ئاساسىي تېما : نىممەت يىغلايدۇئاۋاتلىقى:261ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ھاياتىمدا بىر ئۆلسەم
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 290
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 292 نوقتا
پۇل : 2920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:332(سائەت)

 نىممەت يىغلايدۇ


 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
ئىسراپچىلىق بىزگە يامىشىپ.
ئورنىمىزمۇ! كەتتى ئالمىشىپ،
قالدى ئەمما! تىلىمىز ئايرىپ.
 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
خۇددى سورۇن! ناۋاتتەك تېتىپ.
ئەيشى-ئىشرەت دورىدەك يېقىپ،
تاپقاننى يەپ تېرىقتەك چېچىپ.
 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
تاپقانلار بەك! بەتخەجلىك قىلىپ.
يوقسۇزلارغۇ بولدى ئۇزۇن سەپ،
شۇنداقتىمۇ يۇز ئابرۇينى دەپ.
 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
رېستۇراندا ئېگىز- پەس دەسسەپ.
شىرەلەرگە يىمەكلىك توشۇپ،
كۈتكۈچىلەر كەتمەكتە ئۇچۇپ.
 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
ئاشقان تائام-سەيلەرنى تۆكۇپ.
سەمرىپ كەتكەن چوشقىلارمۇ كۆپ،
باققانلارمۇ كەتتىغۇ كۇلۇپ.
 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
يىغلاپ ياتتى يوخسۇزلار ئۆكسۇپ.
قالمىساققۇ بولاتتى يىغلاپ،
پۇشايماندا باشلانى سىلاپ.
 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
پەلەك كەتتى تەتۇر چۆرگىلەپ.
ئوخشاش كەلگەن بىزگە ئايلىنىپ،
چىقىپ قالدۇق ئەمما سانىلىپ.
 
كەتتى ۋاقىت،نىممەت ۋە ھىممەت،
بۇدۇنيانىڭ سىناقلىرى كۆپ.
ئۆزىمىزنى تۇتايلى بىسىپ،
ئىككى ئالەم كەتمەيلى سېسىپ.
 
2010.2.14.پەيزۇللا.
 

پەلەك تەتۈر چۆرگۈلەپ مۇزلىدى يۈرەك ،ئارمانلارغا يىتەلمەي قالدىغۇ تىلەك.

Posted: 2010-08-23 00:41 | [پۈتۈكچى]


سىنى سۆيىمەن!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 261
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 261 نوقتا
پۇل : 2610 RMB

تۆھپە قىممىتى: 1 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:44(سائەت)

 

شئېرنى ئەمما يېزىپ قويىسىز........... قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن!!!!......................

قىلىچنى قىنىدىن سۇغۇرۇلغاندا تەسۋىرلە !

Posted: 2010-08-23 01:17 | 1 -قەۋەت


مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى  مۇھەببەت  بىلەن بۈگۈننى ك ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1560
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1563 نوقتا
پۇل : 15630 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:157(سائەت)

 

            كەتتى ۋاقىت  ،  نىممەت  ۋە  ھىممەت  ،
                      كەلگۈسىنى  ئويلار  كۆڭۈل  يوق  .
                            ئائىلىدە ئىسسىق  تاماق  يوق    ،
                                  بالىلارمۇ  رېستۇراندا  توق  ،
                                      شۇڭا  ئۆيدە  بەرىكەتمۇ  يوق  .
Posted: 2010-08-23 02:03 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation