ئاساسىي تېما : ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەكئاۋاتلىقى:81ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



بىر ئۆمۈر
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 43
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 43 نوقتا
پۇل : 430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك


_ بىر رومكا ئىچ !
_ بولدى، مەن ھاراق ئىچمەيمەن.
_ سەن ** دەرىجىلىك باشلىق تۇرساڭ، ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ !
بۇنداق پاراڭلار ھەممە ھاراق سورۇنلىرىدا دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر: «پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ» دېگەندەك بىمەنە گەپلەر بىلەن ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلايدۇ. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، «ھاراق ئىچسە باشلىق بولامدىغاندۇ، ياكى باشلىق بولسا ھاراق ئىچىش زۆرۈرمىدۇ ! ؟ پارتىيە تەشكىلاتى ھاراقكەش، مەستلەرنىڭ ئەمەس ئاۋانگارتلارنىڭ تەشكىلاتى تۇرسا، ھاراق ئىچىشكە پارتىيە ئەزالىقنى شەرت قىلغىنى پارتىيە تەشكىلاتىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولماسمۇ؟ !» دەپ ئويلاپ قالىمەن. ھاراق بىلەن ھوقۇق، ھاراق بىلەن پارتىيە ئەزالىقىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى تازا ئېنىق ئاڭقىرالماي يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، مەلۇم بىر يېزىغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپ قالدۇق. تاماق ۋاقتىدا شۇ يېزىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ئۆزىنىڭ يېزا تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان يېڭىچە خىزمەت ئۇسۇللىرىدىن ماختىنىپ سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھاراق ئىچمەيدىغان كەنت ياچېيكا شۇجىلىرى ۋە كەنت مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئورنىغا ھاراق ئىچىدىغانلاردىن قويۇۋېدىم، خىزمەت ئۈنۈمى قالتىس بولدى. ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى قانداقمۇ ئىشەنچلىك، ياخشى كادىر دېگىلى بولسۇن ! يەپ - ئىچىشنى بىلمىگەنلەر خىزمەتنىمۇ قىلالمايدۇ».
پارتكوم شۇجىسىنىڭ بۇ سۆزى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندىم ...
      توغرا، ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ نادان، ھۇرۇن بولىدىكەن. ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى قىلدىمغۇ دەپ ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ، باشلىقلىرىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمايدىكەن. ئۆزىنى تاللاپ، ئۆستۈرۈپ قويغان باشلىقىنى تونۇماي، «ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرگەندەك» تۇزكورلۇق قىلىدىكەن. باشلىقنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا ياخشىلىق قايتۇرۇش ئۈچۈن باشلىقنى پات - پات رېستوران، قاۋاقخانىغا باشلاپ ئۈلپەت بولمايدىكەن. باشلىسىمۇ ئاددىي ئاشخانىغا باشلاپ قويۇپ بىزىرىپ ئولتۇرىدىكەن. كىشىلەر توپلاشقان ھاراق سورۇنلىرىدا، باشلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىدىغانلارغا تولىمۇ موھتاج بولىدۇ، قاغا ئاق دېسە، ئاپئاق دەپ باشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان چاغدا ھاراق ئىچمەيدىغانلار يوق ئىكەن. بولسىمۇ باشلىق ھاراقنى ئىچىپ بولالمىسا، چاقماق تېزلىكىدە قولىدىن ئېلىپلا ئىچىۋەتمەي، ئايغا باققان توشقاندەك ھاڭۋىقىپ ئولتۇرىدىكەن. باشلىق مەست بولۇپ قالسا، قۇسۇۋەتسە بېرىپ يۆلىمەي، تازىلىماي، بۇرنىنى يۆگەپ تىكىۋېتىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار ئاجايىپ پىخسىق بولۇپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى دادىسىدىن قالغان مىراستەك پوكىنىغا بېسىپ يېتىپ، چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىكەن. كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەيمەن دەپ يا ئۆزى يېمەيدىكەن، يا باشقىلارغا يېگۈزمەيدىكەن. مەست بولمىغاچقا، مەردلىكى تۇتۇپ، داستىخاننى كەڭرەك سالمايدىكەن. ئۆزى ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قايسى ھاراقنىڭ ياخشى، قايسىسىنىڭ ناچارلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەمدۇ ياكى بېخىللىقىدىنمۇ سورۇنغا ھاراق كەلتۈرسە، نەدىكى دېھقانلار، مۇساپىرلار، پىيەنچۈكلەر ئىچىدىغان ھاراقلارنى كەلتۈرۈپ، باشلىقلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىكەن.
    ھاراق ئىچمەيدىغانلار خىزمەت قىلىشنى ئاز - تولا بىلسىمۇ، لېكىن دوكلات قىلىشنى بىلمەيدىكەن. باشلىقلار يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ئىشخانىلىرىدىكى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئىسسىقتا شامدەك ئېرىپ، سوغۇقتا چوكا مۇزدەك قېتىپ خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلسە، ھاراقنىڭ گىرادۇسىنى تەڭشەپ، داپ - دۇتىرىنى چىڭىتىپ، پاقلاننى تونۇرغا تىقىپ، رەققاسلارنى قاتار تىزىپ، باشلىقنىڭ چارچاپ كەتكەن مېڭىسىنى، سېرقىراپ كەتكەن پۇت - قوللىرىنى راھەتلەندۈرۈشنى ئويلىماي، خىزمەت دوكلات قىلىمەن دەپ قۇرۇق قەغىزنى قولتۇقلاپ يۈرىدىكەن.
      ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ قورقۇنچاق كېلىدىكەن. ئۇلار ھالال - ھارامنى ئايرىيالماي، كىشىنىڭ ھەققىنى يېسە گۇناھ بولىدۇ دەپ قورقىدىكەن، خەقنىڭ قارغىشىغا كېتەرمەنمۇ دەپ قورقىدىكەن، قانداقتۇر ئاخىرەتتە سورىقى بار دەپ قورقىدىكەن، قانۇن - نىزاملارنى بەك مۇقەددەس بىلىپ قورقىدىكەن. قورقۇپ يۈرۈپ، تېنەپ - تەمتىرەپ ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىكەن. باشلىقلار بىلەن ھاراقتا ئۈلپەتلىشىپ، سىردىشىپ يۈرمىگەچكە، قارتا، ماجاڭ ئويناپ ئۇتتۇرۇپ بەرمەيدىكەن، مەست بولۇۋېلىپ، يانفونىنى مەردلىك بىلەن سوۋغا قىلمايدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار «دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك» ئىكەن. ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە قىزىل چىراغ رايونلىرىغىمۇ يېقىن يولىمايدىكەن. مەدەنىيەتسىزلىكىدىن تانسا دېگەننى ئۇقمايدىكەن. ئەمما داپ، دۇتار ئاۋازىنى ئاڭلىسا ئوغلاقتەك سەكرەپ كېتىدىكەن. ئۇلار باشلىقلارنى پات - پات نازىنىنلار دۇنياسىغا باشلاپ بېرىپ، باشلىقنىڭ قىزلارنى قۇچاقلاشلىرىدىن، يالاشلىرىدىن، غاجاشلىرىدىن لېۋىنى يالاپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىشنى ئەسلا بىلمەيدىكەن.
     ھاراق ئىچمەيدىغانلار قائىدە ئۇقمايدىكەن. باشلىقلارغا بىرنەرسە تەستىقلىتىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال داڭلىق رېستوراندىن خاس ھۇجرا ئېلىپ پەيزى قىلغاچ مەسلىھەت سوراپ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئەتىسى ئىشخانىغا ئىلتىماسىنى كۆتۈرۈپ بارماي، تومپايلارچە ئىشخانىغا ئۇدۇل بېرىپ، باشلىقنى بىئارام قىلىدىكەن. باشلىق قوشۇلمىسا، ئۆزىنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن كۆرمەي، ئورۇنسىز خاپا بولۇپ يۈرىدىكەن.
      ھاراق ئىچمەيدىغانلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى پەقەت يوقكەن، ئۇلار ھاراق ئىچمىسە ھاراق زاۋۇتلىرىغا كىرىم بولمايدىغانلىقىنى، نەتىجىدە ھاراق زاۋۇتلىرىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئىشچىنىڭ ئىش ئورنىدىن قالىدىغانلىقىنى؛ ئىشسىزلار كۆپىيىپ كەتسە، سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىكەن.
دەپ كەلسەم گەپ جىق. ئىشقىلىپ، ھاراق ئىچمەيدىغانلار ھېچ ئىشقا يارىمايدىكەن. پارتكوم شۇجىسىنىڭ دانالىقىغا، ئالدىن كۆرەرلىكىگە قول قويدۇم، ھەقىقەتەن ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك ...

(ئاپتور: گۇما ناھىيە كېلياڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
مەنبە: جوڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى

مەندەك موللاق ئاتالامسىز؟

Posted: 2009-03-31 15:49 | [پۈتۈكچى]


بىر ئۆمۈر
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 43
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 43 نوقتا
پۇل : 430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

ھەي ئىسىت ، ھەي ئېسىت !!!  مۇشۇنداق تىمىنى ياخشىراق كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىڭلار دەپ يوللىسام نەدىكى بىر پاخ-پاخ تىمىلارنى كۆپ كۆرىدىكەن ماۋۇ خەق ... 

مەندەك موللاق ئاتالامسىز؟

Posted: 2009-04-01 22:37 | 1 -قەۋەت


ئاشىق
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 400
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 400 نوقتا
پۇل : 4000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:63(سائەت)

 

مولاقچى  سەن  ئۆزەڭنىڭ  تىمىسىغا  ئۆزەڭ  ئىنكاس  يېزىۋاتامسەن..

ئەنقا

Posted: 2009-04-01 23:16 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation