەدىمكى سەھرادا گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق چىرايلىق بىر قىز ئۆتكەنىكەن. ئۇ گۈزەللىكتىلا تەڭداشسىز بولۇپ قالماي، ئەخلاق - پەزىلەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئىشق - پىراقىدا كۆيگەن نى - نى يىگىتلەر ۋىسال تەشنالىقىدا چاڭقاپ، كۈن - تۈنلەرنى بىدار ئۆتكۈزىدىكەن. لېكىن، قىز ياشانغان ئاتا - ئانىسىنى دەپ، نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ سۆيگۈ ئىزھارىنى جاۋابسىز قويۇپتۇ. ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمىگەن يىگىتلەر نامەردلىك قىلىپ، ئۇنى «شاللاق، بۇزۇق» دېگەندەك قارا بەدناملارنى چاپلاپ، پىتنە - پاسات تارقىتىپتۇ. خەقنىڭ ئۆسەك سۆزىگە ئىشەنگەن ئاتا - ئانىسىمۇ قىزىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كېتىپتۇ. ئېغىر خورلۇق ۋە بېسىمغا چىدىمىغان قىز ئاخىرى ئۆلۈم يولىنى تاللاپ، مەھەللىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىدىكى يارنىڭ لېۋىگە كەپتۇ. ھاياتقا كۆزى قىيمىغان ھالدا بىر بۇلاقنىڭ تۈۋىدە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ.
_ ئەلۋىدا! قەدىرلىك ئاتا - ئانا، مېنىڭ پاكلىقىمغا ئىشىنىڭلار! سىلەرگە قىيالمايۋاتىمەن، _ قىز ئەنە شۇنداق دەپ ئۆزىنى پەسكە تاشلىماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز <توختاڭ قىزىم> دېگەن سادا ئاڭلىنىپتۇ. قىز بۇرۇلۇپ كەينىگە قارىسا، ئاپئاق ساقاللىق خىزىر سۈپەت بىر بوۋاي يېنىدا تۇرغۇدەك.
_ مەن سىزنىڭ پاكلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. تۆھمەت، بەدنام، پىتنە - پاسات دېگەنلەر بىردەملىك قويۇنتازغا ئوخشىشىدۇ. سىز بۇنداق ئۈمىدسىزلەنمەڭ! ئۆزىڭىزنىڭ پاكلىقىغا ئىشەنچىڭىز بولغاندىكىن ئۈمىدۋار بولۇڭ _ ! دەپتۇ - دە، بىر سىقىم توپىنى ئېلىپ، قىزنىڭ ئالدىدىكى بۇلاققا تاشلاپتۇ. سۈزۈك بۇلاق سۈيى بىردەمدىلا لېيىپ، مانان بولۇپ كېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن، لايلار سۇنىڭ ئاستىغا تىنىپ، سۇ يەنىلا زۇمرەتتەك سۈزۈلۈپ كېتىپتۇ.
بۇ چاغدا بوۋاي قىزغا قاراپ:
_ سۇ ئەسلىدە سۈزۈك، پاك ئىدى، بىز توپا تاشلىغاندىن كېيىن لېيىدى، ئەمما ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە سۈزۈلۈپ، ئۆز ئەسلىگە قايتتى. سىزمۇ پاك، ئۈستىڭىزدىكى بەدنام، ئۆسەك سۆزلەر ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي يوقاپ كېتىدۇ، قىزىم، ئۈمىدۋار بولۇپ ھاياتىڭىزنى قايتىدىن باشلاڭ !_ دەپتۇ - دە، بىردىنلا نۇرغا ئايلىنىپ غايىب بوپتۇ …»
كىچىك چاغلىرىمدا چوڭلاردىن ئاڭلىۋالغان بۇ ھېكايە ھېلىھەم يادىمدا تۇرۇپتۇ. بۇ ھېكايىدىن تۆھمەت، بەدنام، غەيۋەت- شىكايەت، پىتنە - پاساتنىڭ خېلى زامانلاردىن بېرىلا كىشىلەر ئارا ھۆكۈم سۈرۈپ، سۈپسۈزۈك ھايات بۇلاقلىرىنى بۇلغىغانلىقىنى، ئادەملەر ئارا نىزا، جېدەل تېرىپ، تراگېدىيىلىك قىسمەتلەرگە سەۋەب بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ، ھازىر بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇلغا بولغان چوقۇنۇشى ئەۋجىگە چىقىپ، ئەخلاق - پەزىلىتى يىمىرىلىپ، پاك ئېتىقادى سۇنۇپ، تۆھمەت، بەدنامنى قولىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان، ئاللىكىملەر ئۈستىدە غەيۋەت - شىكايەت قىلىپ، ئاغزىنى «كۇھىقاپ»تەك ئاچىدىغان ئىشلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى. كىملەرنىڭدۇر ئازراق يېتەرسىزلىكى ياكى ئۈزۈپ چىققان كىشىلەرنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدىمۇ - بولدى، «كوچا خەۋەرلىرى»ىنى شامالدەك تارقىتىپ، ئالەمنى مالەم قىلىدۇ. ئۇلار «ئاغزى بىلەن مېڭىپ» ئۇ شەھەردىكى ئىشنى بۇ شەھەرگە «چاقماق» تېزلىكىدە تارقىتىدۇ.
پىتنە - ئىغۋا، غەيۋەت - شىكايەت ئەۋج ئالغان مىللەتتە تراگېدىيىلىك قىسمەتلەر، ئاچچىق كەچۈرمىشلەر كۆپ بولىدۇ. پىتنە - ئىغۋا، غەيۋەت - شىكايەتنىڭ «قۇدرىتى» شۇنچىلىك زوركى، بەزىدە ئۇ بەختلىك ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، قىيامەتلىك جۈپلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتەلەيدۇ، ئاتا - ئانا بىلەن بالىنى بىر - بىرىدىن تەزدۈرۈۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق كارامىتى كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ، تەسۋىرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەلۇم بىر رايوندا يۈز بەرگەن مۇنۇ ۋەقە بۇنىڭ شاھىدىدۇر. «بىر كۈنى ئۈچ بۇرادەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ئائىلە، تۇرمۇش، خىزمەت توغرىلىق سۆزلەشكەچ شارابقا داخىل بوپتۇ. بىرنەچچە رومكىدىن ئىچىپ، سەل قىزىغاندىن كېيىن، بىرى يەنە بىرىدىن: <ئاداش، ئايالىڭغا ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئاڭلىسام خېلى شوخ دەيدۇ> دەپتۇ. >نېمە دەيسەن - ھوي! ئىشەنچىم بولمىسا ساقلاپ نېمە ئىش قىلاي< دەپتۇ ئۇمۇ جاۋابەن. ئەمما، بۇ يىگىتنىڭ كۈندەشلىكى كۈچلۈكرەك بولۇپ، مۇشۇ ئىش توغرىلىق ئائىلىسىدە ئۇششاق جېدەل تۈگىمەيدىكەنىدۇق. شۇڭا، ئۇ قايتۇرۇپ سوراپتۇ: <بىرەر ئىشنى ئۇقۇپ قالغاندەك بۇنى سوراپ قالدىڭا؟> <ھېچ ئىشنى ئۇققىنىم يوق، بەزىلەرنىڭ شۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم>، <ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ قورسىقىدىكى چۆچۈرىنى باشقىلار تۈگۈپ قويغان> دېگەندەك گەپلەر بەزىدە قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان، شۇڭا دەيمىنا! دەپتۇ. لېكىن، ئۇ يىگىت بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمەپتۇ. نۆۋەت بىلەن ئايلىنىۋاتقان رومكىنى بىرنى كەتكۈزمەي ئىچىپتۇ، ئىچىپ خېلى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئامانلىق تىلىشىپ خوشلىشىپتۇ. كىم بىلسۇن، يىگىت ھاراقنىڭ كۈچىدە ئۆيىگە كىرىپ، ئېغىرئاياغ خوتۇنىغا تىل - ھاقارەت قىلىپ، دەسسەپ - چەيلەپ، ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. جەڭگى - جېدەلنىڭ ئۇزىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان قوشنىلىرى مىڭ بىر مۈشكۈلدە ئۆيگە كىرسە، ئەرمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. ئەمما، ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن بىر بالىسى قارا يېتىم بوپ قاپتۇ. ئەنە شۇ كىچىككىنە ئىغۋا - ئۆسەكنىڭ «قۇدرىتى» بىلەن بىر بەختلىك ئائىلە بىر كېچىدىلا ۋەيران بولدى. ئەمما، ئىغۋا تارقاتقۇچىلارچۇ؟ ئۇلار ھېچ ئىش بولمىغاندەك، يەنە كىملەرنىڭدۇر ئۈستىدە «يېڭى ئىجادىيەت»لىرى توغرىلىق ئويلىشىپ يۈرىدۇ. ئىغۋا دېگەننىڭ مۇقىم بىر ئاپتورى يوق. ئۇنى سۈرۈشتە قىلسا، «پاتېنت ھوقۇقى»نى ئۇ بۇنىڭغا، بۇ ئۇنىڭغا ئارتىپ قۇتۇلىدۇ. پىتنە - پاساتتىن ھەممە ئادەم بىزار، لېكىن ئادەم نېمىدىن شۇنچە بىزار بولسا، ئۇ، ئادەملەرگە شۇنچە يېقىن بولۇپ كېتىدىكەن. ھازىر جەمئىيەتتە نېمە كۆپ دېسە، پىتنە - پاسات، غەيۋەت - شىكايەت كۆپ. ئادەملەر غەيۋەت - شىكايەتكە ئۆچ تۇرۇپ، يەنە غەيۋەت - شىكايەت قىلىدۇ. غەيۋەت- شىكايەت بولغانىكەن، ئۇ پىتنە - پاساتنى «ئالۋاڭ - سېلىق» قىلىدۇ. بەزىلەر شۇ كىچىككىنە غەيۋەت - شىكايەت، پىتنە - پاساتنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ، قاراملىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ، قاتىللىق قىلىدۇ، تۈرمىدە ياتىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ھالاكەتلىك كېسىمىنى ئۆزى كېسىدۇ.
خەلقىمىز مەدەنىيەتلىك، پەزىلەتلىك خەلق. تارىختىن بۇيان، خەلقىمىز ئەۋلادلىرىنى ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتلىرى بىلەن تەربىيىلەپ، پىتنە - ئىغۋا، غەيۋەت - شىكايەتنى ناچار ئىللەت دەپ قاراپ كەلگەن. بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي: «تىلنى ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن كىشى ئەل ئالدىدا ئېتىبارسىز بولىدۇ، بىھۇدە، تولا گەپ قىلىدىغان كىشى خۇددى تاڭ ئاتقۇچە قاۋاپ چىقىدىغان ئىتقا ئوخشىشىدۇ. يامان تىللىق كىشى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ جاراھەتلەندۈرىدۇ، ئۆز بېشىغىمۇ ئاپەت كەلتۈرىدۇ»، «ئەدەپ، تەربىيىدىن مەھرۇم ئادەملەر ئۆزلىرىگە ھەر تەرەپلىمە ياردەم كۆرسەتكەنلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۇنتۇپ، تۇزكورلۇق قىلىدۇ. ئىشلىرىنىڭ بىناسىنى خىيانەت، ھىيلە - مىكىر ئۇلىغا قۇرۇپ، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىقنى كەسىپ قىلىپ، ھاياسىزلىق كوچىسىدا يۈرىدۇ. ئىغۋا، پىتنە - پاسات ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەمدەملىرى بولىدۇ» دەپ خىتاب قىلىپ، ئادەملەرنى ۋىجدان لەۋھەسىنى ئىنساپ، ئادالەت گۆھىرى بىلەن بېزەپ، گۈزەل تىل، باھار خۇلقلۇق بولۇشقا ئۈندىگەنىدى. بىراق، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا پىتنە - ئىغۋا، غەيۋەت - شىكايەت خۇددى ۋابادەك يامراۋاتىدۇ. يەنە بەزىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن ئېسىل پەزىلەتلىرىگە ئېتىبارسىز قاراپ، ئارىلاشما، شالغۇت مەدەنىيەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا قاراپ تۇردۇق. ناچار ئىللەت، يامان مىجەزنىڭ خاراكتېرىمىزگە سىڭىپ كىرىشىگە سۈكۈت قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە تېزلا ئەۋج ئېلىپ، دېھقانلار قاتلىمىدىن زىيالىيلار قاتلىمىغىچە، ھەتتا ياشلار - ئۆسمۈرلەر قاتلىمىغىچە سىڭىپ كىردى. «راست سۆز بوسۇغا ئاتلاپ بولغۇچە، يامان سۆز تاغ ئاتلاپتۇ» دېگەندەك، غەيۋەت - شىكايەتتىن ئۈندۈرمە بولغان پىتنە - پاساتنىڭ تارقىلىشى ياخشى ئىش، ياخشى خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا قارىغاندا ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. ساق ئادەمنى كېسەل ئادەمگە، ئىدارىدىكى ئادەمنى بىردەمنىڭ ئىچىدە تۈرمىدىكى مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، داڭلىق شەخس، چولپانلار بىردەمدىلا«بۇزۇق»، «ئاق ساتىدىغان» جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا بىردەمدىلا ئۆلۈپمۇ قالىدۇ. دېمىسىمۇ، رېئاللىقنىڭ ئەينىكىدە بىر - بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان، بىر - بىرىنى تىللاپ سېسىتىدىغان، قۇرۇق گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىپ، سورۇن قوغلىشىپ قاتار چاي ئويناپ، كۈنىنى ھارام ئۆتكۈزىدىغان، بىر - بىرىنى ھەتتا ئاتا - ئانا، ئوقۇتقۇچى - ئۇستاز ۋە چوڭلارنى تىللاپ، قارغاپ، يۇقىرى- تۆۋەن قاتراپ بىر - بىرىنى چاقىدىغان، پىتنە قىلىشنى كەسىپلەشتۈرۈۋالغان «كەسپىي» پىتنىچىلەر بەش قولدەك ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكى مەسەلنى ئوقۇغىنىمىزدا بۇ خىل رېئاللىقنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.
«شەيتان بىر كۈنى گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان، قۇشلار ناۋا ئەيلىگەن گۈزەل بىر ئېرەم باغدا سايىداپ ئولتۇرۇپ، سۈزۈك بۇلاق سۈيىدە پۇت - قولىنى يۇيۇپ ئارام ئېلىۋاتسا، پەرىشتىلەردىن بىرى كۆرۈپ قېلىپ سۆز تاشلاپتۇ:
_ ھەي، شەيتان! بۈگۈن سەن بۇ ئېرەم باغدا ئەجەب ئارام ئېلىپ قاپسەنغۇ؟ سەن ئادەملەرنىڭ ئەقلىنى بۇلغاپ، پىتنە - پاسات، غەيۋەت - شىكايەتكە باشلايتتىڭ! بۈگۈن نېمىشقا بۇ ھۈنىرىڭنى ئىشقا سالمىدىڭ!
_ ھەي، سەن تېخى بىخەۋەر ئىكەنسەندە! مەن خېلى زامانلار بولدى دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتتىم. ئادەملەر ھازىر مېنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. مەن ئازدۇرمىساممۇ ئۇلار بىر - بىرىنى پىتنە قىلىشىۋېرىدۇ، جېدەل - نىزا ئۇرۇقىنى چېچىشىۋېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ».
ئادەملەر بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئادەمنىڭ شان - شەرەپ جەھەتتىن شەيتاندىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىدا ئىدى. لېكىن، ئادەملەر شەيتانغا ئەگەشكەندىن كېيىنلا شەيتاندىن پەرقلەنمەيدىغان جايلىرى كۆپىيىپ كەتتى. «ئادەم سۈپەتلىك شەيتان»لارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى زالالەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ھازىر ئادەم سۈپەت شەيتانلارنى ئەيىبلىمەك تەس بولۇپ كەتتى. ئەيىبلىگەن چاغدا ئۇلار ھېچبىر نومۇس تۇيغۇسىدا بولماي، «زامان شۇنداق تۇرسا» دەپ، ئۆزلىرىدىكى ئېۋەن، ئىللەتلەرنى زامانغا دۆڭگەپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە زاماننى ئۆزگەرتىش ئەمەس، زامانغا ماسلىشىش ئېڭى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەچكە، ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىك مۇقەددەس بۇرچىنى ئۇنتۇپ، جەمئىيەت بۇزۇقچىلىقلىرىنى كەسىپ قىلىۋالغان، ئۆزلىرىنىڭ پەس ئارزۇ - ھەۋىسى، نەپسى - خاھىشىغا قۇل بولۇپ كەتكەن. شۇڭا، دانىشمەنلەر بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئېيتقانىكەن: «قايسى ئەلدە گەپ تولا بولسا بەرىكەت ئاز، قايسى ئەلدە ئىش تولا بولسا بەرىكەت ساز. قەيەردە ئىش خۇشياقماسلار، بىكار تەلەپلەر كۆپ بولسا، شۇ يەردە قۇرۇق گەپ، غەيۋەت - شىكايەت كۆپ بولۇر.» دېمەك، ھازىر ئىش قىلىدىغانلاردىن گەپ قىلىدىغانلار كۆپ، ئىش قىلىدىغانلارغا گەپ قىلىدىغانلار ئۆچ. بۇ بىر ھالاكەتلىك پسىخىكا. دۇنيادا ئىشنىڭ ئەڭ ئاسىنى گەپ قىلىش، ھەممىدىن قىيىنى ئىش قىلىشتۇر. خېلى كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ روھىيىتىدە تەلەي سىناش پسىخىكىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغىنى ئۈچۈن، ئۇلار بىر نەرسىگە ئەقىل ئىشلەتمەي، قان - تەر ئاققۇزماي، بەدەل تۆلىمەي ئېرىشىشكە ئادەتلەنگەن. خۇددى «كۆڭلى بۇزۇق ھەممە ئىشتىن ئەيىب ئىزدەر» دېگەندەك، ئۆزى بىر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمىغان، خەق قىلسا كۆرەلمەيدىغان بىر توپ ئاغزى قىچىشقاق زاغۇيلار«كۇس - كۇس»لىشىپ، يېڭىدىن يېڭى غەيۋەت، پىتنە - ئىغۋالارنى توقۇۋاتقان روھىيەت پاجىئەلىرى جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
_ ھەي، _ نى كىتاب يېزىپتۇ، _ دەيدىغۇ!
_ قويە ئۇنى، كۆچۈرۈپ يازغان گەپ، ئۇنداق پەسكەشلىكنى بىز قىلمايمىزدە!
_ شۇ، قاراپ باقسام ئۇنىڭ قولىدىن كىتاب يازالىغۇدەك ئىش كەلمەيدۇ.
مانا بۇنداق ئۆسەك سۆزلەر مەيلى ئەدىبلەر ياكى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ خېلىلا ئەۋج ئالغان. بىر ئادەمنىڭ بىر پارچە ئەسەر ياكى كىتاب يېزىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس ئەخلەتكە چىقىرىۋەتسەك، بۇ قانداقمۇ ئادىل بولغىنى؟!
ئىككى قەلەندەر بىر ھەيۋەتلىك سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ: «ماۋۇ ساراينىڭ خوجايىنى ھەيۋەت بىنا سالغىنى بىلەن قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ» دېسە، يەنە بىرى: «ئۇنىڭمۇ دەردى باركەندە، ئۇنداق قەرزدار بولۇپ بىنا سالغۇچە، ئوغرىلىق قىلامدۇ ياكى بىزدەك تىلەمچىلىك قىلسىمۇ بوپتىكەندۇق» دېگۈدەك. «شۇ ئەمەسمۇ، _ دەپتۇ يەنە بىرى، _ ئىككىمىزنىڭ ھېچقانداق قەرزى يوق، دۇنيادا ئەڭ بەختلىك پەقەت بىزكەنمىز» دەپ تۇرۇشىغا ساراي خوجايىنى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىكەن. ئۇلار دەرھاللا تىزلىنىپ: «غوجام دۆلەتلىرى زىيادە بولغاي، ئازراق سەدىقە بېرەلا» دەپ قوللىرىنى كۆتۈرۈشۈپتۇ. بىزنىڭ يۇقىرىقى دىئالوگلىرىمىزدىن خۇددى ئىككى قەلەندەرنىڭ تۇترۇقسىز خاراكتېرىدەك ئېغىر خاراكتېر پاجىئەسى كۆرۈنۈپ تۇرغىنى راستقۇ؟ ئۆزىمىز قىلالمايمىز، ئەمما ياخشى ئىش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى خۇددى ساپان تارتىپ يەر ئاغدۇرۇۋاتقان كالىنى كۆكۈيۈن چىقىپ ئارام بەرمىگەندەك غاجاپ، تىللاپ ئارامىدا قويمايمىز. پاكىت _ رېئاللىق دېمەكتۇر. بۇ خىل روھىي ھالەت ئىككى قەلەندەرنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئوخشىشىپ قالغانمۇ ياكى قالمىغان؟ بۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك بۇرچ تۇيغۇسىدا تۇرۇپ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە.
ئادەملەر ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى مەسئۇل. ئۇ مەيلى ئادەم سىياقتا ياشىسۇن ياكى ئىبلىس شەيتان سۈپىتىدە ياشىسۇن، ئۆز قىلمىشىغا يارىشا نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ بىراۋنى دوراش مەجبۇرىيىتى يوق، لېكىن جەمئىيەتتە بىرەر ئېقىم شەكىللەنسە، كىشىلەردە شۇ ئېقىمغا ئەگىشىش مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ ئادەملىك خاراكتېرنى ئۆلتۈرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك زەھەردۇر. بۇ خىل زەھەر بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرى، دېگەنلىرىگە باشقىلارنىڭ باھاسىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ، چېچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە ياشايدۇ. ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەقىل يۈكسەكلىكى ھەم ھېسسىيات سەزگۈرلۈكى بىلەن ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئەقىل يۈكسەكلىكىگە تايىنىپ قاندۇرىدۇ. ئىنساننى ئىنسانلىق شان - شەرىپىگە ئېرىشتۈرگىنى ئىنسانلاردا ياخشى بىلەن ياماننى، توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن باتىلنى، مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى پەرق ئېتەلىگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدار ھەم ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان، رەت قىلىدىغان ھېس - تۇيغۇنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا، ئادەم تەبىئەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەمما، ھازىرقى تاۋار مەدەنىيىتى بىر قىسىم خاراكتېرى ئاجىز كىشىلەرنى تىك موللاق ئاتقۇزۇپ، كۈندىن - كۈنگە ئاۋۇپ كېتىۋاتقان ئىغۋا، غەيۋەت - شىكايەتنىڭ خالىس ئىجراچىسى ۋە سادىق مۇخلىسلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. شەرق دانىشمەنلىرىدىن بىرى: «ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ياخشىلىقتىن يامانلىق كۈچلۈك» دەپ ئېيتقان. پىلاتونمۇ:«بارلىق جانلىقلار ئىچىدە ئادەم مۇبادا تەربىيىلىنىپ، ياخشى ساپا ھازىرلىسا، ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ تەربىيە كۆرگەن بولالايدۇ، ئەكسىچە بولسا، پۈتكۈل دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ ئەڭ ياۋايىسى بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئېيتقان. ئارىستوتېلمۇ مۇنداق دېگەن:«مۇبادا ئىنساندا ئەخلاق بولمىغان بولسا، ئىنسان ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىي، ئاچ كۆز ، قورقۇنچلۇق مەخلۇقلاردىن بولۇپ قالغان بولاتتى». دېمەك، بۇ ھېكمەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ غەيۋەت - شىكايەت، پىتنە - ئىغۋالارغا ئامراق بولۇشى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ياخشىلىق تەركىبلەردىن يامانلىق تەركىبلەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش»، «تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەش» ئادەملەرنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ پىتنە - پاسات تارقاتقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلار يامانلىق ئېلېمېنتلىرى بىلەن ياسالغان رەسەتخانىدا نامدار، پۇلدار، چولپان، ئەمەلدار، گۈزەل قىز - جۇۋان … قاتارلىق بارلىق ئادەملەرنى كۆزىتىپ، ئۇلار بىرەر زۇكام بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسا، «سىبلىس، ئەيدىز» بوپتۇ دېگەندەك ئىغۋالار «ئاغزى بىلەن مېڭىپ» ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە ۋاگون - ۋاگونلاپ توشۇلىدۇ. بىرەر شائىر، يازغۇچى بىر ئايال زاتى بىلەن بىرەر- يېرىمدەم پاراڭلىشىپ قالسا، «قەلەمكەش دېگەن ھېسسىياتچان خەق، ئۇنىڭ - بۇنىڭغا كۆز تاشلاپلا يۈرىدۇ، ئايالى ۋە بالىلىرىنى يېتىم قىلىپ، قىزلارنى كولدۇرلىتىپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ يازغىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنى كۆرمىگەن ياخشى» دېگەن بەدنام، ئىغۋالىرى «پىتنە ساندۇقى»دىن پېچىتى بىلەن چىقىدۇ. بىر ئايال ئۆسۈپ ئەمەلدار بولسا، شۇ ھامانلا «ئۇ خېنىم پالانچى ئەمەلدارنىڭ بىر نېمىسىمىش، شۇڭا ئۆسكەندە» دېيىشلىرى ئادەتتىكىلا گەپ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىرەر يازغۇچى، شائىرنىڭ ئائىلىسىدىكى ئازراق كېلىشمەسلىكلەر، ئۇلارنىڭ چوڭ كوچىلاردا بىرەر ئايال تونۇشى ياكى ساۋاقدىشى بىلەن ئوچۇق - يورۇق گەپلىشىپ تۇرۇشلىرى، شېئىرلىرىدىكى «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېگەن مىسرالىرى كوچا ئوبزورچىلىرىنىڭ يانپېشىغا بىرنى ئۇرۇپلا توقۇپ چىقىرىدىغان ئاخباراتىدۇر. بۇ ئوبزورلار قۇلاقتىن - قۇلاققا يېتىپ، ئاخىرى ئېغىزغا ئالغۇسىز دەرىجىدە تېتىقسىزلىشىپ، ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
ئىچ - ئىچىدىن كۆيۈۋاتقان بىر چىدىماسلىق، كۆڭلىدە قۇرتتەك قىمىرلاپ ئارام بەرمىگەن ھەسەتخورلۇق تۈپەيلى، «پىتنە زاۋۇتى»دا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بۇ ئۆسەكلەر نادان كىشىلەر ئارىسىدا تەتۈر شامال چىقىرىپ، ياخشى ئادەملەرنىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدۇ. ھەقىقەتنىڭ نىسپىي ھالدا ۋاقىتلىق ئىگىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. «ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس». روھىمىزغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئۆسمىلەرنى، چىرىندىلەرنى، كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىساق، ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ھەممە ئىش كىچىكتىن باشلىنىدۇ. بىز كىچىك دەپ قارىغان بەزى ئىشلار بىر كۈنلەردىن كېيىن چوڭ ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەممىمىزنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن پىتنە - ئىغۋا، غەيۋەت - شىكايەتنىڭ پاتقىقىدىن قۇتۇلۇپ، ھاياتقا گۈزەللىك نەزىرىمىز بىلەن قارىساقلا، دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايمىز.
مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى
(ئاپتور: «تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە )