ئاساسىي تېما : سەن ۋە چىلبۆرەئاۋاتلىقى:399ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



كىممۇ مېنىڭ ئارقامدىن گەپ تاپقان؟
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 649
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 651 نوقتا
پۇل : 6510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:135(سائەت)

 سەن ۋە چىلبۆرە

     بىر-بىرمىزنىڭ قوللىرنى مەھكەم تۇتۇشقان ھالدا، بىز دائىم سىردىشىدىغان، يۈرەك سۆزلىرمىزنى تۆكىشىدىغان، گۈل-چىمەنلەر بىلەن ئورالغان، ئەڭ پىنھان، ئەڭ گۈزەل دۇنيارىمىزغا يېتىپ كەلمەكتىمىز.
     مەن دەيتىم: «مېنى ئۇنۇتماڭ.» . سىز دەيتىڭىز :« سېنى ئۇنتۇش مۇمكىنمۇ ئەزىزەم؟، سەنسىز دۇنيا ماڭا قاراڭغۇ، سەندىن ئايرىلسام مەن قارىغۇ بۇلۇپ قالىمەن، مېڭىش يۇلۇمدىن ئادىشىپ قالىمەن...»
    بىز ئەنە شۇنداق سۆيگۈگە چۆمگەن ھالدا بۇ گۈزەل دۇنياغا يىتىپ كەلگەن ئىدۇق.
    - قاراڭڭە قەدىرلگىم؟، پاك سۆيگۈمىزگە شاھىد قىلىپ، ئۆز ئىسىملىرىمزنى تىنىگە ئويۇپ قويغان ئاۋۇ دەرەخكە زادى نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ قۇرۇپ كەتكلى باشلىدىمۇ قانداق؟ - سورايتىم سەندىن.
    - ھەي، كىچىك بالىمۇ سەن؟ قاراپ باقمامسەن، ئۇ ئىلگىركىدىنمۇ كۆكىرىپ، تېخىمۇ گىدىيىپ تۇرمامدۇ؟...
   - ھەي قىز، ئالدانما، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنگىنى ساختا كۆرۈنۈش،- دەيتى غايىپتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، - ئۇ ئىككىڭلارنىڭ ئىسمى ئۈستىگە باشقا بىر ئىسىمنى ئويۇپ قويدى، ئۇ يېنىدا سەن بولمىساڭ ئەمەس، سەن بولساڭ مەنزىلىدىن ئادىشىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ دەرەخ قۇرۇشقا باشلىدى ، چۈنكى ئۇ ساختىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى...
    - سەن زادى نېمە دەۋاتىسەن؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئۇ ماڭا قەسەم بەرگەن، سەن بىزنىڭ ئارىمىزغا سوغوقچىلىق سالماقچىمۇ؟- مەن رەددىيە بەردىم ئۇنىڭغا، چۈنكى مەن سىزگە ئىشىنەتتىم.
     بىز  بىر-بىرىمىزگە ناگان-ناگاندا چوڭقۇر مۇھاببەت بىلەن بېقىشىپ گۈزەللىك ئىچىگە شۇڭغۇپ كېتىۋاتاتتۇق، مەن بۇ چاغدا كۆزلىرىڭىز قارچۇقلىرىدا باشقا بىر سمانى غۇۋا كۆرگەندەك بۇلاتتىم-يۇ پەرۋا قىلمايتىم.
    - پاھ!، ئاۋۇ بىز ياسىغان كەپە ئەمەسمۇ؟- مەن ھاياجاندىن توۋلىۋەتتىم، چۈنكى بۇنى ئىككىمىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئۇششاق ياغاچلارنى تېرىپ كېلىپ ياسىغان ئەمەسمىدۇق؟، بۇ ناھايتى ئاددى كەپە ئىدى، ئەمما ناھايتى بەكمۇ ئىللىق، سۆيۈملۈك ئىدى.
بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئالدىغا يۈگۈردۇق، چۈنكى بىز بۇ ماكانى بەكمۇ، بەكمۇ سېغىنغان ئىدۇق.
      - ھەي توختا،ئالدىڭغا قارا قىز،- دەيتى يەنە شۇ ئاۋاز جاراڭلاپ،- كۆردىڭمۇ سەن پاك سۆيگۈگمىزنىڭ ئىللىق ماكانى دەپ قارىغان بۇ جايدا كىملەرنىڭ بارلقىغا قاراپ باقتىڭمۇ؟ ئالدىرىما قىز.
    مەن پەرۋا قىلىمدىم.
      بۇسۇغىدىن ئېتىلىپ كىرىپ كۆردىمكى ، ئۇ جايدا مەن باشقا بىرسنى ئەمەس دەل سىزنى كۆردىم. مەن ئىشەنمگەندەك يېنىمغا قارىدىم، قارىدىم چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى يېنىمدا تۇرغان، مەن باشتىن-ئاخىرى قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇپ كەلگەن، مۈرلىرىگە بېشىمنى قۇيۇپ، كۆزلىرىگە مۇھاببەت بىلەن تەلمۈرۈگەن سىز- تۇيۇقسىز بىر چىلبۆرىگە ئايلانغان ئىدىڭىز، مەن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم، ئالدىمدا سىز، يېنىمدا سىز-چىلبۆرە تۇراتتى.
     - بۇ...بۇ زادى نېمە ئىش؟، - مەن پەقەت مۇشۇ سۇئالنىلا سورىيالىدىم. بۇ چاغدا ئالدىمدىكى سىزمەڭسىتمەسلىك «تەبەسسۇمى» بىلەن     ماڭا قاراپ تۇراتتىڭىز، يېنىمدىكى چىلبۆرە بولسا : - قايسى ئىشنى دەيسەن قەدىرلگىم؟... دەپ ماڭا يېقىنلاشماقتا ئىدى. مەن قاچتىم، ئالدىمدىكى سىز تەرەپكە بۇرۇلۇپلا قاچتىم، بۇ چاغدا ئالدىمدىكى سىز :- كەلدىڭمۇ لالەم؟... سېنى ساقلاۋاتقان ئىدىم... دەپ ئالدىمغا كۈلۈمسىرەپ كەلدىڭىز.
    ئېيتىڭچۇ؟، مېنىڭ ئىسىم قاچاندىن باشلاپ لالەگە ئايلاندى؟....

سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول.

Posted: 2010-08-23 12:33 | [پۈتۈكچى]


بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتىدۇ .يالپۇز
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 62
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 62 نوقتا
پۇل : 620 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:23(سائەت)

 

ئاداش بۇ ئەسەرنى كىم يازادى .

قىز بۇلۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ گەرچە،
غەيرەتتە ئەرلەردىن ئۇتۇپ ياشايمەن.

Posted: 2010-08-23 14:45 | 1 -قەۋەت


ئالەم مۇھەببەتكە تولسۇن!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 1608
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1612 نوقتا
پۇل : 16120 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:834(سائەت)

 

Quote:
1 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مامكاپگۇلى نىڭ 2010-08-23 14:45 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئاداش بۇ ئەسەرنى كىم يازادى .

شەبنەم

كىشلىك ھايات - ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە قەرزدار بولىشىدۇر.

Posted: 2010-08-23 15:57 | 2 -قەۋەت


ئالەم مۇھەببەتكە تولسۇن!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 1608
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1612 نوقتا
پۇل : 16120 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:834(سائەت)

 

بۇمۇ شەبنەم تېپىۋالغان  چۈش ئوخشىمامدۇ؟

كىشلىك ھايات - ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە قەرزدار بولىشىدۇر.

Posted: 2010-08-23 15:57 | 3 -قەۋەت


كىممۇ مېنىڭ ئارقامدىن گەپ تاپقان؟
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 649
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 651 نوقتا
پۇل : 6510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:135(سائەت)

 

Quote:
1 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مامكاپگۇلى نىڭ 2010-08-23 14:45 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئاداش بۇ ئەسەرنى كىم يازادى .


شەبىنەم يازدى قەدىرلىك دوستۇم.

سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول.

Posted: 2010-08-23 16:12 | 4 -قەۋەت


كىممۇ مېنىڭ ئارقامدىن گەپ تاپقان؟
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 649
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 651 نوقتا
پۇل : 6510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:135(سائەت)

 

Quote:
3 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى مەرگەن نىڭ 2010-08-23 15:57 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
بۇمۇ شەبنەم تېپىۋالغان  چۈش ئوخشىمامدۇ؟


قادىكامدەكمۇ؟ قادىكامنىڭ شىرىن چۈش، مېنىڭ بولسا قاباھەتلىك چۈش...

سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول.

Posted: 2010-08-23 16:15 | 5 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:نۇر ئەلچى


جەۋھەر پۈتۈك: 24

پۈتۈك سانى: 4564
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 4612 نوقتا
پۇل : 46120 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4677(سائەت)

 

ۋاي بۇ نىمە دېگىنىڭىز شەبىنەم قىز !  ئەسلى بۇ چۈشنىڭ مەنىسى بىلگەنلەر مىنىڭ چۈشۈمنى سىزنىڭكىدىن قاباھەتلىك دېگەن بولاتتى... قارىغاندا  ئۇ چۈشنى بۇ مۇنبەردە چۈشەنگىدەك ئادەم چىقمىغان چېغى...

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2010-08-23 16:25 | 6 -قەۋەت


كىممۇ مېنىڭ ئارقامدىن گەپ تاپقان؟
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 649
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 651 نوقتا
پۇل : 6510 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:135(سائەت)

 

Quote:
6 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى قادىخان نىڭ 2010-08-23 16:25 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ۋاي بۇ نىمە دېگىنىڭىز شەبىنەم قىز !  ئەسلى بۇ چۈشنىڭ مەنىسى بىلگەنلەر مىنىڭ چۈشۈمنى سىزنىڭكىدىن قاباھەتلىك دېگەن بولاتتى... قارىغاندا  ئۇ چۈشنى بۇ مۇنبەردە چۈشەنگىدەك ئادەم چىقمىغان چېغى...


قايناپلا كەتتىڭىزغۇ قادىكا، مەن سىزنىڭ ھېلىقى « مەن بىر چۈش تېپىۋالدىم.» دىگەن تېمىڭىزغا قارىتا دىدىم جۇمۇ. ئادەم قېرىغاندا ئۇششاق ئىشلارغا قۇسسۇر تاپىدىغان بۇلۇپ قالامدۇ نېمە؟
چۈشىنىدۇ، ھامان چۈشىنىپ قالىدۇ.

سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول.

Posted: 2010-08-23 16:56 | 7 -قەۋەت


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 953
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 953 نوقتا
پۇل : 9530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:712(سائەت)

 

ھاي..ھاي!!! ئەھلى جامائەت ... يوقىلاڭ ئىشلارغا مۇنبەر ئۇرىشى پارتىلاپ كەتمىسۇن ... 
ياخشى يىزىپسىز .. شەبنەم قىز ...  تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سىزنىڭ قولىڭىزدىن چىقىشىغا تىلەكداشمىز .
تېرىشىڭ!!!

شۇنچە يۇلتۇز سىغدىكەن ئاسمانغا،بىز نېمىشقا سىغىشمايمىزشۇنچە كەڭرى جاھانغا.

Posted: 2010-08-23 18:17 | 8 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation