ئاساسىي تېما : كۆزلىرىمدە  يامغۇر كەبى ياش ــ 20ئاۋاتلىقى:81ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مىنزەلە
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 87
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 87 نوقتا
پۇل : 870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:354(سائەت)

 كۆزلىرىمدە  يامغۇر كەبى ياش ــ 20

بۈگۈن سېنىڭ مەرىكە كۈنىڭ ...
*
     ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنىڭ نەسرگىلا ئەمەس ، نەزمىگىمۇ ئېپى بار ئىكەن . ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ  ئارىلاپ شېئىر يېزىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ماڭا بەزى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بەردى . مەن مۇشۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ، « 8 - ماي ئانىلار بايرىمى » ھەققىدە گەپ ئۇرۇپ :
      ــ يازغۇچى خانىم ، ــ دېدىم مەن يازغۇچىنىڭ يېشىل كۆزلىرىگە قاراپ ، ــ « ئانىلار بايرىمى »كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ ، ئانىلار توغرىسىدا بىرەر نەزمە ئوقۇپ باقامسىز .
      ــ ئوبدان . مېنىڭ « بۈگۈن سېنىڭ مەرىكە كۈنىڭ » دېگەن بىر شېئىرىم بارئىدى ، شۇنى « ئانىلار بايرىمى » غا ئاتاپ دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەي ، ــ دەپ يازغۇچى زوق - شوق بىلەن شېرىنى ئوقۇشقا باشلىدى .
بۈگۈن سېنىڭ مەرىكە كۈنىڭ،
تەبرىكلەيمەن سېنى جان ئانا .
تۇتالمايمەن يىراقتىغۇ مەن ،
ئەتىر گۈلۈم قولۇمدا مانا .
*
بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭ ،
بارالمىدىم كەچۈرگىن مېنى .
كۆزلىرىمدە يامغۇر كەبى ياش ،
بىر دەقىقە كۆرەلمەي سېنى .
*
ئاي شولىسى چۈشكەن قورۇدا ،
ئانىلار كۈنى ناخشىسى ياڭراق ،
تۇرىمەن تەنھا ھۇجىرامدا مانا ،
ناخشا ئېيتىمەن ، ئاڭلانماس بىراق .
*
بۈگۈن سېنىڭ مەرىكە كۈنىڭ ،
ئاق روماللىق پەرىشتەم ئۆزۈڭ .
« قىزىم سېنى سېغىندىم » دېگەن ،
ساقلىنار ھامان قەلبىمدە سۆزۈڭ !
       ــ رەھمەت ، تۇرسۇنئاي خانىم . ئانىلار بايرىمىنى ئابلىكىم سابىر ئەپەندى بىلەن بىللە تويلاپ ، تېخىمۇ ئىجىل - ئىناق ئۆتۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن !
                                                        مەنبە : غ . ئوسمان  «پۈتۈلمىگەن پۈتۈكلەر »
[ مەزكۇر پۈتۈك ئىدىل تەرىپىدىن 2009-05-06 16:59 دە تەھرېرلەندى. ]

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ ، مەنزىل مەردنى تاللايدۇ .

Posted: 2009-05-06 11:19 | [پۈتۈكچى]


LOVE
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 531
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 531 نوقتا
پۇل : 5310 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:80(سائەت)

 

ناھايتى  ياخشى  يېزىپسىز.

I LOVE YOU

Posted: 2009-05-06 12:56 | 1 -قەۋەت


قارا يىلان...........
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 902
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 905 نوقتا
پۇل : 9050 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:569(سائەت)

 

Quote:
1 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئەنقا نىڭ 2009-05-06 12:56 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ناھايتى   ياخشى   يېزىپسىز.



ئالامەت

ئۇزۇڭنى  ئەرچاغلىساڭ ئۆزگىنى  شىر چاغلا

Posted: 2009-05-06 15:17 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation