ھۆرمەتلىك تور دۇنياسىدىكى بارلىق تورداشلار:
ھازىر كۈندىن -كۈنگە بىزنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئۆزىنىڭ غايىبانە سېھرى كۈچى بىلەن كەڭ بىلىم شەيدالىرى ۋە كەڭ تور ھەۋەسكارلىرىغا ئورۇن ھازىرلىغان تور دۇنياسى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى تاللشىمىز بولۇپ قالدى .(بۇندىن كېيىن ھەم تەرەققىي قىلىپ كامالەتكە يەتكۈسى)
ھەممىمىزگە ئايانكى دۇنيادىكى ھەر قانداق
ئۇچۇر ۋە مەزمۇنلار بىر خىل تارقىتىش قورالى ئارقىلىق پۈتۈن جاھانغا تارقىلدۇ. ھازىرقى رىقابەت تۈسىنى ئالغان ئېلىكتىرون دەۋىرىدە بۇ خىل قورالنىڭ رولى ھازىرقى ئومۇملىشىش دائىرىسى كەڭ بولغان ئېنتىرنىت تور ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈلمەكتە . مەيلى دۆلەت ياكى مىللەت بولسۇن ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە تەرەققىياتىنى مۇشۇ خىل تور قورالى ئارقىلىق پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ئاشكارە تەشۋىق قىلماقتا .
مانا بۈگۈنكى
ئۇچۇر دەۋىرىنى ئالدىن كۆرەر ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنى ۋە ئىقتىدارىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ يېڭىچە
ئۇچۇر دەۋىرىدە يېڭىچە قەدەملەر بىلەن مىللەتكە ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ مىللىتىمىزنىڭ شۇنداقلا ھەر بىر ئۇيغۇر پۇقىراسىنىڭ دۇنياغا تونۇلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىزنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كەم بولغان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ، بۇ يولدا دادىل قەدەم تاشلاپ ماڭماقتا ،،،،،
ئۇيغۇر تور مەدىنيىتى تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك نۇرغۇن بېكەتلەر قۇرۇلغان (تور باشلامچىلىرى باش ئەگىم ، ئىزدىنىش ،مەيىن شامال ،يايلاق ، كۆكلەم قاتارلىقلار.....) مانا بۇلاردىن سۆيىنگەن كەڭ تىرىشچان تورداشلىرىمىز باھار يامغۇردىن كېيىن بىخ سۈرگەن مايسلاردەك كەينى -كەينىدىن بىرىدە كەم بولغان مەزمۇننى بىرى تولۇقلاپ نۆۋەتتىكى ئومۇمئي مەزمۇنى ئونۋېرسال ،مۇكەممەللەشكەن(ئىزدىنىش،دىيارىم،ئېىنتىل،سەلكىن،شەنبەم ،بىلىك ،باس-باس....قاتارلىق) تور بېكەتلىرىنى ھۇجۇتقا چىقاردى . شۇنىڭ بىلەن بىزدىكى تور بەت ئىشلەش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلۈپ ئونۋېرسال ئۇقۇمدىن بازار ئەھۋالى ، خىزمەت
ئۇچۇرى ، تور سودا ، شېركەت ۋە كارخانا ، تىبابەت ،كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۈرلەرگە يۈرۈش قىلدى ، بۇ نىشان بىزنى شۇنچە خوشال قىلغان بولسىمۇ ئەمما شۇنچە كۆپ تور بېكەتلەر ئىچىدىن پەقەت سانۋالغۇدەكلا تور بېكەتلىرىدە مەزمۇنلارنىڭ يېڭلىنىشى تېز ، تورداشلارغا بېرىدىغان بىلىم قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇشتەك شارائىتلارنى تولۇقلىغان بولسىمۇ ، شۇ بېكەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا .،،، شۇنداقتىمۇ بىر ئىشقا (ئۆزەمنىڭ شەخسىي كۆر قارشىم) ئەقلىم يەتمەيدۇ .
ناخشا ۋە كىنو تور بېكەتلىرىنىڭ مەزمۇن يېڭلىشى شۇنچە تېز ھەم تور بېكەت قۇرۇش سۈرىتى ئۇنىڭدىنمۇ تېز بولماقتا ، كۈندە قۇرۇلغان 10 بېكەت ئىچىدە ئونۋېرسال بېكەت 2نى ، شېركەت 1نى ، ئۇلىنىش 3نى دېسەك ئەمما 4 بېكەت چوقۇم
ناخشا تور بېكىتى بولماقتا،
جاھان دېگەندە ھەر خىل
قىزىقىش ۋە ھەۋەس ئىچىدە ياشايمىز ئەلۋەتتە ، خىزمەت ،ئۈگىنىش قىلغاندىن سىرىت ئۆزگىچە كۆڭۈل ئېچىش بولۇش كېرەك ئەلۋەتتە ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان . ئەمما ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بولۇشى كېرەك . بىز ئەزەلدىن سەنئەت خۇمار خەلق . (ئەمما نورمىدىن ئارتۇق سەنئەت بىزنىڭ تەرەققياتىمىزغا ئەكىس تەسىر بېرىپ قويمسكەن دەيمەن ) ئونۋېرسال تور بېكەتلەر ئىچىدە سەنئەت قانىلىمۇ قوشۇلغانغۇ شۇمۇ بىزگە يېتەرلىك بولمدىمۇ ؟ مەزمۇنى بىر خىل
ناخشا تور بېكتى بىزدە شۇنچە ئازمۇ ؟ شۇلاردىن ھوزۇرلانساق بولماسمۇ ؟ ياكى بىزدە ئۈگىنىش قىلىدىغانلار بەكلا ئازلاپ كەتتىمۇ ؟ بىزگە زادى ئۈگىنىش كېرەكمۇ ياكى كۆڭۈل ھوزۇرىمۇ؟
مەنبە :
مەۋلانى كومپيۇتېرى تور مەركىزى