ئاساسىي تېما : ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىكى نۇتۇقئاۋاتلىقى:117ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ھاياتلىقتىن ئەۋزال پۇرسەت يوق
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 19
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 21 نوقتا
پۇل : 210 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىكى نۇتۇق

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك يۇمۇرجان تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-03-31)

بىز بۈگۈن ئۇستاز ساۋاقداشلار قايتا جەم بولۇپ، ئەشۇ ئوتتەك ئۆتكەن تۆت يىللىق ھاياتىمىزنى ئەسلەش،كۆرگەن بىلگەننى پىكىرلىشىش ۋە كەلگۈسى ئوي خىياللىرىمىزنى ئالماشتۇرۇش ئىستىكىدە يۈرەكلىرىمىزدە ئوت،كۆزلىرىمىزدىن ۋىسال شاتلىغى چاقناپ تۇرماقتا.شۇ تاپ مەنمۇ ئۆز ھاياجىنىمنى باسالماي،ئاز تولا غورا سۆزلىرىمنى سۇنماق بولدۇم،كۆپچىلىكنىڭ قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن:
بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك،بەرىكەتلىك چاغلىرىدا ساۋاقداش بولۇپ،قىرىنداشلىقمۇ كۈنلەپ چىداپ بولالمىغۇدەك جان بېغىر بولۇشقاندا ئامالسىز ۋاقىت كۈچىدە ئايرىلىپ كەتكەن.يۈرەكلىرىمىزدە ئەشۇ چاغلاردىكى ئەسلىمىلەر مەڭڭۈلۈك ئۇيۇپ قالغان.بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنىمىز ئۇتۇق ياكى مەغلۇبىيەتلىرىمىز ئەمەس،بەلكى ھاردۇقىمىزنى چىقىرىدىغان، قىزۈلگۈلدەك پۇراپ،بۇلبۇلدەك سايرىتىۋاتقان سەبىلىكتىكى ساپ ساۋاقداشلىق رىشتى،شۇ ساۋاقداشلىقنى ئەسلىسەك يۈرۈگۈمىزنى ھەر چاغ خوش يايرىتىدىغان ئاجايىپ قايناق ھايات ۋە دەۋىر.....
ساۋاقداشلىق بىزگە قىرىنداشلىقتەك تۇغۇلىشىمىزدىلا پىشانىمىزگە پۈتۈلمىگەن بولسىمۇ،بىراق ئەشۇ تۆت يىللىق ھەممىدە ئاساسەن بىرگە ھايات،ئىسسىق سوغۇق،بىرگە ئۆتكۈزگەن قايغۇ خوشاللىقلىرى بىلەن بىزنى قان قېرىنداشلاردىن ئايرۇغۇسىز قىلىۋەتكەن....
ساۋاقداشلىق بىزگە چىن دوستلۇقتەك ئىختىيارى تاللىشىمىز بويۇنچە شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ،لېكىن بىزنىڭ ئىختىيارىمىزنى ئۇ قولىغا ئېلىپلا،بىزنى ئۆز ئارا ئۈگۈتۈپ،سىردىتىپ،ھال مۇڭ قىلىپ،ئوخشاش دوست ئوخشاش دۈشمەن قارىشى تۇرغۇزۇپ ،دوستلۇق قېرىنداشلىقتىن  يۇغۇرۇلغان  ئۆزگىچە يۈكسەك مۇناسىۋەتنى -ساۋاقداشلىقنى قۇرۇپ چىققان.....
بىز ئۆزگىچە ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق،ئۇ چاغلاردا كەسىپتىن كۆرە،چوڭ بولۇشنى ئادەم بولۇشنى ئۈگۈنۈپ چىققانمىز.ھەم ھازىر ھەممىمىزگە ئەڭ ئەسقېتىۋاتقىنى كەسپىمىز ئەمەس ،شۇ ئادىمىلىكىمىز ،ئىجتىمائى ئالاقە كۈچىمىز بولۇپتۇ.
شۇ چاغدا ئۇستازىمىزنىڭ ئېيىتقان مۇنۇ سۆزى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە:سىلەر جەمىيەتكە چىققاندا ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى كەسپى ساپايىڭلار،يادلىۋالغان كىتاۋى بىلىمىڭلار ئەمەس،بەلكى ئەڭ ئۆزلەشتۈرگەن يېتىشتۈرگەن خاراكتىر،سىڭىشچانلىقىڭلار،ئالاقە مۇناسىۋەت ئىقتىدارىڭلار، مۇنداقچە ئېيىتقاندا زامان تەلىپىگە ئەڭ ماسلىشىشچانلىغىڭلار، ئىجتىمائەتتىكى ئادىمىلىگىڭلار،شۇڭلاشقا كەلگۈسى ئېھتىمال سىلەردىن ئۈزۈپ چىقىدىغانلار ئىمتىھاندىن 100ئېلىۋاتقانلار ئەمەس بەلكى رىئاللىققا دادىل تىكىلىپ قارىيالايدىغان بىر تۈركۈم كەپسىز سانالغان ساۋاقداشلار بولۇشى مۇمكىن.ھازىر مۇشۇ ئەمىليىتىمىزگە قارىساق بۇ سۆزنىڭ نە قەدەر ئالدىن كۆرەرلىك بولغانلىغىغا تەن ئالماي تۇرالمايمىز.
بىزنىڭ بۇ نوقتىدا شۇ سىنىپتا ئالغان ئۇتۇقلىرىمىزنىڭ گۈل تاجىسى سۈپىتىدە مۇشۇ سىنىپتا يېتىلدۇرگەن ھىچنىمىدىن ھېيىقماس ئوتتەك قىزغىنلىق، دادىللىق ۋە ئوشتالماس غۇرۇر ئۇيۇشۇش ئېڭى دەپ ئېيتىشقا تامامەن ھەقلىقمىز.بىز بۇ روھىمىزدىن شۇ چاغلاردىمۇ روھىمىز ئۆسكۈدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن،ۋە بۇنى مىراس قىلىپ ئېلىپ كېتىپ ھەممىمىزلا ئادىمىدەك ياشاشقا دەسمىيە قىلىپ كەپتۇق....
ئۇ چاغلاردا بىز بالا ئىدۇق،شۇڭا نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى چالا قويغان ئىدۇق.قاراشلىرىمىز خام،جەمىيەتنى مۈكەممەل تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەن،كۈزىتىش ۋە تەپەككۇرىمىز گال ئىدى.گاھىلىرىمىز كىتاپقا قارىيلارچە ئېسىلساق،گاھىلىرىمىز كىتاپنى پۈتۈنلەي تەرك ئېتىشقا يەتكەن ئىدۇق،گاھىلىرىمىز مەۋجۈت رىئاللىقنى كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىسەك،گاھىلىرىمىز رىئاللىقنىڭ ئالدىغا كىرىۋالغانمىز.بىز ئۆزگىچە ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق،مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن ۋاقتىغا يارىشا بىلىم بىرەلمىگەنلىكىگە نارازى ئىدۇق.مۇھىمنى قوشۇمچە، كىرەكسىزنى مۇھىم تىزىۋالغان ئوقۇتۇش تەلىپىنى ياراتمايىتتۇق،بىراق ئامالسىز ئىدۇق.مەكتەپنىڭ تاشقى مۇھىتى، نامىدىن چېنىپلا تۇرىدىغان ئىچكى قۇرۇقلىقىدىن بىزار ئىدۇق،ئۇ بىزنى قاندۇرالمىغاندىن كېيىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنى ئۇنىڭغا تاڭماق بولدۇق.سادالىرىمىزدا بوران چىقىرىپ،مەكتەپنىڭ يۈرىگىنى سۇ قىلىۋەتكەن ئىدۇق،تومۇزدا ئوتتىن چىللىدە مۇزدىن يانمىدۇق.تۇرغان بارغان يېرىمىزدە بۆرىدەك توپلىشىپ ھەقلىق بولسىلا تاراقشىپلا تۇردۇق.ئەمىليەتتە مەنىسىز ئالۋاڭ ئوقۇتۇشتىن كۆرە ئۆز يۈرۈگىمىزگە،غايىمىز ۋە رىئاللىقنىڭ زىددىيتىگە،ئەشۇ مۇھىتقا ئۆزىمىزنى سىغدۇرالماي بىلىپ بىلمەي ئۆزلۈك  ئۆزگۈچىلىكىمىزنى ئىپادىلەشنى باشلىۋالدۇق.بىز ئوتتۇز ئوغۇل دىگەن سۆزنى بىرلىكنىڭ قورىقماسلىقنىڭ مەنىسىگە ئايلاندۇرىۋەتتۇق.مانا بۇ بىزنىڭ بىرلىكنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ قول سېلىشىمىزنىڭ بىخې ئىدى.ئۇنىڭدىن بىزگە جۈرئەت ۋە قورقۇمسىزلىق قالغان.قىزلىرىمىزمۇ ئالتۇن خاراكتىرلىق ئىدى،چاكىنىلىق ۋە ھاللىنىشتىن يات ئىدى،ھىچ قاچان بىزنى يەرگە قاراتقان ئەمەس،ھەر جەھەتتىن بىزنى قوللايىتتى.زۆرۈر تېپىلغاندا ئوتۇندەك سۆزلىرى بىلەن پاختىلىقلارنى ساۋاپ تۇراتتى.شۇ غۇرۇرى غالىپ كېلىپ ئولتۇرۇشلارنى بۆلۈشۈشكىمۇ پېتىنغان،ئېھتىمال بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىش ئورنىغاشۇ سىنىپ روھىنىڭ ئۇلار تاللىۋالغان غۇرۇرى ئىكەن دەپ تونىساق.....
ئىنسان ھەر خىل سەۋەپتىن بەلكىم مەڭڭۈ ئۇتۇق قازىنالماسلىغى مۇمكىن.لېكىن ئۇ بايقىسا مەلۇم جەھەتتىن ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرگىدەك ئىقبال ۋە سائادەتكە ئىگىدۇر.ئەگەر ئىنساننىڭ قەلبى مېھىر مۇھاببەتتىن تويۇنمىسا ئۇنىڭ يۈرەك ۋە ھاياتىدا كاۋاكلىك قېلىپ،تۈۋى يوق ھاڭدەك  ناخۇش ئارزۇ ئۈمىت ۋە جىلىچىلىكنى يىغىۋالىدۇ.بىز ئۆز ئارا ساۋاقداشلىق مېھرى مۇھاببىتىنى كاۋاك قويغان ئەمەسمىز،مانا بۇ بىزنىڭ بىر ئۇتىقىمىز،شۇڭلاشقا بىز بالىلىقتا چالا قويغان شۇ ئىشلار بىزنى قايتا چاقىرىپ كەلدى.ئىنسان مەڭگۈ مۈكەممەل بولالمىغاچقا ئۇ چاغلاردا يانتۇ قىلىشقان ئىشلىرىمىز بولغان بولغىيدى ،بىراق مەن ئەسلىيەلمىدىم،ئەسلىگۈممۇ يوق،كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدىغىنى ئەشۇ قېرىنداشلىق،تۇققانلىقتەك يۈرەك بەرگەن ساۋاقداشلىق!
ھايات بىر مۈشكۈل سەپەر،ئۇ يۈكىنى يەلكىمىزگە ئارتىپ رېلىسسىز يولىدا بىزنى ھەر جايلارغا چۆرۈپ تاشلىدى.ماكان ۋە زامان ئارمانلىرىمىزغا تار بولۇپ كەلدى.ماكان ۋە زامان بىزدىن ياندۇرۇپ بىزگە لايىق ئارمان تاپمامسەن دەپ دەۋەيلەپلا تۇردى.تۇرمۇش بىزنى ئۆز ئوچىقىغا سېلىپ،قىسمەت ۋە ئامەتنى يېقىلغۇ قىلىپ گاھى تاۋلاپ گاھى سوۋۇتۇپ يۈرمەكتە.ئۇ بىزگە نىمىلەرنى ئاتا قىلدى،بىز نىمىلەرنى ياندۇردۇق ئۆزىمىزگە ئايان.ھەممىمىز ئۆز مۇھىت شارائىتىمىز خاراكتىرىمىزغا يارىشا سىنىپ نوقتىسىدىن جەمىيەتكە چېچىلغان ئىدۇق.ئۆزىمىزنى ئىپادىلەشكە ۋاقىتنىڭ بىزنى ياساندۇرىشىغا ئەرمەك ۋە دەسمى بولدۇق.مەيلى ئۇ ئالەمچە ئۇتۇق ياكى مەغلۇبىيەت بولسۇن بىز ئۈچۈن ھەممىسى خوشلۇق سانىلىشى كىرەك،چۈنكى بىز ياشاپ كەلدۇق،جاھانغا رەڭ بېرىپ كەلدۇق!
ئىنسان ئەقىل ئېگىسى،ياق ئەقىل بىزگە ئىگە،ئۇ بىزنىڭ ھاياتتىكى ھەر بىر ھالقىغاتۇتقان پوزىتسىيە ۋە ھەركىتىمىز بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ سالاھىيەتلىنىدۇ.بىز ئەڭ بەرىكەتلىك 15ياشتا ساۋاقداش بولغان بولساق،ئەڭ ھەرىكەتلىك 15يىلنى ئۆتكۈزۈپ قايتا ئۇچراشتۇق.15 كۈنلۈك ئالەمدە 15مىڭ خىل رېتىم بىزنى،ئىديىمىزنى،قاراشلىرىمىزنى،تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى.ۋاقىت «ئۆھۆ»دەپ يۆتۈلگەندەك قىلىپلا بىزنى مۇشۇ ياشقا يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ.ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا تۇرىدۇ:ئۆز ئارا تونۇشقان،مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئۆچۈرەتتە يۇرۇۋاتقان،بىر قاچىدا تاماق يىيىشىۋاتقىنىمىز .......خۇددى 15سىكۇنىتنىڭ ئالدىدىكى ئىشتەكلا-ھە.ئەشۇ قايناق ۋە جۇشقۇن،ياڭراق ۋە تەنتەك ئۈسكەك ساۋاقداشلىق ھاياتىمىز.
ۋاقىت نىمىشقا بۇنچە تىز ئۆتۈپ كەتتى،ئەسلى بېشىمىزدا ئىشلار ئاۋۇپ ۋاقىت ئىشىمىزدىن قىسقا كېلىپ قالغاچقىمۇ ياكى ۋاقىت ئەمىليىتىمىزدىن كۆپ ئۇزۇن قىلغانلىرىمىز بەك ئاز بولغاچقىمۇ؟ۋاقىت بەزىلىرىمىزنى كۆتۈردى،بەزىلىرىمىزنى ئەگەشتۈردى،بەزىلىرىمىزنىڭ دولىغا مىندى.ھەممىمىز ئۆزىمىزگە خاس قاراش ۋە غايىگە ئىگە بولدۇق.ئۇلار بىزنىڭ نىمىگە ئىگە بولۇش،نىمىگە ئىنتىلىش،نىمىدىن نەپرەتلىنىش،نىمىدىن ۋاز كېچىش،نىمىدىن خوش نىمىدىن ئازاپلىنىشىمىزنى بەلگۈلەپ،ئېرىشكەن ۋە يوقاتقىنىمىزدا نىمە قىلىشىمىزنى تىزگىنلەپ كەلدى.گەرچە مۇھىت بىزنى بېشىمىزدىن بېسىپلا تۇرسىمۇ ئىككى يان ---ياش ۋە تەجرىبىمىز يوغۇناۋەردى.
بەخت دىگەن مەۋھۇم نەرسە.ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىكى ئارام ئالغان روھىيتى.گاھىلار ئۇچسىمۇ قانمايدۇ،گاھىلار ئۆمۈلەۋېتىپمۇ «شۈكرى»دىيەلەيدۇ.مۇھىت شارائىت ھەممىنى يارىتىشقا قادىر.ئۇ ئۆزىگە يارىشا ئىنسان غايىسىنى يېتۈشتۇرىدۇ.ئىنسان ئۆزى تەستە ئېرىشەلەيدىغان نەرسىگەئېرىشىشنى بەخت دەپ قوغلىشىدۇ...شۇنداقلا ئىنساندىكى ئەقلى ئىقتىدار ۋە تەربىيەمۇ غايىنىڭ ئوخشاشماسلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئۇ گاھىدا پەللەمپەيسىمان ئۆرلۈشىمۇ،گاھى ئەڭ تۆۋەنگە دومۇلاپ چۈشىشىمۇ مۈمكىن.روھ مەڭگۈ قانمايدۇ،شۇڭا ئۆلمەيدۇ.تەن ئۆلىدۇ شۇڭا بىردەمدە تويىدۇ،دىمەك ئوقۇش تۈگەيدىكەن بىراق ساۋاقداشلىق مەڭگۈلۈك ئىكەن.بىز ئۇنى سېتىۋالالمايمىز ھەم سېتىۋىتەلمەيمىز.ئۇنىڭغا ئالاھىدە شارائىت ئالاھىدە مۇھىت ئىچرە ئالاھىدە ھىسسىيات سىڭگەن ھەممىمىز ساۋاقداش،مەيلى شاھلىق مەيلى گادايلىق ئۇنىڭ ئالدىدا بىر تىيىن.ھەممىمىزنىڭ يۈرۈگى مۇشۇ دەقىقىدە ساۋاقداشلىق ئۈچۈن چاۋاك چالماقتا.
بىزدە يەنە بىر يۈرەك بار،ئۇ پىكرىمىزگە مەنبە،بىز ئۇنى ئىشلىتىشىمىز كىرەك!دادىللىق، چىدام،جۈرئەت،سادا ئەشۇ يۈرەكتىن چىقىدۇ،بارماقلىرىمىزغا تارايدۇ!بىز بۈگۈن قايتا ئۇچراشقان ئىكەنمىز ئۇنى چىن ئەھمىيەتكە ئىگە قىلايلى،كۆرگەن ئەتكەن ئۇتۇق مەغلۇبىيەتنى يەكۈنلىۋالايلى،ئەشۇ سىنىپنىڭ ئوت روھىدىن قايتا نەپەسلىنىپ يۈرۈكىمىزگە توك تولۇقلىۋالايلى،كەلگۈسىمىزگە نۇر سېلىۋالايلى.كەلگەن كەلمىگەنلەرگە ئامەت سالامەتلىك تىلەيلى،رومكىدىن كۆرە يۈرەك روھىنى سوقۇشتۇرايلى،چۈنكى بۇ بىزدىن غالىپ كېلىۋاتقان رىئاللىققا يۈزلۈنۈپ جاراڭلىيالىشىمىزنىڭ تەلىپى.كۆپچىلىككە ئاخىرىدا نەزمەمنى سۇنسام:
ئانىمىزنىڭ سۈت ھېدى گۈپۈلدىگەن دىماقتا،
ئون بەش ياشقا يامىشىپ بىز ساۋاقداش بولغاندا.
ئوتتوز غورا بىرسى كەم ئون ئۈچ ئىدى غۇنچىسى،
پىشۇرماققا ئالدىراپ ئاتا ئانا سالغاندا.

قىر قاتۇرۇپ شەپكىنى چىڭ بوغۇچلاپ چۇخەينى،
ئىتەلمەستە تاسمىنى يېتىپ كەلگەن مەكتەپكە.
رەڭ سۈرمىگەن جاماللارئۇنچە تۆككەن توختىماي،
يەسلىمىكىن دەپمىدىم سورىغانتىم ئەدەپكە.

سىناپ باققان تاراچلاپ باشتا توبا ياساشنى،
لاتا خەيگە پەر قىلىپ لاباكونى كېيىشنى.
بوش كەلمىگەن بۇ قىزلار مودا بولغان راھىپلىق،
سېغىز چايناپ سىرچىدەك ئۈگەنكەنتى بوياشنى.

بەرمەي خەققە ئورۇندۇق چالغان مۇقام گىتتاردا،
چارە كۆرگەن چىدالماي ئەديال ھەققى يىققاندا.
پەردىلەرنى بىز يۇلۇپ ياساپ باققان لوزۇنكا،
قومۇراتتۇق ئورۇندۇق شاللىرىنى تانسىدا.
..................
.......
..
(ساۋاقداشلارنىڭ ئىسىملىرى كىرگۈزۈلۈپ يېزىلغانلىرى قىسقارتىلدى)

بىز سۇندۇرساق ئۆمۈرگەچاقماق كەبى ئون بەش يىل،
بۇ ھاياتقا تارازا بولۇر ۋەزنى بەك ئېغىر.
بىز تۈگەتتۇق ئوقۇشنى قالدى مەكتەپ يۈرەكسىز ،
يىغلىمىغان ۋە لېكىن يۈرەكلەردە مىڭ يېغىر.

ئەپسۇس يوق بۇ ھاياتتا تۈگىسىمۇ بەرىبىر،
ھەمدە كۈلۈش نە ھاجەت كۆتۈرسىمۇ باشتا گاھ.
بۈگۈن بىزگە بىر خوشلۇق قارىماقتا ئۆزگىچە،
جەملەنگەچكە قايتىدىن ساۋاقداشلار كۆڭۈل شاھ.

تىلەك ئىنساپ تىلەك روھ ساۋاقداشقا ئىناقلىق،
بىز يارالدۇق يارالمىش نېسىپ قىلسۇن ئۆزلىكنى.
خاپىلىققا كۈلەلەپ يىغا تۇرسۇن ئۇچقاندا،
گۈللەر ئۈنسۇن ئىزلاردىن ياۋغا سانجىپ تىكەننى.

ئون بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئون بەش ياشتا خام ئىدۇق،
پىشالمىدۇق تېخىچە ئاتا ئانا بولغىچە.
بالا ئەمەس بىز بۈگۈن ئىز باستىغۇ بالىلار،
ئامان قىلسۇن بېشىنى ئاي يۇلتۇزغا قونغىچە.


تەقدىر بىزگە ياخشى ياماننى ئايرىۋالسۇن دەپ گاھىدا قىسمەت ۋە خارلىقنى ھەمرا قىلىدىكەن،ئەقلىمىزنىڭ قىممىتىنى تېپىشىمىز ئۈچۈن گاھى تەلۋىلەشتۈرىدىكەن.ئىنسان ئىشەنچىدىن ئايرىلمىسا ھەممىگە ئېرىشىشى مۇمكىن.

مەنبە(ئۆزۈمنىڭ ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىكى نۇتقى)
Posted: 2009-03-31 22:27 | [پۈتۈكچى]


سىنى ئىزدەيمەن
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 35 نوقتا
پۇل : 350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4(سائەت)

 

ھەي ، ئوقۇش ھاياتى ...........نىمىدىگەن تاتلىق ھەم ئاچچىق ھايات ھە .
  مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تەمتىرىپ يۈرۈپ خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەنلىرىمدە ، شۇ ئالى مەكتەپتە
پەقەتلا ھىچنىمە ئۆگەنمىگەندەكلا بىلىنىپ كەتكەنتى .............بىراق ھازىر ئويلاپ باقسام ، ئۇ يەردىمۇ نۇرغۇن
نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتىكەنمەن . لىكىن ئادەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى جەمىيەتكە قەدەم باشقاندىن كىيىن ، مۇھتاجلىقتا
ھەقىقىي ئۆگىنىدىكەن ..............!!!

بۇرۇنقى لىنىيە مۇنبىرى ۋە چايخانىسىدىكىلەر ئۆزەڭلارنى ماڭا مەلوم قىلساڭلار : 918227999 : چ چ

Posted: 2009-03-31 22:45 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مەكتەپ ھاياتى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation