ئاساسىي تېما : كۆپ قۇللىنىدىغان كومپيوتىر بىلىملىردىن ساۋات.ئاۋاتلىقى:79ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1135
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1137 نوقتا
پۇل : 11370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1702(سائەت)

 كۆپ قۇللىنىدىغان كومپيوتىر بىلىملىردىن ساۋات.

بەك مۇھىم كومپىيوتىر بىلىملىرى ئۈگىنىڭ!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم   قېرىنداشلار   
تۆۋەندە كۆپچىلىككە كومپيۇتىر بىلىملىرىدىن بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ بېرەي .  مېنىڭچە كۆپچىلىككە كۆپ ياردىمى بولىدۇ.  

1. جاھاننامە ئادرىس سىتونىدىكى تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلاش :
باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،
ئاندىن HKEY_CURRENT_USER\Software\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Policies\Explorer تېپىپ ، ClearRecentDocsOnExit ئىسىملىك بىر 十六进制键 دىن بىرنى قۇرىمىز (كەچۈرۈڭلار  十六进制键 بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلالمىدىم )،
ئاندىن قىممىتىنى 01,00,00,00 قىلىپ تولدۇرۇپ كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ   ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم قايتا قوزغالغاندا ئادىنقى قېتىملىك
تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلايدۇ.

2.كۆپ ئۇچرايدىغان ئىجرا قىلىش بۇيرۇقلىرى :

باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ،ئىچىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزىمىز   ھەممىسىنىڭ ئۆز ئادىغا رولى بار .

1. winver بولسا Windows نىڭ نەشرىنى تەكشۈرۈش.

2.dxdiag بولسا DirectX ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش.

mem.exe.3 بولسا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

Sndvol32.4 بولسا ئاۋاز كونتىرول قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ. 

5.sfc.exe بولسا سىستىما ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگۈچ.  

6.gpedit.msc بولسا گۇرۇپپىلار بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ.

7.regedit.exe بولسا تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئېچىپ بېرىدۇ.  

Msconfig.exe .8 بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  

9. cmd.exe CMD بولسا بۇيرۇق ئەسكەرتمە پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.
  
10. chkdsk.exe Chkdsk بولسا قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

11. services.msc بولسا مۇلازىمەت كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.

12. lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئابونت باشقۇرۇش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

13. drwtsn32 بولسا Windows سىستىما دوختۇرى كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

cleanmgr .14 بولسا رەتلەش ئېلىپ بېرىش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

15.mmc بولسا كونتىرول سۇپىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

16.rononce -p 15بولسا 15سىكونتتىن كېيىن ئاپتوماتىك كومپيۇتىرنى ئۆچۈرۈش.   

17. taskmgr بولسا ۋەزىپە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ .  

18. devmgmt.msc بولسا ئۈسكىنە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ .  

19. diskmgmt.msc NT بولسا قاتتىق دېسكا باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

20.compmgmt.msc بولسا كومپيۇتىر باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

21. winchat بولسا كىچىك دائىرىيىلىك توردا پاراڭلىشىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

22. mspaint بولسا رەسىم سىزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ .  

23. nslookup بولسا تورنى باشقۇرۇش قورالىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ .  

24. syskey بولسا سىستىمىغا مەخپىي ئۇچۇر ئورنىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

25. wupdmgr بولسا Windows نى يېڭىلاش تور بىكىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

26. Clipbrd بولسا قىيىپ چاپلاش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

27 . Odbcad32 بولسا ODBC سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

28. Nslookup بولسا IP ئادرىسىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

29. write بولسا خەت يېزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ .  

30. mstsc بولسا يىتاق مۇساپىلىق ئۇلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

31.magnify بولسا چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئەينىكىنى ئىشلىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.   

32. mobsync بولسا ماس قەدەملىك بۇيرۇق پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  
  
33. dfrg.msc بولسا دېسكا پارچىلىرىنى رەتكە سېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

34.dcomcnfg بولسا سىستىما بىرىكمە دىتال مۇلازىمىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

35. notepad بولسا خاتىرە دەپتەرنى ئېچىش.   
 
36.ntbackup بولسا سىستىمىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

37. narrator بولسا سىستىما ئاپتوماتىك بايان قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

38.ntmsmgr.msc بولسا يۆتكىگۈچلىك ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

39.sysedit بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنى تەھرىرلەش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ . 

40. sndrec32 بولسا سىستىما ئۈن ئېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

41. ventvwr  بولسا ۋەقە تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

42. eudcedit بولسا خەت كەشىپ قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

43. explorer بولسا مەنبە باشقۇرغۇچنى ئېچىش . 

44. perfmon.msc بولسا كومپيۇتىرنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

45. progman بولسا پروگراممىا باشقۇرغۇچنى ئېچىپ بېرىدۇ.   

46. calc بولسا ھېسابلىغۇچ پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

47.cleanmgr بولسا دېسكا تازىلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

48. ciadv.msc بولسا كۆرسەتمە مۇلازىمەت پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ . 

49. osk بولسا ئېكراندىكى كونۇپكا تاختىسىنى ئېچىش.

50. lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئەشلەتكۈچى ۋە گۇرۇپپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  

51. utilman بولسا قوشۇمچە قوراللارنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

52. fsmgmt.msc بولسا ئورتاق پايدىلىنىدىغان ھۆججەتنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.  

53. logoff بولسا تار دائىرىدىكى قايتا قوزغىتىش.  

3. تەگلىكتىكى (桌面) ھەممە رەسىم كۆرۈنۈشىنى يوشۇرۇپ قويۇش :

باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،
ئاندىن HKEY_CURRENT_USER\Software\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Policies\Explorer تېپىپ ، يېڭىدىن بىر
DWORD قىممەتتىن بىرنى قۇرىمىز ، ئىسمىنى NoDesktop دەپ تولدۇرىمىز ، قىممىتىنى 1 دەپ تولدۇرىمىز   ئاندىن كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ ، ئۇ چاغدا تەگلىكتىكى ھېچنىمە يوقلۇقىنى بايقايسىلەر . 

4. قاتتىق دېسكا رايونىنى ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

بىز ئەگەر قاتتىق دېسكىمىزدىكى مۇھىم ھۆججەت ۋە ماتىرىياللارنى قوغدىماقچى بولساق ،قاتتىق دېسكا يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز ،
ئەگەر باشقىلارنىڭ كومپيۇتىرىمىزدا ئوپتىك دېسكا ئارقىلىق يۇمشاق دىتال قاچىلاش ۋە ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىدىن ..
ساقلانماقچى بولساق ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز . 
بۇنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى توۋەندىكىچە :

ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن
ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储→磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ   ئاندىن كېيىن يوشۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ،更改驱动器名和路径 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 删除 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن سىستىما ئاپتوماتىك ھالدا
؟ 删除卷的驱动器号可能会导致程序停止运行。确实要删除这个驱动器名吗 دىگەن تاللاش كۆزنىكى چىقىرىدۇ ، ئۇ كۆزنەكتىن باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن مەقسىدىمىزگە يېتىمىز.  
ئەگەر يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولساق ، يەنە ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储→磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ   ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، 更改驱动器名和路 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 添加 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ 确定 باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىز ئەسلىگە كېلىدۇ.  

ئوتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتىمۇ يۇقىرىدىكىسىگە ئوخشاش.  

دىققەت : بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىستىما قاچىلانغان قاتتىق دېسكا رايونىنى يوشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.  

ھۆرمەت بىلەن : ئەكرەم ئەخمەت  

مەنبە :مەۋلان كۇمپيوتىرى.(بىلىك تورى)

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-03-31 17:25 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 24
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 24 نوقتا
پۇل : 240 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:9(سائەت)

 

تەڭلىكتە ھېچنىمە بولمىسىمۇ قاملاشماس .يوشۇرۇشنىغۇ يوشۇرۇپ كويدۇق ،ئەمدى  تەڭلىكنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمىز ؟
بىلمىگەنلەر يەنىلا ئويلىشىۋراق ئىش قىلساق بولىدۇ جۇمۇ ، چاپىقىنى تازىلايمەن دەپ ،كۆزنى قارىغۇ قىلغاندەك ئىش بولمىسۇن يەنە .
Posted: 2009-04-01 19:36 | 1 -قەۋەت


ئاشىق
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 400
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 400 نوقتا
پۇل : 4000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:63(سائەت)

 

     

ئەنقا

Posted: 2009-04-01 21:18 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> كومپىيۇتېر ۋە تور

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation