كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى«نەزەر تاشلىماق». 
بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى«كەڭرى يايلاق». 
خۇشۇت_مۇڭغۇلچە«خېخىتې»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى. 
باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى «قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش». 
ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئاق رەڭلىك سۇ». 
كۇچا_ئۇيغۇرچە«تار كۇچا،خاڭ يولى»قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە. 
شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى «يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى» دىن ئىبارەت. 
باي_ئۇيغۇرچە«باي بولماق ،بايلىق» دىگەن مەنىگە ئىگە. 
ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى:گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق». 
قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى «
قىزىل رەڭلىك سۇ». 
ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئارچا دەرىخى» بولۇپ،يەنە «ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى» دىگەن مەنىلەرگە ئىگە. 
ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق تاغ». 
ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى «چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال». 
ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق چىغ» دىن ئىبارەت . 
قەشقەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ھەر خىل رەڭدىكى خىش ئۆي»،قەدىمكى ساك تىلىدا« قاشتېشى توپلانغان جاي» دىگەندىن ئىبارەت. 
قەشقەر كونا شەھەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى «تۇپرىقى مۇنبەت،خەلقى باي». 
پوسكام_تاجىكچە مەنىسى «ئالتۇن دەرياسى» ئۇيغۇرچە مەنىسى «مۇنبەت تۇپراق». 
يەكەن_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى«تىك قىيا (يار) دىكى شەھەر». 
قاغىلىق_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان جاي،قاغا بىر قەدەر كۆپ جاي». 
مەكىت_ئۇيغۇرچە «ئوتتۇرا بەلۋاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەم» دىگەن مەنىگە ئىگە. 
يۇپۇرغا_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى«يارباكۇ» دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ« بىر قەبىلە» دىگەن مەنىگە ئىگە. 
پەيزۋات_ئۇيغۇرچە «ئىكى دەريانىڭ ئارىسى» دىگەن مەنىگە ئىگە. 
مارالبېشى_ئۇيغۇرچە« بۇغا بېشى» دىگەن مەنىگە ئىگە 
.تاشقورغان_ئۇيغۇرچە «تاش شەھەر» دېگەن مەنىگە ئىگە. 
قارىقاش_ئۇيغۇرچە «قارا رەڭلىك قاشتېشى» دىگەن مەنىگە ئىگە. 
لوپ_ئۇيغۇرچە «تاغاق سۆڭىكى» يەنە «لوپنۇرلۇقلار» دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگەن قاراشمۇ بار. 
چىرىيە_ئۇيغۇرچە «چىلان» دېگەن مەنىگە ئىگە.