ئاساسىي تېما : نېمىشقا؟؟؟(مۇفەررىھ)ئاۋاتلىقى:210ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



سەن خۇشاللا بولساڭ مەن رازى!!!!!!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 62
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 64 نوقتا
پۇل : 640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:22(سائەت)

 نېمىشقا؟؟؟(مۇفەررىھ)

                                                                      نېمىشقا؟                            ‹غەزەل›
ساقلاپ ئۆتسەم يارسىنى،سەن كەلمەيسەن نېمىشقا؟
مىنى تاشلاپ ئوتلارغا قۇتقۇزمايسەن نېمىشقا؟

باغ بولاتتى چۆل كۆڭلۈم،پەقەت سىنىڭ بۇ كۆڭلۈم،
كۆڭۈل بىرىپ چۆلنى باغ سەن قىلمايسەن نېمىشقا؟

نالە قىلدىم خۇداغا،كۆنەلمىگەچ جۇداغا،
شۇ جۇدادىن جۇدا قىپ يار كەلمەيسەن نېمىشقا؟

تەڭدىن تولا ياشلىغىم سىنى كۈتۈپ ئۆتتىغۇ،
كۈتۈش بەكمۇ ئازابكەن سەن بىلمەيسەن نېمىشقا؟

كۈتۈپ سەندىن بىر جاۋاپ،ھالىم مىنىڭ بەك خاراپ،
خەقلەر كۆرگەن ھالىمنى سەن كۆرمەيسەن نېمىشقا؟

يا ئىچىلىپ كۈلەلمەي،سەۋەبىنى بۈلەلمەي،
ساڭا بۇ پاك كۆڭلۈمنى بەرگەندىمەن نېمىشقا؟

ئىرىتتى پاك ئەقىدەم ئەشۇ قاتتىق تاشنىمۇ،
تاش ئىرىدى سەن لىكىن ئىرىمەيسەن نېمىشقا؟

ياتلار كىلىپ يەتتىغۇ مىنڭ غېرىپ ھالىمغا،
يايرىم تۇرۇپ مىنڭكى سەن يەتمەيسەن نېمىشقا؟

ساراڭ دەيدۇ كۆرگەنلەر مىنىڭ مۇنۇ ھالىمنى،
بىلىپ تۇرۇپ سەنمۇ ھەم ساراڭ دەيسەن نېمىشقا؟

مەيلى دىسەڭ دەۋەرگىن سىنىڭ ئۈچۈن ساراڭمەن،
لىكىن شۇنى ئويلاپ باق ساراڭ بولدۇم نىمىشقا؟

سۆيمىسەڭمۇ مەيلى دەي،سەۋەبىنى ئىيتىپ بەر-
مەن كۆرمەستە سەن ماڭا كۆرۈنگەنتىڭ نېمىشقا؟

كۆرمىسەم كۆيمەس ئىدىم،ھەم سىنى سۆيمەس ئىدىم،
مەن كۆيمەستە يار مىنى كۆيدۈرۋالغان نېمىشقا؟

ئىشق ئوتى يامانكەن،بىلمىگەنلەر ئامانكەن،
يامان بولۇش سەۋەبى ھىچ بىلمىدىم نېمىشقا؟

سەن ئۈچۈن مەن چىدىدىم بارچە دەرت-ئازاپقا،
خۇشال يۈرسەڭ سەن نىگار،مەن يىغلايمەن نېمىشقا؟
                                                                 ئاپتور:ئىليار.ئا.مۇفەررىھ                                                                     

ئانا رازى خۇدا رازى!!!!!!!

Posted: 2010-08-23 03:04 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation