گىتلېر تىلغا ئېلىنسىلا ھەممە كىشى ئۇنىڭ ياۋۇزلىقىدىن نەپرەتلىنىدۇ . ئۆلۈم ھەممە كىشىنىڭ بېشىدا بار . ياخشىدىن ئات قالىدۇ ، ياماندىن دات . ھەممە كىشى نەپرەتلەنگۈدەك بۇ گىتلېرنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە قانداق ئۆلگەنلىكىگە قىزىقىدىغانلارمۇ بار بولۇشى مۈمكىن . شۇڭا گىتلېرنىڭ ئۆلۈشىگە دائىر مەزمۇنلارنى يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم . ئادلوف گىتلېر قاچان ، قەيەردە ، قانداق ئۆلگەن ؟
گىتلېر ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى 10 كۈن ئىچىدىكى ئىشلار تۆۋەندىكىدەك بولغان :
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گىتلېر يەر ئاستى ئۆيىدە تۇغۇلغان كۈنى زىياپىتىنى ئۆتكۈزىدۇ . بۇ گىتلېر ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كۆڭۈلسىز ~ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش زىياپىتى بولۇپ قالغان .
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گىتلېر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر روسىيىلىكلەرنى بېرلىندىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ .
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گىتلېر ئۆزىنىڭ يەنىلا بېرلىندا قېلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ . بۇنى ئاڭلىغان بورمان بىلەن گېببېلس ۋە ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچلىرى قاتتىق ھەيران قالىدۇ .
گىتلېرنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇ قارارىنى بىز قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك ؟ بورمان ، گېببېىلس ۋە مۇھاپىزەتچىلىرى نېمىشقا ھەيران قالىدۇ؟
بۇ چاغ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ بېرلىننى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلى بولۇپ ، گىتلېر ئۇلارنى بېرلىندىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .لېكىن ئېسئېسچىلار گېنىرالى فېلكىس ستېر بۇ بۇيرۇققا قارشى تۇرىدۇ ھەم ئامېرىكىغا تەسلىم بولۇشنى ئەلا دەپ قارايدۇ . بۇ چاغدا گىتلېر كۆرسەتكەن قىسىملار ئاجىز كېلىپ قالغان . گىتلېر مەيلى قانداق چوڭ بەدەل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم پايتەختتىن روسىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى پىلانلىغان ئىدى . فېلكىسنىڭ قارارى گىتلېرنىڭ غەزەپ- نەپرتىنى قوزغايدۇ . كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دېگەندەك ، بۇ چاغدا گېرىنگمۇ يۈز ئۆرۈپ ئۆز جېنىنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىدە يۈرگەنلىكى ئايان بولىدۇ . ئەسلى پىلاندا بولسا ، گىتلېرنى ئالپېس تېغىغا يۆتكىمەكچى بولغان . ئاساسى ئۇرۇشنىمۇ شۇ يەردە قوزغاشقا بورمان پىلانمۇ تۈزۈپ بولغان ئىدى . بۇ ئىككى گېنىرالنىڭ ئۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۈرۈپ ، جان ساقلاش كويىدا بولغانلىقى --- ئاخىرىدا گىتلېرنى داۋاملىق بېرلىندا قېلىش قاراىغا كەلگۈزىدۇ . ئاندىن مۇھاپىزەتچىسىگە مۇنداق دەيدۇ :
<< قاراڭ ! لىنگ ، ئۇلار ھەتتا ، ھەتتا ئېسئېسچىلارمۇ پۇرسەت تاپسىلا قورققىنىدىن تۈگۈلىۋېلىپ ماڭا ئاسىيلىق قىلىۋاتىدۇ . ماڭا كەلسەك مەن بېرلىن بىلەن تەقدىرداش بولماقچىمەن . مەن ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولدۇم . تاپانچىنى تۈزۈكمۇ تۇتالمايمەن ، مەن ئۆزۈمنى قۇربان قىلىشقا تەييار . بۇ ، قورشاۋدا قالغان قومانداننىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى . >>
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
گېرمانىيە برونىۋېكلىرى بېرلىنغا قاراپ ماڭماي ئەكسىچە چېكىنىشكە باشلايدۇ . گىتلېر بىلەن ھىملېر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىچىلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئېسئېسچىلارنىڭ گېنىرالى فېگلىين تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ . دېمەك ، بۇ كاساپەتمۇ خائىن بولۇپ چىقىدۇ . فېگلېىين ئېسئېسچىلارنىڭ كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ ، پۇقراچە كىيىنىپ ، 100 مىڭ مارك پۇل ، زىبۇ - زىننەت ۋە ئالتۇننى قولغا چۈشۈرۈپ بېرلىندىن قېچىپ كېتىشنى پىلانلىغان . 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېسئېسچىلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ، ئۇنى ناتونۇش بىر ئايالنىڭ قوينىدىن قولغا چۈشۈرگەن . بۇ ئىشتىن گىتلېر ئاچچىقلىنىدۇ ھەم ھەربىي سوت ئېچىپ ، ۋەتەنگە ساتقىنلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن ~ دەپ ، جازا ئىجرا قىلىپ ، نەق مەيداندىلا ئېتىپ تاشلايدۇ .
فېگلېيىن زادى كىم بولىدۇ ؟
بۇ ئېسئېسچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ گېنىرالى ، ئېۋا برائوننىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى بولىدۇ . گىتلېرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۆلۈم ئالدىدىمۇ قاتتىق قوللىقى ، دۆلىتىنى قوغداپ قېلىش يولىدا ئىرادىسىدىن يانمىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، قوللاپ كېلىۋاتقان ئېۋا برائومان ، سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنى ئۆلتۈرمەسلىك ھەققىدە ، گىتلېرغا ئېغىز ئېچىشى مۈمكىنمۇ دەيسىز ؟ شۇڭا ، ئېۋا برائومان ئۆلۈش ئالدادا ، گىتلېرنىڭ مۇھاپىزەتچىسىگە مۇنداق دېگەن : " مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ناۋادا سىڭلىمنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز ، ئۇنىڭغا ئېرىنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئېيتمىغان بولسىڭىز؟ " دەپ تاپىلايدۇ.
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
گىتلېر ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇھاپىزەتچىسىنى چاقىرتىپ ، ئۆزىگە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا رەﻫمەت ئېيتقاچ مۇنداق ئىشنى تاپىلايدۇ :
<< مېنىڭ سىزگە ھاۋالە قىلىدىغان ئىشىم بار ، ئىلگىرى مەن قورشاۋدا قالغان قوماندانلارنىڭ ئۆلگۈچە قارشىلىق كۆرسىتىشىنى بۇيرۇق قىلغان . ھازىرمۇ بۇ بۇيرۇقنى قايتۇرۇۋالمايمەن . بۇ بۇيرۇق ئوخشاشلا مەن ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە . ھازىر بېرلىننىڭ قوماندانى يەنىلا مەن ، سىز بېرىپ ئىككى پارچە يۇڭ ئەدىيال تەييارلاڭ ھەمدە ئىككى جەسەتنى كۆيدۈرۈشكە يەتكۈدەك بېنزىن تېپىپ كېلىپ ، مېنىڭ ياتىقىمغا قويۇپ قويۇڭ . ئېۋا برائون بىلەن ئىككىمىز مۇشۇ يەردە ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرۈۋالىمىز . سىز جەسەتنى ئەدىيالغا يۆگەپ يۇقۇرىدىكى گۈللۈككە ئەچىقىپ كۆيدۈرىسىز . >>
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى
گىتلېر بىلەن ئېۋانىڭ توي مۇراسىمى يەر ئاستىدىكى خەرىتە ئۆيىدە ئۆتكۈزىلىدۇ . گىتلېر ، ئېۋا گىتلېر خانىم شىرەنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ يېنىدا گۇۋاھچىلاردىن ~ گېببىېلس بىلەن بورمان ئولتۇرىدۇ . ۋاگنېر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ........... ۋاگنېر نىكاھنىڭ كۈچكە ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ . گىتلېر ، ئېۋا ، گېببېىلس ، بورمان ۋە ۋاگنېرلار ئىمزا قويىدۇ . يېرىم سائەتتىن كېيىن تويى بولغان ئەر - خوتۇن سورۇندىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىدۇ . توي زىياپىتىدىكى قالغان ئونغا يېقىن كىشى سۇس كەيپىيات ئىچىدە زىياپەتنى داۋاملاشدتۇرۇۋېرىدۇ ....
گىتلېرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدىن ئارىيە :
<< مەن ئۇرۇش يىللىرىدا ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇش مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالمايمەن دەپ ئويلىغانىدىم . لېكىن ھازىر ھاياتىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا ، كۆپ يىللاردىن بۇيان مەن بىلەن سەمىمىي دوست بولۇپ كەلگەن ھەمدە بېرلىن قورشاۋدا قالغان چاغدا بۇ يەرگە كېلىپ مەن بىلەن ھايات- ماماتتا بىللە بولۇشنى خالىغان ئايال بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلدىم . ئۇ مېنىڭ خوتۇنۇم سۈپىتىدە ، مەن بىلەن بىللە ئۆلۈشنى راۋا كۆردى ، ئىككىمىزنىڭ قارىشىچە ، مېنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىم ~ بىزگە زىيان سالدى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈم بىلەن ئاياقلاشقۇسى . >>
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
گىتلېر ۋە ئېۋا گىتلېر سەپداشلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ ۋىدالىشىشقا باشلايدۇ . ئەڭ ئاۋۋال ئۇزۇن يىللىق مۇھاپىزەتچىسى لىنىگ بىلەن .....
گېببېلس خانىمغا گىتلېر پارتىيە ئىزنىكىنى تەقدىم قىلدى ...
ئۇزۇن يىللىق تامىقىغا مەسئۇل بولغان ئايال ئاشپىزى بىلەن خوشلاشتى ....
ئايال خىزمەتچىلىرى بىلەنمۇ .....
ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق ئۇچقۇچىسى ھانىس بوۋېر ۋە ئوتتو گۇسېرنى قوبۇل قىلدى .... ۋىدالىشىش مانا مۇشۇنداق داۋاملاشتى ...
ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىسى لىنىگنى چاقىرتىپ ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلىرىنى تاپىلايدۇ .... بۇ چاغدىكى گىتلېرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرىپ قالغان بولۇپ ، چاچلىرى ئاقارغان ، كۆزلىرى نۇرسىز ھالەتتە ئىدى ....
------------------------
<< پاڭ ! >> قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ ھەممە ئالاقزادە بولۇشىدۇ .... بورماننىڭ چىراي تاتىرىپ كەتكەن .... مۇھاپىزەتچى نېمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ . ئۇلار گىتلېرنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرگىنىدە بولسا ئادلوف گىتلېر بىلەن ئېۋا گىتلېر سافادا ئولتۇرغىنىچە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى . گىتلېر 7.65 كالبېرلىق تاپانچا بىلەن ئوڭ چېكىسىگە قارىتىپ ئوق ئاتقان ، يەنە بىر 6.35 كالبېرلىق تاپانچا ئۇنىڭ ئايىقىدا تۇراتتى ... ئۇ ئىككىسىنىڭ كالىي سىئانىد يىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى .. دېيىلگەن .
گىتلېرنىڭ يېقىنلىرى گىتلېرنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ، ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى گۈللۈككە ئەچىقىپ ، بېنىزىن چېچىپ كۆيدۈرۈدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا گىتلېرنىڭ بارلىق ئىشلەتكەن بويۇم ۋە خاتىرىلىرىنىمۇ ئەچىقىپ بىرلىكتە كۆيدۈرىدۇ .
كېيىن گېببېلس ئەر ئايال ۋە ئالتە بالىسىمۇ كالىي سىئانىد (زەھەرلىك دورا ) يەپ بىرلىكتە ئۆلىدۇ ....
---------------------
گىتلېر مەيلى قايسى خىلدا ئۆلمىسۇن ، ئۇ ھامان تارىخ بېتىدە ئۆزىنىڭ قىلغان قىلمىشلىرى بىلەن يېزىلغان . ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈمى ۋە مەخپىي خاتىرىلىرىنىڭ ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىش دېلولىرى بەس - مۇنازىرە قوزغىغان . گىتلېرنىڭ بەزى خاتىرىلىرىدە ئۇنىڭ شەخسىي ئىشلىرى ، نىكاھ ئىشلىرىمۇ يېزىلغانىكەن . گىتلېر سېرىق چاچلىق قىز بىلەن ئارلاشقان ... بۇ قىز كىم ؟ ئېۋا بروئۇمان كىم بولىدۇ؟ ئۇلار قانداق تونۇشقان ؟ يېقىندىن بېرى كاللامغا مۇشۇ گىتلېر ئاتلىق بىر قىسىم "ئەسكى" لەرنىڭلا ئىشلىرى كاللامغا كىرىۋالدى .... يامان دەپ تۇرىمىز ~ قىزىقىمىز . تىللاپ تۇرىمىز يەنە ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئوقۇيمىز . مەن مۇشۇنداق "ئەسكى" لەرنىڭ تارىخىغا ئامراق .
مەنبە :
http://www.baidu.com/s?wd=%CF%A1%CC%D8%C0%D5%B5%C4%CB%C0%CD%F6&cl=3